مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 597|ئىنكاس: 4

سەبىيلەر كۆزىدە بىغۇبار سىما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77816
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-3-23
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 01:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەبىيلەر كۆزىدە بىغۇبار سىما  

تۇردى مامۇت

نەسىر


كائىنات ئاتىسى بولغان قۇياش ئۆزىنىڭ سېخى نۇرلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىنى ئاۋات،باياشات، ئالتۇن كۈز پەسلىگە كىرگۈزگەن. ئورمانلار ۋە ئوتلاقلاردىكى دەل-دەرەخلەر ۋە گۈل- گىياھلار پىشىپ يېتىلىپ، رەڭگا-رەڭ تۈسكە كىرىپ، ئۈزىنىڭ ئۆزلۈكسىز دەۋر قىلىپ كېلىۋاتقان مۇكەممەل ھالىتىنى نامايەن قىلغان. باغلاردا بولسا چىرايلىق ئەمما ئاجىز چېچەكلەر ئورنىدا پۈتۈن بىر يازنىڭ جۇدۇن-چاپقۇنىنى، پىژغىرىم ئاپتىپىنى باشتىن كۆچۈرگەن شىرىن تەم ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان مېۋىلەر ئورۇن ئالغان مىسالى جەننەت پەيتىدە،

ئىنسان ئەقلىنىڭ قۇۋۋەت مەنبىئى بولغان مەرىپەت بېغىنىڭ نەۋ باھار پەسلى يېتىپ كېلىدۇ. شۇ خاسىيەتلىك پەسىلنى كۈتكەن يۇمران كۈچەتلەر نازۇك بىخلار ئەشۇ باغ تامام جابدۇندى...

ئەنە، سوقما تاملىق ھويلىلاردا ، قاشالىق ئاۋۇللاردا، جولمىلاردا، قەۋەتلىك بالكۇنلاردا مۇمايلار، كېلىنلەر، ئالدىدا رەڭگا-رەڭ يىپلار، پۇرۇچلار، ئۇلار كۆڭۈل قويۇپ تىكمەكتە. يىڭنە ئىزىدىن يىپلار شىرىلداپ،ياق يىپ ئەمەس ئانىلارنىڭ كۆڭۈل رىشتى، مىڭ پاتمان ئۈمىدى ئۆتمەكتە. مانا پۈتتى. بەزىلەر چۆچەكلەردىكى دۇلدۇلنىڭ، بەزىلىرى ھۆپپىدە ئېچىلغان گۈللەرنىڭ، بەزىسى پەرۋاز قىلىۋاتقان كەپتەرنىڭ، بەزىلىرى ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرغان بەش يۇلتۇزنىڭ سىماسىنى كەشتىلەپتۇ. ھە مانا پۈتتى. بەزىلىرى جىلتا، بەزىلى پوپكا، بەزىسى بوقچا، بەزىسى سومكا دەپ ئاتاشتى. ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن،  ئىختىيارى، ئەمما ئۇنىڭغا سالغان نەرسە ئوخشاش ئىدى. ئاۋۇلىدىمۇ، بالكۇندىمۇ، سەھرادىمۇ، سېرىق قەلەيدىن شارپىسى، رېزىنكىدىن بۆكى بار قېرىنداش. راكىتانىڭ، تۆمۈر ئادەمنىڭ ۋە يەر شارىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قەلەمدان. سۈت كەبى بېتىگە چىكىتمۇ تەگمىگەن دەپتەر. ياپىلاق، يۇمىلاق ۋە بەزىسى پۇراقلىق ئۆچۈرگۈچ. ئۇلار ئوتتۇرسىدا بۇلۇنغان گەپلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ ئوخشاش. ئاپا بۇلارنى نېمە قىلىسىز؟ سەن خەت يازىسەن. سەن ئوقۇيسەن. نەدە؟ مەكتەپتە. قاچان؟ ئەتىدىن باشلاپ.

مەكتەپ! مەكتەپ. چىرايلىق گەپكەن بۇ. قېرىلارمۇ، بالىلارمۇ دېيەلەيدىغان بىر ئەپلىك بىر سۆز.

  ئۇ قانداقراق يەردۇ؟ بىزنىڭكىگە ئوخشامدىغاندۇ، ئۆيلىرى، ھويلىسى، ياقەي بەك چوڭدۇ ھەقىچان. قانداقلا بولسا مەيلى. ئۇ ئەندى ئاتا-ئانىسىنىڭ كەينىدىن ئۇسساپ چاڭقاپ يۈرمەيدۇ، پادىغا ئەگىشىپ، ئېتىز-قىرلاردا، بۇدۇشقاق، يۆگەيلەرگە پۇتلىشىپ. ئۇ ئەمدى ھەممەيلەننى بىر تانىغا تىزىپ، ھاجەتكە ئاپىرىدىغان بىر بۇيرۇق بىلەن ئۇخلاشقا زورلايدىغان ھەدىلەرنىڭ قېشىغا بارمايدۇ. ئۇ، ئەمدى تۇلا ئويناپ زېرىكىپ كەتكەن جانسىز ئۇيۇنچۇق. جانسىز قۇچاق بىلەنمۇ بىللە قالمايدۇ ئۆيگە سۇلىنىپ.

  ئۇ، ئەمدى مەكتەپكە بارىدۇ! مەكتەپكە. تۈپ-تۈز داغدام يول بىلەن تۇيۇنغان ئوغلاقتەك قىيغىتىپ، چىمەنلىكتىكى كېپىنەكتەك پىلدىرلاپ، ئۇچۇم بولغان باچكىدەك قانات قېقىپ.

  مەكتەپ! مەكتەپ. ئوتتۇر چىشى چۈشۈپ كەتكەن بۇ ئالتە ياشلىق گۈدەكنىڭ ئۇچقۇر مېڭىسىدە يېڭى مەنزىرلەر جىمىرلىدى. يۈرىكى تىپچەكلىدى. ئاپا قاچان ئەتە بۇلىدۇ؟ تاڭ ئاتقاندا. تاڭ ئاتقاندا سەنمۇ مەكتەپكە بارامسەن؟ بارىمەن، سىنى ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتىپ كېلىمەن، كېيىن ئۆزۈڭ بارىسەن. ئاپا، بىزنى كىم .ئۇقۇتىدۇ. ئاپا مەن قورقىۋاتىمەن. نېمىدىن قورقىسەن، مۇئەللىممۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم، ماڭىدۇ، گەپ قىلىدۇ، دەرىس ئۆگىتىدۇ.               

  مۇئەللىم ساڭا ئوخشاش بولسا ئەمىسە مىنى مەكتەپكە ئاپارماي سەنلا ئۇقۇتساڭ بولمامدۇ؟

   ھەي... بۇ؟ كىچىك بالا دېگەنزە، تۇلا گەپ قىلماي تىزراق ئۇخلا ئەتە مەكتەپكە ۋاققا قالىسەن.

  ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، دېگىنە ئاپا مۇئەللىم زادى قانداق ئادەم؟

   ماقۇل بالام مەن دەي، مۇئەللىم دېگەنچۇ جىق بالىلارنى سىنىپقا يىغىپ، خەت ئۈگىتىدۇ، رەسىم سىزىپ بىرىدۇ. ناخشا ئۆگىتىدۇ،ئۇسسۇل ئوينىتىدۇ،باشقا نۇرغۇن بىلىم ئۆگىتىدۇ.ئادەم مەكتەپتە ئوقۇمىسا بولمايدۇ،مەكتەپتە ئوقۇمىسا كۆزى ئوچۇق قارغۇ بولۇپ قالىدۇ، ئەسكى ئادەم بولۇپ قالىدۇ.سەن ھەرگىز قورقما، مۇئەللىم بەك ياخشى. مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلا.

   بالا بۇدۇرۇققىنە قوللىرىنى بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ،قۇندۇزدەك قارا،بۇلاق سۈيىدەك تىنىق كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئۇيقۇغا كەتتى...

       ھەممىسى ئوخشاش ئادەم لېكىن مۇئەللىملا بىزنى ئوقۇتۇپ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدىكەن. ئوقۇمىسا ئەسكى ئادەم بولۇپ قالىدىكەن.مۇئەللىمگە دېسەك باشقىلار بوزەك قىلالمايدىكەن...

      مانا بۇ-ئوقۇتقۇچى. مول بىلىم ئىگىسى، ياخشىلىق باشلامچىسى،ئادالەتنىڭ ھامىيسى. كۆيۈمچان ئانا دېگەندىن ئىبارەت دەسلەپكى سىما.

     گۆدەكنىڭ مەسۈم قەلبىگە تۇنجى قېتىم ئورناشقان، ئاق خەسىگە تىكىلگەن كەشتىدەك.تاشقا ئويۇلغان مۆھۈردەك.

     گۆدەكلەر يىغىلدى. پورەك-پورەك ئېچىلغان گۈلدەك. يۇمران مەڭىزلەر، ئىسسىق چىرايلار كۈلدى،يېلىنجاپ تۇرغان تونۇردىن يېڭىلار سويغان توقاشتەك.جۈپ-جۈپ كۆزلەر مۇنبەرگە تىكىلدى، خۇددى تىنىق ئاسماندىكى چاقناق يۇلتۇزدەك.

     مۇئەللىم رەتلىك كىيىنىپ، يىنىك قەدەم ئېلىپ، ئىللىق تەبەسسۇم قىلىپ كىرىپ كەلدى، خۇددى تويغا كەلگەندەك. بالىلارنىڭ كۆزىدە كۆرگىنى ئالدىدىكى ۋىجىككىنە گەۋدە ئەمەس

بەلكى تۆت خاسىيەتكە ئىگە غايەت زور بىر سىما، رامبودەك، خىيمەندەك.

   دوسكا سانسىز قېتىم تولدۇرۇپ ئۈچۈرۈلدى. سانسىز يەشىك بورلار توزۇندىغا ئايلاندى.مۇئەللىمنىڭ قەددى پۈكۈلدى. چېچى ئاقاردى خۇددى بور تۇزاڭلىرى مۇئەللىمنىڭ بېشىغىلا قونغاندەك...   

   بىلىم دوسكىدىن قەلىبلەرگە كۆچتى، مەرمەرگە ئىشلەنگەن نەقىشتەك. سەبىيلەرنىڭ ئەقلى قاناتلىنىپ، يېشى ئۇلغۇيۇپ، تەرەپ-تەرەپكە، يېڭى مەنزىللەرگە ئۇچۇشتى خۇددى باھاردا كۆچكەن قۇشلاردەك...

ئەشۇنداق داۋام ئىتىۋاتقان ئۇستاز ئوبرازىغا، مەرىپەت بېغىغا، ئۇشتۇمتۇت شۇنداق بىر دەھشەتلىك شىۋىرغان ۋەھشىيانە ھۇجۇم قىلدىكى، گۈللەر بەرگىدىن ئايرىلىپ پاتقاقتا چەيلەندى.باغلارنى ھۇقۇش ۋەھىمىسى قاپلىدى. ئۇستاز ئوبررازى «سېسىق توققۇزىنچى» غا ئايلاندى... جەمئىيەت پاراۋۇزى رېلىستىن چىقتى. كىشىلەرنىڭ ئەقىل تارازىسىنىڭ تەڭپۇڭى بۇزۇلدى. ئوقۇتقۇچىلىقنى پەس كۆردى. ھەتتا باللىرىغا سەن ئۇقۇپ خەت ساۋادىڭنى چىقىرىۋالساڭ مۇئەللىمغۇ بۇلارسەن دېگۈچىلەر بولدى.

     خەت ساۋادىنى چىقىرىشنى ئويلىدى-يۇ، لېكىن نادانلىقتا، ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈنمۇ يەنە ئوقۇش كېرەكلىكىنى ئويلاپ كۆرۈشمىدى...

   مانا شۇنداق پەيىتتە 1978-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە چىققان بىر ئىللىق شامال زېمىننى سۆيۈپ ئۆتۈپ كىشىلەرنى قارا باسقان غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى. ئۇ گەرچە قىش پەسلى بولسىمۇ چاڭبەيشەندىن قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىگىچە بولغان زېمىننى ۋە پۈتكۈل كۆڭۈللەرنى باھار ئىللىقلىقىغا تولدۇردى.

كىشىلەر شىرىن خىياللار ئىچىدىن، ئاخىرى ئىلىم-مەرىپەت بېغىنىڭ شىرىن مېۋىسىلا بايىقى شىۋىرغان ئۈششۈكىگە داۋا بۇلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشتى. بۇ ئىشەنچ ئۇستاز سىماسىنى قايتا نۇرلاندۇردى. ئۇستاز روھىنى تەرىپلەيدىغان نۇرغۇن ئوخشۇتۇشلار چىقتى. مەيلى ئۇ قانداقلا ئاتالسۇن سەبىي كۆزلەردىكى ئەكىس ئەتكىنى يەنە شۇ دەسلەپكى «تۆت خاسىيەت» كە ئىگە سىمادۇر.

مۇئەللىم-ئاشۇ سىمانىڭ خاسىيىتىنى ئىپادىلىگۈچى شەخىس. ئۇ، ئۆزىنىڭ دەرىس مۇنبىرىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئورنىدا بور، كىتاب، دەپتەر-قەلەمدىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك بىساتىنى ھەمراھ قىلىپ، ھەر قېتىملىق دەرىس قوڭغىرىقىنى ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشنىڭ، يېڭى سەپەرنىڭ ئاتاكى سېگنالى ھېسابلىغاندىلا،كۆز ئالدىدىكى ئۈمىدلىك سەبىي كۆزلەرنىڭ تەشنالىق بېقىشىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، چاڭقاق دىللارنى قاندۇرالايدۇ.

   ھورۇنلۇق، بىخۇتلۇق ياكى دولقۇنسىمان كەيپىيات، بۇ كەسپنىڭ ئەبىدىي دۈشمىنى...

   خاسىيەتلىك 10-سىنتەبىر، سەن ئىلىم مەشئىلىنى كۆتەرگۈچىلەرنى قەدىرلەشنىڭ سىمۋولى، ئەنە بەستىدىن كۈچ-قۇۋۋەت يېغىپ تۇرغان قاۋۇل ئەسكەر، ۋىجىككىنە ئاقباش مۇمايغا چوڭقۇر ھۆرمەتتە ھەربىيچە سالام بەرمەكتە. چۈنكى مۇماي ئۇنىڭ بالىلىق چېغىدىكى مۇئەللىمى...

  پۈتكۈل جەمىيئەت، مىڭلىغان سەبىيلەر سالام بەرمەكتە. مانا بۇ سالام چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە يېڭى ئۈمىدتۇر.يېڭى دەۋر، يېڭى ئۈمىد ئۇستاز سىماسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغۇسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋەلىجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 02:27 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 02:20:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ، مەن بەك بالدۇر كىرىپ قاپتىمەن ... لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرىنى نېمە دەيمىز ...؟ ھېچ بىلەلمىدىم ...

شىرئەلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 05:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ياخشى يىزىلىپتۇ  قەلەم كۈچىڭىزمۇ باركەن ، لىكىن ھازىرقى ھالەتكە ماس كەلمىگەندەكلا بىلىندى . ( بىر خىل سۈننى رىياللىق ) .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93566
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-3
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 05:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان نەسىركەن!ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ياخشى دەپتىكەن كونىلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 09:53:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش