ئاچچىق (قۇشاق)
قۇربانجان مەخەم
ئاچچىق دىسەم يۇرتۇمنى ،
ئاڭلىغان كۈلۈپ كەتتى.
سۆزلەپ بەرسەم تارىخنى،
خىيالغا تۇلۇپ كەتتى.
دوستۇم دىققەت يىغىڭسىز
قۇلاق سېلىپ سۈزۈمگە
ئەمدى ئاچچىق دىسەممەن
كۈلۈپ باقماڭ يۈزۈمگە
بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن
ئايدىڭلاشسۇن بۇ تارىخ
سۆزلەپ بىرەي دوسىتلارغا
قىلىپ بىردەم مەدداھلىق
يۇرتۇمنىڭ ئەسلى نەمى
ئىكەندۇر گۈزەل "ئاقچىغ"
كىيىن تىلغا رۋان دەپ
ئۆزگەرىتتۇق ئاتاپ ئاچچىق
يۇرتۇمنىڭ نامى ئاچچىق
سۇلىرى خۇيمۇ تاتلىق
گۈل-گىياھى رەڭگارەڭ
تۇرمۇش ھەم باياشاتلىق.
يىگىتلىرى ئاچچىقنىڭ
بىر-بىرىدىن زەبەرداس
چىن مۇھاببەت يۈرگىدە
ھەرگىز نامەرىد ئاتالماس
ئوغلاق،چېلىش-بەيگىگە
بارار نۆۋەت تالىشىپ
رەقىبىنى يىقىتار
بەلدىن تۇتۇپ چېلىشىپ.
قىزلىرى ھەم ئاچچىقنىڭ
بىر-بىرىدىن گۈلپەرى
يۈزى تۈۋەن،نۇمۇسچان
شەرمى-ھايا دوسىتلىرى
ئوخشىتۋىتەر تاماقنى
قوللىرىمۇ بەك تاتلىق
ئىھانەتتىن يىراقتۇر
يارانلىرىگە زەپ سادىق
ماختاۋەرسەم ئاچچىقىنى
قانداق يۇرۇت دەپ قالماڭ
قۇشىقىمنىڭ ئاخرىغا
ئوبدان زەن سېلىپ ئاڭلاڭ
ئەدىب-ئالىم كانىدۇر
يۇرتىمىز گۈزەل ئاچچىق
قوينى ئىللىق بىرماكان
خەلقى ھەم مەرىپەتلىك
بۈشۈك بولغان بۇ يۇرتۇم
شائىرمىز قەلەندەرگە(1)
ئۈنچە-مارجان تىزدۇرغان
روھ بىرىپ قەلەملەرگە
يوپۇرغىدا بۇ يۇرۇت
چاقنايدۇ بۇلۇپ ياقۇت
تۇغۇلغان،ئۈسۈپ ئۆتكەن
ئالىم ئابدىرىشىت ياقۇپ(2)
مانا ھازىر نورۇزدا
ئېتىزلار قىزىپ كەتتى
مەكتىپىدە بالىلار
دەرىسكە كىرىپ كەتتى
مەكتەپتىكى بالىنىڭ
قوللىرىدا كىتابى
ئىلىم بىرەر ئۇلارغا
مىھرىبانى، ئۇستازى.
زاۋۇت،ماشىنا ،فابرىكا
گۈركىرەيدۇ كوچىدا
دىھقانلارمۇ بېيىدى
ھالال ئەمگەك كۇچىدا.
كىلىڭ دوستۇم ئاچچىققا
چۆرگىلەيلى بىز بىردەم
كۈرۈپ بىزنىڭ بۇ يۇرۇتنى
بۇلىسىز ھەيران ھەردەم.
مەنبە:يۇرتۇم ئاچچىققا بولغان سۆيگۈم.
2013-يىلى نەۋرۇزنىڭ 25-كۈنى(دۈشەنبە)
گۇاڭجۇ
ئۇستازلارنىڭ تەلىم بىرىشىنى سورايمەن.
ئىزاھات :ئاچچىق بولسا قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىسىگە قاراشلىق نۇپۇسى 20مىڭ ئەتراپىدا بولغان،15كەنتى بار بىر يۇرۇتنىڭ نامىدۇر.
(1)قەلەندەر:تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە 18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرنىڭ بىرىدۇر.تارىخى ماتىرىيالدا دىيىلىشچە ھازىرقى يوپۇرغا ناھىيە ئاچچىق يىزىسىنىڭ قۇندۇز(15-كەنىت)دىگەن يىرىدە تۇغۇلۇپ ،شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن ئەدىبتۇر، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى توغرىلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق بۇلۇپ تارىختا قەلەندەر دىگەن بۇ قەلەم نامى بىلەن خاتىرلىنىپ كەلگەن.
(2)ئابدىرىشىت ياقۇپ :ئابدىرىشىت ياقۇپ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا يۇرتۇمىز ئاچچىقنىڭ توما(4-كەنىت)كەنتىنىڭ پاشلىق(5-ئەترەت)مەھەللىسىدە دىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،ھازىر مەملىكىتىمىزدە ئېرىشىش تەس بولغان، ناھايتى ئاز ساندىكى كىشلەرلا مۇيەسسەر بولغان چاڭجىياڭ ئالىمى ئۈنىۋانىغا ئىرىشكەن ،قەدىمى ئۇيغۇر تىلى مەخسۇس تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان ئالىمدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا monix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-26 02:34 AM