 |
 |
 |
 |
ئانا تىلىم
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى(1876- 1937)
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر.
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللار ، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر .
ئەي ئانا تىل ، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان.
سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر
قوي مۇ سەن قوزىمۇ سەن ياكى ھەسەل بىلەن قېمىز ،
بۇ مەسەللىك نەرسىنىڭ بىرسىگە ئوخشاتقۇم كىلۇر ،
ئۆز ئاتاسى ئۆز ئاناسى ئۆز يۇرتىدىن تانغانلارنى ،
راسا قاتتىق چەملىك كەشىم بىلەن ئۇرغۇم كىلۇر ،
بىر قىلىچ بەرسە خۇدا،<<كەس!>>دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلىقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.
گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن،كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.
ياتۇر كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.
خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسىلانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ «قۇتادغۇبىلىك» خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر.
يادىكار ئەيلەپ جەھانغا يازدى «دىۋانى لۇغەت»،
مەھمۇدىل قەشقىرى كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.
ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 03:36 PM
|
 |
 |
 |
 |
|