مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1352|ئىنكاس: 24

قەشقەردە نورۇز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4850
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 03:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<قەشقەردە نورۇز مەشرىپى>ئەلكۈيى زىيارەت فىلىمى

ئەزىزانە قەشقەردە نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن <<قەشقەردە نورۇز مەشرىپى>>ئەلكۈيى تورى مەخسۇس زىيارەت فىلىمى

ئابدۇكېرىم ئابلىز،ماھىرە ئابدۇغېنى،ئەمەتجان توختى،ئالىيە ئوتۇقلار قەشقەردىكى نورۇز مەشرىپىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا

ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شەۋكىتىدىن ئەسسالام،
ئىشچان،چىۋەر قوللارنىڭ بەرىكىتىدىن ئەسسالام،
ھېيتكاھنىڭ سۈلكىتى، ھۆرمىتىدىن ئەسسالام،
نورۇزدىكى قۇياشنىڭ ئاپتىپىدىن ئەسسالام!


شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ۋە قەشقەر شەھەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئالىيە ئوتۇق نورۇز مەشرىپىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا

كۆكلەم كەلدى جاپدۇنۇپ،باغرىڭلارنى ئېچىڭلار،
ئەزىزانە دىياردا ئەزىز بولۇپ ئۆتكەنلەر.
رازى بولسۇن سىلەردىن ئاتا-ئانا قېرىنداش،
ئادىمىلىك بابىغا ئالتۇن يېزىق پۈتكەنلەر.

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنتە تەلئەت قەشقەر ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا تورداشلارغا نەق مەيداندىن خەۋەر بەرمەكتە

شۇنداق ئەزىزانە قەشقەردە نورۇز بايرىمى كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز نورۇزنى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ پۈتۈن دىيارىمىز خەلقىنىڭ نورۇز بايرىمى مۇبارەكلەندى،تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى جۈملىدىن دۇنيادىكى بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھيېتكاھ جامەسىدىن نەچچە مىڭلىغان ئوغلانلىرىمىزنىڭ ھەيۋەت ساماسى بىلەن باشلانغان نورۇزنى تەبرىكلەش مۇراسىمى <<ئەزىزانە قەشقەردە نورۇز>>مەشرىپىگىچە ئىنتايىن داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ قەشقەردە بىر تارىخى شانلىق ئەسلىمىنى قالدۇردى.

قەشقەردە نورۇز مەشرىپىگە قاتناشقان كۆرۈرمەنلەر ئورنىدىن تورۇپ نورۇز تەنتەنىسى قىلماقتا


ئابدۇكېرىم ئابلىز ئورۇنلىغان قەشقەر ساماسى ناملىق ناخشىغا پۈتۈن مەيداندا ئالقىش ياڭرىدى،ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ساماغا چۈشتى

قەشقەر دىيارىدىكى جامائەت ئەربابلىرى،نورۇز تەشكىللىگۈچىلەر...قەشقەردە نورۇز مەشرىپى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بۇ قېتىملىق كاتتا مەشرەپنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە رېژىسسورى نىجات نىياز خوجىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى ۋە نورۇزنى تەبرىكلەشنىڭ قەشقەردە ئەبەدى ئۈزۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئەھدى قىلىشتى

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان ئەزىزانە قەشقەر زامان-زامانلاردىن ئۆزىنىڭ مېھىرلىك قوچىقىدا نى-نى ئارسلانلارنى تەربىيلەپ چوڭ قىلدى.ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە ،تارىختىكى ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەش،ئۇنىڭ تارىخى ئەھمىيتى ۋە رىئال قىممىتىنى تونۇپ يىتىش شۇنداقلا پۈتۈن دىيارىمىز خەلقىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تارىختىكى ئەجدادلىرىمىز ئىزىنى بويلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئەجداتلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كاتتا مۇراسىم ئارقىلىق ئەۋلاتلارغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە شىنجاڭ يېڭى تاڭنۇرى ئۆي - مۈلۈك ھەسسىدارلىق شركىتى ساھىبخانلىقىدا ،دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بالىلار قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى نىجات نىياز خوجا باش پىلانلىغۇچى ۋە رېژىسسورلىقىنى ئۈستىگە ئالغان <<قەشقەردە نورۇز مەشرىپى>>خەلقىمىزنىڭ بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىتىۋىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى قەشقەر خەلقىنىلا ئەمەس پۈتۈن دىيارىمزنى ھاياجانلىق ھىس - تۇيغۇلارغا چۆمدۈردى.نورۇزنىڭ خاسىيتىدىن ھەممەيلەننى پەخىرلىك ھىس تۇيغۇلارغا ئىگە قىلدى.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك قەشقەرنىڭ زېمىن ئاسمىنىدا ئەجدادلىرىمىز ياندۇرغان مەرىپەت ۋە شاھانە پۈكۈلمەس روھلارنىڭ شولىسى پارلاپ تۇرىدۇ،بۇ شولىدىن نەۋ باھارنىڭ ھىدلىرى پۇراپ تۇرىدۇ.ئەنە شۇنداق روھلار ۋە ھىدلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەتكەن قەشقەر دىيارى2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى نورۇز ئېيىنىڭ 21-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى نوروز بايرىمىغا تەۋە خەلقنىڭ جۈملىدىن بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى نورۇزنى ئەڭ كاتتا شەكىلدە تەبرىكلىدى.

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى ساھىبخانى،يېڭى تاڭنۇرى ئۆي-مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مۇھەممەدتۇرسۇن ھاجىمغا خەلق گۈل تەقدىم قىلىپ بۇ ئوغلانىدىن پەخىرلەندى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە باش رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا قەشقەر خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى.خەلق بۇ تالانتلىق رېژىسسورىدىن پەخىرلەندى

ئابدۇكېرىم ئابلىز ،ئەمەتجان توختى ۋە ئالىيە ئوتۇقلار رىياسەتچىلىك قىلماقتا

نورۇز مەشرىپى زالىدىن بىر كۆرۈنۈش

بۇ قېتىملىق نورۇز مەشرىپى دىيارىمىزدىكى داڭلىق يازغۇچى-شائىرلار،ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان ،  نومۇر كۆرسىتىدىغان ،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا رېژىسسورلۇقىدا،ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇكېرىم ئابلىز،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ،ئەمەتجان توختى ۋە قەشقەر شەھەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئالىيە ئۇتۇق قاتارلىقلار رىياسەتچىلىكىدىكى دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيتى ئىچىدىكى كاتتا ۋە چوڭ ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ پائالىيتى بولۇپ،بۇ قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش كۆلەم جەھەتتىن چوڭ ، قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپ ،نورۇز مەشرىپى مەزمۇنى سەرخىل بولۇش ،مىللىي ئەنئەنىگە ئالاھىدە يېقىن بولۇشتەك ..كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ھەمدە نورۇز شاتلىقىدىن پۈتۈن خەلقىمىزنى تولۇق بەھرىمان قىلىش مەقسىتىدە بۇ قېتىملىق نورۇز مەشرىپى تولۇق جەريانى دىيارىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى جۈملىدىن ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سونۇشقا تەييارلاندى.


ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى نورۇز ئېيىنىڭ 21-كۈنى نورۇز بايرىمىدا قەشقەر ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن <<نورۇز مەشرىپى>>نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئون مىڭ كىشىلىك ساما پائالىيتى نەق مەيدانىدا تۇرۇپ تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە


ساما سېلىۋاتقان يىگىتلەر

نورۇز كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلغان چېچەكلەر نورۇزغا باشقىچە تۈس قوشتى



ھېيتكاھ جاماسى ئىچىدىكى ئۈرۈك چېچەكلەپتۇ

ھېيتكاھتىكى نورۇز بەزمىسى





ھېيتكاھتىكى نورۇز بەزمىسى

ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا ئەلكۈيى تورى نورۇزلۇق مەخسۇس زىيارەت ئۆتكۈزۈپ خەلقىمىز بىلەن ئەينى يىللاردىكى نورۇزنى تەبرىكلەش ئەھۋالى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى نورۇزنى تەبرىكلەش ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەردە بولدى

خەلق ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا



قىز -يىگىتلەر ئەلكۈيى تورىدىكى تورداشلارغا نورۇز ھەققىدە سۆز قىلماقتا


مويسىپىتلار نورۇز ھەققىدە ھېيتكا جامەسى ئالدىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلدى

ئەلكۈيى زىيارىتى


ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا


ئەلكۈيى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا

ئەلكۈيى تورىدىن مەمەتجان ئۈمىدۋار ،ئىليار ياسىن ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا

ھېيتكاھ جامەسدى ئەتراپىدا نورۇز تەبرىكلەۋاتقانلار ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشتى

ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار بۇ قېتىم قەشقەرگە خىزمەتكە بارغان ئەلكۈيى خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرگە



ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا نورۇز تەبرىكلەش ساماسى ئاخىرلاشتى ئەمدى قەشقەردە چوڭ تىپتا ئۆتكۈزۈلىدىغان <<قەشقەردە نورۇز >>مەشرىپى باشلىنىدۇ

نورۇز كۈنى ئەتتىگەن سەھەردە قەشقەر ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدىكى چوڭ مەيداندا ئۈستىگە ئاق كانىۋاي ۋە مىللىيچە كىيىم كەيگەن،بېشىغا دوپپا كەيگەن نەچچە مىڭلىغان قىز - يىگىتلىرىمىز، ئاكا-ھەدىلەر،ئىنى -سىڭىللار شۇنداقلا پەخرىمىز ھېسابلىنىدىغان مويسىپىتلىرىمىز بىر يەرگە جەم بولۇپ ساما سېلىپ،ئەنئەنىۋى نومۇرلارنى ئورۇنداپ ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن،يىلنىڭ بېشى نورۇزدىن باشلىنىدىغان مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئوتۇقلارغا سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلەپ نورۇزنى كۈتىۋالدى.چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ يېڭى تاڭنۇرى ئۆي - مۈلۈك ھەسسىدارلىق شركىتى ساھىبخانلىقىدىكى <<گۈزەل قەشقەردە نورۇز>>مەشرىپى رەسمىي باشلاندى ۋە جاي-جايلاردىن كەلگەن نورۇز ئەھلى بۇ كاتتا سورۇنغا جەم بولۇپ نورۇزنى تەبرىكلىدى.




بۇ قېتىملىق نورۇز مەشرىپى  كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى،قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كۆپلىكى ھەمدە دىيارىمىزدىكى داڭلىق سەنئەتكارلار،يازغۇچىلار،شائىرلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتنىشىپ نومۇر ئورۇنلىغان كاتتا مەشرەپ پائالىيتى بولۇپ،نورۇز مەشرىپىنى پۈتۈن دىيارىمىز خەلقىگە يارىغۇدەك ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە نورۇزنى تەشكىللەش،پىلانلاش،ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە روياپقا چىقىرىش جەريانىدا ئىنتايىن كۆپ يوللار بېسىپ ئۆتۈلگەن.كېچىلىك رېژىسسورلىقى ۋە باش پىلانلىغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز نىجات نىياز خوجا بىر ئايغا يېقىن جىددىي تەييارلىق ۋە خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە يېڭى تاڭنورى ئۆي - مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى < گۈزەل قەشقەردە نورۇز>مەشرىپى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.




ئابدۇكېرىم ئابلىز ئورۇنلىغان ساما ناخشىسى نورۇز ئەھلىنى ھەم شادلاندۇردى ھەمدە ھاياجاندا ساماغا سالغاندىن باشقا نورۇز ئەھلى كۆزلىرىگە خۇشاللىق ياشلىرىنى ئالدى

نورۇز ئاممىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

نورۇزلۇق نومۇرلار


ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەڭ يېڭى ئىتوتى <<ھايۋان>> ناملىق ئىتوتى بىلەن قەشقەردە نورۇزنى تەبرىكلىدى


ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،داڭلىق ئىتوت ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز،خەلقىمىز ئەتىۋارلىق قىزىم دەپ ئەزىزلىگەن داڭلىق ناخشىچى ئىززەت ئىلياس،ئۇستاز شائىر تاھىر تالىپ،مۇھەممەتقاسىم ھەمدە دەۋرىمىز ئايال شائىرلىرىنىڭ ئۈلگۈسى چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىقلارنى تەييارلىغان نومۇرلىرى نورۇز ئەھلىنى ھاياجانلاندۇردى.ئابدۇكېرىم ئابلىز ،ماھىرە ئابدۇغېنى،ئەمەتجان توختى،ئالىيە ئوتۇقلار بىلەن بىرلىكتە نورۇز مەشرىپىنىڭ رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا <<ھايۋان>>ناملىق يېڭى ئىتوتى ۋە ساما ناخشىسىنى خەلقىمىزنىڭ نورۇز بايرىمى سوۋغىتى سۈپىتىدە مەشرەپ ئەھلىگە سۇندى.تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يارقىن نوقتا شۇكى: ئابدۇكېرىم ئابلىز ساما ناخشىسىنى ئورۇنلىغاندا پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىنى ئورنىدىن تورۇپ ساما ناخشىسى تۈگىگىچە ساما سالدى ساما ناخشىسىغا ياندىشىپ نۇرغۇنلىغان نورۇز ئەھلى كۆزلىرىدىن ياش ئالدى.ساما بىلەن تەڭ تۈكۈلگەن پەخىرلىنىش ياشلىرى نورۇزنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى ھىسلىرىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.كېچىلىكتە يەنە ئەل سۆيگەن نورغۇنلىغان ئۇيغۇر-يىگىت قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ نوروزغا بولغان سوۋغاتلىرىنى تەقدىم ئەتتى.بۇ قېتىملىق نورۇز قانداقتۇر قەشقەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان نورۇز بولماستىن پۈتۈن دىيارىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانى ئەكىس ئەتكەن بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىش بولۇپ ، نەق مەيداندىن كۆرەلمىگەنلەر ئەلكۈيى تورى 5 كۈن قەشقەردە تورۇپ ئىشلىگەن <<قەشقەردە نورۇز شاتلىقى>>ئەلكۈيى مەخسۇس زىيارەت فىلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن ھىس قىلالايدۇ ۋە نورۇزنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ چۈشىنەلەيدۇ.


<<قەشقەردە نورۇز شاتلىقى>>ئەلكۈيى مەخسۇس زىيارەت فىلىمى جىددىي كىرىشتۈرىلىۋاتىدۇ..بىر ئىككى كۈن ئىچىدە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدۇ.


نورۇز ئەھلى

كېچىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ نومۇرلارغا يىتەكچىلىك قىلماقتا

ئىتوت: ھايۋان


نورۇز ئەھلى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

غالىپجان رېھىم نومۇر ئورۇنلىماقتا

نورۇز ئەھلى قەشقەردە نورۇز مەشرىپىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ھەمدە بۇ قېتىملىق نورۇزنىڭ قەشقەر تارىخىدا تارىخقا يېزىلغۇدەك بىر كاتتا ئىش بولغانلىقىنى بەس- بەس بىلەن سۆزلەشتى




ئابدۇكېرىم ئابلىز: قەشقەر ساماسى



ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ نورۇز ھەققىدە شىئېر ئوقۇماقتا

داڭلىق ئۇيغۇر شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت نورۇز ھەققىدە شئېر ئوقۇماقتا

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

ئىززەت ئىلياس يېڭى ناخشىسى بىلەن قەشقەردە نورۇز مەشرىپىنى تەبرىكلىدى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

نورۇز ھەققىدە شىئېر ئوقۇماقتا

قەشقەردە نورۇز مەشرىپىنىڭ باش ساھىبخانى،يېڭى تاڭنۇرى ئۆي-مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مۇھەممەدتۇرسۇن ھاجىم

ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئۆرلە ياشلار ناملىق خەلق ناخشىسىنى ئورۇنلىماقتا

نورۇزنى تەبرىكلەش

ساھىبخان مەمەتتۇرسۇن ھاجىم سۆز قىلماقتا

خەلق ئارزولۇق ئوغلىغا ،ساخاۋەتچى كارخانىچىسى مەمەتتۇرسۇن ھاجىمنىڭ شەرىپىگە بوينىغا گۈل ئاستى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى


دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىى بالىلار قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى نىجات نىياز خوجا بۇ قېتىملىق قەشقەردە نورۇز مەشرىپى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باش پىلانلىغۇچى،رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ پۈتۈن قەشقەر خەلقىنى بۇ قېتىملىق مەشرەپ ئارقىلىق قايىل قىلدى،خەلق ئارزولۇق ئوغلىنىڭ نەتىجىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى

ئەجىركارلارنىڭ ئەمگىكى يەردە قالمايدۇ


قەشقەردە نورۇز مەشرىپى

نو

نورۇز ئەھلىدىن بىر كۆرۈنۈش

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى نومۇرلىرى

مۇقام ئىزباسارى شىرئەلى ئەلتىكىن نومۇر ئورۇنلىماقتا

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى نومۇرلىرى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى نومۇرلىرى

قەشقەردە نورۇز مەشرىپى نومۇرلىرى

رىياسەتچىلەردىن بىر كۆرۈنۈش


نىجات نىياز خوجا كىچىلىك نەق مەيدانىدا


ئەلكۈيى تورى نورۇز مەشرىپى داۋامىدا ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ،تورداشلارنىڭ  نورۇزلۇق چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

نىجات نىياز خوجا ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

شىنجاڭ خەلىل خەلقئارا تاشقى سودا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇجېلىل ھاجىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ قەشقەردە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرمەكتە


نورۇزنى كاتتا تەبرىكلەشكە ئەھدە قىلىشماقتا

قەشقەردىكى مويسىپىت،مۆتىۋەرلەر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

قەشقەردىكى مويسىپىت،مۆتىۋەرلەر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

قەشقەردىكى مويسىپىت،مۆتىۋەرلەر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

قەشقەردىكى مويسىپىت،مۆتىۋەرلەر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

قەشقەردىكى مويسىپىت،مۆتىۋەرلەر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

قەشقەردىكى مويسىپىت،مۆتىۋەرلەر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا


دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بالىلار قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى،كۆپكە قادىر ئۇيغۇر ئوغلانى نىجات نىياز خوجا ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار نورۇز مەشرىپىدە

خەلىل خەلقئارا سودا شىركىتىنىڭ باش لىرىدى ئابدۇجېلىل ھاجىم ،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار ۋە خەلىل تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى قەشقەردە نورۇز مەشرىپىدە



قەشقەردە نورۇز مەشرىپى رىياسەتچىلىرىدىن ماھىرە ئابدۇغېنى ، ئالىيە ئوتۇق ۋە باش رېژىسسور نىجات نىياز خوجا نورۇز مەشرىپىدە

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار قەشقەردە نورۇز مەشرىپىدە

قەشقەر شەھەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى رىياسەتچىسى ئالىيە ئوتۇق،رېژىسسوررى.. ۋە ئەلكۈيى تورىدىن مەمەتجان ئۈمىدۋارلار نورۇز مەشرىپىدە


داڭلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت


قەشقەردىكى مۆتىۋەرلەر بىلەن رەسىمگە چۈشىۋاتقان نورۇز ئەھلى

ئەلكۈيى تورىدىن ئىليار ياسىن،مەمەتجان ئۈمىدۋار ۋە ياش ناخشىچى قۇربانجان ،ئەكرەم

ئەلكۈيى تورى خىزمەتچىلىرىدىن تەنتەنە تەلئەت،مەمەتجان ئۈمىدۋار،ئىليار ياسىن قاتارلىقلار قەشقەردە نورۇز مەشرىپىرىدە

قەشقەردە نورۇز مەشرىپىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى نىجات نىياز بىلەن مەشرەپ ئاخىرىدا رەسىمگە چۈشمەكتە


قەشقەردىكى مۆتىۋەرلەر ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىرگە

شۇنداق قەشقەردە نورۇز مەشرىپى كاتتا مۇراسىمى ئاخىرلاشتى،ئەمما قەشقەردىن باشلاپ پۈتۈن دىيارىمىزغا ئورتاق بولغان بۇ كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىملىرى،نورۇزغا باغلانغان تىلەكلەر،يېڭى پىلانلار ئالدىمىزدا بىزنى كۈتۈپ تۇرغان يېڭى نەتىجىلەر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ.ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق قەشقەردە نورۇز مەشرىپى ساداسىنى پۈتۈن خەلقىمىزگە سونۇش  ۋە دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىلەكلىرىنى ئەلكۈيى زىيارىتى ئارقىلىق تورداشلارغا سونۇش بىلەن بىرگە بارلىق تورداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيدۇ شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ يىل بېشىدىن باشلاپ نەتىجىلىك ئىشلارغا قول تىقىشقا،ھەر بىر كۈنىنىڭ مەنىلىك ۋە شاتلىق ئىچىدە ئۈتىشىگە چىن دىلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   monix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 03:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84609
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2012-9-2
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 07:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن كاتتا يىغىلىش بۇ، تولىمۇ ھاياجانلاندىم!!
خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 07:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 616 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 07:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن سۆيۈنگىدەك كاتتا بايرام تەنتەنىسى بوپتۇ،ياشاپ كېتىڭلار قەشقەرلىك قېرىنداشلار! تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25552
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3569 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 07:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەربىر تىنىق ، ھەربىر نەپەس بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ زىمىندا ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىنسان قالسا بۇ ئىنسان ئۇيغۇردۇر ، ئەڭ ئاخىرقى مەدەنىيەت قالسا ئۇيغۇر مەدەنىيتىدۇر ، دىمەككى بۇزىمىدا ئۇيغۇر قەدەملىرى ، ئۇيغۇر ئۆرىپ ئادەتلىرى ، ئۇيغۇرغا خاس ھەرقانداق بىر نەرسە راۋاجلىنىپ ، گۈللىنىپ ئالغا مېڭىشى كىرەككى قىلچە كەينىگە چىكىنىشكە بولمايدۇ !!

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92190
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 08:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 08:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم بۇ كىچىلىككە سەپەرۋەر قىلغان يىڭى تاڭنۇر ئۆي مۈلۈك شىركىتىگە رىژىسۇر نىجات نىيازغا كۆپ رەھمەت . ئەزىزانە قەشقەردە كۈلكە شادلىق مەڭگۈ ئۈزۈلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 08:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zar-zar يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 08:09 PM
نىمىشقا نۇرۇز بايرىمىنىڭ تەنتەنىسى قۇربان ھېيىتنىڭكى ...

بۇنداق بولۇشى نورۇز مىللىتىمىزنىڭ بايرىمى شۇنىڭ ئۈچۈن......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 08:41:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ تىلۋىزيەسىدە بەرمىدۇغۇ بۇمەشرپنى؟؟؟؟؟؟

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 08:42:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم 4-ئايدىكى مەشرەپ پىرۇگىراممىسىدا بىرىشى مۇمكىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش