سەن ئىشەنگەن بىرسى سىنى نائۈمىدتە قالدۇرۇپ
كۆزگە ئىلماي چىىدغۇسىز تىل-ئاھانەت ياغدۇرۇپ
باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەسخىرە قىلىپ سۇندۇرۇپ
سىنى ناھەق ئەيىپلىسە ياش تۆكمىگىن سەۋىر قىل
ئاقنى قارا دىگەنلەر ئۆزى بولۇر شەرمەندە
تۆھمەت چاپلاپ غۇرۇرۇڭنى قىلسا ئەگەر دەپسەندە
قىلغانلىرىدىن شاتلىنىپ جىنى يايراپ كۈلگەندە
ھەقىقەتنى ئاقلايدىغان ئادەم چىقار سەۋىر قىل
ياخشىلار
ئەل كۆڭلىدە ھەر زامان يادلىنىدۇ ياخىشلار
ماڭغان ھەربىر قەدىمىدە گۈل تىرىيدۇ ياخشىلار
قايىل قىلار ھەممىنى مىننەتسىز تەر تۆھپىىسى
شۆھرىتىدىن يۈز ئابروي ھۈرمەت تاپار ياخشىلار
گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتتە ياشايدۇ پاك دىيانەتتە
ئۆرنەك بولۇپ كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ياخشىلار
ئىش ئىزلىرى ئۆچمەيدۇ خەلق مەڭگۈ كۈيلەيدۇ
ئەڭ گۈزەل نامغا لايىق تىللاردا داستان ياخشىلار.
ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 太阳 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-24 10:36 AM