|
|
|
|
بۇددىستلار 32 مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە ۋاقىت تورى 23-مارت خەۋىرى
تۈنۈگۈن بېرمىدىكى مېيكتىلار بازىرىغا قاراشلىق مىنگالار زەييۇ يېزىسىدا «ھىمايەتۇل ئىسلام ئەرەب تىلى مەكتىپىدە بۇددىست گۇرۇپلار تەرىپىدىن 28 مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى، ۋە 4 ئوقۇتقۇچى ئۆلتۈرۈلدى
ئوت كەتكەن ئۆي-بىنالار ئارىسىدا مىنگالار زەييۇ يېزىسىدىكى ئىسلام دىنى ئەرەپ تىلى مەدرىسىسى ئەڭ چوڭى ئىدى، بۇددىستلار پۈتۈن كېچە بويى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۆت تەرىپىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش، ئۆيلىرىگە ئوت قۇيۇشتا ئەركىن ھالەتتە ئىدى، كېچە سائەت 03:00 دە مەكتەپنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلاشقان بىر بۇددىست ئائىلىسى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھاياتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە چاقىردى، ئىسلام مەدرىسىسى ئەتتىگەن سائەت 04:00 كە يېقىن كۈلگە ئايلاندى
ئەتتىگەن سائەت 06:00 دە ئىرىقچى بۇددىست گۇرۇپلار قورقۇنچ ئىچىدە ئۇخلىغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار تۇرغان بۇددىستنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى، ئۆي ئىگىسىگە بارلىق مۇسۇلمانلارنى سىرىتقا چىقىرىشىنى ئېيتتى، ۋە تۆمۈر ئوق، قىلىچ، پىچاق، تۆمۈركالتەك ۋە ياغاچ كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ تەھدىد سالدى،ئۆيدىكىلەر كۆپىنچىسى يېتىم بولۇپ يىراق يەرلەردىن پەقەت دىن ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ھۇجۇم قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما بۇددىست تېرورچىلار پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى سىرىتقا چىقىرىش ئۈچۈن بۇددىستنىڭ ئۆيىگە ئوت ئاچتى
ئەسكەر ۋە ساقچىلار ئالدىدا بۇددىست تېرورچىلار قوللىرىدىكى بۇ قۇراللار بىلەن 28 ئوقۇغۇچى ۋە 4 ئوقۇتقۇچىنى ئۆلگەنگە قەدەر ۋەھشىيلەرچە ئۇردى
مېكتىلار ماندالايدا بۇددىستلار مەسجىدلەرگە ئوت قويدى
بېرما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن 144 قانۇن ئاستىدىكى ئىرىقچىلىقنىڭ ھېچبىر مۇقۇملىقى يوق، بۇددىستلار مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى مەسجىد-جامەلىرىنى، ۋە دىنى مەكتەپ-مەدرىسلىرىنى، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يېقىتىپ ۋەيران قىلىشنى داۋام قىلماقتا، مۇسۇلمان ئائىلىلەر ھاياتلىرىنى ساقلاپ كېتىش ئۈچۈن ئۆيلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا، بۇددىستلار مىنگالار زەييۇ قۇرئان يادلاش مەدرىسىسىگە 21-مارت كېچىسى ئوت قۇيۇۋەتتى، ۋەقەگە شاھىد بولغان ميو ئو نىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن بۇددىستلار مەسجىدنى بېنزىن بوتۇلكىسى ئېتىپ كۆيدۈرگەن
بۇددىستلار تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىغان مەسجىدلەر بۇلار؛
Nyeinn Gyann Yaye Mosque (Peace Mosque)
North Pye Thaya Mosque
Thiyi Mingalar Mosque
Mingalar Zayyu Mosque and Hafiz School
Myo Oo Mosque
Pakistan Mosque
Hman Lon Mosque (Glass enclosed Mosque)
Western Market Zamay Mosque
مەنبە'http://news.okyan.com/news/world/2013/0324/1002.html
|
|
|
|
|
|