يول قاتناش بەلگىللىرى قاچان ئۆلچەملىشىدۇ
(ئاپتۇرى:تىلماچ13)
ھەممىگە مەلۇمكى،قاتناش يول بەلگىسى ماشىنا ھەيدىگۇچى خادىملارنىڭ بىخەتەر مەشخۇلات قىلىپ،مەنزىلگاھقا ئوڭۇشلۇق يىتىپ بېرىشتىكى مۇھىم يېتەكچىلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا يولوچىلارنىڭ ھايات ماماتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەترلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان كاپالەت ھېساپلىنىدۇ.ھازىرقى يول بەلگىللىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بۇلۇپ،200 خىلدىن ئاشىدۇ.يول بەلگىللىرىنىڭ ئۆز ئورنىغا مۇۋاپىق ئورنىتىلىشى ۋە تۇلۇق بۇلۇشى شۇ رايۇننىڭ مەدىنىيتى،بىخەتەرلىك ئېڭى، ئادەمنى ئاساس قىلىش دەرىجىسى ۋە قاتناش مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ساپاسىنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ.
مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى 60 كىلومېتېر يولنى بېسىپ ناھىيە مەرگىزىدىن ناھىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى يېزىغا بېرىپ كىلىمەن.بۇ ئۆلكىلىك تاش يول بۇلۇپ، بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان چوڭ-كچىك قاتناش ھادىسلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەردى؛قاتناش ھادىسسىگە ئۇچراپ قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنى دىمەيلا قوياي.بۇ يول بۆلىكىنىڭ بەزى جايلىرىدا يۆنىلىشنى كۆرسىدىغان يول بەلگىللىرى بىرەر مېتىرچە ئارلىق قالدۇرپ ئېگىز-پەس قىلىپ،تەكرار ئورنىتىلغان،بۇ ئەھۋالنى ماشىنا ھەيدەيدىغان خادىملاردىن سۈرۇشتۈرسەم،بىرنى بۇرۇن،بىرنى كېيىن ئورناتقانمىش،كېيىن ئورناتقىنى ئالدىنقىسىدىن «ئۆلچەملىك» بۇلۇپ،باشتا ئورناتقىننى قاچان ئېلىۋىتىدىغانلىقىنى ئۇلار ئوقمايدىكەن.
يەنە بەزى «T»شەكىللىك كېسىشكەن يول ئېغىزلىرىدا تاش يول بىلەن مەلۇم ئارلىقتىن كېيىن ئوڭ-سولدىن كېسىشىدىغان يول ئېغىزلىرىنىڭ بىرسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلسىمۇ، بىرسىگە ئاگاھلاندۇرش بەلگىسى قويۇلمىغان ياكى بىر تەرەپكە قويۇلسىمۇ بىر تەرەپكە قويۇلمىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يول بويىدىكى «سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى» بىلەن «چەكلەنگەن سۈرئەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەلگىسى»نىڭ ئارلىق ناھاھيتى يېقىن بۇلۇپ،ماشىنا ھەيىدىگۈچى خادىملارنى گاڭگىرتىپ قويىۋاتىدۇ.
يەنە شۇنداق ئەھۋالمۇ باركى،سۈرئىتى ئېشىپ كەتكەن ماشنىنى سۈرئەتكە تارتىش ئاپراتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىدىكى سۈرئەت چېكى بىلەن سۈرەتكە تارتىش چېكى بىردەك ئەمەس.
يۇقارقىدەك ئەھۋاللار ماشىنا ھەيدىگۇچى خادىملاردا گاڭگىراش،دىلىغۇل بولۇش، بىخۇتلۇشىش،جىددىيلىشىش ۋە ئاسانلا چارچاشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ،قاتناش ھادىسسى يۈز بىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.يول قاتناش بىخەتەرلىك بەلگىلمىللىرىنى ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بىلەن ماشنىنا ھەيدىگۇچى خادىملار ئوتتۇرسىدا ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ،زىددىيەتلىك مەسىللەر كېلىپ چىقىدۇ.
ھازىر يول قاتناش بىخەتەرلىك بەلگىللمىللىرى تېخىمۇ مۇكەممەل تۇززۈلۈپ،ماشنا ھەيدىگۇچى خادىملارنىڭ ساپاسى ۋە بىخەتەر ھەيدەشكە بولغان تەلەپ بارغانسېرى كۇچەيتىلىۋاتىدۇ،ئالاقىدار قانۇنلارنى ئىجرا قىلغۇچى خادىملارمۇ بارلىق «ئاماللار»بىلەن بۇ بەلگىلمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.ۋاھالەنكى قاتناش ھادىسلىرىنىڭ يۈز بىرىش نىسپىتى ئانچە تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق.
شۇڭا يول قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەۋىسىيە قىلىدىغىنىم،يول بەلگىللىرىنىڭ ئورنى ۋە تۈرىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ۋە ئۆلچەملەشتۇرۇپ،خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۇمۇت قىلىمەن.
مەنبە:ئۆز قەلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-26 05:03 PM