مۇراجەتنامە
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم يۇرت ئەھلى، سۆيۈملۈك جامائەت، ياخشىمۇ سىلەر؟ ئۇلۇغ ئاللاھ رىسقىڭلارنى زىيادە قىلغاي!
مەن ئاۋات ناھىيىسى قۇمباغ ئىجتىمائىي رايۇنىدىن ئابدۇۋەلى مۇھەممەت بولىمەن. بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم. ئائىلەمدە 4 جان ئادەم بار. ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن باشقا كىرىم مەنبئىيىم يوق. ئايالىم ئىشسىز. بالىلىرىم مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا بىر قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىگە ئۇچراپ، باش قىسىمىم ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، مېڭەمگە قان چۈشۈپ، باش سۆڭىكىمنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ئېلىپ تاشلىنىپ، 2-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ سالامەتلىكىم ئىزچىل ياخشى بولماي كەلدى. «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك مانا ئەمدىلىكتە ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن. مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىلىك ئالماشتۇرۇش ھەققى ئۈچۈن 400000.00 (تۆت يۈز مىڭ يۈئەن) تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇنچە جىق پۇلنى غەملەشكە قۇربىم پەقەت يەتمىدى.
يىتىم-يېسىرلارغا، غېرىپ-غۇربالارغا، ئاجىز ئىگە-چاقىسىزلارغا ياردەم بېرىپ كەلگەن ئۇلۇغ خەلقىمىزنىڭ سېخى ئالقانلىرىنى كەڭ ئېچىپ، ساخاۋەت داستىخانىلىرىنى كەڭ يېيىپ، مەندەك بىر زەئىپ بەندىگە ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇشىڭلارنى سەمىمىي مۇراجەت قىلىمەن.
ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 13899247670
جۇڭگۇ سانائەت بانكىسى: 6222023014004841928
جۇڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسى:6228483650762524717
پوچتا بانكىسى: 6215998910000038648
مەنبە: ئاۋات ناھىيىسى قۇمباغ ئىجتىمائىي رايۇنىدىن ئابدۇۋەلى مۇھەممەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-26 11:54 AM