مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3630|ئىنكاس: 38

تۈرۈكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78455
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 01:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈرۈكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى


مۇستاپا كامال قۇرۇقلۇق يولىدا گىرمان+ئىتتالىيە ئىمپىرىيەسى ۋە چىڭگىزخان زامانىدىن كىيىن 630يىلدەك قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپىرىيە بۇلۇپ قالغان ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەسىنىڭ قارشىلىقىدىن ئاسىيا تەرەپكە ئۆتەلمىگەن غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ سۇيولى ئېچىپ، ئامىركا قۇرۇقلىقىنى بايقاپ، ئافىرقىنى قۇل قىلىپ، چىڭ سۇلالىسىغا ئەپىيۇن سېتىپ، ھىندىستاننى كونتىرول قىلىپ، پارىس ۋە ئەرەبلەرنى ئىسلامىي دىننىيلىقتىن مىللىيلىككە كۈشكۈرتكەن ۋە ياردەم بەرگەن بىرتانىيە ئىمپىرىيەسى(ئەنگىلىيە) بىلەن فاششىسىزىم ئىمپىرىيەسى(فىرانسىيە)نىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمان+ئىتتالىيە+ئوسمان تۈرك ئىتتىپاقىنى مەغلۇب قىلىپ، دۇنيانىڭ 40% زىمىنىنى ئىگەللىۋالغان ۋەزىيەتلەردە تۈرك ئىسلام خەلىپىلىكنىڭ (جەمئى 52ئەۋلات ئوسمان تۈركلىرى خەلىپىلىك ئورنىغا چىققان بۇلۇپ) ئاخرقى پوقۇساق ئەۋلادلىرى ۋە رەھبەرلىكى ئىسكەندەر ئىمپىرىيەسى، ھون ئىمپىرىيەسى، رىم ئىمپىرىيەسى، مۇڭغۇل ئىمپىرىيەسى، چىڭ سۇلالىسى ۋە ھەرقانداق ئۇزۇن مەزگىل ھۈكۈم سۈرگەن ئىمپىرىيەلەرگە ئوخشاش چىرىكلىشىپ، ھەييارلىشىپ، ھاكاۋۇرلىشىپ، خىيالىزىملىشىپ، سەپسەتەلىشىپ، دوگمىلىزىملىشىپ، قارغۇزىلىشىپ، خۇراپىيلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقدىشىنىڭ مەغلۇب بۇلىشى، ئىچىدىكى غەيرى ئىسلام مەزھىپىدىكىلەرنىڭ (ئىران شىئە مەزھىپىنىڭ) ۋە مىللى دۆلەت دەۋاسى قىلىۋاتقان(ئەرەبلەر)نىڭ بىرتانىيەنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ تۈرىكلەرنى قانلىق قىرىشى، چىرچىنىيە+ سىبىرىيە+ تاتار+ ئۇيغۇر(ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى)+ سېرىق ئۇيغۇر( ئىدىقۇت بۇددا ئۇيغۇر خانلىقى)+ قازاق+ قىرغىز+ تاجىك+ ئۆزبېك+ ئافغان+تۈركمەن+ ئەسەربەرجان قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭمۇ ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى ۋە ھەقىقىي ئىسلامغا ئىرىشەلمەي ئۆزگەرتىلگەن( شىئە مەزھىپى) ۋە خۇراپىي (ۋاھابىي، سوپا، ئىشان قاتارلىق) ئىسلام دىنىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىشى، خەلىپىلىكنىڭ كەڭ زىمىنلىرىنى كۈچى يەتمەي جاھانگىرلارنىڭ قولىغا تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق سېتىشقا باشلىغانلىقى، يەرشارىدا يەككە-يىگانىلىك ھالدا غەربىي ياۋروپا+ شىئە مەزھىپى+ مىللەتچى ئەرەبلەر+ روس چوشقىلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرى بۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئەژداتلىرىنىڭ بولسا ئۆتمۈشتە ئۆتكەن سەلتەنەتلىك تارىخىنى، تۈرك مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئانا يۇرتىغا ئۆز قېرىنداشلىرىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئوتلۇق يۈرىكى، غۇرۇر-ۋىجدانى،  ئەركەكلىكى قايناپ-تاشقاندا چىدىماي، مىللىتىمنى ئاپپاق غوجىدەك شەكلى ئۆزگەرگەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ خەقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغىچە، مىڭ يىللىق روھىي داھىيلىرىمىزدىن (ئوسمان ئەۋلاتلىرىدىن) ۋاز كىچىپ، يىڭىدىن مىللىي داھىيلار(تۈرك ئاتىسى)نى بارلىققا كەلتۈرۈپ تۈرك مىللىتىنى تىز سۈرئەتتە تىرىشىش، ئىزدىنىش، كۈرەش قىلىش، ئەمەلىيەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىش، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، تەرەققىي قىلىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىگە ئىگە قىلىش لازىملىقىنى كۈچلۈك تۇنۇپ يىتىپ، غەزەپلىنىپ ئۈزى قۇشۇننى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، خەلىپىلىكنىڭ ھۇقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئاغزى بىلەن دىلى ئۆزگىرەپ كەتكەن موللاملارنى يوقىتىۋېتىپ، تەڭسىز شەرتنامىلەرنى يىرتىپ تاشلاپ، 3يىلدىن ئارتۇق قانلىق كۈرەشكە مىلىيۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلارغا باش بۇلۇپ رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگىلىيەنى ئارقىمۇ-ئارقا مەغلۇب قىلىپ 1922-يىلى تۇركىيە جۇمھىرىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان. شۇنداقلا يىڭى بىر ئەۋلات ھەقىقىي ئىماملارنى تەربىيلەپ چىقالايدىغان ئۆزىگە-ئۆزى باش بولىدىغان ئەركىن دىمۇكراتىك مۇستەقىل ئاتا تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىققان.

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدا گىرمانلار تىز سۈرئەتتە سانائەتلىشىشكە يۈزلىنىپ دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى دۆلەتكە ئايلانغان. كومپىيوتېر ۋە ئاتوم بومبىسى قاتارلىق يىڭى بىر دەۋر پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى تەسەۋۋۇرى گىرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن. ئا.ھېتلېر ئەژداتلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن داغلارنى يۇيۇش ئۈچۈن بىرتانىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئىمپىرىتورلىقىغا قارشى گىرمان ناتسىست پارتىيىسىگە ۋە ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ياۋروپادا تارىختىكى 3-قېتىملىق گىرمان+ئىتتالىيە ئىمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان، ئاسىيا ۋە ئافىرقىدىكى نۇرغۇن ئىزىلىۋاتقان مىللەتلەر بىرتانىيەنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلغان. ياپونىيە مىجى يىىدىكى يىڭىلىققا كۈچىشتىن كىيىن ئەنگىلىيەدىن ئۈگەنگەن ئامىركىدىن ئۈگىنىپ ئاسىيادىكى بىردىنبىر سانائەتلەشكەن دۆلەتكە ئايلانغان ۋە ساموراي قۇياش ئىمپىرىيەسىنى قۇرۇشقا كىرىشىپ نۇرغۇن شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بېسىۋالغان. ئامىركا ئەنگىلىيەنىڭ بىرتانىيە ۋاقتىدا 100يىل قۇللۇقتا ئۈتۈپ باشقۇرۇش تەسىرىگە ئۇچۇرغانلىقتىن ۋە ناتسىست ئارمىيىسىنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرىشى بىلەن، نۇرغۇن يەھۇدىي ئالىملار ئامىركىغا چىقىپ نالە ئۇقۇپ ئامىركىنىڭ يىڭى ئەسىر پەن-تېخنىكىلىرىغا غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، ئەنگىلىيە ۋە يەھۇدىيلارنى قوغداپ قېلىش، گىرمان+ياپوننىڭ ئىككى چوڭ ئىمپىرىيەگە ئايلىنىشىنى تۇسۇش شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيانغا يالغۇز ھۈكۈمدارلىق قىلىش ئۇيى ئاساسىدا ئالتە ئاۋىياماتكىسى بىلەن ئامىرىكا پىروئىل خاربورغا ھۇجۇم قىلغانلىق قىساسسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامىرىكا ئىتتىپاقداش ئارمىيە ۋىۋىسكىسىنى كۈتۈرۈپ چىقىپ، گىرمان ۋە ياپونلارنىڭ مەغلۇب بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۈركىيە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ئىتتىپاق بۇلۇپ، ناتسىستلار پۈتۈن مەغلۇب بولغاندا ئاندىن ئىتتىپاقداش ئارمىيەگىلا ئىتتىپاق بولغان. ئەنگىلىيە ۋە ئامىرىكا ئالغان ئولجىدىن پايدىلىنىپ غايەت زور مەبلەغ ۋە ھەربىي زومىگەرلىك ئىشلىتىپ يەرشارىدىكى مەڭگۈلۈك دۈشمىنى ھىسابلىنىدىغان (ئۇچاغدا ئامىرىكا ۋە ياۋروپا ئاساسى جەھەتتىن ئۆزگەرتىلگەن خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلغۇچىلار بۇلۇپ) ئىسلام ئەللىرىگە ئالدىنقى تام بولالايدىغان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن پارچىلاش ۋە دوگمىزىملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن. گىرمان+ئىتتالىيە+ياپون ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەغلۇب بۇلىشى، روس چوشقىلىرىنىڭ سۆۋىت ئىدىيىسىنى كۈتۈرۈپ چىقىپ، سانائەتلىشىشكە ماڭغان ياۋروپاغا يېقىن بۇلىشى، ئىكىلوگىيىلىك سوغۇق ئۈستىنلىكى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئەزا بۇلۇپ قىلىۋالغان ئاز-تۇلا تەرەققىياتى بىلەن، شەرىقتىكى نۇرغۇن ئىسلام+تۈرك+مۇڭغۇل ئەللىرىنىڭ زىمىنلىرىنى بېسىۋېلىشى، غەربىي ياۋروپانىڭ ھىيلە-نەيرەڭگە ئالدىنىپ كەتكەن مىللەتچى ئەرەبلەرنىڭ ئەنگىلىيە+ئامىركىنىڭ قورچاق پادىشاھ دۆلىتىگە ئايلىنىشى قاتارلىق مىلىيۇنلىغان سەۋەبلەر تۈركىيەنىڭ 630يىلدەك ھۈكۈم سۈرگەندىن كىيىن كىچىككىنە زىمىنى ۋە نۇپۇسى بىلەن يەرشارىدا يەككە-يىگانە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئەگەر تاغدا يولۋال بولمىسا مايمۇن پادىشاھ دىگەندەك روس چوشقىلىرىنىڭ گىرمان+ياپون+ئىسلام مەغلۇبىيىتىنىڭ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىگەللىۋالغان زىمىن ۋە توشۇغان ھەددى-ھىساپسىز تۈمەن مىلىيۇن مىلىيارد تىرلىيۇنلىغان توننا بايلىقلارغا قانائەت قىلماي، داۋاملىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىسلامى دۆلەت خەلىقلىرىنى قىرىپ، بارلىق مەبلەغلىرىنى ھەربىي ساھەگە سېىپ، قۇرۇقلىقتىكى ئىككىنجى قېتىم مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىدەك زىمىنغا ئىگە بولغان يىڭى بىر دۈشمەن دۆلتىنىڭ مەيدانغا چىقىپ شەرىقى ياۋروپا+ تۇرك+ ئەرەبلەرنى پۈتۈنلەي يۇتىۋېلىش ۋە ئامىركىنى يىڭى تەھتىتكە دۇچار قىلىش خەۋىپى بولمىغان بولسا ئامىرىكا+ئەنگىلىيە ھەرگىزمۇ تۈركىيەنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزمەيتتى، ئەكسىچە بىرتانىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى كۈچلۈك ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەسىدىن قورقۇپ ئورتا-ئاسىياغا 300يىل پۇت تىقالماي پەقەت چەت دېڭىز دۆلەتلىرى رايونلىرىدا چۆگىلەپ ئىمپىرىيە قۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىق قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنى يالغۇز قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈپ-تۈز قىلىۋىتىشى ۋە ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش قورچاق پادىشاھ ھاكىمىيىتى قۇرىشى مۇمكىن ئىدى. مۇشۇنداق يەرشارىدا ئامىركا+ئەنگىلىيە+فىرانسىيە بىر قۇتۇپ، سۆۋىت جۇڭگۇ بىرقۇتۇپ، ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان دۆلەتلەر بىر قۇتۇپ بۇلۇپ قالغان ۋەزىيەتتە ھىلىگەر ئامىرىكا+ئەنگىلىيە تىز سۈرئەتتە گۇناھنىڭ ھەممىسىنى ياپون ۋە گىرمانلارغا ئاتىپ قۇيۇپ، ئۈزىنىڭ بىگۇناھ تىنىچ ساددا خەلىقلەرگە قىلغان زۇلىمىنى يۆگەپ تۇرۇپ(تارىخنى غالىبىيەتچىلەر يازىدۇ)،  كاپىتالىزىم ئىتتىپاقىنى مەيدانغا چىقىرىپ قايتىدىن ياپون+تۈركىيە+گىرمان+ئىتتالىيە ۋە باشقا ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان دۆلەتلەر بىلەن  ئىتتىپاق ئىمزالىغان. شۇنداقلا سوتسىيالىزىمنىڭ باراۋەر ئىشلەپ، باراۋەر ياشاپ كوممىنىزىمنى كۆزلەيدىغان ئىدىيىسىدىن، كاپىتالىزىمنىڭ پۇلنى كۆزلەيدىغان ئىدىيىسى ھەممە ئادەمگە ياقىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاشۇرىدىغان تەرەققىياتپەرۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامىركىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى زور مەنپەئەتكە ۋە تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن شۇنداقلا ئامىركىنى يەرشارىدىكى بىردىنبىر ۋە تۇنجى يەرشارىۋىلاشقان دۆلەت قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغۇزغان.

مۇستاپا كامال دەل مۇشۇ كىچىككىنە تىنىۋېلىش دەۋرىدە، روس چوشقىلىرىنىڭ خىرىسلىرىغا ئامىركا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارقىلىق تاقابىل تۇرغان ۋە پارىس+ئەرەب+غەيرى ئىسلام خەلىقلىرىنىڭ يىراقتىكى دۈشمەنلەرنىڭ يەمچۈكى بۇلۇپ ئوسمان تۈركلىرىنى قىرغانلىقى (ئەرەبلەر ھەتتا ئاپپاق غوجا سەئىدىيە ئەۋلادلىرىنى تىرىك ھالەتتە قايناۋاتقان ياغقا تاشلىغاندەك تۈركلەرنى تاشلىغانلىقى) ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىسىز دەرىجىدە نەچچە ئون قۇتۇپقا بۈلۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتىمىزدىكى ھەقىقىي ئىسلامى ئىلمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەھسىل قىلىپ خەلىپىلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرلەلەيدىغان، كەڭ يۇرت ئارىسىدا ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ئىلىم-ئەھكاملىرى بىلەن دىنىمىزدا ئالىملىق دەرىجىسىگە جەمىيىتىمىزدە مىللىي داھىيلىق دەرىجىسىگە يىتەلەيدىغان، قىلغان گەپلىرى يۈرەكنى يىغلىتىدىغان، غورۇر-ۋىجدان ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن سەۋر قىلىپ ياشاشقا ئۈندەۋاتقان  ھەقىقىي چىن تەپەككۇرغا ئىگە موللاملىرىمىزدىن باشقا، جاللات شىڭشىسەينىڭ مەسچىتنى ئاۋۇتۇش-ئىمامنى كۆپەيتىش، مەكتەپنى چېقىش-كىتاپنى كۆيدۈرۈش، مۇقامنى توۋلاپ نەششىنى چىكىپ ھاراقنى ئىچىپ ئۇرۇش جىدەل بىلەن داڭ چىقىرىش يۈزلىنىشى قىلتىقى بىلەن جەمىيەتتە دوگمىزىملىشىپ يىڭىدىن مەۋجۇتلۇققا چىققان، بىر~ئىككى مىڭكوي ئۈچۈن بىر-بىرىنى چاقىدىغان، بىرەر مەسچىتكە ئىمام بولۇش ئۈچۈن ئاكىلىرىغا پارە بىرىدىغان، بىرەر-ئىككى يۈزمىڭنى دەپ تاشچىلارغا يالغان گۇۋاھلىق بىرىشىپ بىرىدىغان، جۈمە نامىزى ئوقۇسا مەسچىتىگە 5رەتتىن ئارتۇق ئادەم كەلمەيدىغان، باشقا مەسچىتتە ئادەم كۆپىيىپ قالسا شۇ ئىمامنىڭ گىپى چاتاق دەپ سولاتقۇزىۋاتىدىغان، يات مىللەت پاھىشىلىرىگە باسقۇنچىلىق قىلسا ساۋاپ دەپ يول ئالىدىغان، 30پارە قۇرئەننى ئاسمانغا قاراپ ئۇخلاپ تۇرۇپ يادىلاپ 10ئايەتنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغان، ئاچقۇچ چۆرىسە گۇناھ سۈپۈرگىدىن ئاتلىسا گۇناھ دەپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدىغان، ئەمەلىيەتنى چىقىش نوقتىسىدىن تەھلىل قىلالمايدىغان، تۆت شەھەرنى چۆگىلەپ باقماي بىرەر مىللىي تارىخىي كىتاپ ئوقۇپ باقماي تۇرۇپ 1400يىل بۇرۇندىن سۆزلەيدىغان ، سېپى ئۈزىدىن مىللىتىمىزگە چىن دىنىمىزگە ئېغىر دۈشمەن بولىۋاتقان كەم ئەقىل ئاق دوپپىلىق شىڭشىسەيچىسىمان موللا كادىرلار بىزنىڭ ئىدىيە-ئاڭ، تۇغۇت، مائارىپ، ئۆرپ-ئادەت، دىن ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئاسسلىماتسىيەشتۈرىشىگە زور تۆھپە قوشىۋاتقاندەك، تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر يۈك بولىۋاتقان چىرىكلىشىپ، ھەييارلىشىپ، ھاكاۋۇرلىشىپ، خىيالىزىملىشىپ، سەپسەتەلىشىپ، دوگمىلىزىملىشىپ، قارغۇزىلىشىپ، خۇراپىيلىشىپ كەتكەن موللاملارنى  يوقىتىۋەتكەن (ئەلۋەتتە مۇستاپا كامالنىڭ بىردىنبىر خاتالىقى دەل مۇشۇ دىيىشكە بولىدۇ، چۈنكى موللاملارنىڭ چالا موللا ياكى، ھەقىقىي كامىل موللا ئىكەنلىكىنى ئىنساننىڭ ئايرىشى تەس) ۋە تۈركىيە دۆلىتىدە 40يىلغا يېقىن ئىسلام دىنىنى چەكلەپ «تۈرك مىللىتىدىنمەن، ئىسلام ئۈممىتىدىنمەن، ياۋروپا مەدەنىيىتىدىنمەن» دىگەن ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىپ، مىڭ يىللىق روھىي داھىيلىرىدىن (ئوسمان ئەۋلاتلىرىدىن) ۋاز كىچىپ، يىڭىدىن مىللىي داھىيلار(تۈرك ئاتىسى)نى بارلىققا كەلتۈرۈپ تۈرك مىللىتىنى تىز سۈرئەتتە تىرىشىش، ئىزدىنىش، كۈرەش قىلىش، ئەمەلىيەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىش، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، تەرەققىي قىلىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىگە ئىگە قىلغان ۋە يىڭى بىر ئەۋلات ھەقىقىي ئىماملارنى تەربىيلەپ چىقالايدىغان ئۆزىگە-ئۆزى باش بولىدىغان ئەركىن دىمۇكراتىك مۇستەقىل ئاتا تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىققان. مەنىۋىيلىكى چىرىكلەشكەن مىللەت ئىنىقلا مىللىيلىككە يۈزلەنگەندە ئاندىن مەۋجۇدلىقىنى ساقلىيالايدۇ، مەۋجۇدلۇققا ئىرىشكەندىن كىيىن ھېچنىمىزىم يولىدا ماڭامدۇ، ئاتىزىم يولىدا ماڭامدۇ، بۇددا يولىدا ماڭامدۇ، يەھۇدىي يولىدا ماڭامدۇ، ناسارە يولىدا ماڭامدۇ ۋە ياكى ئىسلام يولىدا ماڭامدۇ تاللاش ھوقۇقىنى مىللىي داھىيسى (ئاتا تۇرك-مۇستاپا كامال) ھەربىر تۈرك پۇقراسىنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ مىڭىسى ئارقىلىق ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا قالدۇرۇپ كەتكەن.

ئەگەر ئىتتىپاقلىرى يىڭىلگەن، قېرىنداش مىللەتلىرى قۇل بولۇپ قالغان، روس چوشقىلىرى كۈچلۈك خىرىس قىلىۋاتقان، پارىس ۋە ئەرەبلەر خەلىپىلىك ۋە زىمىن-دۆلەت تالىشىپ تۈركىيەگە قارشى چىقمىغان، خەلىپىلىكى تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ زىمىنىنى ساتمىغان بولسا، مۇستاپا كامالمۇ ئىسلام خەلىپىلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تۈگۈل، ئىسلام ئۈچۈن جان-پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ يۇرتىمىزغىچىلىك يېتىپ كېلىشى ئېنىق ئىدى. ئاللا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر~! بەلكىم مۇسۇلمانلاردىن بۇغداينى سامىنىدىن ئايرىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىناق ئۇرۇنلاشتۇردى بولغاي. مىلىيۇنلىغان ئۇرۇنلاشتۇرۇشلار ئىسلام دۆلەتلىرىگە مىلىيۇنلىغان سەۋەبلەرنى ئېلىپ كەلمىگەن بولسا  بىر ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ياكى مۇستاپا كامالنىڭ ياكى بىرتانىيەنىڭ ياكى روسلارنىڭ ياكى چىرىكلىكنىڭ 20-ئەسىردىكى ئىسلام دۆلەتلىرىگە بۇنچىۋالا يۇقۇتۇش (تۈركىي مىللەتلەرگە)، ئويغۇنۇش (مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ قۇرئەن كەرىمنى تەرجىمە قىلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارمۇ ھەقىقىي ئىسلامنى چۈشۈنۈپ يەتتى. بەلكىم كەلگۈسىدە كۆپتىل بىلىدىغان بىۋاستە قۇرئەن كەرىمنى ناخشا ئورنىدا يادلىماستىن، ئۇقۇپ چۈشۈنۈپ ئەمەل قىلىدىغان ئەۋلادلار يىتىشىپ چىقىشى مۇمكىن.)، تارقىلىش (ياۋروپادا چىركاۋ بىلەن مەسچىتنىڭ سانى تەڭلىشىپ قالاي دىدى، ئامىركىدىمۇ 22مىلىيۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار)، تەرەققىي قىلىش (خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئېيتقانداك: زامان ئاخىردا دۈشمىنىڭلار سىلەردىن غالىب كىلىدۇ، بۇ سىلەرنىڭ سانىڭلار كۆپ بولسىمۇ ئەخلەتكە ئوخشاش چېچىلىپ ۋە ساپاسىز بۇلۇپ كەتكەنلىكىڭلاردىن بۇلىدۇ دىگەنگە ئوخشاش، مۇسۇلمانلار ھېلىھەم يەرشارىدىكى ئەڭ باي زىمىندا، ئەڭ رىيازەت تۇرمۇشتا ياشاۋاتىدۇ.) ئېلىپ كىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. خۇلاسە: تۆھپىسىدىن ئۈگۈنۈپ، كەمچىلىكىدىن ساۋاق ئالساق بۇلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللا ھەقىقىي چىن تەپەككۇرغا ئىگە دىننىي-پەننىي-مىللى موللا ئالىم ئۆلىما قەھرىمانلىرىمىزغا يۈكسەك مەدھىيلەر، چالا دىننىي-پەننىي-مىللى موللا ئالىم ئۆلىمالارغا دوزاق ئوتى نىسىپ قىلغاي~~~!       ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ قۇرئەن-كەرىم، ھەدىس، ئۆزگەرتىلمىگەن تارىخىي كىتاپ، تارىخى خەرىتە، مۇستاپا كامال دەۋرىگە توغرا كىلىدىغان ئىمپىرىيەلەر ۋە سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشلىرى توغۇرسىدىكى كىتاپ، پەيغەمبىرىمىزدىن كىيىنكى خەلىپە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن باشقا، 2-خەلىپە ئۆمەر ئىبىن ئەلخەتتاب (بامدات نامىزى ئوقۇۋاتقاندا)، 3-خەلىپە ئوسمان ئىبىن ئەففان(23يىلنىڭ ياقى بىرقۇر بىرسۈرىدىن پەيغەمبىرىمىزگە چۈشكەن قۇرئەن-كەرىمنى توپلاش ئىشىنى پۈتتۈرگەن. يەھۇدىيلار ئۇ قۇرئەننى توپلاش جەريانىدا بىرقىسىم يەرلىرىنى چىقىرۋەتتى دەپ قاراپ مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدا پىتنە پەيدا قىلغان ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ پەيدا بۇلۇپ قېلىشىغا ئۇل سېلىنغان. قۇرئەن-كەرىم ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا) ، 4-خەلىپە پەيغەمبىرىمىزنىڭ كىيئوغلى ئەلىي ئىبىن ئەبى تالىب (بومدات نامىزى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا) ئۈچىنىڭ ھوقۇق تالىشىپمۇ ۋەياكى سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بىز ئۇقمايدىغان ئىشلار بىلەن خائىنلار تەرپىدىن پىچاق ئارقىلىق شىھىت بۇلۇپ كەتكەنلىكى توغۇرسىدىكى ئىسلام كىتابلىرى، ۋە ياكى ھېچ بولمىسا مۇشۇ تېمىدىكى بارلىق ئىنكاسلارنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئەزىز-سۈيۈملۈك-مىھنەتكەش-جاپاكەش-مۇسۇلمان-ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. كىتاب بىلىم بۇلىقى~! كىتابسىز ياش تام تۈۋىدىكى تاش~! بىلمەسلىك نۇمۇس ئەمەس، ئۈگەنمەسلىك نۇمۇس~! ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە~! مىڭ يىللىق دوگما ئىبادەت، بىر ئېغىز ھەقىقىي چىن ئىبادەتكە تەڭ كىلەلمەس~!


سىزنىڭچە سىز ئەردوغان ۋە تۈركىيەدىكى 80مىلىيۇن تۈرك ئىچىدىكى ئالىملاردىن بەكراق دىن تارىخ ئىقتىساد ھەربىي ساھە سانائەت تەرەققىيات ۋە خەلىپىلىكنىڭ كىيىنكى چىرىك ئەھۋاللىرىنى بىلەرسىزمۇ؟
پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بۇلۇپ 50يىل ئۈتە ئۆتمەيلا 3خەلىپە قەسلىنىپ شىھىت بولغان تۇرسا، 600يىلدەك ھۈكۈم سۈرگەن ئوسمان خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرى خەلىپىكنى قانداراق ھۈكۈمدە سۈرگەندۇ؟ جەننەتكە ئەڭ بالدۇر كىرىدىغىنىمۇ قارىم موللام ئالىم، دوزاخقا ئەڭ بالدۇر كىرىدىغىنىمۇ قارىم موللام ئالىم~~~!

پۈتكۈل   مۇسۇلمانلار   دۇنياسىدا   خەلىپە   سايلاش   توغۇرسىدا   بىلەت   تاشلىغاندا،   دوگمىزىمچى   سەئۇدى   قارىم   موللاملىرى   10%   ئاۋازغىمۇ   ئىرىشەلمىگەن،   ھىندىنوزىيەنىڭ   قارىم   موللاملىرى   جىقراق   ئاۋازغا،   70%دىن   كۆپرەك   ئاۋازغا   تۈركىيەلىك   ‹‹ئەردوغان››   ئىرىشكەن   ،   مۇستاپا   كامال   توغۇرلۇق   ئىسلامنىمۇ   ئۇقۇغان،   تارىخنىمۇ   ئۇقۇغان،   سانائەتنىمۇ   ئۇقۇغان،   تەرەققىيات   ۋە   ھازىرنىمۇ   ئۇقۇغان،   ئەمەلىيەتكە   تەدبىقلىيالايدىغان   ‹‹ئەردوغان››نىڭ   يىغلاپ   تۇرۇپ   سۆزلىگەن   نۇتىقىنى   ئاڭلاڭ   ~~~~~~~!

http://v.youku.com/v_show/id_XMzk4MzQxMTg4.html

پەيغەمبىرىمىز   بىزنى   كۆپ   تەپەككۇر   قىلىڭلار   دىگەن،   ھەرگىز   دوگما   ياكى  خىيالى   ياكى   ھىسسى   تۇيغۇ   بىلەن   ئەگىشىڭلار   دىمىگەن...     

تارىخ   توغۇرسىدا   مۇنۇنى   بولسىمۇ   بىر   كۈرۋېتىپ   ئويلىنىپ   باقارسىلەر   ~~~!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 07:34 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سائەت + 30 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2920
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9277
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 03:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا ھەقىقىي چىن تەپەككۇرغا ئىگە دىننىي-پەننىي-مىللى موللا ئالىم ئۆلىما قەھرىمانلىرىمىزغا يۈكسەك مەدھىيلەر، چالا دىننىي-پەننىي-مىللى موللا ئالىم ئۆلىمالارغا دوزاق ئوتى نىسىپ قىلغاي~~~!
ئۇنداقتا سىز قايسىسىغا كىرىسىز؟ قەھرىمانلار قاتارىغا كىرەمسىز؟ گەپ-سۆزىڭىزدىن قارىسام چالا ئۆلىما قاتارىغا بەكرەك يېېقىندەك تۇرىسىز؟ گەپنى سەل ئويلاپراق قىلىڭ! ھاياجانلانماڭ! سىز دوزاخقا ‹‹يوللىۋەتكەن›› چالا دىننىي ئالىم -ئۆلىما ھېچ بولمىسا كۆڭلىدە ئىمانى بار مۇسۇلمان، مۇسۇلمانغا دوزاخ ئازابىنى تىلىگەن مۆھتىرەم تورداش سىزدىن سوراپ باقاي، سىز بەش نامازنى تۇللۇق ئادا قىلامسىز؟ سىز دېگەن ئاشۇ چالا موللىلارچىلىك ئىبادەت قىلامسىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tinih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 03:37 PM  


سۇ بويىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71504
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3137
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 03:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۈتكۈل   مۇسۇلمانلار   دۇنياسىدا   خەلىپە   سايلاش   توغۇرسىدا   بىلەت   تاشلىغاندا،   دوگمىزىمچى   سەئۇدى   قارىم   موللاملىرى   10%   ئاۋازغىمۇ   ئىرىشەلمىگەن،   ھىندىنوزىيەنىڭ   قارىم   موللاملىرى   جىقراق   ئاۋازغا،   70%دىن   كۆپرەك   ئاۋازغا   تۈركىيەلىك   ‹‹ئەردوغان››   ئىرىشكەن
-------------------------------
مەنبەسى بارمۇ؟

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1025
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:11:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93648
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89317
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 720
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى سىز تۈرۈكلەرنى ئەردوفاننى سۈكۈۋاتامسىز نىمە    تىمىڭىز بەكمۇ بىر تەرەپلىمە  ھەم مۇتەسسىپ بۇلۇپ
قاپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90544
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئەر دۇئانغا   ئىسلام   ئاتىسى   دەپ   نام   بېرىلىپتۇ  دەپ   ئاڭلىغانىدىم   يېقىندا  .  .  .

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە ،چىۋىن كىرەر كۆزىگە !!! https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
مىللىتىم  ياشنىسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1769 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:46:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ozgurluk يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 04:41 PM
ئەر دۇئانغا   ئىسلام   ئاتىسى   دەپ   نام   بېرىلىپتۇ  دە ...

مۇسۇلمانلار داھىيسى دەپ نام بېرىلدى .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق ! بۇنداق مىللەتنىڭ ئاقىۋىنى ، ئۈزىدىن پەس پىسەندە مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كىتىشتىن ئىبارەت ! ئويلان ، ئويغان ، ئۇيۇش ئەتراپقا باق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90544
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۇ كىشىنىڭ بىر قانچە  نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ  ھەقىقىي ئىسلام ئاتىسى بولۇشقا مۇناسىپكەن دەپ


ئويلىدىم  ھەم بەك تەسىرلەندىم  .  .  .

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە ،چىۋىن كىرەر كۆزىگە !!! https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
مىللىتىم  ياشنىسۇن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش