|
|
|
|
چۆچەك سېتىش
تەۋسىيە: تىمىنى بەك جېقكەن دەپ ئۇقۇش خوشياقمىسمۇ ،ئاخىرقى قىزىل رەڭدە بۇيالغان بۆلىكىنى ئۇقۇپ بېقىڭ،نىمىلەرنى ھىس قىلالىدىڭىز ؟ مۇشۇ توغۇرلۇق ئويلغانلىرىڭىزنى دەپ بېقىڭ .
زەيتۇنەم مەمىتىمىن
(ئاپتۇر چىرا ناھىيلىك پارتىيە مەكتىپىدە)
1
خوتەنمۇ يەر شارىدا ئىمىش ،
بىرى گېزىتتە كۆرۈپ قالغانمىش .
ئىللىپ كەتسە يەر شارى ،
قىزىپ كىتەرمىش
ھەتتا خوتەندە قاشتېشى .
خوتەنلىكلەر
يەر شارىنى يەر دەپ بىلىدۇ ،
يەرنى ئاندىن جان دەپ بىلىدۇ .
شار دىگەنغۇ يۇمىلاق نەرسە ،
ئۇچۇپ كەتسە ،گاز دەپ بىلىدۇ .
مەن گېزىت ئوقۇمىغان
داداممۇ ئوقۇپ بەرمەيتتى،
بوۋام ھەپتىيەكنى ھەجىلەپ قالغان.
قەشقەرلىك تىكمىگەن دوپپىنى ،
ئالغۇم كەلمىگەندە....
خوتەنلىك تۇرۇپ ،
خوتەن ئەتلىسىنىڭ سىرلىق گۈللىرىدە
ئېزىپ يۈرگەندە،
چۆچەككە ئامراق تۇرۇپ
مومام ئېيتقان چۆچەكلەرنى
بالامغا
سەزدۈرمەيلا ئۇنتاي دىگەندە...
ئاندېرسون كىلەرمىش ،دەپ ئاڭلىدىم،
راستمۇ -يالغانمۇ پەقەت بىلمىدىم.
خوتەنلىك بولغاچقا
ئاسان ئىشەندىم .
چۆچەكچى ئىمىش ،چۆچەك ئالارمىش،
ئۇنىڭ چۆچىكى تۈگەپ كەتكەنمىش .
خەپشۈك!
ئۆلگەن ئۇ،دېمە يامان بۇلىدۇ ،
ئۇ خەق بىزدىن ئەمەس
ئۆلگەننىڭ گېپىنى قىلىۋىرىدىغان ،
ترىككە گۆرنىمۇ كولاۋىرىدىغان .
ئۆزى بولمىسا ،نەۋرىسى ئىمىش،
نەۋرىسىمۇ ئۆزىدەك دانىيەلىك ئىمىش.
-چۆچەك !
قىززىق خەقكىنا
كونا گىلەمدەك ئۆڭگەن چۆچەكنى ،
مايسىز چىراغدەك ئۆچكەن چۆچەكنى ،
ئالامدىكىنا ؟
-ھەئە!ھەئە!ھەئە!
2
مەن چۆچەك ساتىمەن
ئاندېرسون كىلىپ بولغۇچە،
خوتەندىن جىمى چۆچەكنى يىغىۋالىمەن.
قەشقەرگىمۇ بېرىپ باقىمەن ،
كۇچادا بولمىسا ئاقسۇغا بېرىپ ،
ئۇيغۇر چۆچىكى يىغىپ ساتىمەن.
چۆچەكچى بالا چۆچەك تۇقۇماي
نەگە كەتتىكىنە؟
-پاختا تەرگىلى .
ئۆتمۈشمۇ ئەمەس ،ھازىر مۇ ئەمەس ،
ئەجەپ بىرزامان
كىتىپتىغۇ جاننى باققىلى .
بازارغا چىقىپ كەتتى ،
يولنى بىلمەيدىغان بالىلار .
سودىسىنى قىلالارمۇ ؟
چامغۇر ساتمىغان بالىلار
يولغا چىقىپتۇ .
چۆچەك بىلگەنلەرمۇ ،بىلمىگەنلەرمۇ ،
ئېھ ،كېتىپ بوپتۇ.
3
ئاندېرسۇنمۇ،ئابدۇرۇسۇلمۇ ،
كۆك كۆز بىرى
ئولتۇرىدۇ ئالدىمدا .
دەيدۇ تېخى ئۇيغۇر، دىگەن
چۆچەك پىرى.
-نېمە دەيمەن ؟
قارا تاشقا بەرمىگەن تىلنى ،
ئەجەپ ماڭا بەرمەپتۇ تەڭرى .
بىر چۆچەككىلا ،
ساناپ باقماي دوللار بىرەمىش .
مەن دوللارنى كۆرۈپ باقمىغان
ئىۋۇ قىزىلنىڭمۇ ،
بەش ئالتىسىنىڭ چېكىسىنى
قېنىپقىنە سىلاپ باقمىغان.
مەنمۇ ئۇيغۇرغۇ ئاغزى بار دۇنيا ،
ئۆز تەسەۋۇرۇمدا
چۆچىكىم بەك ئاز ،يېلىڭ ئۈستىباش.
بىزنى بۇ خەق تۇنىمىغاندىن كىيىن،
كۆرسىتەيچۇ
بىر تەڭگە نۇرنىمۇ نۇر چاچقان قۇياش.
4
خوتەن ئىسسق يۇرت دەيدۇ باشقىلار ،
جاھىللىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ .
بەكمۇ كۆڭۈلچەك
ئاچچىق مېغىزنى يەپ تۇرۇپمۇ ،
تۈكۈرەلمەس قارا كۆز ،كۈلگۈنچەك.
ئۆگەندى ھازىر قىزىرىپ تۇرۇپ ،
بىرنى ئىككى دىيىشنىمۇ ھەم .
ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرەر لاپ -لاپ ،
راس گەپ چىققۇچە يەنە ھېلىھەم.
قىستالسىمۇ بىر -بىرىگە ،
ئاھ ،شۇنچىلىك ھۆكىرىشىپ كىتەر،
-نىمىشقا ؟
-كۆزنى كۆزلەر تۇنۇماس ،
-سۆزنى سۆزلەر.
ئارىسىنى باسقاندا سۈكۈت ،
ئاۋۇ ئۇيغۇركەن دېيىشىپ كىتەر.
5
بۇرۇن،بۇرۇندا....
مومام باشلاپ بولغان چۆچەكنى
يەنە باشلايتتى .
بۇرۇن ،بۇرۇنكەن ،
تۈلكە يايلاقچى ،
سېغىزخان ماراقچى ،
قاغا قاراقچىكەن،
يولۋاس پادىشاھ ،مايمۇن ۋەزىركەن.
كۆك ئابدۇرۇسۇل خاتىرىسىگە،
كىتىرلاپ يازاركەن.
تېخى بىزچە دەپ قويدى،
-بۇ گەپ قىزىقكەن .
شۇ پەيت جان يۈرەككە جان كىرىپ ،
چۆچەكچىدەك باشلىدىم سۆزنى .
زورۇقۇپ ئەسلەپ ،
مومانىڭ ئەتسىز يۈزلىرىنى .
-تاغلار يېرىپ سۇ باشلىغان ،
پەرھاد چىققان بىزنىڭ خوتەندىن .
تاغ يارمايمۇ ئەركەكلەر شۇندىن ،
يار ۋىسالى شۇنچىلىك يېقىن .
پەرھاتنىڭ تەۋپىسىنى قىلىۋىتىپ،
غىلام ياشلار كەلدى كۆزۈمگە.
قەھىرىمانغا يۇرتداشلىقىمنى،
بىلمەپتىمەن تا شۇ كەمگىچە .
مانا خوتەنلىك شۇنىڭدىن باشلاپ ،
سۇ كەلسە ،كەلمىسە نىمە پەرۋايى .
بىلىدۇ پەقەت ،
يۇرۇڭقاشنىڭ سۈيىنى خۇدا بەرگەن.
6
ئاندېرسون كالدىرلاپ كەتتى ،
چۈشەنمىدىم ،چۆچىكىم قەيەردىن كەتتى .
-پەرىشتە!
-پەرىشتە! بىلمىدىم بۇنى.
ئۇ ئۇچقاننى كۆرسەتتى،ئاندىن بالامنى .
-بالىلار چۆچىكى
-ھە بىلدىم ،بالا چۆچىكى .
بىر ھازا ئويلىنىپ قالدىم جىملىنىپ،
چۆچەكسىز ئۆسۈپتۇ بالام چالقورۇق.
چۆچەك سۆزلىمەي ئۆتكەنلىكىمنى ،
بىلىپ قالدى ۋاي!ما سېرىق ئورۇق.
-قىزل بۆك!
-ئۇ سىزنىڭ ئەمەس دېدى ،
ئېغىزىمغا ئۇرغۇدەك بۇلۇپ ،
كۆك كۆزىنى قىزارتىپ تۇرۇپ ،
-سەت ئۆردەك چۈجىسى .
-ھاماقەت ئۇ مېنىڭ .
قۇلىنى جۈنۈپلا ئالدى جېنىمنى ،
تەڭلا قاچۇردى بارۇ ئېسىمنى .
ئۆز يىرىمدە تىلسىز زوۋان بوپ،
ھەسرەتلىك بىر يىغا كەتتى ئاھ تۇتۇپ .
چۆچەك ساتقۇم كەلمىدى بىردىن ،
-قالسۇن ئۆزۈمدە -دېدىم تۇتۇلۇپ .
-ھە !بىلمىدىمۇ ؟سورىدى يەنە .
-ساتمايمەن !دېدىم يەرلىكچە ،
-ئالمايمەن !دېدى يات تىلچە .
-نېمىشقا دەپ سورىدىم.
-چۆچىكىڭدە قەھرىمان بەك ئاز ،
بالىلارغا پەرىشتىلەر يوق.
مەشۇق ئۈچۈن جېننى بەرگەن ،
بىر پەرھاتتىن باشقا ئەركەك يوق .
چۆكۈپ كەتتىم يەرگە ئېھتىمال ،
ئاھ بۇ سۆز سۈكۈتتىنمۇ چوڭقۇر.
چۆچەكلىرىم مېنى تىللاڭلار ،
مېنى باسقان قانداق غەلەتتۇر .
ئىھ چۆچەكلىرىم ،
ئەسىرلەردىن ئۇنتۇلماي كىلىپ ،
مەندە بۈگۈن سۇندۇڭ باشقىچە .
ھېكىمىتىڭنى بىلگەن چەتئەللىك
ۋېجدانىمنى سوتلار تاشقانچە .
شاھ بولمىسا ئۆزى ئەگەردە ،
چوڭلار ساڭا قارىماي كەتتى .
خوش دېگىنى زامان ئۇلارغا
سەندە گۇناھ يوق ئىدى ئەسلى .
ئالتۇن كەشىنى ئىزدىمەس قىزلار ،
تۆت قۇلاقمۇ يۈرمەيدۇ تېرىپ .
چۆچەكلىرىم ھىم يېپىلدىڭ تىز ،
ئۇقۇماسمۇ سېنى تىزلىنىپ.
يىگىتلىرىم چۆچەك ئۇقۇڭلار ،
تۇنارسىلەر بوز ئېتىڭلارنى .
تۇيۇلغاندا ھەممە قاتتىق تاش،
چۆچەكلەرلا تۇغار گۆھەرنى .
ئىھ ،سەبىيلەر پەرىشتە بولۇپ،
چۆچىكىمگە كىرىڭلار بىر پەس .
ياغاچ ئاتقا مىنىپ ئولتۇرۇپ ،
بالىلىققا قېنىڭلار پەۋەس .
مەنبە: تارىم ژورنىلى 2013-يىللىق 3-سانىدن ئېلىندى.
كومپىيوتېر مەشغۇلاتىدا : ئىپار(سەلكىنئاي)
2013.3.23[ بۇ يازمىنىئىپارئاي 2013-03-23 19:34قايتا
|
|
|
|
|
|