نەۋرۇز
كۆك تەڭرى ھەم ئاققۇزادىن بەخت يانغان نەۋرۇز،
ھەمەل بۇرۇچى كېچە – كۈندۈزنى تەڭ قىلغان نەۋرۇز.
قەشقەرى بوۋامنىڭ نەۋرۇز بۇلىقىدىن باشلانغان نەۋرۇز،
يىللارنى – يىللارغا ئۇلىغان كۆكلەم ئەلچىسى نەۋرۇز.
جانلار يايرىغان ، بارچە قۇشلار سايرىغان نەۋرۇز.
ئېللىتىپ جاھاننى ، گۈزەل رۇخسار قوشقان نەۋرۇز.
باھار يامغۇرى كائىناتقا ، نۇر ياغدۇرغان نەۋرۇز ،
پاك زىمىننى ئويغاتقان، دېھقانغا يولچى نەۋرۇز.
ئەدەب –ئەخلاق ،شەرمىيا –ھايا ئەيلىگەن نەۋرۇز،
ئاۋاملىرىمغا بىرلىك، ئېناقلىق يار قىلغان نەۋرۇز.
قېرى – ياش چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتكەن نەۋرۇز.
نەغمە – ناۋا سايرىغان، سامالار لەيلىگەن نەۋرۇز،
تارقىيانىڭ سەركەردىلىرنى جەم قىلغان نەۋرۇز،
ئېلىم –ئېراپان ، تەرقىياتقا ئۇل سالغان نەۋرۇز.
ئەۋلادلارغا يول ئاچقان ئوتقاشتەك نەۋرۇز،
شېئىر – نەزمە ياشنىغان ، قايناق تارقىيادا نەۋرۇز.
2013-يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى