|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن يانتاقتىن كەڭ تورداشلارغا ئوتلۇق سالام! بۈگۈن ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا بىلىگ تورى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى يۈرۈشلۈك دەرسلىك فىلىم << Java ئاساسىي بىلىم دەرسلىكلىرى>> نىڭ 1-قىسمىنى ئېلىپ كەلدىم. كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ھەمدە پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. فىلىم مەنبەسى: بىلىگ تورى
بىلىگ تورى تەشۋىق فىلىمى:
بىلىگ تورى ھەققىدە: بىلىگ تورى ئۇيغۇرچە دەرسلىك، تەرجىمە دەرسلىك، تەرجىمە لېكسىيە ۋە كارتون فىلىم قاتارلىق نادىر فىلىملەر مۇجەسسەملەنگەن تور بېكەت بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 4 ئاي جەريانىدا پۈتۈن ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى ھەمدە كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىگە خاس بولغان توربېكەت خاسلىقىنى بەرپا قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلمەكتە! ئىشىنىمىزكى تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر ئاستىدا، بىز توختىماستىن ئىلگىرلەپ، ئەڭ يېڭى ھەمدە نادىر بولغان ئىدىيەلەرنى كەڭ قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرىمىز!
شۇنداق، تور بېكەت تەرەقىياتى ۋاقىت ۋە خالىس ياردەملەردىن ئايرىيالمايدۇ ئەلۋەتتە. بىلىگ ئەترىتىمۇ مانا شۇنداقتۇر. تور بېكىتىمىز شۇنداقلا كەڭ تورداشلار ئارىسىدىن خالىس ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلارنى قارشى ئالىدۇ!
ئەترىتىمىزگە لازىملىق بولغان خىزمەت ۋەزىپىلىرى:
1. تەرجىمە خىزمىتى: بىلىگ تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا تېد تەرجىمە، كارتون تەرجىمە، لېكسىيە تەرجىمە ۋە ھۆججەتلىك فىلىم تەرجىمە دەپ تۆت كىچىپ گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىگە خالىس تەرجىمانلارنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق، ھازىرچە مالىيە جەھەتتىن سىزگە ھېچقانداق نەرسە تەمىنلىيەلمەيمىز، لېكىن ئىشىنىمىزكى،ئەترىتىمىزدە تېخنىكا، تەجرىبە جەھەتتىن چوقۇم يېڭى بىر پەللىگە چىقالايسىز!
2. تەكلىپلىك دەرس سۆزلىگۈچى: ئەگەردە سىزدە مەلۇم پىروگرامما تىلى ، مەلۇم يۇمشاق دېتال ، ياكى مەلۇم چەتئەل تىلى جەھەتتىن بەلگىلىك سەۋىيىرىڭىز بولسا بىزنىڭ تور بېكەتكە تەكلىپلىك دەرس سۆزلىگۈچى بولسىڭىز بولىدۇ، بىز دەرسنى سىنغا ئېلىش تېخنىكىسى ۋە باشقا جەھەتتىن سىز بىلەن ھەمبەھىر بولىمىز، ھەمدە دەرسلىكلىرىڭىزنى بىلىگ تورىدا ئېلان قىلىمىز.
3. تور بېكەت لاھىيلەش: پاتئارىدا ئەترىتىمىز بىلىگ تورى 2.0 نەشىرىگە كۆتۈرمەكچى، يېڭى نەشىردىكى بىلىگ تورى كۆپلىگەن يېڭى ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سىز ۋە سىزنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىڭىزغا مۇھتاجدۇر، بۇ ئارقىلىق سىز بېكىتىمىز تەجىربىلىك تېخنىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە بىلىگ دۇنياسىدىكى يېڭى رىۋايەتنىڭ باش پىرسوناژىز بولالايسىز!
قېنى بىزگە قېتىلىڭ! قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى توپقا كىرىپ باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
بىلىگ تورى ئەزا قوبۇل قىلىش QQ توپى: 299874837 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yantaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 11:02 AM
|
|
|
|
|
|