شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۇر سانائىتى بازىسى قىلىپ قورۇپ چىقىش ئاستا خارەكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۇرگەنگەباراۋەر
شىن تىئەن
دولان تەرجىمىسى
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا،مەملىكەتلىك سىياسىكىڭەش 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، شىنجاڭلىق ئەزالار « شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۇر سانائىتى بازىسى قىلىپ قورۇپ چىقىش توغرىسىدا تەكلىپ » بەرگەن. http://news.hexun.com/2013-03-07/151815364.html
ھەممىگە مەلۇمكى، شىنجاڭ تىپىك بولغان ئىچكى قوروقلىققا تەۋە، دېڭىزدىن يىراق، تۆت ئەتراپنى ئىگىز تاغلار ئوراپ تۇرغاچقا، دېڭىزنىڭ نەم ھاۋاسى كىرەلمەي، ئىنتايىن قۇرغاق بولغان چوڭ قۇورۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىنى شەكىللەندۇرگەن. شىنجاڭ كىلىماتىنىڭ تىپىك ئالاھىيدىلىكى « قۇرغاق » بولغاچقايېپىنچا ئۆسۇملىكى ئىنتايىن شالاڭ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تۇپا ياغىدۇ، بولۇپمۇ چۆل-جەزىرىلەردە ئىنتايىن ئېغىر.
كۆمۇر ئېچىش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن بۇلغانماسۇلار تەركىۋىدە كۆپ مىقداردا كاربۇن تۆت ئوكسىدى، نىفىت تۇرىدىكى دۇرىلار،زىيانلىق بولغان ئېغىر مىتال ئىئونى قاتارلىق بۇلغانمىلار بولغاچقا، سىجىل تەرەققىيات ۋە كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ.
كۆمۇر سانائىتى تەرەققىياتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى سۇ مەسىلىسىدىن ئىبارەت، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالداكۆرسىتىشىچە، كۆمۇردىن بىر توننا يېقىلغۇ ئېلىش ئۇچىن 7 كۆب مېتىر سۇ، سۇيۇقلاندۇرىش ئۇچىن 12 كۆب مېتىىر سۇ كىتىدىكەن، سىنتېتىك ئامياك ياكى مېتىل ئىسپىرت ئېلىش ئۇچۇن تەخىمۇ كۆپ سۇ سەرىپ بولىدىكەن، بۇخىل سۇنى كۆپ سەرىپ قېلىدىغان كۆمۇر سانائىتى ئاساسلىقى دەريا سۇيى ياكى يەرئاستى سۇيىنى ئىشلەتكەچكە،سۇ مەنبەسىنى بولغاپ، سۇ مەنبەسى كەمچىل بۇلىش زىددىيىتىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ئېكىلوگېيە مۇھىيتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، تۇپراقنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۇرىپ چىقېرىش ئىھتىمالى چوڭ بولىدىكەن.
شۇنىڭ ئۇچۇن، كەمىنە قەلەم ئىگىسى يۇزخاتىرەقىلماي شۇنداق دەيمەنكى « مۇھىدقا ئىتىبارسىز قاراپ شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۇر سانائىتى بازىسى قىلىپ قورۇپ چىقىش بولسا ئاستا خارەكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۇرگەنگەباراۋەر »
شىنجاڭ چۇقۇم ئىنىرگىيە، سۇ سەرپىياتى يوقۇرى،ئېغىر بولغىما قويۇپ بىرىدىغان كۆمۇرسانائىتى تۇر تەرەققىياتىنى چەكلەپ، كۆمۇرنىڭ ئېشىشىنى كونتۇرىل قىلىش ئىستىراتىگېيىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئاندىن ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ.
مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e970.html
قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 07:14 PM