مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4999|ئىنكاس: 10

مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76361
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 12:51:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

        2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23- كۈنى بارچۇق دىيارى مارالبېشىدا  مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى  غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.  كۆرگەزمىگە مارالبېىشىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن خەتتات ۋە ھەۋەسكارلار بولۇپ 300  گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قۇربانجان روزى شەيدائى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى ۋە مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەڭ خەتتاتلارغا ۋە ھەۋەسكارلارغا رىغبەت بېرىپ تېخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


   كۆرگەزمە ئاخىرىدا نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ خەت يېزىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى . قۇربانجان روزى شەيدائى، ئۆمەرجان ئوسمان سەبرى، يۇنۇس قۇددۇس تەبرىزى، غۇلامجان قادىرى قۇتبىلىگ ۋە بىر قىسىم خەتتاتلار ماھارەت كۆرسەتتى.بىر قىسىم ئەسەرلەر كىم ئارتۇق قىلىپ يۇقىرى باھادا سېتىلدى.

   ياش تېۋىپ ،شائىر،خەتتات -مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا 1975-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىغا قاراشلىق خاندو رايونىدا مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئەبەيدۇللا داموللا ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنىپ ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1999-يىلى شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرىستېتى تارمىقىدا بىر يىل ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن. 1999-يىلدىن 2001-يىلغىچە يەنە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.2001-يىلىدىن 2003-يىلغىچە ئائىلىسىدە دادىسى ئەبەيدۇللا  داموللا ھاجىمدىن تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنگەچ ئەرەب تىلى ئاساسىنى پۇختىلىغان 2003-يىلدىن 2006-يىلى يازغىچە خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخىنىكومىدا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپى بويىچە  بىلىم ئاشۇرۇپ ھازىرغىچە سېرىقبۇيا بازىرىدا شەخسىي تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا 1993-يىلدىن باشلاپ شەپقەت تەخەللۇسى بىلەن  رەسىمىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،  20پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەر، 100پارچىغا يېقىن ھۆسنخەت ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئيتىنىڭ ئەزاسى، مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازىرى ‹‹شەپقەت ئۇيغۇر تېبابەت ئامبۇلاتورىيەسى›› نىڭ مەسئۇلى.


33.jpg
32.jpg
31.jpg
30.jpg
29.jpg
28.jpg
27.jpg
26.jpg
25.jpg
24.jpg
23.jpg
22.jpg
21.jpg
20.jpg
19.jpg
18.jpg
17.jpg
16.jpg
15.jpg
14.jpg
13.jpg
12.jpg
11.jpg
10.jpg
9.jpg
8.jpg
6.jpg
4.png
2.png
1.png

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11034
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 04:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. بەزى خەتلەر بەك ئېسىل چىقىپتۇ.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72043
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 07:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا (شەپقەت ) نىڭ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى  چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن . گەرچە كۆرگەزمىگە بارالمىغان بولساممۇ ،شەپقەت ئاكىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تىرىشىش نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم .كۆرگەزمە ناھايىتتى ئەھمىيەتلىك مول - ھوسۇللۇق بوپتۇ . ئۇستازلىرىمىزنىڭ قۇمۇش قەلەم تۇتقان قوللىرىغا بەرىكەت ھەم بۇندىن كىيىنكى خەتتاتلىق ئىجادىيەتلىرىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93559
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-3-19
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 08:12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 08:39:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر ھۆسىنخەتلەردىن قالتىس ھوزۇرلاندىم ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84876
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 09:48:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك يەقتۇرىمەن ھۆسۈنخەتنى ...بەك ئېسىلكەن......

ئىنساننڭ ئۆمرى پەقەت‹‹نامازسىز ئەزان بىلەن ئەزانسىز ناماز،ئارلىقىدىكى ۋاقىتچىلكلا..!!!  ئۆزۈڭدىن سوراق ئىپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76361
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 11:34:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرگەزمەمنى قوللاپ بەرگەن ئۇستازلار،دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
(ما تېما مېنىڭ نامىمدا يوللنىپ قالدى ،تۇغرا چۈشەنگەيسىزلار )ئەسلى تېىمىنى خەتتات ئىنىمىز ئوكيان يوللىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92239
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 01:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورلاش تورى تور دۇنياسىدىكى سەرخىل مەزمۇنلاردىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى بەھرلەندۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ ، مەيلى كۆرۈرمەن ، توربەت قۇرغۇچى ۋە ياكى بىلوگېر بولۇڭ، سىزنى ئۈنۈملۈك بولغان ھەمبەھرلىنىش ئۇلىنىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سەرخىل مەزمۇنلارنى تورلاش تورى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن ھەمبەھرلىنىڭ.

http://www.torlax.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 01:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز قېرىندىشىمىز مۇھەممەتجان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كۆرۈپ چەكسىز ھاياجانلاندۇق،يەنىمۇ تىرىشىڭ قېرىندىشىم ،نەتىجە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇپتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4089
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 05:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس  نەخ شۇ كۈنى زۈرۈر بىر ئىش چىقىپ قېلىپ بارالماي قالدىم كىين يەنە كىلەر بۇنداق پۇرسەتلەر

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش