蓝狼331 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 12:12 PM
گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش ئىشلىرى قاندا ...
قانۇنى يول ئەپەندى بىلەن گۈلەن قول تۇتۇشۇپ بېسىۋاتقان ‹‹ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش يولىدا ››ناملىق تىما مارافۇنچە تۈستە نىشاندىن ئاداشماي قانۇنى يوسۇندا -
ئاشكارە-
ئەمەلىي-
سىستىمىلق-
ئىزچىل-
كۈچلۈك تەلەپ بىلەن ئالغا قاراپ قەدەم ئېلىنماقتا......قانۇن -تۈزۈمنىڭ نوپۇزى ئۈچۈن بېسىلغان بۇ خاسىيەتلىك قەدەملەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاخىرى مۇزاكىرە ۋە قانۇنى دىئالۇگ ئېلىپ بېرىلىش باسقۇچىغا كېلىپ ئىدارە رەھبەرلىگى تەرىپىدىن جاۋاپ بېرىلىپ -
تەلەپ ئورۇنلۇق-
ئورۇن تەييارلىقى تەلەپكە لايىق پۈتتۈرۈلسە تەكشۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ(قانۇنى يولغا بۇ ھەقتىكى دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹خۇسۇسى مائارىپ تۈرىنى يولغا قويۇشتىكى تەلەپ›نامىدىكى كىتاپچى پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن)بويىچە لايىقلاشقان بولسا قانۇنى جەھەتتى ماسلشىىدنغانلىغىنى بىلدۈرۈپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى....
بۇ جەرياندا بۇ ئەزىمەتلىرىمىز ئاز بولمىغان كۆرۈنمەس ‹‹غەيرى مەخلۇق››لارنىڭ قارا قولىغا ئۇچرىدى....لېكىن ئۈمىتسىزلىنىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھقا...شۇنداقلا قانۇننىڭ نوپۇزىغا ئىشىنىپ يولىنى بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي داۋام ئەتمەكتە.....
بىز بۇ تىما ئارقىلىق قانۇن ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ ئۆزىنىڭ -دىمگۇراتىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق......
دىمگۇراتىيە-قانۇن ئارقىلىق ھەدىيە قىلىنىدىغان نەرسە بولماستىن بەلكى، قانۇن ئارقىلىق تارتىۋېلىنىدىغان ھوقۇقتۇر.
دىققىتىمىز- مىسرانىم ۋە باغداش-تا.....
ئەزىمىتىمىز -قانۇنى يول ۋە گۈلەن ئەپەندىدە....
تەلىۋىمىز-ئاساسى قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 01:01 PM