مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 880|ئىنكاس: 16

ماشىنىغا چىققاندا باش قېيىش كېسەللىكمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13188
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 05:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                 ماشىنىغا چىققاندا باش قېيىش كېسەللىكمۇ؟


ماشىنىغا
چىققاندا باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، باش ئېسىلىۋالغاندەك بولۇپ بىئارام بولۇش،
ياندۇرۇش قاتارلىق ھادىسلەر خېلى كۆپ كىشىلەردە يۈز بېرىدۇ.
     بۇنداق  ئەھۋالغا يولۇققاندا بەزىلەر كۆزىنى چىڭ يۇمىۋېلىپ ئاغزىنى ئېچىشقىمۇ پېتىنالماي  شۈكلىشىپ ئولتۇرىدۇ، ئەمما مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن خېلى ئۇزاققىچە يەر  چۆگىلەۋاتقاندەك ھىس قىلىپ ئارامسىزلىنىدۇ.
     بەزىلەر ئاپىسلىننىڭ پوستىنى  پۇراپ ئولتۇرسا سەل ئارام بەرگەندەك بولىدۇ، لىكىن ئۇمۇ ۋاقىتلىق مەنپەئەت  قىلىدۇ.
بەزىلەر مەخسۇس دورا ئېلىپ ئىچىپ ئاندىن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ سەپەر  قىلىشقا توغرا كېلىدۇ بىراق ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن  كۆپ.
     يەنە بەزىلەر كىندىككە پىلاستىر چاپلاپ ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىدۇ،  ئۇنىڭمۇ ئۈنۈمى دېگەندەك بولمايدۇ....
     ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋال كېسەللىك  ھېسابلىنامدۇ؟ ئۇنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
ماشىنىغا چىققاندا بېشى قېيىپ كۆڭلى  ئېلىشىش ئۇ بىر چوڭ كېسەللىك بولمىسىمۇ ئەمما كىشىنى ئارامسىزلاندۇرىدىغان ئىش،  ئۇمۇ بىرىنچىدىن ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇزاق مەزگىللىك  كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. يەنە بىرى B  گورۇپ ۋىتامىن يىتىشمەسلىك، كالتسىي يىتىشمەسلىك،  قان ئاجىزلىق ۋە بەدەندە بەلغەم  خىلىتى ئېشىپ كېتىش شۇنداقلا بەدىنىدە كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ يىغىلىۋېلىشى سەۋەبلىك  بولىدۇ.
     ئۇنداق كىشىلەر ماشىنىغا چىققاندا ھەر خىل چارە - تەدبىرلەرنى  ۋاقىتلىق قوللانسىمۇ بۇ خىل بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا قان تولۇقلاشقا،  ۋىتامىن تولۇقلاشقا، كالتسىي تولۇقلاشقا قىسقىسى ئىممۇنىتىت كۈچىنى يۇقۇرلىتىشقا  ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەر تازىلاش  ئوزۇقلۇقلىرى ئىستىمال قىلىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى ۋە بەدەن ساپاسىنى يۇقۇرى  كۆتۈرۈشى لازىم.

مەنبە  : شىنجاڭ گىزتى


دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12623
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4435 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ ماشنىغا چىقسام شۇنداق بېشىم قايىدۇ. ياخشىراق بىرەر ئامالى يوقكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20834
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6255
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:30:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال بار. سەي كۆكتات يېمەيدىغان ئادەتلەرنى توختىتىپ، مېۋە- چىۋە يېيىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ   شۇ ماشىنىغا    چىقسام  يانچۇقۇمغا   تۇت   بەش   خالتا   سەپ   چىقىمەن  

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 07:05:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil33 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-27 06:53 PM
ماڭا ئاتاپلا يازغان تىمىكەندە ماۋۇ مەنمۇ قايسى كۈنى تا ...

ماۋۇ ئىنكاسىڭىزغا قاراپ مەنمۇ ..........ھېي بولدىلا . تىل ئىشلىتىشمۇ بىر خىل سەنئەت . ئامال بار سىلىق ، ياخشى سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىمىز تۈزۈك .

ماشىنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسىمۇ بىئارام بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان مەن .

[color=Navy]ئەزىز كۈسەن دىيارى  . [/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85394
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 07:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىردىن باشقا تەجربىدىن ئۆتكەن«مەخپى رىتسىپ »تىن بىرنى ئاشكارىلاي :
1، ماشىنىغا چىققاندىكى سەپىرىڭىز بەك ئۇزاق بولسا چوقۇم ئېغىر، ھەزىم قىلىش تەس تاماقلارنى يىمەڭ ھەم تاماقنى ئادەتتىكىدىن ئازراق يەڭ ، ئاشقازان يەڭگىل بولسۇن ؛ چاينىمۇ كۆپ ئىچىۋالماڭ . مۇمكىن بولسا يىمەكلىكلەرنى ئىلىۋىلىپ مەنزىلگە يەتكەندە ياكى يەتكۈچە ئارىلىقتا ئاز-ئازدىن تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ .
2، ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاچچىقسۇدىن بىرەر-ئىككى يۇتۇم ئىچىۋىتىڭ ياكى قارا ئۆرۈك ، دولانە دىگەندەك تەم سىزىمىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان چۈچۈمەل نەرسىلەردىن يانچۇققا سىلىۋىلىپ شۈمۈپ بىرىڭ (زەنجىۋىل ياكى گۈلە شۈمۈپ بەرسىمۇ بولىدىكەن ، لىكىن جىگىرىنىڭ دەردى بارلار ، ئىسسىقلىق ياقمايدىغانلار بۇنى ياخشىسى قوللانماڭ )
3،يۇقارقى شارائىتلار بولمىغان چاغدا قولىڭىزغا رادىئو ياكى م پ 4 ، م پ 5 ۋە ياكى ئايپەدلەر بولسا تىڭشىغۇچتىن بىرنى قوشۇپ ئىلىۋالىسىز ، ماشىنىغا چىققان ھامان  تىڭشىغۇچنى قۇلاققا سىلىپ ئاۋازىنى چىڭراق قىلىپ قويۇپ تىڭشاپ ئولتۇرىسىز ---يەنى دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشقا بۇرايسىز ، ئەلۋەتتە رادىئودىن باشقىلىرىغا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ناخشا-مۇزىكا ، كىنو ياكى ئىپىزوتلاردىن قاچىلانغان بولىدۇ ~(بۇ ئۇسۇل ياقمىغانلار مانىڭغا پەتىۋا چىقىرىشقا ئالدىرىماڭ ، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا كۇپايە )
شۇنىڭ بىلەن ماشىنا بىلەن بولغان ئازاپلىق سەپەر سىزنى بىئارام قىلالمايدۇ~

پاشىلار گەر توپلىشىپ ھۇجۇم ئەتسە ،
پىلنى ھەم ناتىۋان قىلغۇسى بىشەك .
شىر تېرىسىنىمۇ ھەم پارە قىلغۇسى ،
چۈمۈلە يىغىلىپ كەلسە گەر كۆپرەك .
---- «كەلىلە&دېمىنە»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 07:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئەھمىيەتلىك  ياخشى تىمىكەن.

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1974
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6814 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 08:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كەم قانلىق بىلەن  باش قېيىش يۈز بېرىدۇ. لېكىن ياشتا بەك چوڭ بولمىسا ئىلاڭگۇچ ئۇچۇش ئارقىلىقمۇ بۇ خىل كېسەللىكنى يوقاتقىلى بولىدۇ. مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا توردىن كۆرۈپ ھاممامغا تەۋسىيە قىلغانىدىم، 40ياشتىن ئاشقان ھاممام باشتا ئۇنىماپتىكەن، بالىلىرى زورلاپ ئۇچۇرۇپتۇ. (ھەر قېتىم بىر يەرگە بارساق بارغىلى ئۇنىمايسە دەپ)كېيىن ھەر كۈنى بەش ئون مىنۇت ئۇچۇپ بېرىپتۇ. تۆت بەش ئايدىن كېيىن ماشىنىغا ئىككىلىنىپراق چىقىپتىكەن، بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەنلەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن سەپەردىن كېلىپلا بالىلىرى زورلىمىسىمۇ ئۆزلىگىدىن ئۇچىدىغان بولۇپ، ھازىر قەشقەرگە بارغۇچىمۇ بېشى قايمايمىش (قەشقەرگە بېرىشتا ئابتوبوستا 4-5سائەت ئولتۇرىدۇ) ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇل ھەممەيلەنگە ماس كېلىشى ناتايىن، ھەممىدىدىن مۇھىمى كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەدەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9260
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1631 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 08:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئالدى ئورۇندا ئولتۇرۋىلىپ چىكەتكىدەك يولغىلا قاراپ ئولتۇرىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salkindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 08:59 PM  


باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 09:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كېسەللىك ئەمەس ..زىيادە سەزگۈرلۈك .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش