yamgurluk يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 11:52 PM
ناھايتى تىما بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى يوق گەپتىن بىرن ...
سائىتىگە 900 تال چۆچۈر تۈگسە تەخمىنەن مىنۇتىغا 15 نى تۈگىدىكەن .
ھەرقاچان تەييار كەسلەگلىك خىمىرنى ۋە تەييار قىيمىنى سالسا ئاندىن تۈگىدىغاندۇ ، بۇنداق بولغاندا قولدا تۈگگەن بىلەن ۋاقىت پەرقى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن .
يەنى تەييار جىلتە ۋە قىيمىنى ئالدىغا ئەكىىلپ قويۇپ قولىدا تۈگسىمۇ تەخمىنەن مىنۇتىغا 15 نى تۈگگىلى بولىدۇ ، قولى چاققان ئادەم بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۋىتىشى مومكىن .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ماشىنىنى بىر ئادەم باشقۇرۇپ تۇرمىسا بولماس ، يەنە ئۇنىڭغا كەتكەن توك سەرپىياتىنى ھىساپلاپ كۆرگەندە يەنىلا قولىدا تۈككەن ئەۋزەل ھەم ئەرزان توختىغىدەك ....
يۇقارقىسى مىنىڭ شەخىسى كۆز قارشىم ، ئەمدىكى سۇئالىڭىزغا قارىتا پاتېنىت ھوقۇقى تەلەپ قىلىدىغان مەھسۇلات چوقۇم ئىجاتچانلىققا ئىگە بولىشى ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالغان مەھسۇلاتلار بۇرۇن بارلىققا كەلمىگەن بولىشى كىرەك .
ئەڭ ھالقىلىق يېرى شۇ خىلى مەھسۇلاتنى كەڭ خەلق ئاممىسى قوبۇل قىلالىشى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ھىس قىلالىشى كىرەك .
مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇ خىلى مەھسۇلات پاتېنىتقا ئىرىشپ ، زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرلىشى مومكىن .
بۇ چۆچۈرنى بىزنىڭ دىيارىمىزدا كەڭ ئىستىمال قىلىمىز ، ئەگەر پۈتكۈل جۇڭگۇ ئىلىنىڭ تامىقى بولۇپ قالغان بولسا يەنە ئۇ ئوي تېخىمۇ ئاسانغا توختىغان بولاتتى .
مەن پاتېنىتنى قانداق تەلەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن ، شۇڭا مەسلىھەت بىرەلمەيمەن .
ئەمما مەزكۇر مەھسۇلاتقا يەنىمۇ ئىش قوشۇپ تېخىمۇ ئارتۇقچىلقىنى ئاشۇرىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .