مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1835|ئىنكاس: 20

«ئەر»دەك ياشاڭ...! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8647
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 02:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قانداق دېيشىمنى بىلمەيمەن ،لىكىن دېيشىم كىرەك .قانداق ئاڭلاشنى بىلىدىغانلار ھامان چىقىدۇ ،قانداق كەچۈرۈشنى بىلىدىغانلاردىنمۇ نائۈمۈد ئەمەسمەن .
                                                                                                      -ئابدۇقادىر جالالىددىن
  ئادەم كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ،تەسىرلىك ،ئېچىنىشلىق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ تۇرىدۇ .كۆرگەن ،بىلگەن ،ئاڭلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ سۆزلەپ يۈرۈشمۇ ياخشى ئادەت ئەمەس ،ئەمما بىر قسىم ئشلارنى دىمىسىڭىز ئچىڭىز ئاچچىق بۇلىدۇ ،ئازابلىنىسىز .شۇ سەۋبلىك نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئوتتۇرغا قويغان ،زىيالىيلار ،ئالىملار ،مىللەتپەرۋەر كىشلەر ،كەلگۈسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقان ئوت يۈرەكلەر ئارسىدا ئورتاق پاراڭ تىمىسى بولۇپ قالغان ھەم ئاللىبۇرۇن كونا پىكىر ،پىتنە -پاسات قاتارىغا چىقىرۋىتىلگەن بەزى گەپلەرنى يەنە دىيىشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن .
ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ،مىللەت ،ۋەتەن ،دىن ،ئۆرىپ-ئادەت ،مىللى خاسلىق يولىدا جان پىدا قىلىۋاتقان كشلىرىمىزنى ئۇچىرتىش بىلەن بىرگە ،يەنە پوققا قونغان چىۋىندەك ھەممە يەردە گىڭشىپ يۈرۈپ باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان بىر قىسىم ئادەملەرنىمۇ ئۇچىرىتپ تۇرىمىز .ئەتىراپىمىزدا يۈزبىرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان بۇزۇقچىلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ،يامراپ كىتىشىگە بىۋاستە جاۋاپكار بۇلىۋاتقان ئەرلىرىمىزگە ئىككى كەلىمە سۆزلەشكە توغرا كەلدى .
ئھ بۈيۈك ئەرلەر .دادىلار  ئسىڭلاردا بولسۇنكى سىلەر نامىڭىلارنىڭ "ئەر"ياكى "دادا"بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن ئۇلۇغ ھەم بۈيۈك ئەمەس بەلكى زىممىڭلەرگە چۈشكەن بۇرچ ،مەسئۇلىيەت ھەم ۋەزىپىلەرنىڭ كۆپلىكى ھەم ئېغىرلىقىدىن ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ھىسابلىنىسىلەر .شۇڭا ھەتتا ئاخىرەتتمۇ پەرزەنتىڭلار ھەم خۇتۇنىڭلارنىڭ قىلمىش -ئەتمىشلىرىدىنمۇ سۇئال -سۇراققا تارتىلىسىلەر ،چۈنكى پەرزەنىت ۋە خۇتۇن ئاللاھ تەرپىدىن سىلەرگە ئامانەت ،ئامانەتنىڭ ئەلۋەتتە سۇئال-سۇرقى بۇلىدۇ .ئىھ ئەرلەر ئەمدى مۇنۇ پاراڭلارغا قۇلاق سېلىڭلار .
    1 .پاراڭ  
بۈگۈن بەك كەچ قالدۇق ئۆيگە بالدۇراق قايتايلى ،بولمىسا ئەرلىرىمىزدىن تىل ئاڭلاپ تۈرمەيلى يەنە .
-ۋاي بولدى قىلىۋە .سىنىڭ ،مىنىڭ ئىرىمنىڭ بىزنى تىللىغۇچىلىكى بولسا ،بىزنى مۇشۇنداق سورۇنغا ئەۋەتىپ ،ئۆزى خاتىرجەم ئۆيدە قالامتى .
-شۇ، ھىلى ئۆيگە بارساڭ كۆرسەن ئىرىڭ يا غىرىق مەس يا بولمىسا ،ھە جېنىم قايتىپ كەلدىڭىزمۇ ؟كۆپ ئىچىۋالمىغانسىز ؟بەك چارچاپ كەتتىڭىز ھەقىچان ،ئورۇن سېلىپ راسلاپ قويدۇم ،تىزرەك ئارام ئېىلىڭ ،دەپلا خۇركىنى باشلاپ كىتىدۇ ....
-ھاھاھاھاھاھا....شۇ ئەمەسمۇ ؟ھازىرغىچە قاتار چاي ،ئولتۇرۇش دىگەنلەرگە قانچە قېتىم قاتناشتۇق ؟قانچە قېتىم مەس قايتتۇق ؟بۇنى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز ،لىكىن بىر ئىشنى ئېنىق بىلىمىزكى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بۇ سەۋەبلىك بىزنى بىرەر قېتىممۇ تىللاپ ،ئەيىبلەپ باققىنى يوق .
-راس توغرا دەيسەن ،ھەتتا بەزىدە ئىرىم مىنى كەچ قالغان ۋاقىتلىرىمدا بىرەر قېتىم نەگە باردىڭ ؟نىمە ئىش قىلدىڭ ؟دەپ سۇراققا تارتىپ قويسا ،ھەتتا بىر نەچچىنى ئۇرۇپ قۇيسىكەن دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن .
-ئەپسۇس .ئاداش بۇ ئارزۇيۇڭغا مەڭگۈ يىتەلمەيسەن ،كىچىسى تۈزۈكرەك قىيناشقا خۇش ياقمايدىغان ئۇ ئىرىڭ سىنى مەڭگۈ ئۇرمايدۇ.قىقاس -چۇقان ،سەت ،چىرقىراق كۈلكىلەر ئايرىمخانىنى بىر ئالدى .لىكىن بۇ خۇتۇنلار ھىچ بىر گەپتىن توختايدىغاندەك ئەمەس .
   2-پاراڭ .
ۋەي تۇرغۇنمۇ ؟يۇقاپ كەتتىڭغۇ لالما ؟تىلىفۇن قىلمىسام ئىزدەپ قۇيايمۇ دىمەيسەن ؟چىقە بۇياققا قانغۇچە بىر ئويناپ كىلەيلى .
-بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى ،بۇنچە كەچتە قانداق چىقىسەن ؟
-مەندىن ئەنسىرمە،سەن چىقالىساڭلا بولدى ،ئاپام چايغا كەتتى ،دادامنىڭ نەگە كەتكىنى ئېنىق ئەمەس .ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە بىز قايىتىپ كىلىپ بۇلىمىز .
شۇنداق قىلىپ بۇ بەڭۋاشلار ئوينىغىلى ماڭدى .دىباغا ،قاۋاققا ،رىستۇرانغا ،ياتاققا ............بۇنى بىلگىلى بولمىدى .
    3-پاراڭ
  ماڭا قاراڭ خېنىم ،مەن ئەينى چاغدا سىزنى ھىچقانداق بىر ئىشقا مەجبۇرلىمىغان ،ئازراقلا يېقىنلىشىپ قويسام ،ئىشتانبېغىڭىز بۇشاپ كەتتى .ئەمدى ماڭا ئىگە بۇلۇڭ دىسىڭىز ،ئۈزۈمگە ئىگە بۇلالمايۋاتقاندا سىزگە قانداق ئىگە بۇلىمەن .
-سىز مەن سىزنى ئالىمەن دىگەچكىلا مەن .......................!
-مەن سىزگىلا ئەمەس نۇرغۇن قىزلارغا شۇنداق دىگەن ،لىكىن ھەممىسى سىزدەك قىلمىغان .شۇ ۋاقىتتا سىزمۇ ناھايتى رازى بولغانلىقىڭىزنى ئېيىتقان ،ماقۇل ئەمسە ئامان بۇلۇڭ .
-سەن ئەركەك ئەمەس ھايۋانكەنسەن ،ھاڭگا ئىشەك ،سىنىمۇ ئۇغۇل بالا دىگىلى بۇلامدۇ ؟
-بولدى قىل قانجۇق ،سىنىمۇ ئەمدى قىز بالا دىگىلى بولمايدۇ .مەن يەنىلا ئۇغۇل بالا .بېشىمنى كۈتىرىپ يۈرۈۋىرىمەن.قەلبىگە شەھۋانىيلىقتىن باشقىنى سىغدۇرالمايدىغان ،ئانىسى .سىڭلىسى ،ئاچىسى بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتقان ،ئاتا تەربىيسى كۆرمىگەن ئىنجىمەرۇق ،زەيپانە ئادەم سىياقىدىكى ھايۋان ئانا شۇنداق دىگىنىچە كىتىپ قالدى .بىچارە ناتىۋان قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغاندەك ،بارلىق ناپاكلىقنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۋەتمەكچى بولغاندەك شۇنداق ئېچىنىشلىق يىغلىدىكى ،ئەپسۇس ھىچنىمىنى ئۆزگەرتەلمىدى .
  4-پاراڭ
-سەن تاماكا چىكىشنى كىمدىن ئۆگەنگەن ؟
-دادامدىن .
ھاراق ئىچىشنىچۇ ؟
-دادامدىن .
-سەن داداڭدىن بىرەر ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمۇ ؟
-دادام مەن ئۆگەنگىدەك ياخشى ئىش قىلمىسا .
-قانداق بۇلۇپ زەھەر چىكىشنى ئۆگىنىپ قالدىڭ ؟
-دەسلەپتە باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن چىكىپ سالغان
-زەھەرگە كىتەرلىك پۇللارنى نەدىن تاپتىڭ ؟
-دادام ۋە ئاپامدىن ئالىمەن .
-ئۇلار سىنىڭ زەھەر چىكىدىغىنىڭنى بىلمەمدۇ ؟
-مەن زەھەر چىكىۋاتقىلى ئۇزۇن بولمىدى ،شۇڭا ئۇلار بىلمەيدۇ ؟
-ئۇنداقتا پۇللارنى نىمگە ئىشلتىمەن دەپ ئالىسەن ؟
-دادامنىڭ سىرىتتا ئاشنىسى بار ،ئاپامنىڭمۇ ھەم شۇنداق .مەن ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقنى بىلىۋالغاچقا ھەر ئىككىلىسى پۇل سۇرسام سەۋەبىنى سۇرمايلا بىرىدۇ .سۇراپ قالسا ،بولدى سۇرىما ،بولمىسا رەسۋا قىلمەن دەپلا قويسام گەپ -سۆزىسز بىردۇ .
-بۇ قىز بىلەن قانداق تۇنۇشقان ؟
-دىسكوخانىدا تۇنۇشقان ؟
-بۇقىزمۇ چىكەمدۇ ؟
-ياق چەكمەيدۇ ؟
-ئۇنى قانداق قىلىپ ئۈزۈڭگە باغلىۋالدىڭ ؟
-بۇ قىز ھاراققا ئامراق ،شۇڭا ....
خېنىم سىز ئۇقۇمامسىز ؟
-ئۇقۇيمەن .
-ئەمسە مەكتەپكە بارماي ،بۇ ئاداشنىڭ ئارقىسدا نىمە بار سىزگە ؟ئاتا-ئانىڭىز باشقۇرمامدۇ ؟
-ئانام چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكەن .دادامنىڭ ئايغى چىقماس ئولتۇرۇشلار بىلەن ،مىنىڭ تۇرمۇشىمغا كۆڭۈل بۈلۈشكە ۋاختى چىقمايدۇ ............................
بۇنداق ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ .سۆزلىمىسەكمۇ بۇ ئەتراپىمىزدىلا بۇلىۋاتقان ئىشلار .ئايرىمخانىلارغا ،دىسكوخانا ،رەسۋاتۇرانلارغا ،مىھمانخانلارغا بىرىپ قاراپ باقىدىغان بولساق .ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتەن ئىككى يۈزلۈمچى شەيتان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .بۇلىۋاتقان ھەرقانداق بىر بۇزۇقچىلىقتا يەنە شۇ ئەرلىرىمىزنىڭ قۇلى ،پۇلى ،ھۇقۇقى .....قاتارلىقلار .
ئىھ ئەرلەر "ئەر"دەك بۇلايلى .ئاخشاملىرى ئائىلىمىز ،پەرزەنتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ بالدۇراق ئۆيگە قايتايلى .قىيامەتتە بىز سۇئال -سۇراققا تارتىلشتىن بۇرۇن ،خۇتۇن -بالىلىرىمىزنى سۇئال -سۇراققا تارتىپ ئۇلارنىڭ قىلىمشلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرايلى .
"بىر ئايالنىڭ غۇرۇرى بىر ئەرنى يامان يولدىن توسسا ،بىر ئەرنىڭ غۇرۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن تۇسۇپ قالالايدۇ "بىراۋ خاتىرسىدىن .  
"ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغانلىقتىن ،ئاياللار ھايا پەردىللىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا "بىراۋ خاتىرسىدىن .
سۆزلەپ كەلسەك بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ .قىسقىسى .ئەرلەرنىڭ يۇمشاقباشلىقى،ئاياللارنىڭ ھاياسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .ئاياللارنىڭ ھاياسىزلىقىنى بولسا دۆلەت ،مىللەت ،پەرزەنتىلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشنى .دىن .مىللى خاسلىق ،ئۆرىپ-ئادەتنىڭ يۇقۇلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ .
ئەرلەر مەسئۇلىيەتچان بۇلۇڭ ،خۇتۇن -قىزلىرىڭىزغا .ئوغۇللىرىڭىزغا گىپىڭىز  ئۆتسۇن .ئۆزىىڭىزمۇ ھەم ئەردەك ياشاڭ............!
                                                                                               -ئۈمۈدۋار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11467
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 3036 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 03:58:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر-ئايال ئۆزئارا ھۆرمەتتە ، ئىززەتتە ئۆتسە ، ئەر كىشى دېگەن قەھرىمۇ بار ھەسىلىمۇ بار بولسا ، ئايال كىشىمۇ ھايالىق ، شۇكرىچان بولسا .......
ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسلە        ياخشى يوللاپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 04:14:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تېيما يوللاپسىز ؟  اللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .....

پۇل يوق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3006
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 04:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئايالنىڭ غۇرۇرى بىر ئەرنى يامان يولدىن توسسا ،بىر ئەرنىڭ غۇرۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن تۇسۇپ قالالايدۇ

نىمە دىگەن پاساھەتلىك سۆز بۇ!

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ  ئابدۇقادىر خۇش
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92190
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 04:19:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 04:52:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك   ياخشى     تىمىكەن  .  .   تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە  ئىگە  ..

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

قۇمقازى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48789
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4622
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 05:04:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ دىن كۆڭلىمىزگە ئېنساپ تىلەيلى .

ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى  ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 05:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن پاساھەتلىك سۆزلەر بۇ

قۇرۇق خىيال ھەقسىز كىنو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89877
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 05:49:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن رەھمەت ،گۇزەل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامغىلا مۇجەسسەملەنگەن ،ئىسلامدىن قانچە يىراقلاشساق شۇنچە ۋەيرانلىققا،شۇنچە زەيپانىلىققا مەھكۇم بۇلدىغان گەپ شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىكەن...رەخمەت سىزگە!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش