مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1917|ئىنكاس: 43

يوشۇرۇن سۆيگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5245
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11627
تۆھپە نۇمۇرى: 415
توردا: 3581 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 12:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇشۇرۇن سۆيگۈ


توختىمۇھەممەد تۇرسۇنتوختى

  
ھاياتىمنىڭ ئەركىن قۇشلىرى كۆپكۆك ئاسماندا بىردە ئېگىز بىردە پەس ئۇچۇپ ئەركىن قانات قېقىۋاتقان ،  تۇرمۇشۇمنىڭ بەخىتلىك ، خوشال مېنۇتلىرىنىڭ پەيزىنى قانغۇدەك سۈرۈپ يۈرىۋاتقان ،  غۇبارسىز يۈرۈگۈم كۆل سۈيىدەك تېنىچ ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن مەنىلىك بىلىنىدىغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە سەن بىلەن تونۇشۇپ قالدىم .
سەن بىلەن كۆرۈشكەن  تۇنجى كۈنى گەرچە سەن  بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ باقمىغان بولساممۇ ، سېنىڭ ئىسىل مىجەزلىكىڭ ، ئۇياتچانلىقىڭ ، تىپىك ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس كېيىنىشىڭ مېنى ئىختىيارسىز  ئۆزۈڭگە جەلىپ قىلدى .
سەن ،  شۇ ھامان مېنىڭ قەلىب خانەمگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ، كۆل سۈيىدەك تېنىچ ، غۇبارسىز قەلبىمنىڭ چاڭ-توزان قونمىغان پىنھان جايلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدىڭ !
شۇنىڭدىن باشلاپ خىيال قۇشۇم سەن تامان قانات قاقىدىغان بولۇپ قالدى .
مۇھەببەتكە تەلپۈنگەن يۈرەكنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ، ساڭا پەقەت ھېلىقى گەپنى دېمەك قېيىن بولدى .
بىلەمسەن؟ چۈشلىرىم سېنىڭ قەلبىڭگە سېڭىپ كىرىۋالدى. سەن بىلەن ئۈنسىز مۇڭدىشىمەن، مۆرەڭگە باش قۇيۇپ دەرتلىرىمنى تۆكىمەن، يۇمشاق قوللىرىڭ چاچلىرىمنى  يېنىك تارايدۇ، نېمجان كۆڭلۈمگە شىپاھى مەلھەمدەك تەسەللى بىرىسەن .ئاھ.. نىمە دېگەن بەخىتلىكمەن!؟
ئەپسۇس! بۇ بەخىتلىك مېنۇتلار خىيالىم ياكى چۈشۈم بۇلۇپ چىقىدۇ، ئويغۇنۇپلا يەنە ئازابلىنىمەن،بىچارە يۈرۈگۈم ئاھ  ئۇرىدۇ، يىغلايمەن ، ئاۋازىمنى قۇيۇۋېتىپ ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلايمەن!...
نېمانچە ئازاب بۇ؟
ئاھ-خۇدا! بىرىنى ياخشى كۈرۈش شۇنداق ئازابلىق ئىش بۇلىدىغان بولسا ،مىنىڭدىن ئۆزگە ئىنسانغا بۇ ئازابنى كۆرسەتمىگىن!مەڭگۈ،مەڭگۈ كۆرسەتمىگىن!!!
بۇ ئازابلارنى تارتىشقا ھەقلىقمەن، كىم مىنى ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولمىغان سېنى  ياخشى كۆرۈپ قالسۇن دەپتىكەن؟ ئۆزۈمنىڭ شورى...
تۈن يېرىم بولدى، خىيالىم پەقەت سەندىلا ، ئەقلى-ھۇشۇم سېنىڭ يېنىڭدىلا ، بۈگۈن سېنى يەنە ئەسلەپ قالدىم، سېنى سېغىندىم، سېنى قاياندىن كىلەركىن دەپ مۇڭلىنىپ قالدىم.
ھازىرمۇ نۇرسىز چىراق ئاستىدا ئولتۇرۇپ سېنى ئەسلىدىم ، يۈرۈگۈم لەختە -لەختە ، دىل ئازابىم يۈرۈگىمىنى قىيناپ ، مىنى ئاچچىق ئەلەم باسماقتا، ۋىسالىڭدا ئۆرتىنىپ ئاچچىق نالە قىلماقتىمەن.
ئەمدىلىكتە قولۇمغا قەلەم ئالدىم ، پەقەت سەن ئۈچۈنلا داستانلار يازماقتمەن.
بۈگۈن سېنى يەنە ئەسلەپ قالدىم، سېنى ئەسلىمەيدىغان، سەن ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان بىرەر كۈنۈمنىڭ بولمىغىنىدىن ھەيرانمەن...
سېنى ئەسلەش قانچە شېرىن ھەم تاتلىق بولسا شۇنچە ئازابلىق، سېنى ئەسلەش قانچە گۈزەل بولسا شۇنچە دەھشەتلىك، سېنى ئەسلەش يۈرەكنىڭ سېغىنىشى، تەلپۈنىشى بولغىنىدەك يەنە ئۇنىڭ ئازابلىق ئېڭرىشى، سېنى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىشى...
ئەسلىمىلەر قوينىدىن قانچە قۇتۇلۇپ چىققۇم بولسىمۇ شۇنچە تېرەن چۆكۈۋاتىمەن، خىيالەن سېنى توۋلاۋاتىمەن.
ئەسلىدىم، سېنى بارچە خىيالىم بىلەن ، بارچە زېھنىم بىلەن ئەسلىدىم...
سەن پەقەت مېنىڭ ئەسلىمىلەر قوينىدىكى ھەمراھىملا بولۇپ قالارسەنمۇ؟ ياكى بۇ خىل ۋىسال ئازابىدىن قۇتۇلارمەنمۇ؟ ئەسلەش نېمانچە ئازاب... ئۇنتۇش نېمانچە تەس.... رېئاللىق نېمانچە رەھىمسىز....
بەلكىم سەنمۇ مېنى سېغىنغانسەن،ۋە بەلكىم قايناق تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۆز ھەلەكچىلىكىڭگە بەنت بولۇپ مىنى سېغىنىشقا ۋاقتىڭمۇ چىقمىغاندۇ؟ گاھىدا تۇيۇقسىز ئىسىڭگە كىلىپمۇ  قالارمەنمۇ ؟ ۋە بەلكىم قانچە تېز ئەسلىگەن بولساڭ نېرىپلىرىڭدىن  شۇنچە تېز ياتلاشقاندىمەن.
سېنى ئويلاۋاتقان ۋاقتىمدا  قۇيۇق ئۇزۇن كىرپىكلىرىڭ ئاستىدىكى تىگى يوق بۇلاقتەك كۆزلىرىڭ ، ھېلال ئايدەك قاشلىرىڭ ، قاڭشارلىق بۇرۇنلىرىڭ، مەرۋايىتتەك ئاپئاق چىشلىرىڭ، گېلاستەك قىزىل لەۋلىرىڭ  ۋە سۈتتەك ئاپئاق يۈزلىرىڭ كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ،-يۇ، قولۇڭنى تۇتۇپ  چاچلىرىڭ ئارىسىغا شۇڭغۇپ  مۇھەببەت  دەرياسىغا چۆكەي دېسەم سەن يوق.
قانداق بولۇپ سېنى بۇنداق ئويلايدىغان بولۇپ قالغانلقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .
سېنى ئويلىماسلىققا شۇنچىلىك  تىرىشاتتىميۇ لېكىن خىيالىم يەنە سەن تەرەپكە ئېغىپ يۈرۈگۈم سەن تەرەپكە سوقاتتى ...
سېنىڭ  سېيمايىڭ يەنىلا كۆزئالدىمدا .
مىسكىن كۆلبەمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ھەر قېتىم سېنى خىيال قىلغان ۋاقتىمدا ،  يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى تېخىمۇ تىزلىشىپ كېتىدۇ . دەرىزىدىن كۆككە قاراپ يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىمەن . يۇلتۇزلارنىڭ ماڭا قاراپ كۆز قىسىشلىرىنى سېنىڭ كۆز قىسىشلىرىڭغا ئوخشىتىمەن ، شۇ ۋاقىتتا  مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچكە تولغان شىرىن باغلىرىدا قانغۇدەك نەپەس ئېلىپ ، مۇھەببەتنىڭ دەرياسىدا ئەركىن ئۈزۈپ ،  ئاقار يۇلتۇزلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلىمەن .
  بەزىدە كۆيۈك ئازابىغا چىدىماي ، ساڭا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشنى ئويلاپمۇ  قالىمەن،لېكىن مېنىڭ بۇ خائىن ئېغىزلىرىم ساراڭ كۆڭلۈمگە قارشى ئاۋازدا‹ ياق ، ياق ... › دەپ ۋاقىرايدۇ.
ساڭا كۆڭلۈمنى بىلدۈرسەم ھەرگىز بولمايدۇ، ئوتۇڭدا كۆيۈپ ئۆلسەممۇ رازىمەنكى ،ساڭا ھەرگىز بىلدۈرۈپ قويمايمەن.
چۈنكى بۇ يۇشۇرۇن سۆيگۈ!

2013-يىل 24 - يانۋار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-26 12:50 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izhar420 + 97 دەلىللەر يېتەرلىك
篮球美女 + 100 چىن ھېسىيات بىلەن يىز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 197   باھا خاتىرىسى

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 01:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمىقانىلىك............

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

كاپىتان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93387
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-3-16
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 01:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇناسىۋەتسىز گەپتىن بىرنى قىلسام:ھەجەپ مەن بىر تېما يوللىغان ئىدىم تەستىقلانمايدىيا؟؟؟يا سەۋەبىنى بىلگىلى بولمايدۇ؟؟؟
مالايسىيادا ئۇقۇۋاتقان دوسلاردىن ياردەم سورىغان ئىدىم.
1-مالايسىيانىڭ ئىستىمال سەۋىيىسي قانداقراق؟
2-مالايسىيادا ھازىر بېرىپ مەكتەپكە كىرىمەن دىسەك قۇبۇل قىلارمۇ؟ ياكى قۇبۇل قىلىپ قالسا ئالدىدىن قانداق شەرتنى ھازىرلىشمىز كىرەك؟
3-مالايسىياغا چۈشكەندە يېنىدا نەخ پۇلدىن جىق پۇل بولمىسا ۋەتەنگە قايتۇرۋىتەمىش(سىنىڭ يېنىڭدا جىق پۇل بولمىسا ئۇقۇشقا ئەمەس باشقا مەخسەتكە كىلىپسەن دەپ قايتۇرۋىتەمىش..) دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئدىم،،بۇ راسمدۇ؟
مالايسىيەدە ئۇقۇيدىغان ياكى چۈشۈندىغان بالىلار بولساڭلار جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار...ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىپ بەرسۇن!!


ئاللاھ ئالمىغان بۇ جاننى دۇشمەن قانداق ئالالىسۇن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 02:30:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ   يوشورون   سۆيگۈ  ئادەمنى  بەك قىينايدۇ

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92149
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1098
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 02:37:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88747
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 02:48:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bu temini aldinki ketim nur torida kogantim

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 03:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوشۇرۇن سۆيۇش ئازاپلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13163
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7928 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 03:28:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوشۇرۇن سۆيگۈ گەرچە گاھى شېرىن ،گاھى ئازاپلىق بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ يەنىلا ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىق ..........

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 03:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوشۇرۇن سۆيگۈ!
بۇنى پەقەت يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ باققانلالا ھېس قىلالايدۇ```````````

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 04:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگسى ئوڭدۇ ھە يا بېشىڭىزىنى تامغا قاتتىق ئۇرۇۋالدىڭىزمۇ ؟ دىگلى بولمغىدەك يەڭگىڭىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالمغانسىز ..كىنۇلاردا شۇنداققۇ ....مانا بۇنى ئاشكارلاشقا بولمايدىغان يۇشۇرۇن سۆيگۈ دىسە بۇلىدۇ ..باشقسىنى نىمشقا ئېتشقا بولمايدىكەن

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش