مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 839|ئىنكاس: 6

رەيھانگۈلنىڭ رەيھانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 03:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەيھانگۈلنىڭ رەيھانلىرى


ئابدېرىشىت ئېلى


شېئىرنى بىر دېڭىزغا ئوخشىتىمەن.چەكسىز كەتكەن كۆپكۆك دېڭىز قىرغاقتىكى كىشىلەرنى مەھلىيا قىلىپ، كۆڭلىگە ئارام بەخش ئەتكىنىدەك، ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر ئەنە شۇ دېڭىزغا ئوخشاش دىللارنى لەرزىگە سېلىپ كىشىگە ئالەمچە ھوزۇر بېغىشلايدۇ.
دېڭىزنىڭ سىرتقى گۈزەللىكىدىن زوق ئالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئىچكى تەرىپى بىر سىر. بىر ئادەمگە دېڭىزنىڭ كۆپكۆك سۇلىرىنى،يۈزلىرىدىكى چىرايلىق جىمىرلاپ تۇرغان دولقۇنلىرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىش كۇپايە قىلسا،يەنە بىر ئادەم ئۇنى سىرتىدىن كۆرۈش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي دېڭىزغا چۆكۈپ ئاشۇ گۈزەللىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكۈسى كېلىدۇ. ئۇ يەردە بىز ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان، سىرتقى ھالىتىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق گۈزەللىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىنتىلىش كۆڭلىمىزدە بىر ئىستەك پەيدا قىلىدۇ، ئۈمىد ۋە ئىنتىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاشۇ سىرلىق مەنزىرە ئىچىگە ئاستا-ئاستا شۇڭغۇيمىز. بۇ بىر جاپالىق يول،چۈنكى دېڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تىگىگە يىتىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىشى بىزگە نامەلۇم، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن سەۋرچان بولۇش بىلەن بىرگە،سۇ ئۈزۈشنىمۇ ياخشى بىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ بىز مەنزىلىمىزگە يەتكۈچە يولۇقىشىمىز مۇمكىن بولغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئەڭ ياخشى قورال، شۇنداقلا بىزنىڭ مەنزىلىمىزگە تېز يىتەلىشىمىزدىكى بىردىنبىر ئامىل؛
مەنمۇ دەل شۇ دېڭىزنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى بىلىشكە ئۇرۇنىۋاتقان يېڭى يولۇچى. مۇساپەمنىڭ ئۇزاقلىقى، ماڭا كەلگەن سىناقلار يولۇمنى توسۇشقا، ھەرىكىتىمنى كەينىگە تارتىپ مېنى يولۇمدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئەلۋەتتە مەن بىلەن بىر نىيەتتىكى  سەپەرداش دوستلىرىمنىڭ ياردىمىگە ۋە ئالدىمدا بىر يولباشچىقمنىڭ ماڭا يول كۆرسىتىشىگە مۇھتاج بولىمەن.
دوستلىرىمنىڭ مەدىتى ۋە ياردىمى بىلەن كۈچلەندىم، دىلغۇل كۆڭلۈمگە ئىلھام بەردىم. ئۇستازلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن بۇ مۇساپىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىيالايدىغىنىمغا ئىشىنىۋاتىمەن.
***                           ***                           ***
ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلىسەم مېنىڭ تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئالاھىدە نەتىجەممۇ يوق ئىكەن، شۇنداقتىمۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۆزۈم توغرىسىدا بىر ئاز توختىلىپ ئۆتۈشىمگە توغرا كەلدى.
مەن 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى لوپنۇر ناھىيسىدە ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئۆز يۇرتۇمدا تاماملىدىم. شۇ قىسقىغىنە ئوقۇش ھاياتىمدا كۆڭلۈمگە نۇرغۇن شېرىن ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ يۈرگىنىمدە، ئائىلە شارائىتىمىز سەۋەبلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئوقۇشتىن چېكىنگەندىن كېيىن، دادام، ئاپام ھەر ئىككىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، گاھىدا ئۆيدە ئاپامغا ياردەملەشسەم، گاھىدا ئاكا-ھەدىلىرىم بىلەن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم. ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى ئارزۇلىرىمنى ئويلىسام يۈرىكىم ئېچىشاتتىيۇ، ئاتا-ئانامنىڭ بىز توققۇز بالىنى دەپ تارتقان جاپالىرىنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىگىنىمنى ئويلىسام كۆڭلۈم بىر ئاز تەسكىن تاپقاندەك بولاتتى. مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىلا ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن ئىدىم ۋە دائىم مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتىم، شۇڭا بۇ مەزگىللەردىمۇ كىتاب ئوقۇشنى توختىتىپ قويمىدىم. شۇ مەزگىللەردە ئوسمانجان ساۋۇت، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرى ئىچىمدە شېئىرغا نىسبەتەن بىر ئوت پەيدا قىلغانىدى. كىيىنچە ئۆزۈممۇ ئانچە-مۇنچە شېئىرلارنى يازدىم ۋە تور مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلدىم. ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ماڭا تېخىمۇ ئىلھام بولدى.
2011-يىلى 3-ئايدا ئەلكۈيى تورىدا نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نورۇزغا ئاتالغان ئىجادىي ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيتىگە قاتناشتۇرغان «نورۇز كېلىدۇ» ناملىق شېئىرىمنىڭ 3-دەرىجىگە تاللىنىشى ماڭا تېخىمۇ مەدەت بولدى ۋە يۈرىكىمدىكى شېئىر پەيدا قىلغان ئوتنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا تۈرتكە بولدى.
شۇنىڭدىن بۇيان قايغۇلىرىمغىمۇ، خۇشاللىقلىرىمغىمۇ قەلەمنى ھەمرا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئاقكۆڭۈل دوستلىرىمنىڭ ماڭا مەدەت بېرىشى، ئۇستازلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يۈرىكىمدىكى ئوت مەڭگۈ ئۆچمەس گۈلخانغا ئايلانغۇسى!


___ ئاپتوردىن


رەيھانگۈلنىڭ شېئىرلىرى ساددا، يېڭى، جۇشقۇن بولۇپ ھەر بىر مىسرا ئۇدۇل يۈرەككە بېرىپ تىگىدۇ. رەيھانگۈل ئىشلەتكەن مەجازىي ۋاسىتىلەر، ئىماگلار رېسىدە بولۇۋاتقان قىزدەك شۇ قەدەر جەلپكار... بىز بۇ ياش ھەۋەسكارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

___ مەسئۇل مۇھەررىردىن


شېئىرلار


قىش لېرىكىسى


ئەتتىگەنكى يېشىمنىڭ دېغى،
توڭلاپ قاپتۇ مەڭىزلىرىمدە.
غورۇرۇمدەك ئاپئاق ياغقان قار،
يالتىرايدۇ ئېتەكلىرىمدە.


قونۇۋاپتۇ توك سىملىرىغا،
قىش قۇشلىرى كەتمەي ئۆيىگە،
ياپرىقى يوق ئورۇق دەرەخلەر،
ئىرغاڭلىشىپ ئوينىشار ئۇسسۇل،
شىۋىرغاننىڭ مۇڭلۇق كۈيىگە.


گاھ،گاھىدا ئاڭلىنىپ قالار،
شىۋىرغاننىڭ ھۇۋلىغان ئۈنى،
شۇ شىۋىرغان ئېپ كېتەر قىشنى،
قار يېغىشتىن توختىغان كۈنى.


بەست تالىشىپ ئاق بۇلۇت بىلەن ،
كېرىلىشەر ئاپئاق چوققىلار،
قىش پەسلىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن ،
يۈتۈپ كېتەر نەمخۇش توپىلار.


قار يېغىشتىن توختىغان كۈنى ،
قىش كېتىدۇ بۇندىن يامانلاپ ،
زىمىستاننىڭ ئاخىرقى تۈنى،
قارمۇ كېتەر سوغۇقلارمۇ ھەم ،
مومىسى بىلەن قىلىشىپ چاخچاق،
يوقلاپ كېلەر ئۆيۈمگە مېنى،
سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق.


ۋاقىت


تۇغۇلدۇم تەڭ ۋاقىت بىلەن ،
ئۆمىلەپ،ئۆمىلەپ ھاردىم،
باردىم بىر دەرۋازىغا،
قارشى ئالدى مېنى گۈزەل
ياشلىق پەرىسى،
مەپتۇن بولدۇم ئاڭا ھەممىدىن،
كېپىنەكتەك ياكى شامالدەك ،
كۆڭلۈم لەيلەر گۈللەر ئارسىدا،
قونۇۋالدىم تۇيدۇرماي ئاستا،
ياشلىق پەرىسىنىڭ چاچلىرىغا،
بەھوزۇر ئايلاندىم گۈللەر ئارسىنى،
قانغۇچە ھىدلىدىم گۈللەر ھىدىنى،
گۈللەر بەرگىدىكى سۈزۈك شەبنەم،
ئەسلىتەر مەن تۇغۇلغان تاڭ پەيتىنى .
بىر چاغ زېرىكىپ سەيلە قىلىشتىن،
قايتماق بولدۇم كەينىمگە ئاستا،
ئەپسۇس...
تاپالمىدىم كەلگەن يولۇمنى،
ئۆچۈرۈپتۇ ۋاقىت ئىزىمنى،
ئۆچۈرۈپتۇ ،ھەممە-ھەممىنى.
تېڭىرقاپ قالدىم بىر مەھەل،
ئۆمۈدۈم ئۆچتى شۇئان،
كۆزلىرىمنىڭ نۇرىدەك خىرە،
يورۇتالماس كۆڭۈل ئۆيۈمنى،
ئەسلەپ قالدىم ياشلىق چېغىمنى،
ئەسلىدىم مەن ئۈچۈن قەدىرسىزلەنگەن
گۈزەل بېغىمنى.
قايتماق بولدۇم كەينىمگە يەنە ،
ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،
تاپالمىدىم كەلگەن يولۇمنى،
ئۆچۈرۈپتۇ ۋاقىت ئىككىنىچى ئىزىمنى.
كىچىككىنە ئۆمۈدكە بولۇپ خوجايىن،
مېڭىپ ،مېڭىپ ھاردىم،
باردىم بىر دەرۋازىغا،
ئەمما مېنى قارشى ئالغىنى
بولدى بىر قاقاس چۆللۈك،
يىقىلدى بېشىمغا بىر تاغ،
ئازابلار تىتمىلار يۈرەكلىرىمنى،
پۇشايمان ۋە تەمتىرەش،ئاۋۇتار يۈرەك يارامنى.
تېڭىرقاپ قالدىم يەنە بىر مەھەل،
ئويلانماقچى بولۇپ ئۆزۈم توغرىلىق،
ئەمما،ئەپسۇس بۇ نۆۋەت
تاپالمىدىم ئۆزۈمنى،
كۆرەلمىدىم بۇرۇنقىدەك
گۈل يۈزىدىن ئەكسىمنى.
ئاھ،ۋاقىت!
قەيەرلەرگە چۆرىدىڭ ياشلىق گۈلۈمنى؟
قايتۇرۇپ بەر ماڭا ھەممىنى.
مەن ئازابنى،ئازاب مېنى يەۋاتقان شۇ چاغ،
ۋاقىتنىڭ قولىدا كۆردۈم ئۆزۈمنى،
يۇلقۇنۇپ بوشاندىم ئاخىر ۋاقىت قولىدىن،
تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى،
تۇتقۇن قىلغۇچە مېنى ئازاب
مۆكۈۋالدىم ۋاقىتنىڭ كەينىگە ئاستا،
خالىمىغاچ بولۇشنى تېخىمۇ خاراب.


تەشۋىش


پۇرايدۇ ئەتراپتىن بىر مۇدھىش پۇراق،
ھويلىنى قاپلىغان يىغا-زار پىراق.
يىغلار ھەم بۆشۈكتە بەش كۈنلۈك بوۋاق،
ئويلىدىم:« ئۆچۈپتۇ بىر نۇرلۇق چىراق.»


ئىدىغۇ ئۇ كىشى كۆڭلى بەكمۇ ئاق،
مىجەزى ئوچۇق ھەم مۇلايىم،سالماق.
ھەمسۆھبەت بولسىڭىز سۆزلىرى« قايماق»،
ئىلىم ۋە ھۈنەرگە يۈرىكى چاڭقاق.


ھەيرانمەن ئالدىمدا بىر غەمسىز سىياق،
تۇراتتى چىرايى ئەلەمدىن يىراق.
تېنىدىن گۈپۈلدەر سېسىق مەي،ھاراق،
قاراشتا تۇرسىمۇ بىر ئوبدان، ساپساق.


ياش چىقماس كۆزىدىن كاللىسى «قاپاق»،
شۇ ھامان ئويلىدىم كۆڭلۈمدە مۇنداق:
«بولسىمۇ بالىمىز تاتلىق ھەم ئۇماق،
نەسىھەت ئاڭلاشقا بولمىسا قۇلاق.


بۇ تاتلىق ھاياتمۇ بىلىنەر قىرتاق،
غېمىنى يەيمىزغۇ ئولتۇرساق قوپساق،
نىمىشقا ئۆزىنى خار قىلار بۇنداق ؟
ئەۋلادلار تونۇسا ھاراقنى «قايماق»،
مۇقەررەر ھاياتنىڭ گۈللىرى سۇلماق.


بوپ قالسا بالىلار يۈرىكى «قۇرغاق»،
دۇئامۇ قىلارمۇ قەبرىدە ياتساق.
جەننەتمۇ ،دوزاقمۇ بارارمىز قاياق،
دۇئاسىز قەبرىدە ئۈنمەيتى قىياق.
قانداقمۇ قىلارمىز شۇ كۈنگە قالساق،
بۇنى بەك بىلگۈم  بار تاقىتىم بەك تاق.


سۆيگۈ ۋە نەپرەت


ھايات ۋە ئەجەلنىڭ بوسۇغىسىدا،
تۇرۇپ قالدىم نەپرەت بىلەن يانمۇيان.
بوغۇلغاچ شادلىقنىڭ تومۇرى قىلدا،
ئاقالماس تومۇردا دولقۇن ياساپ قان.


كۆۋەجەپ ئاققىنى قىزىل قان ئەمەس،
سۆيگۈدىن كۆز ئاچقان باشقا بىر جاھان.
شۇڭلاشقا نەپرەتلەر چۇلغىسا دىلنى،
ئاڭلىنار يۈرەكتىن دەھشەتلىك چۇقان.


ئۆتمۈشنىڭ بېتىنى ۋاراقلاپ شامال،
كۆڭلۈمنىڭ قېتىدا يۈرەر خىرامان.
سۆيگۈنى ئۇنۇتقان يۈرەكلەر ئەمدى،
ئۆتمۈشتەك بىر نەۋبە سۈرەلمەس دەۋران.


يېشىم ئۇپقۇنىدا يۇيۇنۇپ بۇ دەم،
سۆيگۈدىن تۇغ ئېسىپ كۆتۈردۈم غەليان.
ئەزەلدىن سۆيگۈگە بولمىغاچ تەڭداش،
نەپرەتنىڭ يۈزلىرى بولدى زەپىران.


چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام گەر


چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام گەر،
ئۇخلاۋەرگىن ئويغانما زىنھار.
بېزەپ قوياي خىيال خانەڭنى،
جۇدۇنلاردا بوپ قالمىسۇن خار.


ئويغانمىغىن شاماللار بىلەن،
چۈشلىرىڭگە ئۇچۇپ كىرەي مەن.
خىيالىڭنىڭ دېرىزىسىنى ،
يېنىككىنە چېكىپ كىرەي مەن.


ئويغانمىغىن ،شىۋىرلاپ تاتلىق،
غەزەل ئېيتىپ بېرىمەن تېخى.
خاتىرەڭدىن ئۆچسە كەچمىشىڭ،
قايتا پۈتۈپ قويىمەن تېخى.


نەقىش قىلىپ يۈرەكلىرىڭگە،
مېھرى ئۆچمەس بىر تاتلىق چۈشنى.
بېرىپ ساڭا ئىسسىق باھارنى،
ئېلىپ كېتەي زىمىستان قىشنى.



پۇشايمان


دەپنە قىلدىم مۇھەببىتىمنى،
بىز ئايرىلغان ئاشۇ كوچىغا.
قەلبىمدىكى پۇشايمىنىمنى،
ئالاي ئەمدى قايسى قاچىغا.


كۆزلىرىمدىن قۇيۇلسا قان-ياش،
دەرت-مۇڭۇمنى ئايمۇ ئاڭلىماس.
ۋەھىمىلىك بۇلۇت كەينىگە،
ئۆتۈۋالار ھەتتاكى قۇياش.


پېشايۋانغا ئۇۋا ياسىغان ،
قارلىغاچمۇ يىغلايدۇ مۇڭلۇق.
ئەمدى يۈرەك بوستانلىقىمدا ،
ئېچىلمايدۇ بىرەرمۇ چوغلۇق.



ئۆتمۈشىڭنى ئەسلىمە پەقەت


كۆز يېشىمغا چىلانغان گۈللەر،
ئېچىلىدۇ پورەكلەپ سەھەر.
كۆكلەپ تۇرار قارچۇقلىرىمدا،
ھەر بەرگىدىن تامىدۇ زەھەر.


چاچلىرىمغا قىسىپ قۇياشنى ،
قېچىپ كەتسەم يىراق-يىراققا.
زۇلمىتىدە قارا ئوچاقنىڭ،
كۆيەمسەنكىن مەندەك پىراقتا.


نىگاھىڭدا پاكلانغان قۇياش،
كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ ماڭا.
ئۆتمۈشىڭنى ئەسلىمە پەقەت،
ئۇ بېرەلمەس ۋىسالنى ساڭا.


خەير


ئەجەبكى بىر شام كەبى ئۆچەر بولدۇم،
كۆرۈنمەي كۆزلىرىڭدىن يۈتەر بولدۇم.
كەلسىمۇ مىڭ دەرت-ئەلەم پېشانەمگە،
ساڭا ھالىم بايان ئەتمەي كېتەر بولدۇم.


غەم قىلمىغىن«سېغىنسام گەر نە قىلاي؟» دەپ،
تۈنلەر ئارا ئىزدەر سېنى روھىم مېنىڭ.
ئىشەنمىسەڭ «قىيالمايمەن» دېگىنىمگە،
شاھىت بولۇر يامغۇر كەبى ياشىم مېنىڭ.


مەيىن شامال ئېلىپ كەلسە ھىدلىرىڭنى،
كىرپىكلىرىم قايرىلىدۇ سەن تەرەپكە،
تېرىۋالغىن تارتقىنىڭدا يالغۇزچىلىق،
چىن سۆيگۈمنى چېچىۋەتتىم ھەر تەرەپكە.


گەرچە سەندىن شۇنچە يىراقتا بولساممۇ،
ئەسلەپ تۇرساڭ بەكمۇ يېقىن تۇيۇلىمەن.
ئەگەر مېنى كۆرگۈڭ كېلىپ يىغلاپ سالساڭ،
يۈزلىرىڭگە يامغۇر بولۇپ قۇيۇلىمەن.



ۋىسال


بېقىشىپ يىراقتىن ئوتلۇق نىگاھلار،
يوقالدى بىردەملىك،ئاچچىق سېغىنىش.
قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى كەبى،
قىزارغان يۈزلەردە ئەتمەكتە ئەكىس.


قېپقالدى تەنھالىق مەن كەلگەن يولدا،
تارىتىپ كۆڭلۈمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.
پەرىشان كۆزۈمدە يانغان شۇ ئاپتاپ،

يورىتار ئوخشاشلا سېنىڭ قەلبىڭنى.


مېنىڭدىن بىسوراق كەپسىزلىك قىلىپ،
ۋىسال لۇغىتىنى ۋاراقلار شامال.
تىترىتىپ يۈرەكنى نازۇك بىر تۇيغۇ،
غۇبارسىز يۈرەكنى قىلماقتا قامال.


مۇڭ باسقان يۈرەكتىن كۆۋەجەر تاشقىن،
باغرىڭدىن تۆكۈلسە بىر قۇچاق ۋىسال.
ھېجرانلار تامچىلار مەستخۇش كۆزلەردىن،
ئۇنىڭغا توغانسىز ئېقىن سۇ مىسال.

يولۇچى


قەلبىمنىڭ قېتىدىكى چىغىر يوللارنى،
تەنھا كېزىپ يۈرەر بىر يولۇچى.
ئىزدەپ ئۆزىگە تېنىچ بىر ئۆتەڭ،
ياق،ئۆتەڭ ئەمەس بەلكى بىرمەڭگۈلۈك تۇرغۇ.
تۈندە ئاي شولىسى چۈشكەندە
قونۇپ ئۆتەر كۆڭلۈم ئۆيىدە،
تاڭ خورىزى بەرگەندە سېگنال
قىلار يەنە يولىنى داۋام.
تالاي كۈن ھەم تالاي تۈنلەر
ئىزدەشلەرگە مەھكۇم بولغان.
بىپەرۋا ئۇ ھەممە ھەممىگە،
قورقۇتالماس ئۇنى تاغ-داۋان.
توختاتماس ئۇ يولىنى ھامان.
ئۇ ئازغىشىپ كېتىپ قالغۇچە،
بەرسەم دەيمەن كۆڭۈل قەسرىمدىن،
ئاڭا ئىللىق، گۈزەل بىر ماكان.


ياغلىق دۇكىنى


شايى ياغلىق،يىپەك ياغلىق...
ئايچېھرە، گۈلگۈن قىزلار
تاللىشار ئۆزلىرىگە
ياغلىقلارنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى.
يۇرتۇمدا سەھەردىلا
مانا شۇنداق قىزىپ كېتەر
ياغلىق دۇكىنى.
يېپىقسىز ئېشىكتىن
كۈلۈمسىرەر رەڭدار ياغلىقلار،
دېققىتىنى تارتماق بولۇپ
كوچىدىكى ياغلىقسىزلارنىڭ.
يەنە ياغلىق تاللىشار
قايدىندۇر كەلگەن ياپياش يىگىتلەر
سوۋغات قىلىپ چىرايلىق ياغلىق
ئۇتماق بولار نازۇك كۆڭلىنى
جانان قىزلارنىڭ.
خېرىدارىغا ياغلىقلار ئوراپ
ھېرىپ قالماس
خېنە قويغان چىۋەر قوللىرى،
ياغلىق چىگكەن پىركازچىك قىزنىڭ .


يېشىل پەسىل


ياز پەسلى،
ئەي يېشىل پەسىل
ئوخشىتىمەن سېنى ھاياتقا
ئاستا كېلىسەن،تېز كېتىسەن،
بالىلىقىمدەك،
ياشلىقىمدەك،
تىۋىشىڭنى ئاڭلىسا قارمۇ ،
يىغلاپ كېتەر بوۋاق بالىدەك.
ئاڭلاپ مەنمۇ كۈلكىلىرىڭنى ،
قويدۇم باغقا لالىلەر تېرىپ،
ئارمانلىرىم ئاچاتتى چېچەك،
چىقسا ئەگەر لالەم بىخ يېرىپ.
ياز پەسلى،
ئەي ئېسىل پەسىل،
سەكراتتىمۇ توۋلايمەن زەئىپ،
«نەدىسەن ياز پەسلىم،
يېشىل پەسلىم؟»دەپ.
ھاياتقا قالدۇرۇپ ئۈچلا پەسىلنى،
كېتىمەن سېنىمۇ باقىيغا ئېلىپ.
بۇ ئالەم باغرىدىن قوغلىسا مېنى،
سەن ماڭا بېرىسەن قايتا ھاياتلىق،
بىر چاغ مەن تېرىغان لالە گۈلۈمدەك،
ئۈنەرمەن باغرىڭدا قايتا بىخ يېرىپ.
خۇشچېچەك ئاچىمەن يەنە بىر كۈنى،
شۇ ھالدىن مەڭگۈگە كەتمەسمەن قېرىپ.


ئۆمرۈم


ئۆتكۈزدۈم ئۇشبۇ ئۆمرۈمنى،
گاھ تونۇرغا نان يېقىپ.
گاھىدا يۈرسەم پىيادە،
گاھ پەلەكتە پەر قېقىپ.
بەزىدە ئۇچقانتىم كۆكتە
تولۇنئايغا مۇڭ تۆكۈپ.
كېزەتتىم سامالارنى
يۇلتۇزدەك نۇرلار چېچىپ.
يامغۇرغا قوشۇلۇپ يېغىپ كېتەتتىم،
تاغلارغا،
باغلارغا،
                                قارىغايزارلارغا...
دېڭىزغا قوشۇلۇپ ئۈزۈپ يۈرەتتىم،
ئۆزۈمچە گەپ قىلىپ بېلىجانلارغا.
تاۋلاندىم تەقدىرنىڭ ئوچاقلىرىدا،
تالجىققان يۈرەككە ھاياتبەخش ئېتىپ.
ناخشا ئېيتقاچ يىغلاپ سالاتتىم،
كۈيلىرىمگە ئاچچىق مۇڭ قېتىپ.
ئارمانىم باغلىرىدا سەيلان ئېتىپ،
ئىچىمەن كەچمىشىمدىن شەربەت ئېتىپ.
ئەگەردە كەلسە بەخت قۇچاق ئېچىپ،
ئۆتكەيمەن ھاياتنىڭ قەنتىنى چېقىپ.


كىم بار


بولسىمۇ جاھان كەڭرى،
ھەر كىمگە كۈلۈپ باقماس.
بەختلەر جامىدىن مەينى،
ئىچەلمەستىن كەتمىگەن كىم بار.

ئاتا-ئانا ھايات چېغىدا،
ئازاب،ھەسرەتكە بەند قىلىپ ،
كىيىن ئۆلسە زارۇ يىغلاپ ،
نالە قىلمىغان كىم بار.

ئۆزىدىن ئاقىلنى كۆرسە ،
خۇشامەتتىن ئىگىلىپ .
بار چېغىدا قىلىپ تازىم،
كەتسە غەيۋەت قىلمىغان كىم بار.

بۇ پەلەك تەتۈر شۇنداق،
ئاشىقلارغا ۋىسال يوق.
مەشۇقىنىڭ گۈلخانلىرىدا،
كۆيۈپ كۈل بولمىغان كىم بار.

بەخت قۇشى تۇرسا بېشىڭدا،
بەختىڭدىن قىلما گۇمان.
مەنمۇ بەخت ئەلچىسى ھازىر،
مېنى كۆرمىگەن كىم بار؟

جىمجىت شەھەر

سوزۇلۇپ ياتىدۇ جىمجىت شەھەردە،
داستانلاردەك ئۇزۇن بىر كوچا.
ئادەملىرى شۇنچىلىك سۇلغۇن،
مۇڭسىرايدۇ تۈننىڭ قوينىدا.


قاۋىمايدۇ ئىتلىرى تۈندە،
ياكى نەغمە ياڭرىماس كۈندە.
ۋۇجۇدى سوۋۇغان مۇز پارچىسىدەك،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ ياكى كۈلۈشنى،
ئاپتاپتا بىمەھەل چىرىگەن چۈشتەك،
ئىزدەيدۇ يوقاتقان تاتلىق ئۆتمۈشنى.


جىمجىت شەھەرنىڭ كوچىلىرى،
قەيەرلەردىن قەيەرگىدۇر تۇتاشقان،
مەۋجۈت ئەمەس شەرق،غەرىپى،
ياكى شىمال ،جەنۇب تەرىپى،
ئادەملىرى يولدىن ئاداشقان.


بۇ شەھەردە ئەۋلاد-ئەۋلادقا،
ئەستىلىكلەر ئېتىدۇ داۋام،
ئەمدى يىغا-كۈلكىسى بىلەن،
بۇ شەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى ،
بۇزار يېڭى تۇغۇلغان بالام.


قېيىنئانام


ئۆتتى كۈنۈم بەخت ئىچرە،
گۈل ھاياتىم سېنىڭ تامان.
ماڭا بەرمەي گېلىڭ ئۆتمەس،
بىر تامچە سۇ، بىر بۇردا نان.


مېھرىبانلىق بابىدا سەن
كامالەتلىك سۇلتان ئانام.
گۆدەكلىكىم سالسا جاپا،
كۈلۈپ قويۇپ «بوپتۇ»دېدىڭ،
قايان بارساڭ ئېلىپ يۈرۈپ،
بىر نان تاپساڭ بىللە يىدىڭ.
غەم –ئەندىشەڭ يوقتۇر پەقەت،
باغلاردىمۇ بولغاچ ھىدىڭ.
ئارزۇ قىلسام ئەگەر ئاينى ،
ماڭا ئېلىپ بېرەر ئىدىڭ.
ئېزھارىمغا قۇلاق سالغىن
ئارام ئالغاچ جېنىم ئانا.
دىلىمغا گەر ئازار يىتىپ،
تۇرۇپ قالسام غەمگە پېتىپ.
ئۆز قىزىدىن چارە كۆرۈپ،
جاھاندا بىر پارە كۆرۈپ،
بېرىپ تەسەل مەڭزىم سۆيۈپ،
يىغا –كۈلكەمگە جۆر بولغان،
ئۆز ئانامدەك قېيىنئانام.
ئېتىپ قويسام تۇز سالماي ئاش،
«ھەسەلدەك ئاش بوپتۇ.»دىگەن،
مەيلى قاچان،قايدا بولاي،
ھامان مېنىڭ  غېمىم يىگەن،
پاسىبانىم ،كۆيۈمچانىم،
شۇنداق ئېسىل قېيىنئانام.
بولۇپ قالسام گاھى بىتاپ،
ئۆز ئانامدەك كۆيۈپ باققان،
ئوتلىرىمدا گۈلخان بولۇپ ،
سۇلىرىمدا سەل بوپ ئاققان،
ئاپئاق كۆڭلۈڭ شاراپىدىن ،
ئارزۇلىرىم قانات قاققان،
مېھرىبانىم،غەمگۈزارىم،
شاد-دىلكىشىم قېيىنئانام.
مېھرىڭ گويا دېڭىز ئوخشاش،
مەۋج ئۇرار دولقۇنلىرىڭ.
قىلار جۇلا مەرۋايىتتەك،
سەن كۈلگەندە تامچىلىرىڭ.
زەررە شەبنەم كۆرسە كۆزۈڭ،
شۇئان بولار جاھان زۇلمەت.
شۇل ئۈچۈنكى رۇخسارىڭدىن ،
گۈل ئېچىلسۇن قېيىنئانام.
بېرىپ تۇرار نامىڭ سېنىڭ ،
تەختتىكى «خان»دىن دېرەك.
جاھاننى ئىزدىسەم بولماس،
ئېسىل ئادەم سەندىن بۆلەك.
ئاياغىڭدا قىلىپ خىزمەت،
بولاي ساڭا يارۇ-يۆلەك.
قايدا بولساڭ ئامان بولغىن،
مېنىڭ ئامراق قېيىنئانام.
ئارزۇ قىلدىم نەچچە يۈز يىل
توغراق يېشىڭنى كۆرۈشكە،
گاھى ئەييام،سەيياھ بولۇپ،
گۈلباغلىرىڭدا يۈرۈشكە.
ئارمانىم شۇ سېنى يۈدۈپ،
ئېلىپ كىرسەم بېھىشكە.
قۇچاق ئېچىپ بەرگىن قولۇڭ،
ماڭا ئامراق قېيىنئانام.
بىلمىدىم بارمۇ يوق رەغدىڭ،
كېلىنىڭنىڭ نىداسىغا،
«چىن پۈتمەيمەن»دېمە ھەرگىز،
يۈرەكتىكى ساداسىغا.
كۆرەلمەسلەر قىلسۇن ھەسەت،
ئىككىمىزنىڭ ۋاپاسىغا،
دۇئا بەرگىن كىيىن مەنمۇ ،
بولاي سەندەك «قېيىنئانا».


سەن يوق


قار ياغقان سەھەردە،
كۆزلىرىم خىرە،
ھېجرانلىرىم ئاقار مەڭزىمنى بويلاپ،
قىياسىمچە سەنمۇ بىناۋا،
مۇڭ باسقان يۈرىكىم چىللايدۇ سېنى،
ۋەھىمە ئىچىدە ئەسلىسەم گاھى.
شۇ تاتلىق چاغلار كەلمەسكە كەتتى،
ئاشۇ ئاپئاق قارلارغا كۆمۈلۈپ شۇ دەم،
شۇ ئاپئاق قارلارغا سالماپتىمىز ئىز،
يا بىردەم چاي ئىچكەچ مۇڭداشماپتىمىز،
ئەمما...
ئەمما يۈرىكىمگە سېلىپ قويدۇڭ ئىز،
يىراقلاردىن بېقىشار كۆزىمىز،
ئۆتەرمۇ كۈنۈم ئەمدى گۈلباھارسىز.
قار ياغقان كېچىدە باغلىرىم تىمتاس،
قاپقارا ئاسماندا ئايمۇ يوق،
يۇلتۇزمۇ يوق.
مۇڭدىشاي دېسەم سەنمۇ يوق.
كۆزلىرىم يەنە خىرە،
تاپالمايمەن سىمايىڭنىمۇ،
قارا بۇلۇت كۆمدىمىكىن ،
ئاي يۇلتۇز بىلەن بىللە.
ئۆمۈدلىرىم يەكسان بولۇپ،
دىلخانەم غەمگە تولۇپ،
تۇرسىمۇ كۆزۈم يورۇپ،
گۈل ئوردامدىن كەلدىم ساڭا
ئورۇن قويۇپ.
چىك،چىك،چىك...
ئولتۇرىمەن تېمىمدىكى سائەتكە قاراپ،
سېنى ئەسلەپ كۈلۈپ قويۇپ.
ئەمدى ھەرگىز ئۇيقۇ يوق ماڭا،
ئۇخلىغىلى تويۇپ،تويۇپ.
سېغىنغاندا كېلەرسەنمۇ ،
ئىشلىرىڭنى قويۇپ تۇرۇپ.
ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس
شاماللار مۇڭلىرىڭنى دەپ،
تىڭشاپ باقتىم...
ئەمما ئەتراپ يەنىلا شۇ قەدەر تىمتاس.
ھە،ئەمدى بىلدىم،
رەھىمسىز تەقدىر ئېلىۋاپتۇ چاڭگىلىغا،
ۋىسال گۈلىنى يۇلۇپ.
ماڭا تۆككەن مۇڭلىرىڭنىمۇ،
خەۋەرچىمىز شاماللارنىمۇ...
شۇ دەقىقە
بەرگلىرىم مۇز بولۇپ قاتقان،
تونالماسسەن كەلسەڭمۇ بەلكىم،
«كىم بۇ؟»دەپ«مۇز تۇتقان مۇڭلار قوينىغا،
غەرق بوپ مەستلەردەك
خىيالغا پاتقان.»
ئىزتىراپ چىرمىغان خىيال ئوردامدا،
شۇنچە تەنھامەن...
ھېجرانلىرىم ئاقار مەڭزىمنى بويلاپ...
مۇڭدىشاي دېسەم سەن يوق...


تۇرمۇش


تۇرمۇش تۇغار
كائىناتنى،
ھاياتنى،
كېلەچەك ھەم گۈزەل ئۆتمۈشنى.
ئەي،تۇرمۇش
كىملەرنى قاخشاتمىدىڭ؟
يىتىملەر يىغلاۋاتىدۇ،
«دادىسىز،ئانىسىز قالدۇق» دەپ،
غېرىپلەر قاخشاۋاتىدۇ،
«بىر بۇردا نانغا زارمىز» دەپ.
زۇلمەتلەرگە قامالغان كۆزلەر،
ھەر كۈنۇ-تۈن يىغلايدۇ شۇنداق،
«قاچانمۇ،
قاچانمۇ يېڭى تاڭغا ئۇلىشارمىز؟ »دەپ.
لېكىن تۇرمۇش يىغلاتمايدۇ پەقەتلا،
توققۇزى تەل ساھىبقىراننى.
ئۇلار بىلەر پەقەت كۈلۈشنى،
ئويلىمايدۇ ئاق نان يىگەندە،
قورسىقى ئاچ،
كۆزلىرى ياش،
يىتىم غېرىبنى.
مېنىمۇ تۇغدى ھەم تۇرمۇش،
باغرى ئېللىق سېھىرلىك،
كەڭ كائىناتقا.
ھايات بىلەن بولۇپ سەپەرداش،
ئاتلاندىم مەن يىراق جەڭگاھقا.

***             ***

تۇرمۇش تۇغار
كادىر،دېھقاننى،
يازغۇچى ھەم شائىر،باغۋەننى.
ھەر كىملەر قاتراشقان ھەر خىل ھەلەكتە،
ئاچچىق-چۈچۈك ھايات يولىنى.
دېھقان يۈرەر ئېتىزمۇ –ئېتىز،
ئالقانلىرى چاك-چاك يېرىلىپ .
ياكى قېلىن توپىلار كېچىپ،
ئالماق بولۇپ بىر داندىن يۈز دان،
چوڭقۇر-چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ.
كۈنلىرى ئۆتسىمۇ ئاددى كەپىدە،
غورۇرىنى قىلىشىپ كەتمەن،
ئىشتىياق بىلەن يەرنى تىلغىشىپ.
ئۇرۇق چاچسا يەرگە تەر تۆكۈپ،
ئارمانلىرى قاقىدۇ قانات،
ئۈنۈپ چىقار ئۇندىن ئاخىرى،
تۇرمۇش تۇغقان سەرخىل مەھسۇلات.
قارشى ئالار قاتار كۆچەتلەر،
باغۋەن كۈلۈپ كىرسە بېغىغا،
جۈپ بېلەكنىڭ مەھسۇلى بولغاچ،
چۈشمەيدۇ كۈن نۇرى بېشىغا.
مەدھىيلەيدۇ يازغۇچى،شائىر،
تۈنلەردىمۇ قولىدا قەلەم،
بولغاچ شۇنداق سادىق كۈيچىسى،
تۇرمۇش ھەرگىز چەكمەيدۇ ئەلەم.
***       ***       ***     

تۇرمۇش تۇغار
قۇياشنى، ئاينى،
تولۇنئاي تاراتقان ئالتۇن نۇرلارنى،
تۇغار يەنە تالاي كۈنلەرنى.
كۈن نۇرى سۆيگەندە دەرەخ- زىمىننى.
باشلىنار ھاياتنىڭ گۈزەل بىر كۈنى.
مەن قىزىمغا شېئىر ئوقۇپ بەرگەن ،
ئاشۇ تىمتاس كېچىنى.
قىزىم بىلەن مەست بوپ شېئىردىن،
ئۇخلاپ قالغان سانسىز يۇلتۇزنى.
تۇرمۇش تۇغار تار كوچىلارنى،
قىستىلىشىپ يۈرىشەر ئۇندا،
مۈدۈرۈلۈپ جاھان كەزدىلەر،
ئىزدەپ ئۆزىگە كەڭرى جاھاننى.

***       ***        ***

تۇرمۇش تۇغار
ئۇستا رەسسامنى،
ئۇ سىزىدۇ
قىزىل،كۆك،ئاق،سېرىق بوياقتا،
ئاق قەغەزگە يېڭى دۇنيانى.
شۇڭا ئۇ تۇرمۇشنىڭ ياخشى ھەمكارى.
يىغلامسىرار قەغەز يۈزىدە،
جەمئىيەتنىڭ ھارغىن پورتېرتى.
جانلاندۇرار تۇرمۇش ئالدىراپ،
قەغەزدىكى جىمجىت رەسىمنى.
تۇرمۇش تۇغار يەنە ۋاقىتنى،
يۈدۈپ يۈرەر چىداملىق ۋاقىت،
ئۆشنىسىگە ھەممە،ھەممىنى،
بىلمەس ئەمما ۋاقىت ئۆمرىدە،
رەزىللىكتىن باشقا نەرسىنى.
نېمە قالدى رەزىل ۋاقىتنىڭ ،
چاڭگىلىدا زۇلۇم كۆرمىگەن؟
نېمە قالدى ۋاقىت يولىدا ،
تاش،تىكەنگە دەسسەپ يۈرمىگەن؟
كىرىپ قالسا ۋاقىت كەينىگە،
دەريالارمۇ ئېقىپ تۈگەيدۇ.
ۋاقىت بېلەن ئۆتسە ئەسىرلەر،
دېڭىزلارمۇ قۇرۇپ تۈگەيدۇ.
كىرىپ قالسا ۋاقىت قوينىغا،
مۇز تاغلارمۇ ئېرىپ تۈگەيدۇ.
يىغلاۋەرسە ۋاقىت قولىدا،
بوۋاقلارمۇ قېرىپ تۈگەيدۇ.
***       ***      ***

تۇرمۇش تۇغار
« ھەممە- ھەممىنى»...


كۆزلىرىمدە تۈنەيدۇ روھىڭ


«سەنسىز قانداق ياشارمەن؟»دەيتتىڭ،
مېنىڭسىزمۇ يۈردۈڭ يىراقتا.
سېغىندىڭمۇ مېنى بىرەر رەت،
ئۆرتەندىمۇ قەلبىڭ پىراقتا.


پۈتۈلگەندۇ بەلكىم بېشىمغا،
يار سېنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاش.
ئاھ،بوپتۇلا بىر سېنىڭ ئۈچۈن،
نېمە بولسام بېرىمەن بەرداش.


تەنھالىقىم ئەزسە دىلىمنى،
سەنسىز كىمنى ئېتەرمەن مۇڭداش؟
يا ئۆتەرمەن دۇنيادىن شۇنداق،
ئازابلارنى قىلىپلا قولداش.


كۈن ئۇيقۇدا ياتقان شۇ مەھەل،
قارچۇغۇمدا سېنىڭ سىمايىڭ.
باغاش ئېتىپ تىمتاس كېچىنى،
كۆزلىرىمدە تۈنەيدۇ روھىڭ.


مۇھەببەتنىڭ تاش ھەيكىلى

-1-
ئۆتىڭىدە سۆيگۈ ھېجراننىڭ،
يۈرگەن ئىدۇق تېنەپ-تەمتىرەپ.
ۋىسال قۇچۇپ غېرىب بېشىمىز،
كۈلگەن ئىدۇق كۆككە يەتتى دەپ.


ۋىسالگاھتا يۈرگەن چېغىمىز،
قانداق شېرىن ئىدى مۇھەببەت!
ئۆتمەكچىدۇق تاكى ئۆلگۈچە،
ۋەدىمىزگە قىلىپ ئىتائەت.


قۇرۇپ چىقماق ئۈچۈن بەك گۈزەل،
بەكمۇ گۈزەل سۆيگۈ بېغىنى.
ئۆشنىمىزدە ئېلىپ يۈرەتتۇق،
شۇنچە ئېغىر ئۈمىد تېغىنى.

-2-
بىراق،
مۇھەببەت كور قىلدى كۆزلەرنى،
قەلبلەرنى باستى مىڭ غەپلەت.
پۈتمەي تۇرۇپ سۆيگۈ بېغىمىز،
نىچۈن قىلدى باقىيغا رەھلەت؟

نىچۈن،
بەخت كەتتى بىزدىن يىراقلاپ؟
بەربات بولدى شېرىن ۋەدىلەر؟
بىزگە قاراپ كۈلمىدى تەقدىر؟
سامان بولدى گۈلگۈن چېھىرلەر؟
-3-
تۆكۈلەر لېۋىمدىن ئاچچىق بىر كۈلكە،
ھاھاھا...قارىغىنە،
نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇق بىز؟!
ئايلىنىپتۇ قارا تاشلارغا،
سۆيگۈ ئۈچۈن تىزغان گۈلىمىز.
ئەپسۇس،يەنە مىڭ مەرتە ئەپسۇس...
كىم ئويلىغان خازان بولۇشنى؟
ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىدە.
مۇھەببەتنىڭ تاش ھەيكىلىنى،
ياساپتىمىز بىلسەم ئەسلىدە.


خىيال


گۈزەل كەچقۇرۇن،شەپەق پەيتى،
شاماللار سۆزلىمەكتە ئاچچىق ھېكايە.
ئۆتمۈشۈم،
يامغۇرغا يۈز تۇتقان قارا بۇلۇتتەك،
يۈرىكىمگە تاشلاپ ئۆتتى جانسىز بىر سايە.
بىئامال،
خىيالنىڭ يىپىغا باغلىنىپ قالدىم.
ئۆتمۈشۈم ئۆيىگە قامىلىپ قالدىم.
شۇ چاغ،
تۇيۇقسىزلا كۆتۈرۈلگەن قاپقارا تۇمان،
ھوجۇم  قىلدى غېرىب كۆڭلۈمگە.
سەن چىقىپ كەلدىڭ تۇمان ئارىسىدىن،
ئۈركۈمىدىڭ قانسىز ئەپتىمدىن.
بەلكى،
چوڭقۇر سۆيۈلدۈڭ نىدالىرىمدا...
بىھۇشلاندىڭ نىگاھلىرىمدا.
شۇ چاغ،
ئاھلىرىم ياساپ چىقتى ھەيۋەتلىك ھەسرەت قەسرىنى،
كۆزلىرىڭدىن تارىغان نۇردا.
چېچەكلىدى قەلبىم يارىسى،
پىغانىمنىڭ پايانلىرىدا.
پۇراپ قالدىم شۇنچە تۇيۇقسىز،
پۇرىقىنى ھېجران گۈلىنىڭ.
سەزمەستىنلا ئايلىنىپ قالدىم،
تۇتقۇنىغا ئازاب ئۆيىنىڭ.
ئاھ!راستىنلا كەتمەك بولدۇڭ يېنىمدىن ئاستا،
كۆتۈرمەستىن يەردىن بېشىڭنى.
يوشۇرىشىڭ نەھاجەت جېنىم،
يۈرىكىمگە تامغان يېشىڭنى.


ھېچكىشى مەن كەبى سۆيمەيدۇ سېنى


كېچىنىڭ باغرىدا لەيلىسەم ئاستا،
توسالماس ھېچنىمە خىياللىرىمنى.
ئاۋازىم ئۈنگەندە گۈللەر ئارىسىدىن،
ئەسلەيمەن يەنىلا ئەسلەيمەن سېنى.


بىر گۈزەل ئۈمىدنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ،
سۆيگۈنىڭ ۋەسلىدە قاترايدۇ ئارمان.
جىمجىتلىق ئىچىدىن ئىزدىسەم سېنى،
كۆزۈمدە سىياقىڭ بولىدۇ ئايان.


ئۈنلىسە يۈرىكىم ئاچچىق ئۆرتىنىپ،
ئەلەملىك قىسمەتلەر قىينايدۇ مېنى.
پەخەس بول!ئالدانما ئۆزگە بىرىگە،
ھېچ كىشى مەن كەبى سۆيمەيدۇ سېنى.


چۆكمەكتە قەلبنىڭ قېتىغا ئارمان،
ئۆچمەكتە يۈرەكنىڭ جەزبدار ئۈنى.
قەبرەمدىن تاپارسەن مۇھەببىتىمنى،
يۈرىكىم سوقۇشتىن توختىغان كۈنى.


بەخت


بەختلىك ياشاش نەقەدەر بەخت!
مانا ھازىر مەن ئۈچۈن،
يىغلاشمۇ،
كۈلۈشمۇ،
ھەممىسى بەخت.
ئالەمدە مەن كەبى يۈرگەن ھەممىنىڭ،
قۇياشى،
گۈلتاجى،
ئۆيىدۇر بەخت.
يىغلىسام كۆزۈمدىن تاراملار بەخت،
كۈلسەم گەر لېۋىمدىن تۆكۈلەر بەخت،
قۇياشنىڭ نۇرىدەك بالقىپ يۈزۈمدىن،
ھەر كۈنى ئۆيۈمنى پەتىلەر بەخت.


ھېچقاچان سېنىڭدىن كېچىپ باقمىدىم


كۆڭلۈمنىڭ بېغىدا ئېچىلغان چېچەك،
تۇيۇقسىز جۇدۇندا توزىدى ھەريان.
كۆيسەڭ ھەم كۆيمىسەڭ بەرىبىر دېسەم،
سۆزۈمگە ھەرگىزمۇ بولمىغىن ھەيران.


ئۇنتۇلار ھەسرىتىم ئاسمانغا قاراپ،
يۇلتۇزغا دەردىمنى تۆكسەم ھەر قاچان.
پەرىشان تۇيغۇلار يوقىلار ئاستا،
تەبەسسۈم ئىلكىدە يۈرسەم خىيالچان.


ئوخشىدىم كېچىگە ئوخشىدىم جىمجىت،
ئازابنىڭ رەڭگىدە ئېچىلغان گۈلدەك.
مېھرىمنى بەرمىدىم ھېچكىمگە شۇنداق،
بىلىندىم ئۆزۈمگە چوغى يوق كۈلدەك.


ھېجراننىڭ دەشتىدە تولغىنىپ تۇرۇپ،
سەن ئامراق ناخشىنى ئېيتىپ باقمىدىم.
بىلىشىڭ كېرەككى كۆڭۈل سىرىمنى،
ھېچقاچان سېنىڭدىن كېچىپ باقمىدىم.


يوللۇغۇم


كۈلۈمسىرەپ«خوش»دېدىڭ ئاستا،
يۈرىكىمگە،كۆزلىرىمگە ھەم.
ئىشەنمەيمەن يەنە بار دېسە،
ئالەم ئارا سەن كەبى بەردەم.


بىلەلمىدىم ئايرىلدۇق نىچۈن؟
بىتەلەيمەن نېمىشقا شۇنچە؟
توسالمايمەن كېتەر يولۇڭنى،
تەقدىر شۇنداق،ئامالىم قانچە؟


ئالقىنىمغا تولدۇرۇپ سۆيگۈ،
سۇناي ساڭا بولسۇن يوللۇغۇم.
كۆزلىرىمگە قارىما ئەمدى،
كېپقالمىسۇن يەنە يىغلىغۇم.


ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى،
ئايرىلغاندا ئاندىن بىلەرسەن.
يوللىرىڭغا قارايمەن ھەر كۈن،
شۇ كەتكەنچە قاچان كېلەرسەن؟


سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا
(بالىلار تىلىدىن)


شەھەردە يوق نىچۈن ئاي يۇلتۇز؟
كۈلۈپ چىقماس نېمىشقا قۇياش؟
ئۆيلەر كىچىك كوچىلار قىستاڭ،
مۇمكىن ئەمەس مۆكۈشمەك ئويناش.


شەھەرلەردە يوق ئىكەن قۇشلار،
ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ ھەم.
يۈز بېرەركەن ئاجايىپ ئىشلار،
تۇغۇلاركەن غەم ئۈستىگە غەم.


ئوخشىماسكەن سەھرا يولىغا،
شەھەردىكى قاتار رەستىلەر.
ئېگىز ئۆسكەن دەرەخ شېخىدا،
پىشمايدىكەنغۇ جىنەستىلەر.


يوقكەن ئېگىز دۆڭلۈكلەر يەنە،
پادا باققاچ موللاق ئاتقىلى.
چىمەنمۇ يوق كېپىنەك قوغلاپ،
قۇشلار بىلەن قوشاق قاتقىلى.


ھەر ئاخشىمى ئاسمانغا بېقىپ،
مومام بىلەن يۇلتۇز سانايتتىم.
ئۇخلىغۇچە تاتلىق مومامنىڭ،
چۆچىكىنى ئاڭلاپ قانمايتتىم.


كېچىلەرمۇ كېچىدەك ئەمەس،
تۈگىمەسكەن قاتار چايلىرىڭ.
بۇلۇڭلاردا ھىدىڭ سېغىنىپ،
ئۇخلاپ قالار«قوزا-تايلىرىڭ».


بولدى قويقىن ئېپ بەرمە ماڭا،
ئوينىغۇم يوق ماشىنا،قونچاق...
ئوينىسامكەن ئۆستەڭلەر كېچىپ،
دوستلار بىلەن تۇتۇشۇپ قۇمچاق.


مەن ماڭغاندا ئەگىشىپ قالغان،
ئاسلانچىقىم يىغلىدى چوقۇم.
بارچە كۆڭلۈم سەھرادا قالدى،
شادلىقلىرىم ھەم بارۇ-يوقۇم.


كىرىپ قاپتۇ كېچە چۈشۈمگە،
ئېغىلدىكى قوزىچاقلىرىم،
يىغلىشارمىش سېغىنىپ مېنى،
مېنىڭمۇ نەم كۆز چاناقلىرىم.


كۆڭلۈم خۇشلۇق تاپمىدى ھەرگىز،
كېلىپ سېنىڭ يېنىڭغا مانا،
توسىمىغىن يولۇمنى ئەمدى،
سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا.

سېغىنىشقا ئايلاندى دۇنيا


ئاسمىنىمدا تەپتى يوق قۇياش،
چىلاپ قويدى كۆزۈمنى ياشقا.
بىر كەتكەنچە خەۋەر بەرمىدىڭ،
ئايلاندىمۇ يۈرىكىڭ تاشقا.


ئاھ،سېھىرلىك قىسمەت ئەلچىسى،
ئايلاندۇردى كۈلكەمنى دەردكە.
بار چېغىڭدا كۈلگەن چاغلىرىم،
كەلمەس بولۇپ كەتتى ئەبەدكە.


قوللىرىمدا سۈرەتلىرىڭ بار،
ماڭا قاراپ تۇرىسەن تەمكىن.
بىلەلمىدىم مەندىكى نە ھال؟
نىچۈن بۇنچە يۈرىمەن غەمكىن؟


ھەسرەتلىرىم كۆكلىگەن ھەر تۈن،
ۋىسال ماڭا بولدى تۇتىيا.
چۇلغىۋالدى جىسمىمنى پىغان،
سېغىنىشقا ئايلاندى دۇنيا.


يالغۇز قالدىم


خار ئەيلىدىڭ مۇھەببىتىمنى،
پاك كۆڭلۈمنى قىلسام ئامانەت.
تېپىۋاپسەن باشقا بىرىنى،
ئامانەتكە قىلىپ خىيانەت.


مۇھەببەتسىز جىمجىت ئالەمدە،
ناۋا قىلىپ سايرىماس بۇلبۇل.
سەن يوق بولغاچ تۇرار خانەمدە،
دۇتارىمنىڭ تارىسى چۇل-چۇل.


باغاشلىدى مېنى جۇدالىق،
ئۆركەشلىسەم كۆپكۆك ھىجراندا.
سۆيگۈڭ بولدى باشقىغا تالىق،
يالغۇز قالدىم سەنسىز پېنھاندا.




ئازابلىرىم ئۇنتۇپ كەت مېنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 07:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەيھانگۈلنىڭ رەيھانلىرى سەل كۆپكەن ئىنكاس ئارقىلىق ساقلاپ قوياي ، رەھمەت سىزگە خۇشپۇراق رەيھانلارنى سۇنغىنڭىزغا ..

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91292
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2014-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 07:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىڭلىمىزغا ئاپىرىن ئېيتايلى!ئەسەرلىرىڭىز ئىنتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ، سىزدىن كۆپ ئۆگۈنۈشۈم كېرەككەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1782 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 08:34:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ،يىزىقچىلىق قابىلىيتىڭىز يۇقىرىكەن جۇمۇ

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 08:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
太阳 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-26 08:34 PM
پاھ،يىزىقچىلىق قابىلىيتىڭىز يۇقىرىكەن جۇمۇ

مېنىڭ ئەمەس ، بەلكى  رەيھانگۈل ھەدەشنىڭ  ،مەن ئۇنى تۇنۇشتۇرغان  مۇنۇ  تىمىدىكى شېئىرلارنى بەك ياقتۇرغاچقا  يوللىغان ئىدىم .

ئازابلىرىم ئۇنتۇپ كەت مېنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 09:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھامىڭىز    دەششەت   كەپتىغۇ  ....    ھارمىغايسىز   ،.

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 11:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەيھانگۈلنىڭ رەيھانلىرى   نېمىدىگەن يېقىملىق ، خۇددى رەيھانگۈلنى پۇراۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىدىكەن ، مەن بەك ياقتۇردۇم

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش