ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇرۇشنىڭ ئەلىمنى بولىشىچە تارتقان ئەمما جاھانگىرلارغا قۇل بۇلۇشنى خالىمىغان قوشنىمىز ئافغانىستاننىڭ مەكتەپلىرى قانداقتۇ ؟؟ ئۇلار نېمە ئۆگىنىدىغاندۇ ؟؟ ئوقۇتقۇچىلىرى قانداقتۇ ؟؟ ھەي نېمە دىگەن تۈگىمەس سۇئاللار بۇ ھە !!......
ئافغانىستان قانۇنى بويىچە ھەر بىر پۇقرا ئىرقى ،مىللىتى ،جىنسى ،ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر بىلىم ئېلىش ھوقۇقى بار.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھەقسىز بۇلۇپ ،چىقىمىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز قەلەم، دەپتەر قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ .
بۇ مەكتەپتە 2000ئوغۇل ئوقۇغۇچى ۋە 700نەپەر قىز ئوقۇغۇچى بار.
ئۇلار دەرىسخانىدا ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيالىق بىلىمنى ھەم تاشلاپ قويماي ئۆگىنىدۇ.
مۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئادەمگە باشقىچە ئىللىقلىق بېرىدىكەن.
ماۋۇ ئوقۇتقۇچى ھەم قاپاق تۈرەلەيدىكەن ،ھەم كۈلەلەيدىكەن.
ماۋۇ " سىنىپ "باشلىقىنىڭ قولىدىكى تاياقىنى كۆردىڭىزمۇ ؟؟
ماۋۇ قوشنىلىرىمىز "40 نۇمۇر ياشىسۇن ! " دەيدىكەن ،ھەر يېرىم يىلدا بىر سىناق ئېلىنىدىكەن.
ماۋۇ دوپپا كەيگەن كىشى مەكتەپ مۇدىرى ئىكەن ...ئوقۇتقۇچىلار ئايدا 100-200 دوللار مائاش ئالىدىكەن
بىز كىچىك چاغلاردىمۇ مۇشۇنداق قارا دوسكا بار ئىدى ...بىر ھەپتە خەت يازغاندىن دوسكا ئاقىرىپ كېتەتتى
قاراڭ ،تاملارغىمۇ ئەھمىيەتلىك نەرسىلەر چاپلىنىدىكەن
مەكتەپ مۇدىرى
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ۋېلسىپىت مىنىدىكەن
بەزى رەسىملەر نورمال كۆرۈنمەي قاپتۇ . ئافغانىستاندا 12يىللىق مائارىپ بار ئىكەن ،ھەر خىل ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش سىنىپتا ئوخشىمىغان ۋاقىتتا دەرىس ئوقۇيدىكەن .كىچىكلەر چۈشتىن بۇرۇن ،چوڭلار چۈشتىن كېيىن كېلىدىكەن .ھەر كۈنى تـۆت سائەتلىك دەرس ئۆتۈلىدىكەن ،تەخمىنەن 11-18 گىچە پەن بار كەن ،ئەرەب ،ئىنگىلىز ،پۇشتۇ ،دارى (تاجىك ) تىللىرىنى ئۆگىنىدىكەن . قېنى بۈگۈن مۇشۇنچىلىك تۇنۇشۇپ تۇرايلى ،ئاللاھ خالىسا يەنە كۆرەرمىز .... ئىنگىلىزچە روسىيە تورىدىن مۇئەتتەر تەرجىمسى
|