بۇ قېتىم تەييارلانغان نۇتۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادەمگە ئىرادە، ئۈمىد، ئىشەنچ، قەيسەرلىك ئاتا قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆزگىچە باشقۇرۇش، يېتەكلەش سەنئەتلىرى، ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا، مائارىپ، تور مائارىپى ھەققىدە سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردۇر. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا يۇقارقى مەزمۇنلاردا نۇتۇقلار تەييارلىنىۋاتىدۇ، بۇ نۇتۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك توردا كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى تەمىنلىنىدۇ، ۋاقىپ بولغايسىزلەر.
مەزكۇر فىلىم TED يۈرۈشلۈك نۇتۇقلىرىنىڭ 3-قېتىم يوللانغان فىلىمى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ TED نۇتۇقلىرى جىددىي تەييارلىنىۋاتىدۇ، پۈتكەندە بىر-بىرلەپ تورداشلارغا تەمىنلىنىدۇ.
ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئاتلاندا سۆزلىگەن لېكسىيە فىلىمى قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇرچە لېكىسيەلەر ۋە تەد نۇتۇقلىرى ئەتە چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ.
فىلىم ھەققىدە: ستېيسىي كرېيمېر (Stacey Kramer) ئۈچ مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن بىر قېتىملىق تەسىرلىك كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ: يەنى، بىر قېتىملىق قورقۇنچلۇق، قىممەتلىك، بەخت ئەكېلىدىغان بىراق ھېچكىم باشتىن كەچۈرۈشنى خالىمايدىغان كەچۈرمىشنىمۇ بىباھا سوۋغا قاتارىدا كۆرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە…
فىلىم نامى: ستېيسىي كرېيمېر: ھاياتىمنى ساقلاپ قالغان ئەڭ ياخشى سوۋغا
فىلىم تۈرى: نۇتۇق
تارقاتقان ئورۇن: TED.com
تارقىتىلغان ۋاقتى: 2010-يىلى
تىلى: ئىنگلىزچە
يېزىقى: ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە قوش خەتلىك(بېكىتىمىزدە تور يۈزىدە تۇرۇپلا يېزىقلارنى ئۆزگەرتىش ۋە خەتسىز كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى، CC كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرۇڭ)
ئۇزۇنلۇقى: 3 مىنۇت
رازمېرى: 480*848
تەرجىمە قىلغۇچى ئورۇن: ئاتلان تەرجىمە گۇرۇپپىسى
تەرجىمان: مەدىنە ئېلى
تەھرىر: سەزگۈر
كىرىشتۈرگۈچى: تىلسىم