مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1013|ئىنكاس: 19

ئۇ،سىنىڭ ئاناڭ ‹‹ئىزھار›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 12:25:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

u sining anang.jpg

ئۇ، سېنىڭ ئاناڭ
‹‹ئىزھار››



سەن ئارلاشما،مەنمۇ بىلىمەن.
بىچارە ئانىنىڭ يۈرىكى قان بولدى.
سەن ئىشىكنى ۋاڭ يېپىپ چىقىپ كەتتىڭ.
بىچارە ئانا-بالام قاچان قايتىپ كېلەر؟ۋاقتىدا كېلىپ تامىقىنى ئىسسىق يەۋالسا بولاتتى،سوۋۇپ قالارمۇ؟
بىچارە ئانا -كېلە، ئوغلۇم تامىقىڭنى يەۋالغىن!
يەنە چۆچۈرە ئەتتىڭما!ئۆزۈڭ ئىچىۋال...
ئورنىدىن ئاران تەستە تايىنىپ ئىنجىقلاپ تۇرغان بىچارە ئانا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
ۋاڭ يېپىپ ئايرىم خانەڭگە كىرىپ كەتتىڭ.
سېنى سورۇنلارغا باشلاپ ئېلىپ مېڭىشنىڭلا ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كېرەكسىز تېلېفۇنىڭ جىرىڭلاپ قالدى
تەلىيىڭگە.
سېنىڭ قىممەتلىك دەپ بىلىدىغان دوستۇڭ -چىقە ئاداش،ماقۇل ھازىرلا.
ۋاڭ يېپىپ چېپىپ چىقىپ كەتتىڭ.
بىچارە ئانا سېنى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالسىز. سېنى بالام نەگە؟دېيىشكىمۇ پېتىنالمايدۇ.
بىچارە ئانا-چىراقنى ئۆچۈردى،ئەمما نۇرى ئۆچەي دەپ قالغان كۆزلىرى كېچىچە يۇمۇلمىدى،
كېچە سائەت 12،11،10بولدى.
سېنىڭ ئامانلىقىڭنى تىلىدى،سېنى قاچان كېلەركىن دەپ كۈتتى.
«ۋاڭ!» ئېچىپ كىردىڭ. تاماق ئەتتىڭمۇ؟
ئاخشامقى ئېشىڭنى ئىسسىتىپ بېرەي،ئوغلۇم.
«ۋاڭ!» يېپىپ ئايرىم خانەڭگە كىرىپ كەتتىڭ.
شۇ كىرىپ كەتكىنىڭچە ئەتە سائەت 12،11،10بولدى.
سېنى ئويغىتىپ ئاناڭ ئۈچۈنلا ئاچىدىغان قورسۇقۇڭغا تاماق بېرىشكىمۇ پېتىنالمايدۇ.بىچارە ئاناڭ.
سەن شۇنداق ئۇيقۇڭنى ئاچالماي ياشايسەن.
بىچارە ئانا سېنى تۇغۇپ چوڭ قىلدى.
بىچارە ئاناڭ سەن ئۈچۈن پەقەت بىر تۇغۇتخانا ھېسابلاندى.
بىچارە ئانا ھايات - ماماتلىق تالىشىدىغان قانلىق جەڭگاھقا سېنىڭ ئۈچۈن كىردى.
بۇ سېنىڭ ئەقىلسىز كاللاڭدا پەقەت مەجبۇرىيەت ھېسابلاندى.
سېنى ئاپرىدە قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ئالىي ئىنسانغا ئايلاندى،قەھرىمانلىق ھەلقۇمىغا ئايلاندى،
ئەمما سېنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ھېچنىمە ئەمەس ھېسابلاندى.
بىچارە ئانا سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇۋاتقان ئاغرىق ئىچىدىمۇ،دوختۇر!قانداق قىلىپ بولسۇن بالامنى ئامان-ئېسەن ئېلىپ بېرىڭ»دەپ زارلىدى.«دوختۇر!تېنىمنى كېسەمسىز،تومۇرۇمنى ئۈزەمسىز،بالامنى تىرىك قالدۇرسىڭىزلا بولدى»دەپ مۆلدۈرلەپ قاراپ ئۆلۈم -كۆرۈم ئالدىدا جان تالاشتى. كۆزى يورىغان ئاشۇ ئانا سېنىڭ ئۈچۈنلا بىچارە بولدى. سېنىڭ ئۈچۈنلا ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى.
ھەي ئەخمەق بالا بىلەمسەن ؟
كۆزى يورىغان ئانا بالىسىنى دوختۇر قولىدىن ئالمايدۇ،ئۆلۈمنىڭ قولىدىن ئالىدۇ-شۇنى بىلىپ قال-ئەخمەق.
سەن ئەسلىڭنى ئۇنۇتقان بولساڭ بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ يۈزىگە زەن سېلىپ باق،بالىسىنى خۇددى كۆز قارچۇقىغا كۆچۈرۋاتقاندەك مېھىر بىلەن قارايدۇ. ساڭىمۇ شۇنداق قارىغان بىچارە ئانا يېنىڭدىكى شۇ. ئانام مېنى ماتاغا يۆگەپ باقتىمىكىن دەپ ئويلىما-خاتالىشىسەن،ئاناڭ سېنى ماتاغا ئەمەس جېنىغا يۆگەپ باققان.سېنى تۇغۇپ پەرزەنتلىك بولغاندا،ئانىنىڭ جېنىدا مىڭ ئەندىشە قىمىرلاشقا باشلىغان.ھەتتا سەن ئاناڭنىڭ قورسىقىدا پىلتىڭلاپ تۇرغان ۋاقىتلاردىلا ئاناڭنىڭ بىر جېنىدا مىڭ ئەندىشە قىمىرلىغان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن ياشىماي قويغان...
سەن نامەرد بالا ئاناڭنىڭ  مانا شۇ بەخشەندىلىكىنى ئۇنۇتتۇڭ. سەن ئۈچۈن ياشاپ قالغان ئاناڭنىڭ ئايىقىغا كۈندە بىر باش قويساڭمۇ قەرزىڭ تۆگىمەيدۇ. سېنىڭ ئۆمرۈڭگە ئۆز جېنىنى پاسىبان قىلغان ئاناڭ سېنىڭ قايغۇڭنى بۈگۈنگە قەدەر كۆتۈرۈپ كەلدى.ئەمدى سەن زىرىكتىڭما؟ تونۇشقىلى نەچچە كۈن بولغان سورۇنخۇمار دوستۇڭ ئاناڭدىن ئەزىز ھېسابلاندىما؟سەن بىچارە ئاناڭنىڭ ھامىيسىدا چوڭ بولدۇڭ،ياق سەن چوڭ بولمىدىڭ، ھەر قانچە بولساڭمۇ ئاناڭدىن چوڭ بولالمايسەن.
سەن پىلتىڭلاشنى باشلىغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر ئاناڭنى مالال قىلىپ كەلدىڭ.بىلەمسەن؟ بۇ دۇنيادا ئاتا- ئانىنىڭ ئالدىدا«مالال»دېگەن سۆز ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك،بۇنىڭغا تەڭرىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ! چۈنكى ،سەن ئاناڭنى مالال قىلغۇدەك چوڭ بولالمايسەن، سەن مەڭگۈ ئاشۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كىچىكىنە بىر زەررىچىسىسەن! ئاناڭنى مالال قىلىشتىن كۆرە ئۆزۈڭدىن كەچ!
سەن ھەر قېتىم ئۇلارنى نارازى قىلىپ مالال قىلغىنىڭ -سېنىڭ ھەر قېتىم ئۆلۈپ تۇرغىنىڭ بىلەن باراۋەر .
بىچارە ئانا لەڭمەن ئەتمىگەن كۈنى رەنجىدىڭ. ئۆزۈڭ ۋاقتىدا كەلمەي تامىقىڭ سوۋۇپ قالسا يەنە ئاناڭدىن رەنجىدىڭ. بىچارە ئاناڭنىڭ سەن ئۈچۈن خورىغان،سەن ئۈچۈن تالغان پۇت -قوللىرىنى يېنىك -يېنىك تۇتۇپ،ئۇۋلاپ قويغىدەك ئەقىل ساڭا كەلمىدى. زېرىكىپ قالساڭ ئاناڭدىن رەنجىپ «ۋاڭ!» يېپىپ چىقىپ كەتتىڭ.
ئەمما ئاناڭچۇ؟
سەن قانچە يىراققا كەتسەڭ يۈرىكى شۇنچە بەك ئاغرىدى. سەن قانچە ئۈزۈن يوقاپ كەتسەڭ ئاناڭنىڭ يۈرىكى شۇنچە ئۇزۇن ئاغرىدى.
سەن يىراق جايغا ئوقۇشقا ماڭغىنىمدا:«جېنىم بالام، ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا، تامىقىڭنى ۋاقتىدا يە...، سەپىرىڭ قۇتلۇق بولسۇن!» دەپ سىنى ئۇزاتتى، كۆزلىرىڭدىن جۇدالىق ياشلىرىنى تۆكۈپ، قىيمىغان ھالدا يىغلىدى.قاچان كېلەرسەن؟ سالامەتمۇسەن؟....دەپ سانسىزلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى، سانسىزلىغان كۈنلەرنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ مىسكىن، غەمكىن كۆزلىرى بىلەن سېنى كۈتتى، يولۇڭغا تەلمۈرۈش بىلەن كەچ قىلدى،بىچارە ئاناڭ قورايدەك قوللىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ،ئېتىزلىرىدا ئىشلەپ،دېھقانچىلىقىنى قىلىپ بىر كوي بىر كويدىن توپلاپ ساڭا قىزىل پۇلنى ئېۋەتتى.ئەپسۇس، بۈگۈن سەن خىيانەت قىلدىڭ.
ئانا ئۇ تومۇرىمىزدا ئاققان ھەربىر تامچە قاننى،ھەربىر تىنىقلىرىڭنى ئاتا قىلغان،ئەمما ئۇ ھەمىشە غەمكىن، دەرتلىك يۈرۈۋاتىدۇ. سەن خورلاۋاتىسەن.
بىچارە ئانا ياشاندى. سەن تاشلاپ قويدۇڭ. ئەمما، ئانا سېنى ھازىرغا قەدەرتاشلاپ باقمىدى. ئۇنىڭ بارلىق مۇھەببىتى پەقەت سېنىڭ ئۈچۈنلا.ئۇ ھەرۋاقىت سەن ئۈچۈن باش قاتۇرغىنى قاتۇرغان، سېنىڭ ئۈچۈن ياش ئاققۇزغىنى ئاققۇزغان.لېكىن ئۇ يەنىلا يالغۇز، مەيۈس، دەرتلىك، غېرىب، ئەڭ كۆپ ئازار يېگۈچى.
دۇنيادا ئەڭ كۆپ، ئەڭ سەرخىل،ئەبەدىي ئۇنتۇلماس نەرسە مۇھەببەت بولسا كېرەك، ئەمما مۇھەببەتنى ھەقىقىي ئاتا قىلالايدىغان، كىشىگە ئالەمچە سۆيگۈ ۋە بەخت بېغىشلىيالايدىغان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئىنسان بار، ئۇ بولسىمۇ- ئانا.
ئانا-سەن يىقىلساڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ. كۆزۈڭدىن ياش تامچىلىغاندا، يۈرىكىدىن قان تامچىلايدۇ. سېنىڭ كۈلكەڭ- ئۇنىڭ بەختى،سېنىڭ كۆز يېشىڭ- ئۇنىڭ ئازابى.
بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە خوراپ تۈگەيدۇ، پەقەت ۋە پەقەت
ئانىنىڭ مۇھەببىتىلا ئەبەدىي خورىماستۇر.مەڭگۈ پاك، غۇبارسىز،مىننەتسىز .
ئانا قۇچىقى_ ئىنسان بالىسىنىڭ ئەڭ بىخەتەر قوغدىنىش ئورنى.ئانا قۇچىقى_ جىمى يامانلىقلاردىن، ساختا مۇھەببەتتىن، خىيانەتتىن، ئۇنتۇلۇشلاردىن، تەرك ئېتىشلەردىن يىراق جەننەت ئىدى،سەن بىلەلمىدىڭ.
قاپقارا چاچلىرى سېنىڭ ئۈچۈن توزۇپ ئاز قالدى. پېشانەڭگە ھەر كۈنى بەخت تىلەپ سۆيۈپ،ئۆز ماڭلىيىغا ئىز سالدى.
سېنىڭ ئۈچۈن قەدەم بېسىپ تېتىكلىكى يوقالدى.جاھاننى سېنىڭ ئۈچۈنلا ياشاپ تۈگىتىپ قويدى.ئەمدى سېنىڭ ئېغىرىڭنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئەمدى بول قىل. كۆڭۈل سۇدەك نازۇك نەرسە،بېچارە ئانا ئەمدى چوقۇم رەنجىيدۇ،ھەر قانچە ئۇلۇغ سۇمۇ مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.سەنمۇ بىچارە ئۈچۈن ئازراق ياشاپ قوي!موڭدىشىپ قوي! يوقلاپ قوي! ھالىنى سوراپ قوي! ئەركەك بولساڭ ئوغلى بولۇپ قوي!ئايال بولساڭ قىزى بولۇپ قوي! پۇتلىرىنى يۇيۇپ،چاچلىرىنى تاراپ قوي! يەلكىسىنى تۇتۇپ،قوللىرىنى سىيلاپ قوي!بىر كېچە بەرگەن سۈتىنىڭ بولىسىمۇ ھەققىنى تۆلەپ قوي! سېنىڭ ئۈچۈن ئاچچىق يېگەن تولغىقى ئۈچۈن،توققۇز ئاي ئەمەس توققۇز مىنۇت ۋاقتىڭنى چىقىرىپ بىچارىنى ئويلاپ قوي!دوختۇرنىڭ پىچىقى ئالدىدا سېنى بەختىم دەپ ئويلىغان ئاناڭنى ئەمدى مېنىڭ بەختىمسەن دەپ ھال سوراپ قوي!ساڭا قايتا تۇغۇلۇش پۇرسىتى يوق،بىلىپ قوي! بىچارىدىن باشقا ھېچ ئاناڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ قوي!بىر تال كەمپۇت،بىر تال ئالما،يۇمشاق نان سەنسىز ئۇنىڭ گېلىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئويلاپ قوي!
پۇتلىرى سىقىراپ تۇرماقتا،يۈرىكىمۇ سىقىراپ تۇرماقتا. ئەمدى ئۇ چىدىمايدۇ.قىسقىسى،سېنى دېمىگەن بولسا ئىدى،بۇرۇن ئاچچىق تولغاق يېگەن ۋاقىتتىلا دۇنيادىن ۋاز كەچكەن بولاتتى.
سېنىڭ ئۈچۈن قۇلىقى ئېغىرلاشتى، قەدەملىرى ئېغىرلاشتى،بىچارە ئانىنىڭ كۈنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر.ئۇيقۇڭنى ئاچ، بىچارە ئانا بالىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زەرىچە بەدەل تۆلەپ باققىنىنى كۆرۈپ باقسۇن!ئازراققىنە قالغان ھاياتىدا كۈلۈمسىرەپ باقسۇن!


ئاپتۇرى:ئىزھار
مەنبە:ئىزھار بىلوگى


ئەسكەرتىش:مەن يازغۇچىمۇ ئەمەس،شائىرمۇ ئەمەس.مەن بىر مەكتەپ كۆرمىگەن ھەۋەسكار.
مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مەكتەپتە ئوقۇش نېسىپ بولمىغان بىر ياش.مەن بۇ تېمىنى يېزىپ بىلوگىمدا ۋە كىچىك،كىچىك مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىپ باققان ئىدىم،ئوقۇرمەنلەر ھەممىسى ‹‹بەك ياخشى يېزىپسىز،قولىىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن›› دەپلا قوياتتى.‹‹بۇ يېرى بۇنداقكەن،بۇ يېرى مۇنداقراق يېزىلىشى كېرەكتى››دەپ ھېچكىم ئېيىتمىدى.مېنىڭچە بۇ تېما ئۇنچىلىك مۇكەممەل يېزىلغان بولىشى ناتايىن ئىدى.قىسقىسى،بۇ يازمامنىڭ چېكىت،پەشلىرىنىڭ نورمال جايىغا قويۇلمىغانلىقىنى بىلىمەن،ئەمما شۇنداق تىرىشقان،قايتا-قايتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بولساممۇ ئۇستاز كۆرمىگەن شاگىرت بولغاچقا يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس دەپ ئويلاپ تۇرىۋاتىمەن.مەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە گىرامماتىكا قىسىمىنىمۇ تولۇق بىلمەيمەن.شۇ سەۋەپ بىلەن مەن يازمامنى مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىپ ئۇستازلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى،تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشىمغا ياردەم قىلىشنى ئويلاپ ئۇستازلارنىڭ تەنقىد -پىكىرنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلۋاتىمەن.رەھمەت سىلەرگە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 01:43 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-13 03:29 AM):
ياختۇرسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ                      ياختۇرمىسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-9-19 07:08 PM):
http://dl.vmall.com/c03woc85j3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 3123 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 03:32:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى ئاۋاز تەقلىدى ‹ۋاڭ› نى  ، باشقىچە ئۆزگەرتىپ باقساق قانداق ؟  
ئۆز ئاتا-ئانىسغا ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن باشقىلارغىمۇ ۋاپا كەلمەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 03:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىسىغا ۋاپا كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن نەسىھەت قىلۋاتىمەن.ئەگەر ئۇ بالىدا ۋاپا بولغان بولسا سىز ئىيىتقاندەك‹‹-ۋاڭ››ياپمىغان بولاتتى،مەنمۇ بۇ ئەسەرنى يازمىغان بولاتتىم.شۇنداققۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6716
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 04:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى يىزىپىسز .قاراڭ،ئاشۇ بچارە ئانا نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى .ئاشۇ پەرزەنتلەر ئەمدى ئۇلارغا نىمە كۈنلەرنى كۆرسىتۋاتىدۇ؟ بولدى. ئەي پەرزەنتلەر ھەممىمىز ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى ! ئۆزىمىز ئۈستدە ئويلىنايلى !!!!!!!! ئاتا-ئانىمىزغا يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلدۇقمۇ يوق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dahai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 04:11 PM  


بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 04:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن .ھازىرقى جەمىيەتتىكى بەزىبىر كىشىلىرىمىزنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى  يارقىن يورۇتۇپ بېرىپسىز.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 05:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي   ۋاپاسىز ....

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ھەي ئىنسان دىگەن خام سۇت ئەمگەن بەندىكەن دەپ قويدىكەن شۇنداقلارنى كۆرمىسەمكەن دەيمەن

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5939
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2541 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلكىندە ئۇقۇغانغۇ دەيمەن ما تېمىنى ، شۇچاغدىمۇ بەك تەسىر قىلغانىدى، بىرلا گەپ راستىنلا ياخشى يېزىپسىز،
لاھىيەلەش ئۇسلۇبىڭىزمۇ ئۆزگىچە بوپتۇ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7098
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 08:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ!

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:18:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2013-3-28 08:11 PM
ياخشى يېزىلىپتۇ!

ئۆزۈممۇ شۇنداق ئويلايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش