مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 19397|ئىنكاس: 203

«ئاۋالۇك سۇۋارا» بىلەن «تاتھاگاتا» ھەققىدە چۈشەنچە    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92006
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 06:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئاۋالۇك سۇۋارا» بىلەن «تاتھاگاتا» ھەققىدە چۈشەنچە

كاككۇك11 خىنىم بىلەن زەنجىر34 ئەپەندىمگە :

سىلەرنىڭ سۇئالىڭلارغا جاۋاپ بەرمەي تەكەببۇرلاردىن بولۇپ قىلىشتىن قورققاچقىلا بۇددا دېنى ھەققىدە توختىلىشقا مەجبۇرمەن، رەببىم كەچۈرسۇن.
سىلەر بىلگەن بۇددا دېنىنىڭ ئەسلى يىلتىزى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەس ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىنىڭ ئىسلام دېنىدىن بۇرۇلۇپ ۋەد دېنىغا كىرىپ كىتىشىدىن شەكىللەنگەن باتىل دېندۇر.
ۋەد دېنى 9 شەيئىنى ئىلاھ دەپ تونۇغان بولۇپ ئۇلار :
1-        بۇلۇت،2-چاقماق،3-شامال،4-تۈن، 5-يۇلتۇز، 6- ئاي، 7-يەر، 8-دېڭىز، 9-قۇياش ئىدى .
ياپەس ئەلەيھىسسالام نىڭ قەۋمى 9 قەبىلەدىن تۈزۈلەتتى، ئۇلار رەت تەرتىپى بويىچە مۇنداق جايلاشقان:
1-        مون قەبىلىسى،بۇ قەبىلەدىن بۈگۈنكى تىبەتتىكى بوچاڭلار،بوتانلار. مونغۇلىيەدىكى مونغۇللار شەكىللەنگەن. مونغۇل دىمەكمۇ «بىرلەرنىڭ غەربى» ئۇرۇقى دىمەكتۇر، مون دىمەك بىر دىمەكنىڭ ئەڭ قەدىم تەلەپپۇزىدۇر، شۇڭا ئېنگىلىزچىدىمۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىMonday دەيدۇ،
2-        دو قەبىلىسى، دو دىمەك 2 دىمەكنىڭ قەدىم تەلەپپۇزىدۇر،دولان،تۇران، تارانچىن-تۇرانچى،دوۋان-دوۋا،تۇخار،كۈسەن،كوزان،كۇشان،خوتەن، ئوغۇز،قازاق،قىرغىز،گاگاۋۇز،سەلچۇق،ساكتاي،قىپچاق،سىگان...دىگەنلەر مۇشۇ قەبىلىنىڭ ئىچكى ئۇرۇقلىرىدىندۇر .
3-        ئۇز قەبىلىسى،ئۇز دىمەك ئۈچ دىمەكنىڭ قەدىم تەلەپپۇزىدۇر، بۇ قەبىلەدىن ئۇز ئان-ئازار،ھازار،يىڭى ئاسار-يىڭسار،ئۇزمۇر-زۇمۇر-سۇمۇر-كۇسمۇر-كەشمىر،
سۇمۇل-چۇمۇل-كۇمۇل-قۇمۇل-كابۇل،ئۇزدان،سۇدان،سوغدىيان،سوزان،
ساسان،ئاسيان-سايان-سايار-شايار،ئۇزغار،ئىزگىل،قۇزغار-قاسقار-قەشقەر،كاسكىل-گاشگىل،قاشقاي،ئىزگىل،چىگىل،ئۇزدام-ئاززام،ئاسسام،ئۇزدام-سۇدام،سەدۇم،ئۇزدام-سارام،قۇشراب،كۇسراپ،ئۇزبورك-ئۆزبەگ،ئۇزمورك-سۇمۇرك-سۇۋۇلك،ئۇز ئورك-ئاسۇرق-ئاسۇق..قاتارلىق ئۇرۇقلار شاخلىنىپ چىققان.
4-تورت ياكى تات قەبىلىسى، بۇلاردىن تاتار،تۇرپان، تورتدان-چارچەن، چارچىن-چارچى،سونچى،كونچى، دون قاي-قاي دون-قايدۇ،كىنگىد،قار چار-قاراشەر،تاتىراڭ،چىچەن..قاتارلىق ئۇرۇقلار شاخلاپ چىققان،.
......................
باشقا 5 قەبىلە ھەققىدە بۇ سەھىپىدە توختالغۇم يوق، چۈنكى بۇ بەكمۇ مۇرەككەپ تىما، ئۇ توغرىلىق يۈزە سۆزلىسەم قايىل بولمايسىلەر، تەپسىلى سۆزلەشكە ۋاقتىم يوق، سىلەرگە «ئاۋالۇك سۇۋار» بىلەن «تاتھاگاتا» ھەققىدە چۈشەنچە بىرىش زۆرۈرىيىتى بولغىنى ئۈچۈنلا يۇقارقى 4 تاشقى قەبىلەنىڭ ئىچكى 5 ئۇرۇقلىرىنىڭ تارىختىكى ناملىرىنى قىسقىچە نەقىل ئالدىم.
ۋەد ياكى ۋەدا دېنى تارىختا ئۇلۇغ كۇشانلار دەپ ناملانغان 9 ئۇيغۇرلارنىڭ 2-تاشقى قەبىلىسىنىڭ 4-ئىچكى ئۇرۇغى بولغان ئىنسان توپى تەرىپىدىن شەرقتە دوخان(دونخۇاڭ)غا ئۇلار بىلەن بىللە كۆچكەن، دوخان(دونخۇاڭ)دىكى «مۇغ ئەۋ»( مۇغ ئەۋ-قەدىم ئۇيغۇرچە ئىلاھ ئۆيى دىگەن گەپ،خەنزۇلار ئۇيغۇرچە ئاساسىدا مو گاۋ دەيدۇ)گە سىزىلغان بۇددا سىزمىلىرى ئەڭ دەسلەپتە شەرققە كۆچكەن كۇشانلار تەرىپدىن سىزىلغاندۇر، كۇشانلارنىڭ بىر قىسمى پاكىستان-ئاپغانىستان،ھىندىستان ۋادىلىرىدا قەدىمدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرلەردە)كۇشان ئىمپىرىيەسىنى قۇرغان، شۇ زاماندا ۋەد دېنى ئۇ يەرلەرگە تارقالغان، كۇشانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى كۈسەن(كۇچار)دە بۇددا دېنىنى تارقاتقان، كۇشانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى گوچان نامىدا تۇرپاندا بۇددا دېنىنى تارقاتقان،شۇڭا تۇرپاننى خەنزۇچە گاۋچاڭ دەيدۇ،تۇرپان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى گاۋچاڭ(گۇچۇڭ) دا ئىدى، گاۋچاڭ-گوزانلار بارچۇق ئارت تىكىننىڭ باشچىللىقىدا چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئۇرۇش قىلىپ ئابباسىيلەر ئىسلام خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن ئەرەپ يازمىلىرىدىكى گوزانلار شۇدۇر، گۇزانلار كىيىنچە ئىسلامغا كىرىپ بۈگۈنكى رۇسىيە فىدىراتسىيەسىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازان(گوزان) شەھرىدە تاتارلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
كۇسانلارنىڭ يەنە بىرقىسمى بۈگۈنكى خوتەن(گوزان،گوجان باغ)گە ماكانلىشىپ بۇددا دېنىنى تارقاتقان، ئەپسۇسكى كورىيە،ياپونىيە،جوڭگو بۇدداشۇناسلىرى بۇددا دېنىنى «ھىندىلاردىن كۇشانلارنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارغا تارالدى، ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇلارغا، خەنزۇلاردىن كورىيە-ياپونىيەگە تارالدى» دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ھەرقانداق شەكىلدىكى مەدەنىيەت بولۇپ باقمىغاندۇر» .
ئەمدىكى گەپكە كەلسەك، 9 ئۇيغۇرلاردا 9 تاشقى قەبىلەنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن جەمئى 9 بۇتى بار ئىدى، بايات ياكى بۇلۇت بولسا بىرىنچى قەبىلىنىڭ بۇتى ئىدى، شۇڭىمۇ بۈگۈنگىچە مونغۇل،تىبەتلەردە چاچنى بىر ئۆرۈش، چاپاننىڭ بىر يىڭىنى ساپماسلىق، ئاق خادا نى قۇت بەلگىسى قىلىش، ئاق مەرمەر تاشقا چوقۇنۇش ئادەتلىرى ساقلانغاندۇر.
دو قەبىلىسىدە چاقماققا چوقۇنۇش ئادەتلىرى بولغان،شۇڭا ئۇلاردا چاچنى 2 ئۆرۈش، 2 جىيەكلىك قالپاق كىيىش، 2 مۈگگۈزلۈك كالىغا (ئۇد-ئۇي،ئۆكۈز)غا چوقۇنۇش ،كۆك رەڭنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرى بولغان.
ئۇز قەبىلىسى سابا(شامالنىڭ يەنە بىر نامى)غا چوقۇنغان،ئۇلاردا چاچنى قويۇۋىتىش(سۇمۇل-سۇمبۇل چاچ) يىشىل رەڭگە چوقۇنۇش ئادەتلىرى بولغان.
ئۇلارنىڭ باتىل ئىلاھىنىڭ نامى ئەڭ قەدىمدە «ئۇلۇق سۇۋار» دەپ ئاتالغان، ھىندىلار بۇ سۆزنى كۇشانلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغاچقا «ئاۋۇلۇك سۇۋارا» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ ھىندى تىلىغا بىزدىن كىرگۈزگەن،«ئاۋالۇك سۇۋارا» دىمەكنىڭ مەنىسى «ئۇلۇق سۇۋارا،ئۇلۇق شامال»دىگەن بولغاي.ئۇز قەبىلىسىنىڭ باتىل ئىلاھىنىڭ نامى «ئۇلۇق سۇۋار» دىن تەلەپپۇز ئۆزگەرتىپ 2 مىڭ يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىزدە «ئۇلۇق شامال» ياكى زاغرا تىلدىكى «ئۇلۇق سۇۋار-لۇق سۇۋا-لۇق سۇما-لۇق سەمى-لاكشەمى» دەپ ئاتالغاندۇر .
4-تاشقى قەبىلە بولغان «تۆت »ياكى «تات» دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىڭ باتىل ئىلاھى «تات گودا» دەپ ئاتالغان، بۇ سۆزنىڭ بۈگۈنكى بىزدىكى تەلەپپۇزى «تۆت خۇدا-تۆتىنچى خۇدا» دىگەنگە تەلەپپۇز ۋە مەنادا يىقىن كىلىدۇ، ھىندىلار بولسا ئۇيغۇرچە «تات گودا» دىگەن سۆزنى ھىندىچە تەلەپپۇزغا ماسلاشتۇرۇپ تارىختا «تات گاد-تاتا گاتا-تاتا گاتھا» دەپ ئاتاشقان، «تات ۋاد-تات گاد» دىمەكنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى قەدىم مەنىسى «تۈن ئىلاھى،كىچە ئىلاھى» ياكى «تات لارنىڭ ئىلاھى»دىمەكتۇر،تۈن ئىلاھىغا قەدىمدە بۈگۈنكى كورلا -تۇرپان ۋادىسىدىكى يۇرت ئىسمىنىڭ ئالدىغا تات،تورت-چار...دىگەندەك  4كە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملەرنى قويغانلار چوقۇناتتى .
بۇدداشۇناسلىق يىراق قەدىمدىكى ۋەد دېنىغا ئالاقىدار مۇرەككەپ ساھەدۇر، ھەتتا بۇدداشۇناسلارمۇ بۇددا دېنىنى تەتقىق قىلىپ ئاران دىگەندە ساكيامۇننىڭ نىرۋاناغا يەتكەن دەۋرىگە ئۇلاشتى، ئەمىلىيەتتە بۇددا دېنى باتىل دېن بولۇش سۈپىتىدە قۇرئانى كەرىمنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى قابىل تەرىپىدىن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھەيكەل تىكلەشتىن پەيدا بولغا «ئاد» بۇتى ئاساسىدا پەيدا بولغاندۇر .ساكيامۇن بولسا قەدىم خوتەن ئەتراپىدىكى بىر ئەلنىڭ شاھزادىسى بولۇپ شاھلىق تالاشقان ئېنىسىنىڭ زىيانكەشلىگىدىن قورقۇپ نىپالغا چىقىپ كىتىپ بىر دەرەخ (لىپوس دەرىخى؟)تۈۋىدە ئۇزۇن يىل ئىستىقامەتتە يۈرۈپ «ساكرامەنت»تىن قۇتۇلۇپ «نىرۋاناغا يىتىشىپ» بۇددا دېنىنىڭ غايىۋى مەبۇدىسىغا ئايلانغاندۇر .سىز بۇددا دېنىنىڭ تارىخىنى ئوقۇغانسىرى بۇددا دېنىنىڭ يىلتىزىنىڭ قەدىم كۇشانىيەلىكلەر بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى بىلىسىز، ئەمىلىيەتتىمۇ «ساك يامون» دىمەكمۇ «يامان ساك» دىمەكتۇر،«يامان ساك» دىمەك «ئەسكى ساك» دىگەن بولماستىن «قولىدىن ئىش كىلىدىغان ساك» دىمەكتۇر، قەدىم خوتەن تەۋەسىدە ساكلار ياشايتتى، ئۇيغۇردىن چىققان ساكيامۇن تارقاتقان دېننىڭ ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن بولغان ساكيامۇننىڭ ئانا قەبىلىسى بولغان كۇشان-گۇجان-خوتەندىن دۇنياغا تارقالغانلىقى تارىخىي ھەقىقەتتۇر ،بۇددا قەدىمىيەتلىرىدە ساكيامۇننىڭمۇ قەدىم خوتەندىكى «مۇقەددەس كوسىنىگارا تېغىدا نۇتۇق سۆزلىگىنى » تىلغا ئىلىنىدۇ .
تاڭشۇەنزاڭ بۇددا نومى ئالغىلى غەرپكە سەپەر قىلغاندا بىسىپ ئۆتكەن مەنزىللەردىن چاڭئەن(شىئەن)،تىەنشۈي ۋادىسىدىن ئۆتۈپلا چۈشىدىغان جايلىرىدىن بولغان گەنسۇ ۋادىسى ئۇ زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلىرىدىن ئىدى، نامىمۇ ئۇيغۇرچە «كەڭ سۇ » دەپ ئاتىلار ئىدى، يۇرتىمىزدا تاڭسىڭ ئەڭ ئاخىردا بىسىپ ئۆتكەن جاي كاۋانتا دۆلىتى ناملانغان تاشقورغان ۋادىسى دەپ سۈپەتلىنىدىغان كەشمىر(كانجۇت)تۇر. تۇنجى قىتىم ئىشلەنگەن غەرپكە ساياھەت فىلىمىدە تاڭسىڭ مۇشۇ ئارىلىقنىڭ ھەممىسىدىن گۈمرۈك خىتى(پاسپورت) ئىلىپ ئۆتكەن ئىدى،ھازىرقى ئىشلەنگىنىدە بۇنداق قىستۇرما يوق ئىكەن،تاڭسىڭ بىسىپ ئۆتكەن يۇرتىمىزنىڭ ۋادىلىرىدا جىن-شەيتاندىن باشقىنى ئۇچراتمايدۇ، يەرلىك كىشىلەرگە جىن-شەيتاننى يوقۇتۇپ نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى قىلىپ بىرىدۇ، ئەمىلىيەتتە تاڭسىڭنى يەرلىك ئۇيغۇرلار تولا ئاۋارە قىلغاچقا ئۇلار جىن-شەيتان سۈپىتىدە كەمسىتىلگەندۇر، تارىخىي رىياللىق شۇكى تاڭسىڭنى بىر ئۇيغۇر ئات باقار ئاۋارىچىلىقلاردىن سالامەت ئۆتكۈزۈپ ئەنەتكەك(ھىندى)كە ساق-سالامەت يەتكۈزگەندۇر،يازلىق-قىشلىق تەتىللەردە بالىلىرىمىزغا غەرپكە ساياھەت كىنوسىنى قويۇپ بىرىش، بىزلەرگە نورۇزنى ھۆكىمەت باش بولۇپ قوزغاپ ئۆتكۈزۈپ بىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى  ئاشۇ بۇددا دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتلىرىنىڭ خەنزۇلار بىلەن سىغىشالايدىغانلىقىنى تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىلگەنلىگىدەدۇر،بەلكىم مۇشۇ تىرىشچانلىقتا بىر كۈنى سۇنۋۇكوڭنى تولا كۆرۈپ مايمۇنلىشىپ كەتكەن بالىلىرىمىز «شەرققە ساياھەت»قىلىپ بىرىپ شاۋلىن بۇتخانىسىدىن نوم ئالغىلى بارار؟. ..ۋە بەلكىم ئۇ زاماندا تاڭسىڭ،جۇباجىنىڭ ئورنىغا 2 ئۇيغۇر، سۇنۋۇكوڭنىڭ ئورنىغا بىر خەنزۇ بارىدىغاندۇ؟...ھەرنىمە بولسا كەلگۈسىدە نوملارنى ئوقۇيالماي قالمىسۇن دەپ بالىلىرىمىزنىڭمۇ خەنزۇچە ساۋادى چىقىپ كەتتى!...ئۆتمۈشتە بىز خەقنىڭ كومىراجىۋاسى بىلەن تاتاتۇڭاسى نوم تەرجىمە قىلغان بولسا مانا ئەمدى بالىلىرىمىز ئۇلۇغ بوۋىلىرىنىڭ ئەمگىگىدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ بىۋاستە خەنزۇچە يىزىقتا بەھرىمەن بولىدىغان ۋاقىتلارمۇ كىلىۋاتماقتا!...ھىلىمۇ نورۇزغا كۆنۈپ قالدۇق، ئەتە-ئۆگۈن نورۇز ئىشىنىڭ ئورنىغا «كۈجە ئاش» ئىچكىچە بىراقلا كۈجە ياقمايمەنمۇ؟...بوۋىلىرىم تالادا قالغاچقا دالىدا نورۇز قىپتىكەن..مەن نورۇزنى بۇتخانىدىلا قىلمايمەنمۇ؟...3600 يىل بۇرۇنمۇ بوۋىلىرىمىز بۇتقا چوقۇنۇپتىكەن، مەن چوقۇنسام نەرى يامانكەن؟...دەپلا ...ئۇھ.....
سۇن ۋۇ كوڭ تارىخى شەخس بولۇپ، تاڭسىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇن بولۇپ قالغاندا پادىشاھنىڭ ئات باقارى بولغان بىر ئۇيغۇر ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان ئىدى، چۈنكى ئۇ زاماندا ئۇيغۇرلامۇ بۇددا دېنىدا ئىدى، شۇ ئات باقار دەل خەنزۇچە سۇنۋۇكوڭ دەپ ئاتالغان كىشىدۇر،خەنزۇلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ساقاللىق ۋە بەدىنىمىز تۈكلۈك كەلگەچكە خەنزۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى سۇنۋۇكوڭ ئوبرازى بارا-بارا تۈكلۈك مايمۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن، گەرچە سۇنۋۇكوڭ جۇباجىغا قارىغاندا تاڭسىڭغا ئىنتايىن كۆيۈنسىمۇ ئۇنىڭ پىداكارلىقىغا يارىشا  قەدىرلەنمىگىنىمۇ، تىگىدىن ئالغاندا مىللەتچىلىكنىڭ تارىخى قاتلامدىن قەلەمگە كىرىۋىلىشىدۇر .
...................
مەن يازمىلىرىمدا ھەرقانداق بىر يىڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويسام چوقۇمكى ئۇنىڭ ئىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shepereng تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-23 06:18 PM  


ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
meyinshamal + 10 ساراڭنىڭ خىيالى
ablimitt + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
arkenkaxka + 10 ئويلىنىپ ئاندىن يېزىڭ.
zanjir34 + 10 نىجىس بۇتپەرەس غالچا
xjabraham + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nazigul8 + 10 ئىلمى ئاساس يوق پەرەز.
kadam1 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nurbolak + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 138   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ! ئاڭلىمىغان خەۋەرلەركەن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:12:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم اللە ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، بىزنى تېخىمۇ كۆپ تارىخى بايانلار بىلەن خەۋەردار قىلدىڭىز. كۆپ رەھمەت. باشقىلارنىڭ نىمە دېىيىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى تولىمۇ مىللەتپەرۋەر سانىشىدۇ، لېكىن ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخنى پەقەت ھونلارغا باغلاش بىلەن توختاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۇ تەرىپىگە قارىتا پەقەت ھىچقاندان ئىلمى ئاساسى بولمىغان بۆرىدىن تۆرەلگەنلىك، دەرەختىن تۇغۇلغانلىق ھەققىدىكى ئەپسانىلەرنى سۆزلەيدۇ خالاس. ھەرگىزمۇ ئىنسان ئەۋلادلىرىنى ئەجدادىنىڭ ئادەمدىن ئىبارەت بىرىنچى مەنبە ۋە نوھتىن ئىبارەت ئىككىنچى مەنبەدىن تارقالغانلىقى ھەققىدە ئويلۇنۇپ قويمايدۇ.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20187
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2254 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاامۇ ئەلەيكۇم شەپەرەڭ...   كاككۇكنى كاككۇكجانغا ئۆزگرتىپ قويۇڭە...

مەن تېمىنى ئالدىرماي ئوقاي...

كاككۇكنىڭ ئەر ياكى خېنىملىقىنى ئايرىغۇدەك ئەقىل يوقمۇ سىزدە....

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
efrana + 10 ئاللا ما ئىشنى
katran + 20 ........................................

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 10:12 PM
ئەسسالاامۇ ئەلەيكۇم شەپەرەڭ...   كاككۇكنى كاككۇكجانغا ئ ...

ئەجەپ كۈلۈپتىمە ما گەپكە كاككۇكنىڭمۇ ئەركەك چىشىسى بولىدىغاندۇ

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7550
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3790 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىللىرىڭىزدىن ئىلمىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقىنى ھىس كىلىپ يەتتىم،چوڭقۇر تەتقىق قىلىپسىز،ئاللا ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن!
يازلىق-قىشلىق تەتىللەردە بالىلىرىمىزغا غەرپكە ساياھەت كىنوسىنى قويۇپ بىرىش.............،  دادام بۇنى بۇددىزىمنى تەشۋىق قىلىشتىن باشقىسى ئەمەس ،ئۈچۈر بۇنى دەپ كۈرۈشتىن  بىزنى توساتتى،ئەقىللىق يىشۇ نى دورىغىنىمزدا تېخىمۇ ئاچچىقلىناتتى،كىچىكلىكتە دادام ئىشتىن ۋاقچاراق كەلسىكەن دەپ يوشۇرۇنچە كۆرەتتۇق،ھەي............!

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17236
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم اللە ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن،
   

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20187
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2254 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەپەرەڭ ئەپەندى...
سوئاللارغا تەپسىلى جاۋاب بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر...

مەن تارىخچى ئەمەس.... بۇ ھەقتە كۆپ نەرسە بىلمەيمەن... مەن پەقەت تىببەتلەرنىڭ بىر يېڭىنىڭ چىقىرۋېلىشىنى ئۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن...
ئۇلار ياشىغان جايدا دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز...ھاۋانىڭ ئۆزگۈرشى ئىنتايىن تېز...
ئۇلار ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە ئىككىلا يېڭىنى چىقىرۋېتىدۇ.. شۇنداقلا بەك سوۋۇپ كەتسە ئىككىلىسىنى چىقارمايدۇ...

ئاۋۇ ئىككى مۆڭگۈزلۇك كالىغا باش ئۇردىغىنى ھازىرمۇ تىببەت ۋە ھىندىلاردا بارغۇ دەيمەن..
بۇ يەردە ئالاھىدە ئىككى مۆڭگۈزلۈك دەپ ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ كالىنىڭ مۆڭگۈزى ئىككىغۇ ؟

سىز تېمىدا ھەممىنى مۇنداق بولغان ، قىلغان، ئەتكەن ،دەپ ئېنىقلا جاۋاب بېرىۋېتىپسىز...
بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخشۇناسلارنىڭ ،ھەرخىل بايقالغان يادىكارلىقلاردىن بايقاپ ئوتتۇرغا قويغان قاراشقۇ دەيمەن...  

ھەقىقى ئىشلارنىڭ قانداقلىقىنى ئىنسانلار تەپەككۈر قىلالىسىمۇ مۇتلەق مۇشۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20187
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2254 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:29:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 10:15 PM
ئەجەپ كۈلۈپتىمە ما گەپكە  كاككۇكنىڭمۇ ئەركەك چىشى ...

ئىسمىڭىز ئۇيغۇرجان كەن ئۇيغۇر مۇ ياسىلى شۇنى بىلەلمىگەنگە قارىغاندا....
ئانا تىل ھەي....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20187
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2254 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:44:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wallev يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 10:39 PM
سۇن مايمۇنمۇ ئۇيغۇر ئىكەن ۋاي ئاللا. توۋا...{:31 ...

توۋا دەيدىغان ئىشلار كۆپ.....  كاككۇك خېنىمكەن....  ئادەتتە خەنلەر ۋە ئېنگىزلاردا كاككۇك قۇشىنى پەقەت چىشى دەپلا بىلىدۇ....

بىزلەردە ئۇنى كاككۇك -زەينەپ دەپ ئىككى خىل ئايرىيمىز...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش