|
|
|
|
كىملىك نومۇرىڭىزنى چۈشىنىۋېلىڭ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار! كىملىك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم رەسمىيەلەرنىڭ بىرى. شۇڭا كىملىكىمىزدىكى سان-سىفىرلار ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قويۇشمۇ ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئەقەللىي ساۋات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا كىملىك نومۇرىنىڭ قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ساۋاتنى تورداشلار دىققىتىگە سۇنماقچىمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم ، كىملىك نومۇرى ئادەتتە 18 خانىلىق رەقەمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ رەقەملەر زادى قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ ؟
كىملىك نومۇرى 18 خانىلىق سانلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئالدىنقى 6 خانىسى( سولدىن ئوڭغا قاراپ ) شۇ كىشىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى (يەنى تەۋە بولغان ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە) نى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئىككى خانىسى شۇ كىشى تەۋە بولغان ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇنى، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنى بىلدۈرىدۇ. 3-،4-خانىسى ۋىلايەت،ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، ئاپتۇنۇم ئوبلاستنى كۆرسىتىدۇ. 5 -،6-خانىسى بولسا ناھىيە، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، رايوننى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كىملىك نومۇرى ************653127 نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى دېگەنلىك بولىدۇ .
7-خانىسىدىن 14-خانىسىگىچە بولغان 8 خانىلىق سان شۇ كىشىنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈننى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغان بولسا، ئۇ ھالدا كىملىككە يىلنىڭ تۆت خانە، ئاينىڭ ئىككى خانە، كۈننىڭ ئىككى خانە بويىچە يېزىلىدۇ. يەنى ****19941028****** بولىدۇ. 15-خانىسىدىن17-خانىسىگىچە بولغان ئۈچ خانە رەقەمنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بولسا، ئوخشاش ئورۇندا، ئوخشاش يىل،ئاي، كۈندە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ تەرتىپ نومۇرى. بۇنىڭ ئىچىدىكى17-خانىسى ئەگەر تاق سان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئەر ئىكەنلىكىنى، ئەگەر جۈپ سان بولسا ئۇكىشىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئەڭ ئاخىرقى رەقىمى يەنى 18-خانىسى كىملىك نومۇرىنىڭ تەكشۈرۈش كودى. كىملىك تەكشۈرۈش كودى ئادەتتە 0~10 غىچە بولغان 11 ساندىن تۈزۈلىدۇ ، ئەگەرتەكشۈرۈش كودى 10 بولسا ،بۇنىڭ ئورنىغا X يېزىلىدۇ. چۈنكى ئەگەر 10 يېزىلسا، كىملىك نومۇرى19 خانە بولۇپ قالىدۇ-دە، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمىگە خىلاپ بولىدۇ ھەمدە جوڭگۇ تەۋەسىدىكى كىملىك تەكشۈرۈش ئۈسكىنىلىرى كىملىكنى تونىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . ئادەتتە، بۇ تەكشۈرۈش كودىنى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەلۇم فورمولا ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا،بۇنى ئالدىن بەلگىلگىلى بولمايدۇ. يەنى مۇناسىۋەتلىك سانلارنى كىركۈزگەندىن كېيىن، ماشىنا ئاپتۇماتىك ھېسابلاپ چىقىرىدىكەن.
مەنبەسى:
http://arkzat.com/html/m/6/2013/0327/105.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 01:24 AM
|
|
|
|
|
|