ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار.
ياپونىيەدە كارتون كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپانجاننىڭ رىۋايەت كارتون تورىغا يوللىغان 2013-يىللىق توكيو كارتون كۆرگەزمىسىنىڭ تېمىسىنى مىسرانىم مۇنبىرىگىمۇ يوللاشنى لايىق كۆردۈم.
رىۋايەت تور بېتىدىن ئېلىندى.
http://rivayat.com
----------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدىرلىك تورداشلار ۋە بارلىق كارتون ھەۋەسكارلىرى.
مەن ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنى پۈتتۈرۈپ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى دىگىتال مەزمۇن مۇناسىۋەتلەرى بويىچە ئاسپرانتلىق ئوقۇغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.بۇ قېتىم كەڭ كارتون ھەۋەسكارلىرىغا دۇنيانىڭ كارتون جەننەتى ۋە كارتون ماكانى بولغان ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئەڭ چوڭ كارتون فىلىم كۆرگەزمىسى بولغان < توكيو خەلقئارا كارتون فىلىم كۆرگەزمىسى2013> دىن قىسقىچە ئۇچۇر ۋە دوكىلات بېرىپ ئۆتمەكچىمەن.
توكيو خەلقئارا كارتون فىلىم كۆرگەزمىسى> بولسا 2002-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ،بۇ كۆرگەزمە ئاساسەن ياپونىيە ۋە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كارتون فىلىم سانائىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان خەلقئارالىق ئەڭ چوڭ كارتون فىلىم كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. ساھىپخان بولغان توكيو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىشىخارا شىنتاروۋ石原慎太郎)بولسا بۇ كۆرگەزمىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە نازارەتچى باھالىغۇچى خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.
كۆرگەزمىدە <تۆھپىكارلار> مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەريىلى كارتون فىلىم ساھەسىدىكى جانپىدالىق بىلەن ئىشلەپ توھپە ياراتقان ئاتاقلىق كىشىلەر مۇكاپاتلىنىپ كەلمەكتە. يەنە <ئەڭ ياخشى تېلىۋىزىيە كارتون فىلىم > مۇكاپاتى،<ئەڭ ياخشى كىنو كارتون فىلىم>مۇكاپاتى،ۋە < ئەڭ ياخشى ئورگىنال كارتون فىلىم مۇكاپاتى>،<ئەڭ ياخشى چەتئەل كارتون فىلىملىرى> مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ياپونىيە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيىدىكى نادىر فىلىملار باھالىنپ كەلمەكتە.
بۇ مېنىڭ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتىگە ۋەكىل بولۇپ ئىككىنچى قېتىم مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىم بولۇپ،بۇ يىلمۇ كەسپى خادىملار سۈپىتىدە قاتناشقان بىردىنبىر ئۇيغۇر بولۇپ قالدىم.(بۇ يىل مېنىڭ دوستۇم،ياپونىيىدە كارتون كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان ئىككىنچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى تۈرگۈن ئەزىزىمۇ تاماشىبىنلار سۈپىتىدە قاتناشتى).بۇ يىلقى كارتون كۆرگەزمىسىدە ئەڭ كۆزگە چېنىققىنى بولسا ياپونىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇزۇن ۋەقەلىك كارتون فىلىمىنىڭ بىرى بولغان ‹رازۋېدچىك كونان›نىڭ كۆرگەزمە رايونى بولدى.چۈنكى كوناننىڭ بۇ يىلقى ئەڭ يېڭى ئالاھىدە كىنو فىلىمى‹زۇلمەت دېڭىزىدىكى رازۋىدچىك › 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلىدىغان بولۇپ، مەزمۇن ۋە ئىشلىنىش تېخنىكىسى جەھەتتىن بولسۇن، ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا توۋئېي كارتون فىلىم شىركىتى، پىئېرو كارتون ستۇدىيىسى قاتارلىق ياپونىيىنىڭ داڭلىق كارتون شىركەتلىرىنىڭ يېڭى ۋە كونا كارتون فىلىملىرىنىڭ كۆرگەزمىسىمۇ كۆرگەزمىگە كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلدى. بولۇپمۇ توۋئېي شىركىتى 17يىلدىن كېيىن يەنە ئىشلىگەن ،دۇنياغا داڭلىق كارتون فىلىم‹ئەجدەر گۆھىرىDRAGON BALL›نىڭ ئەڭ يېڭى ئالاھىدە كىنو فىلىمى‹ ئىلاھ بىلەن ئىلاھ神と神›بولسا 1995-يىلى قويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى كىنو فىلىمىدىن 17يىل ئۆتكەندە ئىشلىنىپ،3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.
بانداي نامكو شىركىتى تارمىقىدىكى سانرايس شىركىتىنىڭ مىخانىك ماشىنا ئادەم كارتون فىلىمى‹مىخانىك جەڭچى گاندام UC›نىڭ 7-قىسىمىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئېلان قىلىندى.شىنكاي شىرو ئەپەندى رىژىسورلۇق قىلغان ئەڭ يېڭى فىلىم ‹ھويلىدىكى پاراڭلار言葉の庭›مۇ ئېلان قىلىنىپ، شىنكاي ئەپەندىنىڭ رەڭ ۋە كۆرۈنۈش ئىپادىلەشتىكى تالانتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.بۇ فىلىم 4-ئايدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى چوڭ كىنوخانىلىرىدا قويۇلىدۇ.
بۇ يىلقى ‹ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى›غا ئېرىشكىنى بولسا خوسودا مامورۈ ئەپەندى رىژىسورلۇق قىلغان ‹بۆرە پەرزەنت ئامې(يامغۇر)ۋە يۈكى(قار)›بولۇپ، ‹ئەڭ ياخشى چەتئەل مۇكاپاتى› غا ئېرىشكىنى بولسا تەيۋەن ئۆلىكىدىن كەلگەن تسەي شۈچىن 蔡 旭晨 رىژىسورلۇق قىلغان فىلىم
‹TIME OF CHERRY BLOSSOMS›بولدى.
بۇ يىلقى چەتئەل كارتون فىلىملىرىنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ تەشۋىقات كارتون فىلىمىمۇ قاتناشقان بولۇپ،تېخنىكا ۋە ئىپادىلەشتە ياپونىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭكىگە يېتەلمىسىمۇ، ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە بۇلتۇرقى ئەرەبىستاندىن كېيىنكى ئىككىنچى كارتون كۆرگەزمىسىگە كەلگەن دۆلەت بولدى.
بۇ يىلقى كارتون تېخنىكىلىرىنىڭ ئىچىدە يەنىلا ياپونىيىنىڭ ئىككى ئۆلچەم ۋە ئۈچ ئۆلچەمنى بىرلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى باھالانغان بولۇپ،ياپونىيىنىڭ ‹كارتون دۆلىتى› دېگەن نامىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە قاتارلىق كارتون تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىنمۇ ‹مۇز ئېراسى 4›قاتارلىق ھوللىۋۇد ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىملىرى قاتناشتى.
كېلەر يىلى مەنمۇ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى كۆرگەزمە رايونى قۇرۇش پلانىغا قاتنىشىپ، بىر ئۇيغۇرچە كارتون فىلىمنى كۆرگەزمىگە قويۇشقا تىرىشىمەن.
كۆرگەزمىدىن رەسىملەر