سالام، قىرىنداشلار!
تۆۋەندە شىنجاڭ ئەرقال كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركىتى تورىدىن بىر خوش خەۋەر كۆچۈرۈپ كەلدىم. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى دەل بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز «خارۋارد ئەركىسى»-قۇدرەتجان ياقۇپ. شىركەت ئۆتكەن يىلى رەسمىي تېزىمغا ئېلىنىپ ھازىر رەسمىي ئىشقا كىرىشىپتۇ. شىركەت ئۇيغۇرچە تور بېكىتى
http://www.erqal.com/uyghur/ . خەنزۇچە تور بېكىتى
http://www.erqal.com/chinese/
بىرلا ئىغىز چۈشەندۈرۈش قىلاي: بۇ شىركەت ئۇيغۇر تارىخدا رەسمىي تېزىمغا ئىلىنغان مەبلىغى ئەڭ يۇقىرى شىركەت!
شىركەت بۇ قېتىم ئېلان قىلغان كۆلىمى زور، ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا قوللاش سالىمقىمۇ شىنجاڭ تارىخىدا ئەڭ كۆپ بولغان «ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقسىى» مۇكەممەل تەييارلىقلاردىن كىيىن سىرىتقا رەسمىي ئاشكارلاندى. ئەسلى بېتى
http://www.erqal.com/uyghur/#index/erqal_contest_uy/index.html
1. مۇسابىقە ھەققىدە
بۇ ئەرقال كاپىتالى ئورۇنلاشتۇرغان ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى بولۇپ، دەسلەپكى مۇسابىقە ئارقىلىق تاللىنىپ چىققان گۇرۇپپىلار يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئەرقال يىللىق ئىقتىسادىي يىغىلىشىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يىغىلىشتا، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى يۇقىرى قاتلام مەبلەغ سالغۇچىلىرى، كارخانىچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر شۇنداقلا مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ۋە خادىملىرىڭىزنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىسىز.
يېڭىپ چىققان گۇرۇپپىلار ئەرقال ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ مەبلىغى، ئەرقال ئىنكۇباتسىيەسى پۇرسىتى ۋە ئەرقال كاپىتالى تەمىنلىگەن بىر يىللىق كانسىلتىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ بىر ئەمەلىي جەڭ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى گۇرۇپپىلار (بىر ياكى بىرقانچە گۇرۇپپا) تاللانغاندىن كېيىن، ئەرقال كاپىتالى شۇ گۇرۇپپا بىلەن نەق مەيداندا مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالايدۇ.
بىز ھەر قايسى رايونلاردىن كەلگەن رىقابەت كۈچى كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىلىرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كەسپلەشكەن ئىپادىلەش شەكلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ۋە پىلانىنى تاماشىبىن ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۈنۈملۈك نامايەن قىلىپ، ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە زۆرۈر مەبلەغ ۋە باشقا ياردەملەرنى تاپالىشىغا ھەمدە كۈچلۈك تەشۋىقات ئۈنۈمىگە ئېرىشەلىشىگە چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشمىز .
ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ شۇ تۈرنى ھەقىقىي يۈرگۈزۈش پوزىتسىيەسى بىلەن قاتنىشىشىنى سورايمىز. مۇسابىقىگە قاتنىشىپ يېڭىپ چىققان خادىملار گۇرۇپپىسى شۇ تۈرنى چوقۇم يۈرگۈزىشى كېرەك. سىز مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋاقىتتىن باشلاپ مۇشۇ تۈرنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن يۈرگۈزۈشكە پۈتۈشكەن بولىسىز، ئەگەر سىز مۇسابىقىدە يېڭىپ چىقىپ مەبلەغكە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ تۈرنى يۈرگۈزمىسىڭىز، سىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىڭىز توردا ئېلان قىلىنىپ تەنقىدلىنىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ ئەرقال كاپىتالى ئۆتكۈزىدىغان بارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىڭىز چەكلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىزنىڭ قىلمىشىڭىز كەلگۈسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازىڭىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. مۇسابىقە تەرتىپى
دەسلەپكى تاللاش
ۋاقتى: 2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە
ئالدى بىلەن بىر نۇسخا سودا پىلانىنى بىزگە ئەۋەتىسىز، ئەگەر سودا پىلانىڭىز تاللانسا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىسىز. سودا پىلانىڭىزنى كۆرۈش، ئانالىز قىلىش، باھالاشقا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىش ئۈچۈن بۇرۇنراق ئەۋەتىڭ.
سودا پىلانى ئېلخەت
competition@erqal.com غا يوللانىسىمۇ ياكى پوچتا ئارقىلىق يوللانسىمۇ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
-بارلىق سودا پىلانىPPT ھۆججەت شەكلىدە تۈزۈلىشى، مەزمۇنى 20 بەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
-سودا پىلانى مەزمۇنىنى يېزىشتا «مۇسابىقە ئۆلچىمى» دىن پايدىلىنىڭ.
-ئالاقىدار خادىملار سودا پىلانىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بىرپارچە ئېلخەت قايتۇرۇش ئارقىلىق مۇسابىقە سالاھىيىتىڭلارنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.
-تاپشۇرۇلغان ماتېرىياللار قايتۇرۇلمايدۇ، كۆپەيتىۋىلىڭ.
-مەخپىيەتلىكى بار دەپ قارىغان ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللىرىڭىزنى بىزگە ئەۋەتىشتىن بۇرۇن پاتېنىتقا ئىلتىماس قىلۋېلىڭ، بىز ھەرقانداق مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئالالمايمىز.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش
ۋاقتى: (بېكىتىلىۋاتىدۇ)
ئەرقال كاپىتالى تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە
ۋاقتى: (بېكىتىلىۋاتىدۇ)
ئورنى:مەبلەغ سېلىش كۇلۇبى
ھەربىر گۇرۇپىغا ئۆز تۈرىنى ۋە خادىملىرىنى تونۇشتۇرۇشىغا بەش مىنۇت ۋاقىت بېرىلىدۇ.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقالىغانلارغا سودا پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئەرقال خادىملار گۇرۇپپىسى تۈر، ئادەم، مەبلەغ جەھەتلەردىن ياردەمدە بولىدۇ.
بىز كۆپ ساندىكى تۈرلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى كاپىتال شىركىتىگە نىسبەتەن مەبلەغ سالغىلى بولىدىغان تۈرلەر قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، شۇڭا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە سان چەكلىمىسى قويۇلمىدى. چېمپىئون گۇرۇپپا بىر بولىشىمۇ مۇمكىن، ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولىشىمۇ مۇمكىن.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە
ۋاقتى:(بېكىتىلىۋاتىدۇ)
ئورنى: (بېكىتىلىۋاتىدۇ)
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۆپلىگەن تاماشىبىنلار قاتناشقان چوڭ زالدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ، ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى گۇرۇپپىغا مەيداندىكى مەبلەغ سالغۇچىلار (جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى) نى قايىل قىلىشى ئۈچۈن ئون مىنۇتلۇق تۈر تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى بېرىلىدۇ، گۇرۇپپىدىن ئۇتۇپ چىققۇچىلار كېيىنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
چۈشتىن بۇرۇن
08:00 - 09:00 A گۇرۇپپا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
09:00 - 09:30 مۇسابىقىگە قاتناشقان گورۇپپىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش
09:30 - 10:30 B گۇرۇپپا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
10:30 - 11:00 مۇسابىقىگە قاتناشقان گورۇپپىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش
11:00 -12:00 C گۇرۇپپا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
12:00 - 12:30 مۇسابىقىگە قاتناشقان گورۇپپىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش
چۈشتە
12:30 - 01:30 چۈشلۈك تاماق
چۈشتىن كېيىن
01:30 - 03:00 ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
03:00 - 03:30 ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان گورۇپپىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش
03:30 - 04:30 مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، مەبلەغ سېلىش توختىمى ئىمزالاش، مۇكاپات تارقىتىش، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش
04:30 - 05:00 يېپىلىش مۇراسىمى نۇتۇقى
3.مۇسابىقە ئۆلچىمى
مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى
مىللەت: چەكلىمىسى يوق، ھەر قايسى مىللەتتىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملار قوشۇنى قاتناشسا بولىدۇ.
دۆلەت تەۋەلىكى: چەكلىمىسى يوق، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملار قوشۇنى قاتناشسا بولىدۇ.
كەسىپ: چەكلىمىسى يوق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ساھە ۋە تۈرلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
رايون: چەكلىمىسى يوق، شىنجاڭ تەۋەسىدە يۈرگۈزىلىدىغان تۈرلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
مۇسابىقىگە تاللاش ئۆلچىمى
تۈر
بازارنىڭ مۇشۇ خىل مەھسۇلاتقا ياكى مۇلازىمەتكە جىددىي ئېھتىياجى بارمۇ يوق؟ ئېھتىياجى زادى قانچىلىك؟ سېتىۋېلىشنى خالامدۇ يوق؟
نىشانلانغان بازار قانچىلىك؟ مىقدارلاشتۇرغىلى بولامدۇ يوق؟
نىشانلانغان بازارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قانداق؟ كەلگۈسىدىكى بازىرى قانچىلىك؟ نېمىگە ئاساسەن بەلگىلىدىڭىز؟
قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەمىنلەش تاكتىكىڭىز قانداق؟
قانداق رىقابەتلىشىسىز؟ قانداق ئۈستۈنلىكىڭىز بار؟ تېخنىكىڭىزنىڭ ئىلغارلىقى ۋە مونوپوللىقى بارمۇ؟
پايدا مىقدارى قانچىلىك؟ پايدىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگۈرۈش يۈزلىنىشى قانداق؟
كېڭەيتىش ئىستىراتېگىيىڭىز قانداق؟
تۈر تەرەققىيات جەريانىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، خېرىدار مىقدارى، بازار نىسبىتى، پايدا - زىيان ئەھۋالى قاتارلىقلار.
خادىملار گۇرۇپپىسى
گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى كىملەر؟ پايچىكلار كىملەر؟ پاي نىسبىتى قانداق؟
خادىملارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى قانداق؟ ئەخلاق ساپاسىچۇ؟ قانداق ئىسپاتلايسىز؟
گۇرۇپپىنىڭ تۈرگە ئېھتىياجلىق تېخنىكا سەۋىيەسى قانچىلىك؟ قانداق ئۈستۈنلىكى بار؟
گۇرۇپپىنىڭ بۇرۇن ھەمكارلاشقان تارىخى بارمۇ؟ سودا خارەكتېرلىكمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
گۇرۇپپىنىڭ ئۆزگىچە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش تارىخى بارمۇ؟ سودا خارەكتېرلىكمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
گۇرۇپپا بۇ تۈردە مەغلۇپ بولسا كېيىن يەنە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى؟
مەبلەغ
قانچىلىك مەبلەغ ئۇيۇشتۇرماقچى؟ قانداق ھېسابلاندى؟ مەبلەغ ئىشلىتىش باسقۇچلىرى قانداق ؟
مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەبلىغىدىن باشقا يەنە قانداق ياردىمىگە ئېھتىياجلىق؟
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈرنىڭ يۈرگۈزۈلۈش جەريانىغا ئارلىشىشىنى خالامسىز؟ ئەگەر خالىمىسىڭىز ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەگەر ئارىلىشىشىنى خالىسىڭىز ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-دائىرىسى قانداق بولىدۇ؟
ئەڭ مۇھىمى، بۇ تۈر مەبلەغ سالغۇچىغا قانچىلىك پايدا بېرەلەيدۇ؟ يىللىق پايدا نىسبىتى قانچىلىك؟ قانداق ھېسابلانغان؟
مەبلەغ سالغۇچىغا پۇلدىن باشقا يەنە قانداق ئەھمىيىتى بار؟
ئەگەر مەبلەغكە ئېرىشەلمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ۋاز كېچەمسىز ياكى باشقا ئامالىڭىز بارمۇ؟
سىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش ئىستىراتېگىيىڭىز قانداق؟
4.مۇسابىقە مۇكاپاتى
مۇكاپات
بىرىنچى دەرىجە
- ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسى، ئىگىلىك تىكلەشكە زۆرۈر مەبلەغكە ئېرىشىدۇ (سوممىسى چەكلەنمەيدۇ)
- ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسى ئەرقال كاپىتالىنىڭ ئىنكۇباتسىيە پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ (تەپسىلاتىنى ئەرقال تور بېكىتىنىڭ تۈر ئىنكۇباتورى بېتىدىن كۆرۈڭ)
- ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسى ئەرقال كاپىتالىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ بىر يىللىق كانسىلتىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
ئىككىنچى دەرىجە
- ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسى ئەرقال كاپىتالىنىڭ ئىنكۇباتسىيە پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ (تەپسىلاتىنى ئەرقال تور بېكىتىنىڭ تۈر ئىنكۇباتورى بېتىدىن كۆرۈڭ)
- ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسى ئەرقال كاپىتالىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ بىر يىللىق كانسىلتىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
ئۈچىنچى دەرىجە
- ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسى ئەرقال كاپىتالىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ بىر يىللىق كانسىلتىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ