مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2300|ئىنكاس: 24

ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىي سىنىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 24761
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7706 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 11:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىي سىنىقى

ئاپتورى:جېشكا فىچېر (تەرجىمىدە: نەپرەت 2009)

9@U5(3F7H2S03}%T5`K4OOX.jpg

ئوتتۇراشەرقنى تەۋرەتكەن ئاۋام توپىلىڭى پارتلاپ ئىككى يىلدىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندەكھېچكىم «ئەرەب باھارى» دەپ چوڭ سۆزلىمەيدىغان بولدى. سۇرىيەدىكى قانلىق ئىچكىئۇرۇش، ئىسلام كۈچلىرىنىڭ ئەركىن سايلام ئارقىلىق تەختكە چىقىشى، مىسىر ۋە تۇنىستائۇدا چوڭقۇرلىشىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس، ئىراقنىڭ كۈنسېرى داۋالغۇشى،ئىئوردانىيە ۋە لىۋاننىڭ كەلگۈسىنىڭ غۇۋالىقى ھەمدە ئىران يادرو پىلانىدىكى ئۇرۇشسايىسى قاتارلىق ئامىللار يېڭى ئوتتۇرا شەرقنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەربات قىلدى.ئەگەرغەرب شەرقنىڭ چېگرىسى بولغان ئافغانىستان ۋە شىمالىي ئافرىقىنى (سەھرايى كەبىر ۋەجەنۇبىي سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قايتا ئويلاشساق، كەلگۈسى تېخىمۇ ئۈمىدسىزدۇر.ئەمەلىيەتتە، لىۋىيە كۈنسېرى داۋالغۇماقتا، ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ سەھرايىكەبىردىكى پائالىيىتى كۆپەيدى (مالى ئىچكى ئۇرۇشى ئىسپات بولالايدۇ)، 2014-يىلىئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش قوشۇنى چېكىنگەندىن كېيىن ئافغانىستاندا نېمەئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئالدىن بىلەلمەيدۇ.بىزھەممىمىز ئوخشاش خاتالىقنى قايتا-قايتا ئۆتكۈزدۇق: ئىنقىلاب باشلانغاندىلا، بىزئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت مۇستەبىتلىك ۋە زالىملىقتىن غالىب كېلىدۇ دەپ قارىدۇق.ئەمما تارىخ بىزگە ئەگىشىپلا كېلىدىغىنى ھەمىشە ياخشى ئاقىۋەت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپبەردى. ئىنقىلابباسمىچى ھاكىمىيىەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپلا قالماي، ھەم كونا تەرتىپنى ۋەيرانقىلىپ، دەھشەتلىك (ئەگەر قانلىق بولمىسا) يېڭى ھوقۇق تالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بۇ باسقۇچ دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە،ئىنقىلابقا ئەگىشىپ كېلىدىغىنى ھەممە يەرنى خەۋپ-خەتەر قاپلىغان يىللار بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە،ناھايىتى ئاز دۆلەتلەر بۇ قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ: جەنۇبىي ئافرىقا بىر مىسالبولالايدۇ، چۈنكى جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئاز ئۇچرايدىغان ئۇلۇغ سىياسىيون نېسلونماندېلا چىقتى. باشقا تاللاشلاردا زىمبابۋېغا قاراپ باقساق بولىدۇ.1989-يىلدىنكېيىنكى ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە شەرىقى ياۋروپا ئەرەب ئىنقىلابىنى تەھلىل قىلىشتاقىزىقارلىق پايدىلىنىش نۇقتىسى بولالايدۇ، ئەمما مۇۋاپىق پايدىلىنىش نۇقتىسىئەمەس، چۈنكى مەزكۇر رايوننىڭ يېڭى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى تەرتىپىنىڭ كېلىش مەنبەسىسىرتقى شارائىتنىڭ ئۆزگۈرىشى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدۇر. ئىچكىقىسىمدىن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا، شەرىقى ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەر دېگۈدەكناھايىتى ئېنىق ھالدا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، بازار ئىقتىسادى ھەمدە روسىيەئىمپېرىيىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش تەھدىتىدىن ساقلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارغەربنى، ش ئا ئە ت نىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن تەبىئىي تەلەپ.ئوتتۇراشەرق كىرىزىس بەلبېغى بولسا پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىچى ۋەسىرتىدا ئېھتىمال ئەڭ ئىپتىدائىي بولغان يېڭى تەرتىپنى ئىلگىرى سۈرۈشنىخالايدىغان، ھەتتا يېڭى تەرتىپنىڭ قىسمەن ئامىللىرىنى ئېلىپ كېلىشنى ئويلىغان ھەرقانداق بىر كۈچ يوق. مالىمانچىلىق مەڭگۈلۈك تەھدىت، دۇنيا تىنچلىقىغىمۇ خەۋپ-خەتەرۋە تەھدىت پەيدا قىلدى.نامراتلىق،چېكىنىش، باستۇرۇش، نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، دىن ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ھەمدەئۆي ماكانسىز قالغان مىللەتلەر (مەسىلەن كۇردلار ۋە پەلەستىنلىكلەر) دىن سىرت،مەزكۇر رايوندا يەنە چېگرا مۇقىمسىزلىقى مەۋجۇت. زور كۆپ قىسىم چېگرىلارنىمۇستەملىكىچى دۆلەتلەر (ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنسىزىپ چىققان، ئىران ۋە مىسىردىن سىرت، كۆپ قىسىم چېگرىلار قىلچىمۇ ئەقىلگەمۇۋاپىق ئەمەس دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.بىرقىسىم دۆلەتلەر، مەسىلەن ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ھەتتا كىچىك دۆلەت (ئەممائىنتايىن باي) قاتارمۇ قارىماققا ئانچە مالىمان ئەمەس، رايونلۇق ھوقۇققا بولغانمۇددىئاسى ئىنتايىن ئۇلۇغۋاردۇر. يۇقىرىقى بارلىق ئامىللار جىددىي ۋەزىيەتنىيەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يامانلاشتۇرۇۋەتتى.يۇقىرىقىبارلىق زىددىيەتلەر نۆۋەتتە سۇرىيىدە پارتلاش ھالىتىدە كۆرۈلدى. سۇرىيە خەلقىئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىگە ئۇچرىماقتا، لېكىن دۇنيا سوغۇق نەزىرى بىلەن بىر چەتتە قاراپتۇرماقتا، ھازىرغا قەدەر ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالىمىدى (ئەگەر خىمىيىلىك قورالئىشلەتسە، مۇداخىلە يۈرگۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ). گەرچە مۇداخىلە ۋاقىتلىق،تېخنىكا جەھەتتە چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما بارلىق كىشىلەر مۇداخىلە يۈرگۈزۈشتىنئۆزىنى قاچۇرماقتا، چۈنكى مۇداخىلىنىڭ بەدىنى زىيادە يۇقىرى: ئاپەت خاراكتېرلىكئىچكى ئۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىي زىيانكەشلىكنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي،ھەم پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى تەرتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھەرقانداق ھەربىي مۇداخىلىدە سۇرىيە ئارمىيىسىگە دۇچ كېلىپلا قالماي (روسىيە ۋەجۇڭگونىڭ قوللىشى بار)، يەنە ئىران شىئە مەزھىپى ھەمدە ئىراننىڭ ۋاكالەتچىسى لىۋانئاللاھ پارتىيىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇداخىلىنىڭ دەرھال ئىسرائىلىيەبىلەن بولغان باشقا بىر مەيدان ئۇرۇش يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىغاھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. بولۇشقا تېگىشلىك ياكى تېگىشلىك بولمىغانخەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى يۇقىرى. سۇرىيىنىڭئېھتىماللىقى چوڭ بولغان ئاقىۋىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى تاكى پرېزىدېنت بەشارئاساد ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشكىچە داۋاملىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، سۇرىيە مىللىي ۋە دىنىيسەۋەبلىك بۆلۈنۈشىنىڭ ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. سۇرىيىنىڭ پارچىلىنىشىئوتتۇرا شەرقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بالقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېڭىزوراۋانلىق شەكىللەندۈرىدۇ. ئالدىنقى سەپتىكى دۆلەتلەردىن، مەسىلەن لىۋان، ئىراقۋە ئىئوردانىيە قاتارلىقلار سۇرىيە پارچىلانغاندا ئۆزىنى ياخشى ساقلاپ قالالىشىمۇمكىن ئەمەس. سۇرىيىدىكى كۇردلار ۋە پەلەستىنلىكلەر، ياكى خىرىستىئانلار،دېرۇزلار ھەمدە ئادەم سانى تېخىمۇ ئاز مۇسۇلمان مەزھەپلەرنىڭ تەغدىرى قانداقبولىدۇ؟ سۇرىيە مەيلى پارچىلانسۇن پارچىلانمىسۇن، ئالاۋى مەزھىپى (بەشار ئاسادھاكىمىيىتىنىڭ ئۇل تېشى) ئېھتىمال قورقۇنۇچلۇق تەغدىرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.جاۋاببېرىشنى ساقلاپ تۇرغان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ. ئەلۋەتتە، شۇنچە ئۈمىدسىز بولسىمۇ،بىزمۇ دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق كېلىشىم پۈتۈش ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ؛ئەمما رېئاللىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۈمىد كۈنسېرى يوقالماقتا.پۈتكۈلئوتتۇرا شەرق تەۋرەنمەكتە، يېڭى مۇقىم تەرتىپ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىنقۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەزكۇر رايون ئىزچىل ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ،پۇقرالارغا شۇنداق بولۇپلا قالماي، قوشنا دۆلەتلەر (ياۋروپانىمۇ ئۆز ئىچىگەئالىدۇ) ۋە دۇنياغىمۇ شۇنداق. مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتور جېشكا فىچېرگېرمانىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە دېپلوماتىيە مىنىستىرى(1998-2005)؛ نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-26 11:47 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
orkixi + 10 ياخشى ئەسەر ،تەرجىمىڭ.
سىراج + 10
joda☠ + 126 ئېسىل تەرجىمە ئەسەر !!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 146   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2285
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 12:09:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئەرەبلەر،ھەي مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ سۆزىنى ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا بۇنداق ئازار-كۈلپەتلەر نېمىش قىلسۇن بىزنىڭ ھويلىمىزدا

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93017
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 12:12:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 12:58:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرى     ئاللاھ ............

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6316 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 01:26:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ، ۋاقىتلىق قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇپ ، ئىنقىلاپ قىلماسلىق كىرەك. مەڭگۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشاش كىرەك.  شۇنداق قىلغاندا جەمىيەت ئامان، ئەل ئامان بولىدۇ. . .

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 890
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2407
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1698 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 01:59:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   نەپرەتجانىڭ يەنە بىر ئېسىل تەرجىمىسىنى كۆرگىنىمدىن خوشالمەن ...
نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، ئارتۇق گەپ قىلىپ تېمىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن . مۇشۇ تېما بولسىمۇ ئوچۇق ھالەتتە تۇرغاي ... ئىچىمدىلا دىۋەتتىم گىپىمنى ..

سەن مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ بىچارە دىسەڭ، مەن سېنىڭ تۇيغۇڭغا قاراپ بىچارە دەيمەن. ــــــــ جودا .

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19503
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 02:07:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى ، ئادەمنىڭ مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق بولمىسا نورمال ئادەم دىگىلى بولمايدۇ-دە.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91991
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 10:29:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wolf007 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-27 01:26 AM
توغرا ، ۋاقىتلىق قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇپ ، ئىنقىلاپ ...

ۋاقىتلىق قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇپ ، ئىنقىلاپ قىلماسلىق كىرەك. بەلكىم توغىرىدۇ ؟

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 10:31:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي نېمە دىيىش كېرەك ،بەزى گەپلەرنى دىگىم كەلگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا..........ئاخزىمنى چىڭ يۇمۋالدىم .
مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىڭىز بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91991
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 10:37:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە شۇ ھەققانىيەت ئۈچۈن ئېنقىلاپ قىلۋاتقانلارغا ئوخشاش ئېنقىلاپ قىلىش پۇرسىتى كېلەرمۇ بىزگە ؛ ئەگەر شۇ ۋاقىت كەلسە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىز نەچچىگە بۆلىنەرمىز ؛

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش