ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەرداشلار،جىددىي چاقىرىمەن دىسەم نىمە ئىشتۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭلار ھەقاچان...سىلەرنى خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلىپ چارچاپ قالدىمىكىن دەپ سىلەرگە ئازراق يۇمۇر ئالغاچ كەلگەن شۇ ،مۇنبەرداشلارنى باش سۈرەتلىرىگە قاراپلا يۇمۇرلارغا قوشۇپ قويدۇم .بۇيەردە بىرەرىنى مەسخىرە قىلىش نىيىتىم يوق،پەقەت كۆڭۈل ئېچىشنىلا مەقسەت قىلدىم.خاتا چۈشەنمىگەيسىلەر
يۇمۇرلار
يولتۇز دىژۇرنىلىق قىلىۋاتقان بىر ئاخشىمى كېسەل ياتاقلىرىنى ئارىلاۋېتىپ بىر بىمارنىڭ قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ-دە،ئۇنىڭغا قاراپ ئەنسىز ھالەتتە نەچچە قېتىم توۋلاپتۇ:
_ھەي،تۇرۇڭە،تۇرۇڭ دەيمەن!
بىماركۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ ئۇۋلاپ تۇرۇپ:
_نىمە ئىش بولدى؟
يولتۇز:
_نېمە بولاتتى،ئۇيقۇ دورىڭىزنى يېيىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز!
يامغۇر ياققان بىر كۈنى yaro كىچىك تەخەيچىقىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپتۇ.تەخەيچاقنىڭ پۇتلىرى يامغۇردا پاتقاق كەچكەنلىكتىن بەك مەينەت بولۇپ كەتكەنىكەن.بېلەتچىنىڭ ئۆزىلىرىگە قاراۋاتقانلىقىنى بايقىغان yaro ناھايىتى ئەدەپ بىلەن بېلەت ساتقۇچىدىن سوراپتۇ:
_ئەگەر تەخەيچىقىم ئۈچۈنمۇ بىر بېلەت ئالسام ئۇمۇ باشقا يولوچىلاردەك بىر ئورۇنغا ئىگە بولىدىغاندۇ؟
بېلەت ساتقۇچى:
_ئەلۋەتتە بولىدۇ ئەپەندىم! لېكىن تەخەيچىقىڭىزمۇ باشقا يولوچىلاردەك پۇتىنى ئورۇندۇققا ئېلىۋالماسلىقى كېرەك.
بىر كۈنى شىرئەلى تاكسىغا ئولتۇرۇپتۇ.تاكسى مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە،شوپۇر دەپتۇ:
_ئەپەندىم،كىرا ھەققى 23 يۈەن بولدى.
شىرئەلى ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە:
_ھە؟!كەچۈرۈڭ،ماشىنىنى سەل كەينىگە قايتۇرغان بولسىڭىز،يېنىمدا 20 يۈئەنلا بار ئىدى.
بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۇرۇشۇپ قاپتۇ:
ئېرى:سېنى ئالغىنىمغا پۇشايمەن قىلىمەن!
ئايالى:ساڭا تەگكىنىمگە مىڭ پۇشايمىنىم بار!
بۇ چاغدا باياتىدىن بېرى جىم ئولتۇرغان ئوغلى tuntaxvixi دەپتۇ:
_ھەي،ئىسىت!ئۆز ۋاقتىدا ئۆيىڭلارغا كەلمىسەممۇ بوپتىكەن!
ئوقۇتقۇچى دۇنيا خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ:
_كىم ماڭا ئامرىكا قىتئەسىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟
abduzar786 چىقىپ ئامرىكا قىتئەسىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ.
بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى zulnar غا قاراپ دەپتۇ:
_زۇلنار،ئامرىكا قىتئەسىنى كىم قاچان بايقىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
zulnar ئىككىلەنمەستىن جاۋاپ بېرىپتۇ:
_بىلىمەن مۇئەللىم،abduzar786 تېخى بايىلا بايقىغان.
ئوقۇتقۇچى قوشۇش ئېلىش دەرسىنىڭ مەزمونىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن قۇياشتىن سوراپتۇ:
_قۇياش،سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي،توغرا جاۋاپ بېرەلەمسىزكىن؟ ئەگەر ئاكىڭىزنىڭ بەش ئالمىسى بولسا،سىز ئۈچىنى ئېلىۋالسىڭىز يەنە قانچىسى قالىدۇ؟
قۇياش:
_مۇئەللىم ،ئۇ چاغدا ئاكام مېنى تازا ئۇرىدۇ،دەپلا پاڭڭىدە يىغلىۋېتىپتۇ.
مۇئەللىم ئۆزگىچىدىن سوراپتۇ:
_ئۆزگىچە،يەرشارى قانداق شەكىلدە؟
ئۆزگىچە:
_يۇمىلاق شەكىلدە.
مۇئەللىم:
_سەن ئۇنىڭ يۇمۇلاقلىقىنى قانداق بىلدىڭ؟
ئۆزگىچە خوشياقمىغان تەلەپپۇزدا:
_ئۇنداقتا تۆت بۇرجەك بولسۇن،مېنىڭ سىز بىلەن بۇ مەسىلىنى تالىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق.
بىر كۈنى ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئوقۇغۇچىلارغا جۈملە تۈزۈشنى ئۆگىتىۋاتاتتى.نۆۋەت ئۆردەك سۆزىگە كەلگەندە ئۇ قىزىقچىلىپ قىلىپ دىدى:
_ئىككى ئايال كىشى 1000 ئۆردەككە تەڭ.بىر ئازدىن كېيىن zulfay قولىنى كۆتەردى.ئوقۇتقۇچى سۆزلەشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن:
zulfay دېرىزە سىرتىنى شەرەتلەپ،يىراقتىن كېلىۋاتقان ئىلمىي بۆلۈم مۇدىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
_مۇئەللىم،500 ئۆردەك بىزنىڭ سىنىپ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەجەل ،مەلۇم بىر ئاشخانىغا تاماققا كىرىپتۇ.بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئاشخانا خوجايىنىنى چاقىرتىپ كېلىپ دەپتۇ:
-بۇ يەرنىڭ قورۇمىلىرىنىڭ بۇنداقلىقىنى بىلگەن بولسام نەچچە كۈن ئىلگىرىلا كېلەركەنمەن.
ئاشخانا خوجايىنى ،خوشال ھالەتتە:
_رەھمەت،ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت.....دەۋاتسا،ئەجەل:
_دىمەكچى بولغىنىم،نەچچە كۈن ئىلگىرى كەلگەن بولسام بۇ گۆشلەر بىلەن بېلىقلار پۇراپ قالمايتتىكەندۇق.
burkut327سۈت توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىركۈنى، ئەتىگەنلىك تېز تاماقخانىغا سۈت ئاپىرىپتۇ.خوجايىن قارىسا ھەممىسى سۇ ئىكەن.ئۇئىنتايىن نارازى قىياپەتتە:
-بۈگۈن نىمىشقا سۇ ئەكەلدىڭ؟
burkut327 يوغان تۇڭغا بىر قارىۋېتىپ :
_كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،بۈگۈن سۇغا سۈت ئارىلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمىز...
Delsaverئاياغ دۇكىنىدا ياردەمچى ئاياغ ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتسا،بىر خېرىدار بىر جۈپ ئاياغنى كۆتۈرۈپ كېلىپ:
_بۇ ئاياغ 100 يۈئەنكەن،لېكىن يېنىمدا 50يۈئەنلا پۇل بار ئىدى. بۇنى ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز قالغان پۇلنى ئەتە ئەكىلىپ بەرسەم بولامدۇ؟
ئاياغنىڭ قاپتىكىسىنى چىقىرىپ بېرىپ:
_چاتاق يوق ئەپەندىم،ئېلىپ كېتىۋېرىڭ.
بۇنى كۆرۈپ تۇرغان خوجايىنDelsaverغا ئاچچىقلاپ:
_ئەگەر ئۇ ئەتە پۇلنى ئەكىلىپ بەرمىسە مائاشىڭدىن 100 يۈئەن تۇتىمەن!
Delsaver تەمكىنلىك بىلەن:
_خاتىرجەم بولۇڭ خوجايىن،ئۇ ئەتە چوقۇم كېلىدۇ.مەن ئۇنىڭغا ئىككىلا ئاياغنى سول پۇتنىڭكىنى بەردىم.
باشلىق ئاجايىپ كاتىپدىن سوراپتۇ:
-سىز ئۆلگەن ئادەمنىڭ قايتا تىرىلدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
كاتىپى:
_ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن.
ئاجايىپ:
_ناھايىتى ياخشى،تۈنۈگۈن سىز رۇخسەت سوراپ نامىزىغا بارغان مومىڭىز بۈگۈن سىزنى يوقلاپ كەپتۇ!
بىر كۈنى دۈشمەن ئەرمەك ھايۋاناتلار دۇكىنىغا كىرىپ مال ساتقۇچىدىن سوراپتۇ:
_مەن يوغان ئىككى سۈر چاشقان بىلەن 60 دانە سۈۋەرەك سېتىۋالىمەن.
مال ساتقۇچى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
_سىز بۇنداق ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان نەرسىلەرنى نىمە قىلماقچى؟
دۈشمەن:
_مەن ھازىر ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيۈمدىن كۆچۈپ كەتمەكچى.كېلىشىمنامىگە ئاساسەن كۆچۈش ئالدىدا ئۆينى ئەينى چاغدا ئىجارىگە ئالغان پېتى ئۆي ئىگىسى قايتۇرمىسام بولمايدۇ!
دۇكان خوجايىنى نازىخاننى ئەيىپلەشكە باشلاپتۇ:
_بايا سىزنىڭ خېرىدار بىلەن جېدەللىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆردۈم!ئەجىبا سىز خېرىدارنىڭ مەڭگۈ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟!بۇندىن كېيىن خېرىدار نىمىلا دىسە جاڭجاللاشماڭ بىلدىڭىزمۇ؟!
نازىخان:
_بۇنىغۇ بىلدىم.لېكىن ئۇ بايا سىزنى يوغان قۇرساق ئەخمەق تاز دەپ تىللاۋاتسا!
قەرز ئىگىسى:
_باشلىقىڭىز بارمۇ؟
zokra:
_يوق.
قەرز ئىگىسى:
_ئۇ راسلا يوقما؟
zokra:
_توۋۋا،ئەجىبا سىز باشلىقىمىز ئۆز ئاغزى بىلەن دىگەن گەپكىمۇ ئىشەنمەمسىز؟
پويىزدا ئولتۇرۇپ ئىچى سىقىلغان tamken يېنىدا ئولتۇرغان ap~qilam گە دەپتۇ:
_ئىككىمىز بىر ئويۇن ئوينايلى،خالىغان بىرىمىز قارشى تەرەپتىن بىر سوئال سورايمىز،ئەگەر قارشى تەرەپ جاۋاپ بېرەلمەي قالسا 10 يۈەن بېرىدۇ.قانداق؟
tamken بىردەم ئويلىنىۋېلىپ:
_سەن مەندىن ئەقىللىق تۇرساڭ،ھەرقېتىم سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاسانلا تېپىۋالساڭ مەن زىيان تارتىدىكەنمەن.مۇنداق بولسۇن،مەن سەندىن سورىغان سوئالغا جاۋاپ بېرەلمەي قالساڭ سەن ماڭا ئون يۈئەن بەر،ئەگەر مەن جاۋاپ بېرەلمەي قالسام ساڭا بەش يۈئەن بېرەي. قانداق؟
ap~qilam ئۇ بەربىر جاۋابىنى تاپالمايدۇ دەپ ئويلانماستىنلا ھەئە دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
tamken سوئالنى باشلاپتۇ:
_قانداق نەرسە ئۈچ پۇتلۇق تۇرۇپ ئاسماندا ئۇچالايدۇ؟
ap~qilam قانچە ئويلانسىمۇ جاۋابىنى تاپالماي tamken گە ئون يۈئەن بېرىپتۇ ۋە دەپتۇ:
_پۇلنىمۇ تۆلىدىم،ئەمدىغۇ توغرا جاۋابىنى دەپ بېرەسەن؟
tamken دەرھاللا:
-ئەمەلىيەتتە مەنمۇ جاۋابىنى بىلمەيمەن.سوئالىڭغا جاۋاپ بېرەلمىگەندىكىن مەن ئۇتتۇردۇم.تۇتە ماۋۇ بەش كوينى.
بىر كۈنى kaqvr باغچىدا سالقىنداپ ئولتۇرسا،يىراقراقتا رەسىم سىزىۋاتقان بىر ياش يىگىت ئۆزىگە تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن kaqvr ئالاھىدە چىرايلىق شەكىل چىقىرىپ ،قىمىرلىماي تۇرۇپتۇ.يىگىرمە مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى يىگىت kaqvr ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭدىن قاچان كېتىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
kaqvr:
_خاتىرجەم سىزىۋېرىڭ،مەن ھازىر كەتمەيمەن.
ھېلىقى يىگىت قىزىرىپ تۇرۇپ دەپتۇ:
_كەچۈرسىز،سىز مېنىڭ سىزىۋاتقان نەرسەمنى توسۇۋالغانىدىڭىز...
ئۆل يولدىشىغا قاراپ دەپتۇ:
_قەدىرلىكىم،بىز پات ئارىدا ئۈچ جانغا ئايلىنىمىز...
يولدىشى ھاياجاندا:
_راستما؟!قاچانلىققا؟
ئۆل خوشال تەلەپپۇزدا:
_ئەتە ئاپام كەلمەكچى، ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئالغىلى چىقىمەن.
banker625:
_مېنىڭ ئايالىم مېنى ياخشى كۆرمەس بولىۋالدى.سېنىڭچۇ؟
ئەخمەد:
_مەن نەدىن بىلەي،ئايالىم ئەزەلدىن سېنىڭ گېپىڭنى قىلىپ باقمىغان تۇرسا.
:aktax
_ئاپا،ئاپا،ئاۋۇ ئادەمنىڭ بېشىدا چېچى يوقكەن.
ئاپىسى:
_بوش گەپ قىل بالام،ئۇ ئاڭلاپ قالىدۇ.
aktax تۆۋەن ئاۋازدا:
_ئاپا،ئۇ بېشىدا چېچى يوقلىقىنى بىلمەمدا؟
شىرئەلى118 ئاپىسى بىلەن بىللە ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپتۇ.شىر قەپىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئاپىسى دەپتۇ:
_بالام، شىر قەپىسىگە بەك يېقىنلاشما.
شىرئەلى118 :
_خاتىرجەم بولە ئاپا،مەن ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزمەيمەن.
مۇكەرەمنىڭ كىچىك ۋاقتى ئىكەن.بىر كۈنى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
_مۇكەرەم،بىر ئادەم سىرتتىن سىنىپقا كىرمەكچى بولسا،بىز ئۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟
مۇكەرەم:
_come in دەيمىز.
ئوقۇتقۇچى:
_ناھايىتى ياخشى،ئۇنداقتا،بىر ئادەم سىنىپتىن سىرتقا چىقماقچى بولسىچۇ؟
مۇكەرەم:
_ئۆزىمىز سىرتقا چىقىۋېلىپ come in دىسەكلا بولىدۇ.
kakkuk11 بەك خىجىلچان ئىكەن.ئۇ قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويماقچى بولۇپ ھەرقانچە قىلسىمۇ ئېغىز ئاچالماپتۇ.ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ قىز دوستىغا دەپتۇ:
_سىز ئۆلگەندىن كېيىن بىزنىڭ جەمەئىتىمىزنىڭ قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلۈشنى خالامسىز؟
شوپۇرنىڭ يول چىرىقىدىن چاتاق چىقىپ،ھەربىر ئەگىمگە كەلگەندە قولىنى چىقىرىپ كەينىدىكى ماشىنىلارغا ئەگىلمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.ئۇ ئۈچىنچى قېتىم قولىنى چىقارغاندا،كەينىدە ئىچى سىقىلىپ ئولتۇرغان bzkm بوۋاي ئاخىرى سۆز ئېچىپتۇ:
_ ماشىنىڭىزنى خاتىرجەم ھەيدەۋېرىڭ،يامغۇر ياغسا مەن دەپ قويىمەن.
قوشىنلارنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەنىكەن،بوۋىسى hot نىمۇ چىقىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە ياردەملىشىشكە بويرۇپتۇ.ئەمما بىرئاز ساقلىسىمۇ hot چىقماپتۇ:
بوۋىسى ئاچچىقلاپ:
_نىمانداق چىقمايسەن؟!
hot:
-سەل توختا بوۋا،پايپىقىمنى كىيىۋاتىمەن.
بوۋىسى:
-ھەي،ھازىر دىگەن قانداق چاغ؟!ئەستاغپۇرلا،پايپىقىڭنى كىيمەيلا چىق !
hot ماقۇل دەپ قويۇپ يەنە چىقماپتۇ.بوۋىسى:
_يەنە نىمە قىلىۋاتىسەن؟!
hot:
_پايپىقىمنى سېلىۋاتىمەن.
سۈمەييە ئىگىز پاشىنلىق ئاياق كىيىپ كېتىۋېتىپ ئېگىز-پەس يولدا مايماق دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئازراق مېڭىشىغا يەنە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغان ھالدا:
_ھەي،يەنە يىقىلىپ چۈشىدىغىنىمنى بىلگەن بولسام بايا ئورنۇمدىن تۇرماي تۇرسام بوپتىكەن...
rayima518پالچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىدە بىر ئايال ئۇنىڭغا پال ئاچقۇزۇپتۇ.
rayima518:
_سىزنىڭ بىر بالىڭىز بار ئىكەن، خانىم.
ئايال:
_لېكىن مېنىڭ توققۇز بالام بار تۇرسا!
rayima518 زەردە بىلەن:
-ھە؟! ئەكىلىڭە يەنە بىر قولىڭىزنى كۆرۈپ باقاي!
مەنبە:تەرمىلەر ۋە خىيالىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-26 07:16 PM