مانا نەسىھەت دىگەن !
نەسىھەت
جامائەتلەر مەن سۆزلەيىن ئاتا-ئانا بايانىدىن،
ھەقتىئالا ئۆتمەيدىكەن ئاسىيلارنىڭ گۇناھىدىن،
مەن بۇ سۆزنى كۆرۈپ ئۆتتۈم قۇرئان ھەددىس كىتابىدىن،
بۇرادەرلەر رەنجىپ قالماي قۇلاق سېلىپ تۇرغايسىزلەر.
بۈگۈنكى كۈندە ياش ئەۋلادلار يولدىن چىقىپ قالاقلاشتى،
ئاتا-ئانىسنى كۆزگە ئىلماي شەرىئەتتىن يىراقلاشتى،
ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلماي قارغىش ئېلىپ خاراپلاشتى،
شۇ ۋەجىدىن نەسھەتكە ئېغىز ئاچتىم بىلگەيسىزلەر.
بۇرادەرلەر دىنىمىزدا كۆپتۇر ئاتا –ئانا ھەققىي،
يەتتە نۆۋەت يۈدۈپ ھەرەم ئاپارساقمۇ ئۇلار ھەققى،
ئادا تاپماس بىر كېچىلىك تارتقان جەبرى-جاپا ھەققى،
ئاتا-ئانىنىڭ سىز –بىزلەردە ھەققى شۇنداق بىلگەيسىزلەر.
ئاتا-ئانىنى ھۆرمەت قىلىپ خىزمەت قىلساق ئوبدان بۇلۇر،
كۆزگە ئىلماي بۇيۇن تولغان ئازار بەرسەك قارغاپ سالۇر،
قارغىش ئالغان ئۇنداق بالا ئۆمۈرۋايەت نامرات بۇلۇر،
ئاتا-ئانا نەپسى گۇيا مىلتىق ئوقى بىلگەيسىزلەر.
ئاتا-ئانا رەھمەت دېسە ئىككى ئالەم سىزنىڭ بولۇر،
ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە بەخىت-دۆلەت ھەمدەم بولۇر،
ئەگەر ئۇلار ئاھ! دەپ قويسا يۇرۇق ئالەم زۇلمەت بۇلۇر،
شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ دۇئا رەھمەت ئالغايسىزلەر.
ئاتا-ئانا ئۇلۇغ دۆلەت قەدرىنى بىلگەنلىگە،
ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلگەنلىگە،
پىشقان قوغۇن بېغىدا تۇرماس يوق ئۇ تەڭلا ئەتىگە،
ھەسرەت چېكىپ قالماس ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغايسىزلەر.
بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلماي ئازار قىلساق،
ئۆزۈمىزنى دانا چاغلاپ ئىشقا بۇيرىسا كۆز ئالايتساق،
تەنقىد-تەربىيە بەرسە بىزگە ھەدەپ تىللاپ-ئۇرۇپ قويساق،
كېيىنكى كۈندە بالىڭىزدىن سىز ھەم شۇنى كۆرگەيسىزلەر.
ئۇشبۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم كىشى قىساسى كىشدە قالماس،
ئاتا-ئاناڭغا نېمە قىلساڭ بالاڭمۇ ھەم نىسى قويماس،
ھىچبىر دېھقان قۇناق تېرىپ كۈزدە يەردىن بۇغداي ئورماس،
يەرگە قانداق ئۇرۇق چاچساڭ كۈزدە شۇنى ئالغايسىزلەر.
كۆرگەنسىزلەر بەزى كىشلەر ئاتا-ئانىسنى ئۇرغان ئىدى،
ھەقسىز كۆرۈپ،ھاقارەتلەپ كۆپ ئەسكىلىك قىلغان ئىدى،
بۈگۈنكى كۈندە باللىرىدىن بىر مۇش ئۈچۈن ئوننى يىدى،
مۇنداقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ پەرمانىنى تۇتقايسىزلەر.
سەككىز جەننەت ئانىڭىزنىڭ تاپىنىنىڭ ئاستىنىدا،
بۇ مېنىڭكى سۆزۈم ئەمەس ئېيتتى ئۇنى ھەق مۇستاپا،
ئانىڭىزنى رازى قىلماي مەدىنىگە بارغان بىكار،
ئاتا-ئانا رازى بولماي جەننەت يۈزى كۆرمەيسىزلەر.
ئون ئاي،ئون كۈن قۇرساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ باققان،
يىمەي يىدۈرۈپ،كىيمەي كىيدۈرۈپ جاپا تارتقان،
سىزلەرنى دەپ كىشلەر بىلەن يۈز قىزارتقان،
ئاناڭلارنىڭ خىزمىتىدە كېچە-كۈندۈز تۇرغايسىزلەر.
سىلەرنى دەپ ياخشى كەيمەي،تاتلىق يىمەي پۇل توپلىغان،
تاپقان پۇلغا سەرەم ئېلىپ،بالامنىڭ دەپ ئۆي جابدۇغان،
كىشلەرنىڭ قىزنى تىلەپ ھەش-پەشلەر قىلىپ توي-تويلىغان،
ئاتاڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.
ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بۆشۈكتىكى بالىلارغا،
قاراپ بېقىپ قۇرساق كۆتۈرۈپ بالا تۇققان ئانىلارغا،
بالىلارنى باقىمەن دەپ جاپا تارتقان ئاتىلارغا،
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.
دۇئا-رەخمەت ئالغان كىشلەر بۇ ئالەمدە دۆلەت كۆرگەي،
ھەقتىئالا خەزىنىسدىن يۈزمىڭ بەركەت ئاڭا بەرگەي،
ئۇ ئالەمدە جەننەتلەرنىڭ خالىغىنىغا چاغلاپ كىرگەي،
خىزمەت قىلىپ ئاتا-ئانىغا دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.
تىرىكلىكتە خىزمەت قىلىپ،قازا تاپسا ئىززەت قىلىپ،
ئازنا-پەيشەنبە تەرىك قىلماي قەبرىسىگە ئىزدەپ بېرىپ،
دۇئا-تەكبىر،خەتمە-قۇرئان ساۋابىنى بەخىش قىلىپ،
ئاتا-ئانا روھىغا دۇئا قىلىپ تۇرغايسىزلەر.
نەچچە ئونلاپ ئوغۇل- قىزلار ئاتا-ئانىسنى خارلاپ قويدى،
تىرىكلىكتە قەدرىنى بىلمەي كۆز ئالايتىپ تىللاپ قويدى،
قازا تاپسا ساۋاپ ئىش قىلىپ،ئاتىماستىن تاشلاپ قويدى،
بۈگۈنكى كۈندە خار-زارلىقتا كۈن ئۆتكۈزدى كۆرگەنسىزلەر.
ئاتا-ئانىمىزنى نامرات كۆرۈپ،ساراڭ كۆرۈپ قېچىپ كەتمەي،
نامرات،ساراڭ تۇرۇپ سىزنى باققىنىنى ئۇنتۇپ كەتمەي،
كېسەل بولسا،قېرى بولسا تاشلىۋېتىپ نېرى كەتمەي،
پوق-سۈيدۈك يەپ باققىنىغا لايىق خىزنەت قىلغايسىزلەر.
ئوتتا كۆيدۈرمەي، سۇدا ئاقتۇرماي بېقىپ چوڭ قىلغان،
ياخشى ئات قۇيۇپ مەكتەپكە بىرىپ بىلىم ئالدۇرغان،
بالىغ بولغاندا ھەش-پەشلەر قىلىپ تويىڭىزنى قىلغان،
ئاتا-ئاناڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.
ئاتا-ئانا:-بالا ئۈچۈن تۈگىمەس بەركەت ئۆزى،
ئاتا-ئانا رازى بولسا بالىسى كۆرمەس خارلىق يۈزى،
نەگە بارسا ئەزىز بولۇپ يەردە قالماس قىلغان سۆزى،
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ئىززەت-ئىكرام قىلغايسىزلەر.!!!
********
ئاتا-ئانا يولداشلارمۇ سۆزلىرىمگە قولاق سېلىڭ،
بالا باقماق شەرىئەتتە پەرىز ئىرۇر بۇنى بىلىڭ،
بالىلارنى كۆپ تىللىماي ئەدەپ بىلەن ئادەم قىلىڭ،
بۇ نەسىھەتنى سىزگە قىلدىم ئوبداق قۇلاڭ سالغايسىزلەر.
بالىلارغا ئىكرام قىلماق ئىبادەتنىڭ ئەۋۋىلىدۇر،
ئەدەپ-ئەركان ئۆگەتمەكلىك دىيانەتنىڭ ئەۋزىلىدۇر،
ئىنسابىغا دۇئا قىلماق مۇسۇلمانلىق بەلگىسىدۇر،
ئاتا-ئانا دىققەت قىلىپ كەلگۈسىنى ئويلىغايسىزلەر.
بالىلارغا قىلىپ نەسىھەت،ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەتمىسەك،
مەكتەپكە بىرىپ ئىلىم-بىلىم بىرەر پەننى بىلدۈرمىسەك،
ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بىرىپ ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگەتمىسەك،
خارلىق تارتسا سىزگە قانداق خىزمەت قىلۇر بىلگەيسىزلەر.
نۇرغۇنلىغان ئوغۇل-قىزنى ئاتا-ئانىسى مەكتەپ بەرمەي، ¬
ئەدەپ-ئەخلاق،دىن-شەرىئەت ئەركانلاردىن تەلىم بەرمەي،
ھۈنەر-تېخنىك،ئىلىم پەندىن، سانائەتتىن خەۋەرلەنمەي،
جاپا-مۈشكۈل،جاھالەتتە يۈرگىنىنى كۆرگەنسىزلەر.
ھەر بىر ئىنسان مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇمىسا يول تاپالماس،
بىرەر ھۈنەر-تېخنىكا بىلمىگەنلەر پۇل تاپالماس،
كۈچتىن قېلىپ ،ئىش ئەمگەكتىن قالغىنىدا پۇل تاپالماس،
شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ھۈنەرگە،مەكتەپكە بەرگەيسىزلەر.
بالىلارنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش بەكمۇ زۆرۈر،
ئەدەپ-ئەخلاق،ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگۈتۈش مۇھىم ئىرۇر،
بالىلارغا ھەممە كۈلپەت بىلىمسىزلىك يولىدىن كېلۇر،
جامائەتلەر سىيىت نوچىدىن قاتتىق ئىبرەت ئالغايسىزلەر.
سىيىت نوچىمۇ خەت بىلگەن بولسا گۇناھسىز ئۆلمەس ئىدى،
ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ كەلمەس ئىدى،
باش كېتىشنى بىلسە خەتنى ئامبالغا بەرمەس ئىدى،
ئىبرەت ئېلىپ بالىلارنى مەكتەپكە بەرگەيسىزلەر.
بالىلارنى كۆپ قارغىماي ئەدەپ بىلەن ئادەم قىلىپ،
قالايىمقان سەت تىللىماي داۋلى بىلەن قايىل قىلىپ،
ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرسە قوغلىۋەتمەي سەۋرى قىلىپ،
رەسۇللا سۆزىنى ئويلاپ ياخشى پەرۋىش قىلغايسىزلەر.
ئاتا-ئانا پەرزەنتىدىن دائىم رازى بولماي يۈرسە،
ئەر خۇتۇندىن رازى بولماي،قۇل خۇجۇسدىن قېچىپ يۈرسە،
ئىككى مۇسۇلمان دىنىنى تۇتۇپ كىشى ئەيبىنى ئېچىپ يۈرسە،
نامىزى قۇبۇل بولمايدۇ دەپ رەسۇل ئېيتتى بىلگەيسىزلەر.
ئاچچىققا بىز سەۋرى قىلماي بالىلارنى قارغاپ قويساق،
بىزدىن كېيىن خارلىق تارتىپ،يۈرسە جىندەك ھەم ئاچ قورساق،
قانداق بىزنى ياد ئېتىدۇ ئەجەل يىتىپ ئۆلۈپ قالساق،
ئاتا-ئانىلەر بۇ سۆزۈمنى ئوبدان ئويلاپ باققايسىزلەر.
نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قارغىۋەتتى،
ئۇ بالىلار كېيىنكى كۈندە جان باقالماي ئازاپ تارتتى،
ئوغۇرلۇق قىلىپ بىر قانچىسى،تۈرمىلەرگە كىرىپ ياتتى،
شۇنداقلارغا نەزەر تاشلاپ ياخشى دۇئا قىلغايسىزلەر.
*********
ئەمدى يەنە سۆزلەپ باقاي ئەرـ خۇتۇنلار ئەھۋالىدىن،
ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم- قوشنا،قۇدا-بالا ئەپئالىدىن،
ھەر سۆزۈمنى ئاڭلىغاندا خەۋەر تاپقاي ئۆز ھالىدىن،
باشلىدىممەن سۆزلىرىمنى دىققەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر.
بەزى دوستلار نىكاھىمدا دەپ زورلۇق قىلىپ ئايالىغا،
ئۇرۇپ-تىللاپ نېمە كەلسە شۇنى قىلىپ خىيالىغا،
ماڭا ئوخشاش ئەر بارمۇ دەپ پەخىرلىنىپ سالايىغا،.
ئاياللارنى خارلاپ كەلدۇق بۇنداق ئىشتىن يانغايسىزلەر.
ئاياللارنىڭ تېنى ئاجىز تاياق سالساق كۆتۈرەلمەس،
زىنا-ھارام ئىش قىلمىسا ئۇرۇپ تىللاش راۋا ئەمەس،
ئاجىزلارغا زۇلۇم قىلىش شەرىئەتكە توغرا كەلمەس،
بۇ سۆزۈمنى قۇبۇل قىلىپ سەۋىرچانراق بولغايسىزلەر.
ئاياللارنىڭ ئەر زىممىدا نەچچە تۈرلۈك ھەققى باردۇر،
ئۇنى ئادا ئەتمەي تۇرۇپ خۇتۇن ئۇرۇش ناراۋادۇر،
شەرىئەتسىز خۇتۇن ئۇرساق گۆر ئىچىدە ئازاپ باردۇر،
شەرىئەت ھۆكۈمى مۇشۇنداقتۇر بۇرادەرلەر ئىشتكەيسىزلەر.
گەپ تالىشىپ،تاكالىشىپ خۇتۇنلەرنى ئۇرۇپ قويۇش،
ئاچچىق كەلسە تالاق قىلىپ ئۆيىمىزدىن ھەيدەپ قۇيۇش،
ئۇرۇپ بولۇپ خىجىل بولماي بىر ئورۇندا يېتىپ قوپۇش،
خۇتۇن ساقلاش قائىدىسى ئەمەستۇر ئۇ بىلگەيسىزلەر.
خۇتۇنلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئىش ئەمگەكتە بىللە يۇرسە،
ئىشتىن كەلسە،ھاردىم دېمەي تاماق ئېتىپ بەرسە،
يەنە سىزدىن بالا تۇغۇپ ئۆيىڭىزنى تۇتۇپ بەرسە،
ئۇنى ئۇرۇش توغرا ئىشمۇ ئوبدان ئويلاپ باققايسىزلەر.
خۇتۇن دېگەن ئەر كىشىنىڭ بېشىدىكى چوڭ دۆلىتى،
خۇتۇن كىشى ياخشى بولسا ئۆسەر ئەرنىڭ ئىناۋىتى،
كامال تاپقاي كۈندىن-كۈنگە،ئىمان-ئىسلام ئىبادىتى،
بۇرادەرلەر خۇتۇنلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلغايسىزلەر.
ئەر-خۇتۇنلار ئىناق ئۆتسە ئۆي ئىچىگە بەركەت كىرۇر،
ھەقتىئالا نەزەر قىلىپ پەرىشتىلەر شەپقەت قىلۇر،
ئۆلۈپ بارسا گۆر ئىچىگە مۇنكىر-نەكىر شەپقەت قىلۇر،
ئىناقلىقنىڭ پايدىسى كۆپ،ئىتپاقلىشىپ يۈرگەيسىزلەر.
بەزى دوستلار ئاچچىقىدا خۇتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلدى،
ئارقىدىنلا چىدىيالماي يول ئېچىشقا پىلان قىلدى،
باشقا كىشگە نىكاھ قىلىپ سەۋرى قىلماي تاياق سالدى،
قاتىل بولۇپ تۈرمىلەرگە كىرىپ ياتتى بىلگەيسىزلەر.
خۇتۇن كىشىنى تالاق قىلسا ئەرشى كۇرسى لەرزى قىلۇر،
يەر ۋە ئاسمان،پەرىشتىلەر خۇدايىمغا ئەرىز قىلۇر،
ھەقتىئەلا ئۇنداق كىشىگە بەچچە تۈرلۈك بالا بىرۇر،
شەرىئەتنىڭ ھۆكمى شۇنداق قۇلقىڭىزدا تۇتقايسىزلەر.
ئاچچىققا بىز سەۋرى قىلماي خۇتۇنمىزنى تالاق قىلساق،
بىر-نەچچە يىل تۇتقان ئۆينى ئاچچىقنى دەپ خاراپ قىلساق،
بالىلارنى يىتىم قىلىپ غەم قايغۇغا سېلىپ قويساق،
بىر كۈن كېلۇر جان ئالغۇچى ئاندا قانداق قىلغايسىزلەر.
خۇتۇن-بالا،ئەر كىشىگە كېچە كۈندۈز يار ئەمەسمۇ،
خۇتۇنى يوق،بالىسى يوق كىشلەر ھەردەم خار ئەمەسمۇ،
خۇتۇن ئېلىپ،خۇتۇن قويساق تويلىقىغا پۇل دېمەسمۇ،
بۇرادەرلەر خۇتۇن بالىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلگەيسىزلەر.!!!
*********
ئاياللارمۇ قۇلاق سېلىڭ ھەممە گۇناھ ئەردە ئەمەس،
ئەر ئەمرىنى تۇتماي يۈرۈش شەرىئەتكە توغرا كەلمەس،
ئەرنى رازى قىلمىغىچە سىزگە جەننەت راۋا ئەمەس،
شەرىئەتتە شۇنداق ئىرۇر ئەردىن دۇئا ئالغايسىزلەر.
ئەر بەرگەنگە شۈكرى قىلماي يەنە چوڭنى تەلەپ قىلساق،
قولىدا بار-يوق،كارىمىز يوق كىيىم بەر دەپ قىستىۋالساق،
سەۋرى قىلغىن خۇتۇن دېسە‹‹خېتىمنى بەر››دەپ ئېسىلۋالساق،
ئۆلسەك گۆردە مۇنكىرـ نەكىر ئازاپ قىلۇر بىلگەيسىزلەر.
ئېرىمىزدىن رۇخسەت ئالماي بازار-كوچا كىزىپ يۈرسەك،
‹‹نەگە باردىڭ؟›› دەپ سورىسا،نىيەتنى بۇزۇپ يۈز ئۆرىسەك،
ھەدەپ تىللاپ ھەم ئۇرۇشۇپ ئەل ئالدىدا يۈز چۈشۈرسەك،
قىيامەتتە ئوتلۇق دارغا تىلدىن ئاسار بىلگەيسىزلەر.
ئەرنىڭ ئۆيىنى ئوبدان تۇتماي قالايىمقان بۇزۇپ چاچساق،
ئەر يىراققا كېتىپ قالسا،غەيرى بىلەن كۆڭۈل ئاچساق،
غىزا-تاماق ئېتىپ بەرمەي،ئېرىمىزگە تۈكرۈك چاچساق،
قىيامەتتە دوزاق ئىچىدە يىرىڭ-زەرداپ ئىچكەيسىزلەر.
ئەر خەۋەرسىز ئۆيىمىزگە غەيرى كىشلەر كىرىپ چىقسا،
قۇلۇم-قوشنا،ئۇرۇق-تۇققان ئۆتنە-يېرىم ئېلىپ چىقسا،
ياكى خۇتۇن ئېرىگە دېمەي ئانىسى يېنىغا بېرىپ چىقسا،
ئۆلسە يۈزمىڭ ئازاپ كۆرگەي ئانداق خۇتۇن بىلگەيسىزلەر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي خۇتۇنلەر ئەر خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ،
ئۆزۈمىزنى نامەھرەمدىن،يامان ئىشتىن پىنھان قىلىپ،
ئەر ھەققىنى ياخشى ساقلاپ،رازى قىلىپ دۇئا ئېلىپ،
ئىككى ئالەم دۆلىتىنى قولغا ئېلىپ يۈرگەيسىزلەر.!!!
***********
بۈگۈنكى كۈندە قۇدا –بالىلار ھايا قىلماس بولۇپ كەتتى،
بىر جوزىدا ھاراق ئىچىپ ئاتا-بالىلىق يولنى ئەتتى،
شۇڭا بۈگۈن كۈيئوغۇلنىڭ ھالى چوڭ بولۇپ كەتتى،
ئەي قۇدىلەر مۈگدەپ قالماي ھۇشىڭىزنى تاپقايسىزلەر.
ئاتا ئۆزىنى ئېسىل تۇتسا كۈيئوغۇلمۇ ھۆرمەت قىلۇر،
ئاتا-ئانىغا قاراپ بېقىپ قىزلىرىغا ئىززەت قىلۇر،
قۇدىلىرىدىن ھايا قىلىپ ئۆزلىرىگە دىققەت قىلۇر،
بۇ سۆزۈمنى ئويلاپ بېقىپ ئېسىل سۈپەت بولغايسىزلەر.
قۇدا-بالا ھايا قىلماي تاماكىنى بىللە چەكسەك،
ھېيىت-ئايەمدە،بايراملاردا بىر جوزىدا ھاراق ئىچسەك،
كۈيئوغۇل قانداق بوي سۇنىدۇ بىزلەر ئاڭا تەنقىد بەرسەك،
بۇ سۆزۈمنى بۇرادەرلەر ئوبدان ئويلاپ باققايسىزلەر.!!!
*********
كۈيئوغۇل ۋە كېلىنلەرمۇ ئاتا-ئانىدىن ھايا قىلىپ،
ئەجەل كېلىپ ئۆلۈپ كەتسە تاشلىماي دۇئا قىىلپ،
ئازنا،پەيشەنبە تەرىك قىلماي قەبرىسىگە يوقلاپ بېرىپ،
ئاتا-بالىلىق بۇرچىڭىزنى كامىل ئادا قىلغايسىزلەر.
قىين ئاتا،قىيىن ئانىنى ئۇرۇپ تىللاپ ئازار قىلساق،
بالا تۇغۇپ چوڭ قىلغانغا تويغۇزۇپ بىزار قىلساق،
كېيىن بىزمۇ بالا تېپىپ،چوڭتىپ توينى قىلساق،
كۈيئوغۇل-كېلىن بىزگە ھەم شۇنداق قىلۇر بىلگەيسىزلەر.
قانداق كىلىن قىيىن ئاتا،قىيىن ئانىغا جاۋاپ قىلسا،
ئەدەپ ساقلىماي ئېغىزنى بۇزۇپ چاچ-ساقىلغا ئېسىلۋالسا،
بۇ دۇنيادا ئەر تاپالماس تىلى تۇتۇلۇر ئۆلۈپ بارسا،
ئەي كېلىنلەر بۇنداق ئىشلار بولسا تېزراق يانغايسىزلەر.
سىزنى كېلىن قىلىمەن دەپ مال،كالىسى،قوينى ساتقان،
ئاتا-ئانىڭىزغا خوشامەت قىلىپ بىر-نەچچە ۋاق يۈز سارغايتقان،
تويىنى قىلىپ بىر يىلغىچە ھەش-پەش قىلىپ يۈز سارغايتقان،
قىيىن ئاتا-قىين ئانىڭىزغا ياخشى خىزمەت قىلغايسىزلەر.
كۈيئوغۇلمۇ قىيىن ئاتا-قيىن ئانىسنى تىللاپ قويسا،
قىزنى بەرگەن گۇناھىغا چاچ-ساقىلنى يۇڭداپ قويسا،
‹‹خۇتۇنۇمنى بۇزدۇڭ سەن›› دەپ گالدىن سىقىپ مۇشتلاپ قويسا،
خۇدا ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ بۇرادەرلەر بىلگەيسىزلەر.
ئون نەچچە يىل جاپا تارتىپ قىز چوڭىتىپ سىزگە بەرگەن،
كۈيئوغۇلۇم دەپ ھۆرمەت قىلىپ،ئۆينىڭ تۆرىدىن ئۇرۇن بەرگەن،
خالايىققا ھەدەپ ماختاپ سىزنى ياخشى دەپ كۆتەرگەن،
قىيىن ئاتا-قىيىن ئانىڭىزغا ياخشى ھۆرمەت قىلغايسىزلەر.!!!
*********
ئاتا-بالا،ئۇرۇق تۇققان،قوشنا ھەققى باراۋەردۇر،
ھەر بىر كىشىگە تۆت تەرەپتىن،قىرىق ئۆيلۈكتىن دۇئابەردۇر،
ئۇلار ھەققى ئادا قىلماي جەننەت كۆرمەك ناراۋادۇر،
ئۇرۇق-تۇققان،قوشنا ھەققى كامىل ئادا قىلغايسىزلەر.
بىلىڭلاركى ئۇرۇق-تۇققان،قۇلۇم-قوشنا سوغاقلاشساق،
پۇل-مال ئۈچۈن داۋالىشىپ،يۈز ئۆرۈشۈپ يىراقلاشساق،
خار بولۇرمىز ھامان بىر كۈن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالساق،
شۇ كۈنلەرنى كۆزدە تۇتۇپ،ئىناق-ئىتپاق بولغايسىزلەر.
تۇققانلاردىن يۈز ئۆرىسەك،كېسەل بولساق خەۋەر ئالماس،
قوشنىلارغا ئازار بەرسەك نامىزىمىزغا ئادەم بارماس،
ئۇنداق كىشىگە ھەقتىئەلا ئىككى ئالەم نەزەر سالماس،
ئۇرۇق-تۇققان،قۇلۇم-قوشنا ئىتپاقلىشىپ ئۆتكەيسىزلەر.
كۆردىڭىزلەر نۇرغۇن كىشى تۇققۇنىدىن بىزار بولدى،
قوشنىلارغا زىيان سېلىپ،چىتنى بۇزۇپ.يەرنى شىلدى،
ئاخىرى باشقا كۈن چۈشكەندە ھەسرەت چېكىپ،پۇشمان قىلدى،
كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەي،دەرتتە كەتتى بىلگەيسىزلەر.
ئۇرۇق-تۇققان،قۇلۇم قوشنا ئۆلۈپ كەتسە ئاداۋەتتە،
يىلان-چايان ئازاپ قىلغاي قۇيۇلغاندا تار لەھەتكە.
تىلنى چايناپ ھەشىر بولۇر روزا-مەھشەر قىيامەتتە،
شۇ ئازاپنى ئويلاپ بېقىپ ئىتپاقلىشىپ يۈرگەيسىزلەر.!!!