مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2320|ئىنكاس: 0

( دولان ) جوڭگونىڭ تەقدىرنى كىم بەلگۇلەيدۇ؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 06:28:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جوڭگونىڭ تەقدىرنى كىم بەلگۇلەيدۇ؟

جۇ فېڭفېڭ

دولان تەرجىمىسى


  توردا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىسىل ئىبارىلەر بار، كەمىنە پېقىر بۇ يەردەيازغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تەگىپ ئولتۇرمايمەن، چۇنكى بۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئىسىم قوللىنىدۇ، پېقىرنىڭ مەخسىدىمۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشمۇ ئەمەس ئەلىۋەتتە. ئالايلۇق سەن تىزلىنىپ باش ئىگىشكە ئادەتلەنگەن بولساڭ، سىنىڭ بۇ ئىتائەتمەنلىگىڭ زوراۋانلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تەخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، مانىبۇ جوڭگونىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىنى زاۋاللىقا يۇزلەندۇرىدىغان ئاپەت. پەقەت سەن كەسكىن ھالدا ئۆزمەنپەتىم نەدە، ھەقىقەت نەدە، ئىنساپ-دىيانەت نەدە دەپ خىتاپ قېلىپ، زوراۋانلىقنى جەھەننەمگە بەنىت قىلالىساڭلا، جوڭگونىڭ سىياسىي-ئىقتىسادى زور تەرەققىياتقائېرىشىدۇ. ياخشى تەرەققىيات بارغانسىرى تىزلىشىپ، زوراۋانلىق ئۇزىل-كىسىل زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ.

  ئاشۇ ئۇشبۇ ئىبارىلەردە ئاز بولمىغان مەنىلەر يۇشۇرىنغان، ئاتالمىش ترەققىيات ۋە زاۋالىقنى ئەمىلىيەتتە خەلقئارادا تەكىتلەۋاتقان جوڭگو تەھدىتى ۋەجوڭگونىڭ يىمېرىلىشى نەزىريىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ، مانىبۇ ئاممىباپ بولغان جوڭگوتەقدىرىنىڭ ياخشى-يامان بولىشىنى، ھازىرقى يولنىڭ تەرەققىيات ياكى مەغلۇبىيەت يولى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.

   يازما ئىبارىلەردە « تاققا چىقىش نىشانى بىرلا بولسىمۇ بىراق تاغدىن چۇشىدىغان يۆلىنىش سانساناقسىز » دەيدۇ.

بۇ گەپنىڭ يېرىمى توغرا، چۇنكى تاغدىن چۇشىدىغان يۇل سانساناقسىز، تاققاچىقىدىغان يۆلىنىش بىرلا بولسىمۇ بىراق تاققا چىقىدىغان ئۇسۇل كۆپخىل بولىدۇ، ئاشۇئاتالمىش سانساناقسىز يوللار ئاخىرى يەنىلا بىر مەركىزى نىشانغا تۇتۇشىدۇ خالاس.

  يازمىلاردا « جوڭگونىڭ سىياسىي-ئىقتىسانى كىرىزىسقا يۇزلەندىمۇ؟ » دەپ سۇئال قويىدى، جاۋابى شۇكى كىرىزىسقا يۇزلەندى. چۇنكى نۇرغۇن بىشارەتلەر بۇنوقتىنى ئىسپاتلايدۇ. جوڭگونىڭ فىۋداللىق جەمىيەت تەرەققىياتنىڭ دەۋرىيلىك قانۇنىيتىگە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ جەمىيىتىمىز سىياسىي-ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ باشلىنىش نوقتىسىغا قەدەم قويدى دىيىشكە بولىدۇ. كاپتالىستىك بازار ئىقتىسادى يتەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئاساسلانغاندا، جەمىيىتىمىزدە ئىقتىسادىي كىرىزىسباشلانغان بولۇپ، ئىقتىسادىي كىرىزىس مۇققەرەر سىياسىي كىرىزىسنى كەلتۇرىپچېقىرىدۇ. سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىيات قانۇنىيتىگە قارىغاندىمۇ جەمىيىتىمىز سىياسىي-ئىقتىسادىي كىرىزىسكە قەدەم قويغان بولىدۇ. ئۇندىن باشقائەتراپىمىزدىكى يامان نىيەتلىك خوشنىلارنىڭ ھەرقاچان بىزگە خىرىس قىلىپ، ئورىشقا قىستاپ، ئۆلمەكنىڭ ئۇتىگە تەپمەك قىلىشىدىن قارىغاندىمۇ جەمىيىتىمىز سىياسىي-ئىقتىسادىي كىرىزىسقا يۇزلەنگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

  بۇ گەپلەرنى ئەسلى ئىقتىسادشۇناسلار دىيىشى كىرەك ئىدى، بەلكى يوقۇرقى قاراشلىرىم توغرا ئەمەستۇ، يېقىنقى يىللاردا كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىدىن « پۇرسەت »دىگەن گەپ چۇشمىدى، پۇرسەت بولغان ئىكەن كىرىزىسمۇ بولىدۇ، گەپ ئۇنى قانداق تۇتىشتا.

  يازمىلاردا « دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئەمىلىيەتتە پۇتۇنلەي دۆلەت رەھبىرىنىڭ قولىدا بولمايدۇ....دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تەقدىرىنى بەلگۇلەيدىغان كىشىلەر تۇۋەن قاتلامدىكى مىليۇنلىغان ئامما » دەپ كۆرسىتىدۇ.

بۇگەپ توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ئادەتتە كۆپچىلىك ھەمىشە ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلاجوڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگۇلىگۇچىلەر تۇۋەن قاتلامدىكى مىليۇنلىغان ئامما دەيدۇ،ئەمىلىيەتتە دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگۇلىگۇچىلەر كەڭ خەلق ئاممىسىدۇر. ماۋ زىدوڭ ئەينى چاغدا « خەلق، پەقەت خەلقلا تارىخنى يارىتىغان ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ » دىگەن.بىراق بىز تەكىتلىگەن ئاشۇ مىليۇنلىغان ئامما تەشكىللەنگەندىن كىيىن ئاندىن كۇچكەئايلىنىدۇ، بۇنى تەشكىللەيدىغان سىياسىي پارتىيە بولىشى كىرەك، ئەگەر بۇ پارتىيەھاكىمىيەت يۇرگۇزسە، پارتىيە باشلىقى دۆلەت رەھبىرى بولىدۇ، شۇنداق ئىكەن دۆلەت رەھبىرىمۇ ئاممىدىن كەلگەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۇچىن دۆلەت رەھبىرىمۇ ئاممىنىڭ بىرئەزاسى دىگەن گەپ. ئەگەر دۆلەت رەھبىرى ۋە ھاكىيەت يۇزگىزىۋاتقان ج ك پ باشتىن-ئاخىر ئامما بىلەن بىردەك بولۇپ ھەممىدە ئاممىنى چىقىش قىلسا، چوقۇم تەرەققىياتقا ئىرىشىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن زاۋاللىققا يۇزلىندۇ. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەقدىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس.

   يەنە بىر يازمىدا « بىر ئۇلۇغ مىللەت شۇنىڭ ئۇچن ئۇلۇغكى، ئۇ مىللەت ئاڭلىق، ئۆزئۇزىگە خۇجا، مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىش ئىقتىدارىغا ئىگەبولغان بولىدۇ. بىر مىللەت ئۆز ئاڭلىقلىقېدىن مەھرۇم بولسا، مۇستەقىللىقېدىنمۇمەھرۇم بولىدۇ. ئۆزئۇزىگە خۇجا بولمىغان مىللەت ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ چىرايىغاقارايدىغان بولىدۇ، بۇنداق مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق سالاھېيتى بولامدۇ؟ مۇستەقىل بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ GDP  سى دۇنيابۇيىچە2-بولسىمۇ، كۇچلىكلەر ئۆزىنى سەمىرىتىۋاتسا، قۇدرەت تاپتى دىيىشكە قانداق يۇزى چىدايدۇ؟

   بۇنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئەلىۋەتتە جوڭگونى دىمەكچى، چۇنكى جوڭگونىڭ GDP  سى دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇندا. بىراق بۇنىڭدىكى تەپەككۇر ۋە لوگىكا بىراز قالايمىقان. بۇ يەردىكى مەسىلە جوڭخۇا مىللىتى مۇستەقىل،ئۆزئۇزىگە خۇجا بولغان قۇدرەتلىك مىللەتمۇ؟ ئەگەر GDP  دۇنيابۇيىچە 2-بولسىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان تولۇم چاشقانلار تۇرسا، قۇدرەتلىك دىيىشكەبولامدۇ؟ ئەگەر ئاڭلىقلىق بولمىسا مۇستەقىللىق بولمايدۇ، ئۇنداق ئىكەن قۇدرەتلىكدىگەندىن سۆزئېچىش مۇمكىنمۇ؟.

  ھەممىگە مەلۇمكى « 4-ماي ياشلار ھەركىتى » دىن بۇيان، جوڭگو غەپلەتتىن ئويغىنىپ ئىلىم-پەن ۋە دىمۇكېراتىيەنى قوبول قېلىپ، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى بېسىپ 1949-يىلى ئاندىن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. 60 نەچچە يىللىق سوتسىيالىستىك قورۇلىش ئارقىلىق GDP  دۇنيا بۇيىچە 2-بولدى، ئەگەر مۇستەقىل ئۆزئۇزىگە خۇجا بولمىغان بولسا بۇ نەتىجە قولغا كىلەرمىدى؟ ئەلۋەتتە GDP  نىڭ 2-بولىشىدا « تولۇم چاشقان » ۋە «قۇدرەتلىكتىن سۆزئاچالماسلىق » نى تەكىتلەشتىكى مەخسەت يەنە نۇرغۇنلىغان يىتەرسىزلىكنىڭ بارلىقېنى دىمەكچى ئەلۋەتتە. بۇ گەپنى ئامماباپراق دىگەندە،ئىقتىسادى سودا ئالماشتۇرىشتا بەزى جايلارنى چەتئەل كاپىتالى ئىگەللىۋالدى، بىزناھايىتى كۆپ دۆلەت بايلىقى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۇچىنى سەرىپ قىلدۇق.....بىراق بۇنداق قىلماسلىققا بولامدۇ؟ پەقەت بىزنىڭ ئاشۇنداق غايەت زور بەدەللىرىمىز،دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئورنىنى تەدرىجى ھالدا بەرپا قىلدى. يولىققان مەسىلىلەرمۇ تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجى ھەل بولىدۇ....ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدەئاڭلىقلىقمۇ بار. 1 مىليارت 300 مىليۇن كىشى ئاڭلىق بولمىسا بولمايدۇ، مەسىلەن خەلققەزۇلىم قىلىدىغان پارىخورلار، ماجاڭ ئويناپ يەپ-ئىچىپ كۇن ئۆتكۇزىدىغان تەييارتاپلار، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان نەپسى تويماسلار... يەنىلا ساماندەك.

  كەمىنە قەلەم ئىگىسى يۇقورقى بايانلارغا باشقىچە قاراشتا بولساممۇ بىراق ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلىمەن. نۇرغۇن يازمىلاردا ئامىرىكىدىن نىمىنى ئۇگىنىش،روسىيەنى پىپەن قىلىش، ياپونىيە ۋە تەيۋەننى تەتقىقى قىلىش قاتارلىقنى تەكىتلىسىمۇ، كەمىنە بۇ قاراشلارغا قىززىقمايمەن، چۇنكى بۇ نوقتى-نەزەرلەرنىڭ مەركىزى نوقتىسى ئېنىق ئەمەس، ئاساسلىرى يىتەرسىز، سەۋەبلىرى تولۇق ئەمەس. چۇنكى دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەھۋالىدىن ئايرىلغان نەزىرىيە مۇكەممەل بولمايدۇ، 60 نەچچەيىلدىن بۇيان نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولدۇق. ئەگەر لۇشۇن ئەپەندىنىڭ « ئېلىپكىلىش مەسلىكى » نى ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ياخشى نەرسىللىرىنى ئۇگىنىپ تەتقېق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، ناچار نەرسىلېرنى تەنقىد قىلىش بىھاجەت. مەيلى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قورۇلىش بولسۇن، جوڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغاماسكەلسە ئىدى، ئۇنداقتا ئاتالمىش تەرەققىيات ۋە زاۋاللىق، ئۆزئۇزىگە خۇجا بولۇش قاتارلىقنى تەكىتلەشنىڭ زۇرۇرىيتى بولمايتى.

  كەمىنە قەلەم ئىگىسىنىڭ قارىشىچە،مەيلى قانداق خەلق ئاممىسى بولسۇن، چوقۇم ئىلغار ئىددىيگە ئىگە سىياسىي پارتىيە يىتەكچىلىك قېلىشى، ئەگەر خەلق ئاممىسىب ھىمايە قىلىدىغان بۇنداق سىياسىي پارتىيە بولمىسا، ئۇنداقتا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى قانداقمۇ مۇۋاپپىق ئورۇنلاشتۇرغىلى بولسۇن، خۇددى بەشى يوق يىلاندەك ھىچقانداق ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ.

  شۇنىڭ ئۇچۇن جوڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە زاۋاللىققا يۇزلىنىشىنى كىم بەلگۇلەيدۇ؟ جاۋابى شۇكى: مىليۇنلىغان ئامما ۋە ئىلغار سىياسىي پارتىيە.

  18-قورۇلتايدىن بويان، ئىلغار زاتلاردىن تەشكىللەنگەن ج ك پ، جوڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى ئېنىق بىكىتتى، مىليۇنلىغان ئامما زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىددىيە جەھەتتە شىجىنفىڭ باش شۇجىلىقىدىكى مەركىزىي كومتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، قورۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئەمىلىي ئىشلەپ، ئاڭلىقلىقېمىزنى ئۆستۇرسەكلا، پارتىيە قورۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، جوڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىندىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا جوڭگو زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ.


مەنبە:

http://www.newsus.com.cnnews/DoNewsList.Asp?lable=21026


( ئاللا كۆڭلىڭېزگە ئىنساپ بەرسۇن قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 06:43 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zanjir34 + 10 بۇندا تېما زايا كېتىد.
aktax + 10 تېمىڭىزنى باغداشقا يو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش