|
|
|
|
مەزكۇر فىلىم TED يۈرۈشلۈك نۇتۇقلىرىنىڭ تۇنجى يوللانغان فىلىمى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ TED نۇتۇقلىرى جىددىي تەييارلىنىۋاتىدۇ، پۈتكەندە بىر-بىرلەپ تورداشلارغا تەمىنلىنىدۇ.
فىلىم ھەققىدە: 12 ياش ئەتراپىدىكى كۆپىنچە بالىلار ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. توماس سۋارېز (Thomas Suarez) بولسا ئاشۇ ئويۇنلارنى قانداق ياساشنى ئۆزى ئۆگەنگەن بالا. ئۇ Bustin Jieber (جاستىن بىبېرغا ھۇجۇم قىلىش) قاتارلىق ئايفون ئەپلىرىنى ياساپ چىققان، شۇنداقلا ھازىر باشقا بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى بولۇشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ…
فىلىم نامى: توماس سۋارېز: 12 ياشلىق يانفون يۇمشاق دېتالى ئىجادىيەتچىسىنىڭ ھېكايىسى
فىلىم تۈرى: نۇتۇق
تارقاتقان ئورۇن: TED.com
تارقىتىلغان ۋاقتى: 2011-يىلى
تىلى: ئىنگلىزچە
يېزىقى: ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە قوش خەتلىك(بېكىتىمىزدە تور يۈزىدە تۇرۇپلا يېزىقلارنى ئۆزگەرتىش ۋە خەتسىز كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى، CC كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرۇڭ)
ئۇزۇنلۇقى: 4 مىنۇت
رازمېرى: 480*848
تەرجىمە قىلغۇچى ئورۇن: ئاتلان تەرجىمە گۇرۇپپىسى
تەرجىمان: ئېرشات ئالىم
تەھرىر: سەزگۈر
كىرىشتۈرگۈچى: تىلسىم
بۇ فىلىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە تەرجىمە قىلىندى. فىلىمنى توردا بىۋاسىتە يېزىقىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈش ۋە خەتسىز كۆرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەندىن سىرت يەنە، بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېرلارغا قاچىلاپ كۆرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرى ئېنىقلىقتا MP4 كە پرېسلانغان قوش خەتلىك نۇسخىسى تەمىنلەندى. پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى، سودا تەسۋىقات ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. پىكىر-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
توردا كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەرنى چېكىڭ
يۇقىرى ئېنىقلىقتا پرېسلانغان نۇسخىسىنى:بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
|
|
|
|
|
|