|
|
|
|
‹ تاڭنۇردا › نورۇز
باھار كېلىشى بىلەن ھەر يەرلەردە تۈرۈك قەۋىمىنىڭ ئەنئەنۋى ئۆرۈپ ئادەت بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمى تەبىرىكلىنىۋاتقان مۇشۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلار ئۇشبۇ بايرام تەنتەنىسى بۆرتالا شەھىرى ئانا يۇرتۇمدىكى ‹ تاڭنۇر › مەكتىپىدە
نورۇز ئېيىنىڭ 22 - كۈنى ئۇللۇغ جۈمە كۈنى ، جۈمە نامزىدىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى شەمشىدىن مۇئەللىمنىڭ سەمەت مۇئەللىمنىڭ تەشكىلىشى بوز قىر مۇنبىرىدىكى غوللۇق ئەزالارنىڭ قاتنىششى ، يۇرۇت چوڭلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىن ئورۇن ئېلشى ئاستىدا غەلبىلىك ئاياغلاشتى ،
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ، قوشقار سۇقۇشتۇرۇش ، تۇخۇ سۇقۇشتۇرۇش ، بوكىس ، چېلىشىش ، سەنئەت نۇمۇرلىرى ئارقىلىق شۇنچىلىك قىزغىن كەپىياتتا ئېرپان كىتاپخانىسىنىڭ كىتاپ سوۋغات قىلىشى بىلەن نۇرۇز ئېشى ئىچىپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مەنىلىك ئايارغلاشتى .
تۆۋەندە بىر قىسىم نورۇز پائالىيىتىدە تارتقان سۈرەتلىرىم ھوزۇرۇڭلاردا ،
مەكتەپ رەھپىرى شەمشىدىن مۇئەللىم بايراملىق تەبىرىك سۆزى قىلماقتا .
پائالىيەتكە كۈچ چىقارغۇچى سەمەت مۇئەللىم .
چېندېل يېزىلىق پارتىكوم سىكىرتارى ئالىمجان نۇرمەممەت .
ئانام مەكتىپىم ‹ تاڭنۇر › مەكتەپكە مەنمۇ قۇرۇق قول بارمىدىم .
مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى ، مۇكاپات بۇيۇمىنى بوز قىر مۇنبىرىدىكى بىر قىسىم غوللۇق ئەزالار تەمىنلىدى
بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتلاندى .
تاڭنۇر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جامالىدىن مۇئەللىم نورۇزنامە ئوقۇماقتا .
يۇرۇت چوڭلىرى بولمىسا نورۇز قىزىماس .
سەنئەت نۇمۇرلىرى
تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى
بوز قىر مۇنبىرىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى
ئوڭدىن 1 ئەنۋەر مۇئەللىم ، 2 شەمشىدىن مۇئەللىم ، 3 ھەيتاخۇن مۇئەللىم ، ،4 سەمەت مۇئەللىم .
تاماشىبىنلار
نورۇز ئېشى
يۇشۇرۇن تارتىلغان سۈرەتلەر .
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى تاڭنۇردا نورۇز پائالىيىتى دوسلارنىڭ ھەر ساھە ئورگانلارنىڭ يېقىندىن ياردەملىشىپ ماسلىشىشى بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشتى ، بۇندىن قكىيىنكى ھەر قانداق پائالىيەتلەرنىڭ شەكلى ئۆزگەرمىگەن ھالدا داۋاملىشىشنى ئۈمۈت قىلىمەن !
2013 - يىلى 3- ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۇلۈغ جۇمە
ۋاقىت يىتىشمەي بۈگۈن يوللاندى ، فىلىم پات ئارىدا يولىنىدۇ .
فىلىمگە ، رەسىمگە ئالغۇچى تاڭنۇر ‹ خەيرۇللا قۇربان › بۆرتالا
|
|
|
|
|
|