شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا
مىنىڭ بۈيۈك چوقۇنغۇچۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماڭا روھىي ئوزۇق ، مەنىۋى يۆلەنچۈك، ئىشەنچىلىك سىرداش، باتۇر قۇغدىغۇچى، ھايات مۇساپىسىدىكى قەدىردان ھەمراھ، قىيىن ئۆتكەللەردىكى سەپەرداش، ئازاپ ئوقىبەتتىكى تەسەللىچى، كىسەل ئاغرىقىمدا شىپالىق دورا ، قولۇمدىكى بەخت يۇلتۇزۇم بولالىغۇدەك شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا .ئەرلىك غورۇرغا ئىگە، مەنىۋىي دۇنياسى باي، قەلبىمدىكى يالغۇزلۇق ھىرىپ-چارچاش كەيپىياتىنى مىھىر سۇيىدە يۇيۇپ تازلىيالىغۇدەك، قايغۇ -ئازاپلىرىمغا تەڭ ئىشتىراك بولۇپ، دەرت ئەلەمدە تەسەللى بىرىپ، ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىنى مەن بىلەن بىرگە بىشىدىن ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچىسى بار ، كۈلگەن كۈلكەمنىڭ مەنبەسى بولالايدىغان، يىغلىغان ياشلىرىمنى ئەقىدىسىنى قول ياغلىق قىلىپ سۈرتەلەيدىغان شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
مىنى ياتنىڭ قوينىغا ئىتتەرمەستىن، ياۋدىن قوغداپ، ھاياتنىڭ قار بوران جۇتلىرىغا دالدا؛ يامغۇرىغا كۈنلۈك بولالايدىغان، مىنى شەرمى- ھايالىق، دىيانەتلىك، شۈكرى -قانائەتلىك ۋە ئىمانلىق بولۇشقا يىتەكلەيدىغان ، رەقىپلىرىمنى خوش قىلىپ قىيا نەزىرىنى ياۋا گۈللەرگە سالمايدىغان شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
چىن سۆيگۈسىنى ماڭا بىرىپ، پۇتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن مىنى سۆيۇپ، بارلىغىنى ماڭا بىغىشلاپ ، مىنى سۆيدۈرۈپ، قەلبىمنى لەرزىگە سالالايدىغان،كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ مىنى مۇھاببەت دىڭىزىغا ھەرق قىلالايدىغان سەمىمى ، ۋاپادار شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
ماڭا مۇقەددەس نىكاھ، خاتىرجەملىق ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىدىغان، ئىناق ئائىلە ئاتا قىلالايدىغان ، شەيتانغا تاقابىل تۇرۇپ، 3- شەخس ئالدىدا مىنى پاخال قىلمايدىغان ، مىنىڭ ئۈچۈن ھەتتا ئوت دىڭىزىغىمۇ كىرەلەيدىغان شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
ۋىجدان غورۇرلۇق، سەمىمى، ئاق كۈڭۈل، مەرت، ئۆزىگە ۋە ماڭا شۇنداقلا ئارىمىزدىكى مىھرى مۇھاببەتكە ئىشەنچىسى بولغان، ئۈمىدۋار ياشاشنى قانات قىلىپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ، ھۆرمەتلەشنى، مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان ، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان ، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ، قولدا بارىنى قەدىرلەشنى ۋە كۈلۇپ ياشاشنى بىلىدىغان كەڭ قورساق ئەپۇچان شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
پەن -بىلىمدە كامالەتكە يىتىپ، ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىق ئۈستىن غالىپ كىلىپ، يىقىلغان ئورنىدىن مەزمۇت تۇرالايدىغان ، تالادىكى ناچار كەيپىياتىنى ئۆيگە ئەكىرمەيدىغان، ئىسىل مىجەز خاراكتىرى بىلەن مىنى سۆيۈندۈرەلەيدىغان شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
تۇرلۈك زىددىيەت توقۇنۇشتا مەن تەرەپ ۋە ياكى دوست-تۇققانلىرى تەرەپتىلا تۇرىۋالماستىن لىللا تۇغرا مەيداندا تۇرالايدىغان، ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىيالايدىغان شۇنداق بىر پەخرلىك يولدىشىم بولسا.
كۈنلەمچىلىك، ھەسەتخورلۇق ، روھىي ۋە جىسمانىي ئازاپ قىلمايدىغان، ھارغىن جىسمىمنى ۋاپادارلىق بىلەن باغرىغا چىڭ باسالايدىغان، مەن ئەڭ مۇھتاج بولغان كۈنلىرىمدە يىنىمدا تۇرالايدىغان، كىسەل بولسام بىشىمدا تۇرۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئالالايدىغان، مىنى ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاققۇزالايدىغان ئەرلىك ھىسسىياتقا باي شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
قانۇنىي ساپاسى يۇقىرى، ئىچىپ چىكىپ جىدەل قىلىپ يۇرمەيدىغان، سىرتتىنىڭ مەينەتچلكتىن ئەيدىسنى يۇقتۇرۇپ كىرىپ ئائىلەمنى پۇشايمان دىڭىزىغا غەرق قىلمايدىغان، مۇھاببىتىمىز ۋە نىكاھىمىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت ئالدىراشلىغىدىنمۇ ۋاقىت چىقىرالايدىغان ، يالغانچىلىق ۋە ساختىلىق بىلەن مىنى ئالدىمايدىغان سەمىمى ۋاپادار پەزىلەتلىك بىر يولدىشىم بولسا.
بىر ئۇلۇغ ئەر بولۇش يۈكسەكلىگى بىلەن ناچار ئىللىتىنى تۈزىتىپ، يامان ئەسكى بۇزۇق دوست ئۈلپەتداشلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، جەمىيەتتە قەددىنى مەزمۇت تىكلەپ، ماڭا مۇنەۋەر ئەر ، بالام ئۈچۈن پەخرلىك دادا جەمىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسان بولالىغۇدەك شۇنداق بىر يولدىشىم بولسا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 11:22 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 b" _. y4 ]1 V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 g# @, T, h$ n) N. ?! L- R; f