مامۇتكام بەش كۇندىن بىرى سەكراتتا ياتقان ئايالىنىڭ بېشىدىن ئايرىلىپ باقمىدى. بۈگۈن تۇنىخان ھەدىنىڭ تىنىغى بەكلا تەسلەشكەنلىگى ئۈچۈن ھەممە باللىرى كېلىپ پۈتۈن كۈن بېشىدا ئولتۇرغان ئىدى. كەچكە يېقىن مامۇتكام چارچىغان باللىرىنىى تاماققا چىقىرۋىتىپ دوختۇرخانىدا يەنە ئۆزى قالدى. دوختۇرلار تۇنىخان ھەدىنى بىر ھەپتە ئىلگىرى نېرۋىللىرى پۈتۈنلەي ئۆلۈپ بوپتـۇ، ھېچ نەرسىنى سەزمايدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان ئىدى.
ئۇلار غۇلجىدىن ئامرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھرىگە كۆچۈپ كەلگىنىگە 30 يىل بولغان ئىدى. ئۇلار يۇرتىنى يوقلاشنى كۆپ ئىستىگەن بولسىمۇ پۇرسەت بولمىدى. يېڭى كەلگەن چاغلىرىدا پىنسىيەگە چىققىندا قايتىپ كىتەيلى، ئۆلۈگىمىز بۇ ياقا يۇرتتا قالمىسۇن دىيىشتى، لېكىن ئامرىكىدا باللىرى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ يىلتىز تارتىپ قالدى. پىنسىيەگە چىقىپ ئەمدى يۇرتنى كۆرۈپ كىلەيلى دەپ تۇرغاندا تۇنىخان ھەدە كىسەلچان بولۇپ قالدى. بەش يىل ئىلگىرى ئۇ كىسەللىرى ئۈستىگە ئۇنتۇلغاقلىق كىسىلى قېتىلغان ئىدى. شۇندىن بىرى مامۇتكام ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كىسىلى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ ھەتتا باللىرىنى ۋە مامۇتكامنىمۇ تۇنىيالماس ھالغا كىلىپ قالغان ئىدى. ئۆزىنىڭ ئامرىكىدا ئىكەنلىگىنى ۋە بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغان ئىدى، ئەمما غۇلجىدا ئۆتكەن ھاياتى ئسىدە ئىدى. ھېلىمۇ ئۆزىنى غۇلجىدا ياشاۋاتىمەن دەپ بىلەتتى، بۇرۇنقى دوستلىرىنى، قوشنىللىرىنى پات-پات سوراپ تۇراتتى.
مامۇتكام ئاخىرقى مىنۇتلارنىڭ يىراق ئەمەسلىگىنى سىزەتتى. ئۇ 55 يىللىق ھەمرايىنىڭ بىر تىرە بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان ئىپادىسىز چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭ بىلەن رازىلىشىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغىنىغا ئۆكۈندى. ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تونۇشقان ۋاقىتلاردىكى گۈزەل چىرايىنى، ئىلى دەرياسى بويلىرىدا مۇھەببەتلەشكەن گۈزەل ئەسلىمىلىرنى ياد ئېتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
"قەدىرلىگىم، بەلكى بۇ جانسىز بەدەنلەرنىڭ بىريەرلىرىدە بارسەن، بەلكى مىنى ئاڭلىيالايدىغانسەن. مەندىن رازى بول، باللاردىن رازى بول، ھەممىمىزدىن رازى بول. بىزمۇ ھەممىمىز سەندىن رازى." دىدى ئۇ جۆرىسىنىڭ مۇزلاپ كىتىۋاتقان ئورۇق جانسىز قوللىرىنى ئىككى قولى بىلەن سىقىپ تۇرۇپ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تۇنىخان ھەدىنىڭ پىشانىسىگە سويۈپ قويدى. ئاندىن ئۇنىڭ قوللىرىنى قويىۋەتمەي يۈزىگە يېقىن كىلىپ ئولتۇرۇپ بوش ئاۋازدا ناخشا ئوقۇشقا باشلىدى.
" ئېلى يولى ئەگرى توقاي، ئەگرى توقاي، توقايلىقتا سايرايدۇ بىر جۈپ تورغاي...."
مامۇتكامنىڭ خىياللىرى ناخشا بىلەن غۇلجىغا پەرۋاز قىلدى. كۆز ئالدىدا تونۇش مەھەلىلەر، ئىللىق چىرايلار، ئالمىلىق باغلار، گۈزەل تاغ-دەريالار جانلاندى. ئۇ تۇنىخان ھەدىنىڭ قولى مىدىرلىغاندەك ھىس قىلىپ ناخشىدىن توختىدى ۋە ياش بىلەن غۇۋالاشقان كۆزلىرىنى ئالقىنى بىلەن سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭ چىرايىغا يېقىندىن زەڭ سېلىپ قارىدى. ئۇنىڭ تىنىغى توختىغان ئىدى. دوختۇرلار ئۇنى بەش كۈن ئالدىدا 24 سائەت ۋاقتى قاپتۇ دەپ ھۆكۈم قىغان بولسىمۇ ئۇ خۇددى بىر نەرسىگە تارتىشىۋاتقاندەك ھازىرغىچە ھاياتنى قويىۋەتمىگەن ئىدى. بەلكى مامۇتكامنىڭ ناخشىسى ئۇنى شۇ تارتىشىۋاتقان مەنزىلگە ئۇلاشتۇردى بولغاي، ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خىل مەمنۇنلۇق ئىپادىسى قېتىپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.