|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار !!مەن بۈگۈن مەدىنە ئىسلام ئۇنۋېرسىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. مەدىنە ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتى ھىجرىيە 1381-يىلى (مىلادى 1961-يىلى ) سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى مۇقەددەس شەھىرى مەدىنە مۇنەۋۋەردە قۇرۇلغان . بۇ مەكتەپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەتتە ئالى مەكتەپ ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، دىن تارقىتىشنى ئاساس قىلىپ ئۇنۋېرساللىققا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان خەلىقئارالىق ئالى بىلىم يۇرتى .مەكتەپتە قۇرئان ،ھەدىس ،فىقھى ،دەۋەت ،ئەرەب تىلى قاتارلىق ساھالەر بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىپ، باكلاۋۇر ،ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرى تارقىتىلىدۇ .مەدىنە ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ ، يېتەرلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ،ھەقىسىز ياتاق -تاماق ۋە ھەقسىز داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدۇ ،بۇ ئۇنۋېرسىتىت تور ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى يولغا قويغان بۇلۇپ ،ئىلتىماس قىلىش ھەققى ئېلىنمايدۇ .قۇبۇل قىلىش تور بېتىدە ئەرەپچە ،ئىنگىلىزچە ،خەنزۇچە ،روسچە ،ئوردۇچە قاتارلىق 9 خىل تىلدىكى مۇلازىمەت بار.ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلغاي!!.....قېنى مەكتەپ ئىچىنى سەيلە ساياھەت قىلىپ كۆرۈپ باقمايلىمۇ ؟؟
فىلىم ئەڭ سۈزۈك ئېنىقلىقتا ،تۆۋەندىكىسى فىلىمدىن كەسمە رەسىملەر
يەنە بىر فىلىم سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ۋىلايىتى
|
|
|
|
|
|