مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3363|ئىنكاس: 81

نەسىردىن ئەپەندىم قەيەرلىك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2676
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2073 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 10:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىردىن ئەپەندىم ئوبرازى ھەممەيلەنگە تۇنۇش بولسا كېرەك. ئۇنىڭ نامراتلارنىڭ ھالىغا  يىتىپ تويماس ئاچكۆز بايلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدىغان مەرت ئەقىللىق ئوبرازى ئىختىيارسىز بىزنى قايىل قىلىدۇ. نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى بەزىدە كىشلەرگە ھەقىقى بولغان تۇرمۇش يۇلى ھەم توغرا بولغان مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتسە يەنە بەزى ئۆتكۇر كىنايىلىك گەپلىرى يۇمۇرلۇق سۆزلىرى بىزنى تېخىمۇ كۈلدۇرىدۇ. يېقىندا تور مۇنازىرە مۇنبەرلەرىدە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى جۈملىدىن ئۇنىڭ مىللەت تەركىبى ھەم تۇغۇلغان جايى توغۇرلۇق ئاز بولمىغان تېما ئىنكاسلار يېزىلدى. تۈركى مىللەتلەر ئىچىدىمۇ نەسىردىن ئەپەندىنى تالىشىش قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان بۇلۇپ تۈركىيەلىكلەر ئۇنى  تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان دەپ قارىسا، ئۆزبەكلەر ئۇنى ئوتتۇر ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇخارادا تۇغۇلغان دەپ قارايدىكەن. ئۇيغۇرلار بولسا ئۇنى خوتەندە تۇغۇلغان دەپ قارايدىكەن. نەسىردىن ئەپەندىگە ئائىت تارىخى قول يازمىلار ئىنتايىن ئاز  بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تۈركى مىللەتلەردىن چىققىنى ئېنىق. قايسى مىللەت تەركىبىگە كىردىغىنى  ئېنىق ئەمەس. نەسىردىن ئەپەندى ياشىغان دەۋىر تەرىقەت پىشۋالىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن مەزگىلگە توغرا كىلىشى مۇمكىن.  ئوتتۇر ئەسردە مەيدانغا كەلگەن  نەخشى بەندى تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىق پىشۋالىرىدىن باۋدۇن نەخشىبەندىم پىرىم ھەم ئىبنى ئابباس نەھشىياتۇل پىرىم ھەم قۇتۇبۇل ئەختاپ ھۆمەييا ھەزرەتلىرىنىڭ تەرىقەت توغۇرلۇق سۆزلىگەن يازغان تارىخى ماتىرياللىرىنىڭ كۆيدۇرۇلۇپ كەتكىنى ئېنىق.بەلكىم بۇ قاتاردا نەسىردىن ئەپەندىگە ئالاقىدار ماتىرياللارمۇ كۆيدۇرۇلگەن بۇلۇشى مۇمكىن.  نەسىردىن ئەپەندىمۇ تەرىقەت يولىنى تۇتقان ئىلمى نۇجۇم ھەم ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىكەنلىكىنى بەزى ماتىرياللاردىن بىلەلەيمىز. بۇلۇپمۇ (سۇفىياتۇل ئەز تەزكىرە) دىگەن كىتاپتا نەسىردىن ئەپەندى توغۇرلۇق ئاز تولا مۇجىمەل ئابزاسلار ئۇچراپ قالىدۇ. يەنى نەسىردىن  ئەپەندىنىڭ مەدرىس ئېچىپ بالا تەربىيلىگەنلىكى توغۇرلۇقمۇ ئاز تولا مەزمۇنلار ئۇچراپ تۇردۇ. نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى شەرىق ئەدىبىياتىدا غورورلۇق شەخىس دەپ تەرپلىندىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ناھەق ئىشلارغا تۇتقان پوزىتيىسى ھەم مۇستەككەم مەيدانى ھەربىر كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردۇ.ئۇنىڭ ھەرخىل تەپەككۇر سىنايدىغان مەسسىللەرگە كەلگەندە تۇتقان يولى ھەم  قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئادەمنى سۇيۇندۇردۇ. نەسىردىن ئەپەندى سۇلغۇن گەپ قىلماس تەمكىن چاققان ئەقىللىق ھىلىيگەر ئىشقىلىپ ھەممە پىسخىك ھالەت تېپىلدىغان مۇرەككەپ شەخىس.                      6c224f4a20a4462382b420129822720e0cf3d740.jpg
                                                                       
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 10:47 PM  


ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9337
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:31:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئىنىقكى يەرشالىلىق .ئۇ مەلۇم بىر يەرلىك ،مەلۇم قەۋم بولىشى مۇمكىن .لىكىن ،ئۇ بىر ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل -پاراسىتىنىڭ مەسئۇلى .

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2676
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2073 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:39:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 11:31 PM
ئۇ ئىنىقكى يەرشالىلىق .ئۇ مەلۇم بىر يەرلىك ،مەلۇم قەۋم  ...

ئۇنىڭ يەرشارىلىق ئىكەنلىكى قىل سىغماس ھەقىقەت. بىراق ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكى قايەردە ياشىغانلىقى تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2676
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2073 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
simab يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 11:34 PM
تاڭ  ، بۇكىشىنى مەرھۇم سەخىسمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن ب ...

سىز تۇنۇيىدىغان نەسىردىن ئەپەندىم كىم ئەمىسە

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1461 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرچە بۇنى تۈركى تىللىق قەۋمنىڭ ...............لىكىن يەنە 50 يىلدىن كىيىن ئېنىق جوڭگومۇ بىزنىڭ دەيدۇ....阿凡提ئافەنتى  دىگەن  ئوبراز  پۈتۈن خەنلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ بولدى ، دىمەك............قالغان ئىشلا  تەبىلا  شۇنداق  بوپ كىتىدۇ  

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 766
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 23069
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7609 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالغۇمىز كېلىدۇ، ئەسكى ئادەم بولسا ھېچكىم تالاشماستى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4119
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 38864
تۆھپە نۇمۇرى: 711
توردا: 6455 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشلۇق

مۇسۇلمانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2676
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2073 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىردىن ئەپەندىنى خوتەنلىكمىكىن دەيمەن. نىمىشقا دىسەڭلار  تۇركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ سۆزمەن ئادەملەر يەنىلا بىز ئۇيغۇرلار ئىكەنمىز. ھەم خوتەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنيەت مەركىزى ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 11:52 PM  


ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6837
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 12:01:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 11:51 PM
نەسىردىن ئەپەندىنى خوتەنلىكمىكىن دەيمەن. نىمىشقا دىسە ...

ئەمىسە ھىسامكام غۇلجىلىققۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9337
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 12:04:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 11:39 PM
ئۇنىڭ يەرشارىلىق ئىكەنلىكى قىل سىغماس ھەقىقەت. بىراق  ...

بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ .چۇنكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەرخىل نەشىرلىرى بار بىزدە ئۇيغۇرچە ،تۈركلەردە تۈركچە ،پارسلاردا پارسچە.تارىختا شۇنداق ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆتكىنى راس لىكىن ھەمما يەردە ھەققانىيەت ياقلىشى مۇمكىن ئەمەس .مەسىلەن :ھىسام ئاكىمىز يۇمۇرچى بولسىمۇ ھازىر ھىسام نامىدىكى بارلىق لەتىپىلەرنى ،يۇمۇرلارنى ئىيتمىغان .سىز شۇنداق بىر يۇمۇرنى ئىجاد قىلىپ ھىسام ئاكا دەپ باشلىسىڭىز  باشقىچە جەلىپكار بولىدۇ ،شۇڭا نەرسىردىن ئەپەندىمۇ شۇنداق خەلق ياراتقان ئوبراز!

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش