مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1343|ئىنكاس: 34

ئۇيغۇر تىل- يېزىقىمىزنى قوغدايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 05:29:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇرغۇن يېزىقلارنى قوللانغان. ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۇم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك(ئورخۇن)يېزىقى،سوغدى يېزىقى،مانى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى،بىراھمى يېزىقى،قارۇشتى يېزىقى،سۇرىيە يېزىقى،خەن يېزىقى(ئەلۋەتتە قىسمەن ئىشلەتكەن)،كونا تىبەت يېزىقى،ئەرەب يېزىقى، خاقانىيە يېزىقى،چاغاتاي يېزىقى، ئەرەب ئىلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى،سىلاۋىيان يېزىقى،ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن يېزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ئۇمۇمىيۇزلۈك، كەڭ قوللىنىلغانلىرى قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .
   قەدىمكى يۈرك يېزىقى تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى خەلقلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ھەم 6- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە قوللانغان ئىلىببەلىك يېزىق .
   قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئىلىببەلىك يېزىق .
   قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ باشچىلىقىدا 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ خانلىق تىرروتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلىقلەر ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن دىنى ئىتىقاد سەۋەبىدىن ئەرەب يېزىقى بارا-بارا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ <<خاقانىيە يېزىقى >> دەپ ئاتىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەيدىغان ئاساسى يېزىققا ئايلانغان .
   <<چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى يېزىقى>> دەپ ئاتالغان بۇ يېزىقنىڭ ئاساسى ئەرەب ئىلىببەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقى.
    ئاخىرقىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .
    ئۇيغۇرلارنىڭ 20- ئەسىردىكى تۇنجى يېزىق ئىسلاھاتى 20 - يىللىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باشلاندى . ئۇلار دەسلەپتە لاتىن ئىلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى لايىھىلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى ۋە بۇ يېزىق بىلەن بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللارنى نەشىر قىلدى .لىكىن سىتالىن رەھبەرلىك قىلغان سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى چېكىدىن ئاشقان <<بۈيۈك بىردەكلىك>> يېزىق جەھەتتىمۇ ئىپادىسىنى  تاپتى .نەتىجىدە ئۇيغۇرلار لاتىن ئىلىببەسى ئاساسىدىكى يېزىقىنى تاشلاپ سىلاۋىيان ئىلىببەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇلار بۇ يېزىقنى تا بۈگۈنگىچە قوللىنىپ كەلمەكتە . جۇڭگۇ 1950- يىللاردىن كېيىن سىتالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە <<ئالتۇن دەۋر>>نى باشتىن كەچۈرگەن . ستالىن سوۋىت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەتتا مۇڭغۇلىيەدە يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىن  جۇڭگۇغا كۆز تىكتى . ستالىن ھۈكۈمىتى رۇس تىلشۇناسلىرىنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ ،خەنزۇ تىلى پىنيىنىنى سىلاۋىيانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. خەنزۇ تىلشۇناسلار ئىلمى مەقسەتتىن كۆرە سىياسى غەرەز يۇشۇرۇنغان بۇ ئويۇننىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يەتكەچكە سىلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدى. لىكىن بۇ لاھىيە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەندە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئەرەب ئىلىببەسىنىڭ <<جىنايى پاكىتلىرى >> نى بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ سىلاۋىيان ئىلىببەسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئىلغارلىقىنى مەدھىيلەپ يىپ-يېڭى بىر لاھىيە ئىشلەپ چىقتى . بۇ لاھىيە 1956- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى <<شىنجاڭ گىزىتى>> دە ئىلان قىلىندى. مەزكۇر لاھىيە ئىلان قىلىنىپ يولغا قۇيۇلمايلا جۇڭگۇ -سوۋىت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن بۇ ئىلىببە تاشلىنىپ قالدى . ئەگەر بۇ ئىلىببە يولغا قۇيۇلغان بولسا يەنە بىر ئەۋلاد ساۋاتسىز قالاتتى . بۇ ۋاقىتتا جۇ ئىنلەي زۇڭلى <<يېزىق ئۆزگەرتىشتىكى بەش پىرىنسىپ>>نى ئىلان قىلدى. بۇ پىرىنسىپلار بۇيىنچە جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ئىجاد قىلماقچى ياكى ئۆزگەرتمەكچى بولساخەنزۇ تىلى پىنيىن لايىھىسى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىشى كىرەكلىكى كۆرسىتىلدى . مۇڭغۇللار ۋە شىبەلەر يېزىق ئۆزگەرتمەسلىكنى تاللىدى . ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىزلار بولسا يېڭى يېزىقنىڭ لايىھىسىنى ئىشلەپ ، 1960 - يىلى يۇرۇقلۇققا چىقتى . ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلىق ھۈكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1965- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۇمۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىدى . بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر مىللەتنىڭ مۇنداق كۆپ قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىشى ، دۇنيا يېزىق تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ .  
   شۇنىسى ئېنىقكى بىز ئۇيغۇرلار يېزىق ئۆزگەرتىشتە رىكورت ياراتقان خەلق . كۆپ قېتىم يېزىق ئالماشتۇرۇش خەلقىمىزنى ئارقىمۇ- ئارقىدىن ساۋاتسىز قالدۇرۇپ ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن .
   ستالىننىڭ قارا نىيىتىنى خەنلەر چۈشىنىپ رەت قىلغان ، مىڭ ئەپسۇس بىز سىىلاۋىيان يېزىقىنى ماختاپ تاس قالغان ئىشلەتكىلى. شۇ ماختىغانلار بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز يەنى ئالى تەربىيە كۆرگەنلەر ئىدىغۇ ؟ تۈمۈر خەلىپە ، خۇجىنىياز ھاجى مەغلۇبىيىتىنى قايتا تەكرارلاندىمۇ قانداق ؟ شۇنى ئازاپ ئىچىدە ئويلايمەنكى، بۇنداق مەغلۇبىيەتلەرنى تا بۈگۈنگىچە قانچە قېتىملار تەكرارلىدۇق، بۇندىن كىيىن يەنە قانچە قېتىملار تەكرارلارمىز؟ ئۇلۇغ رەببىمدىن شۇنى مۇشۇ ئەرزىمەس جېنىم بىلەن تىلەيمەنكى ، ئۇيغۇر بۇنداق ئېغىر پاجىئەلەرنى قايتا تەكرارلىمىغاي. ھەر بىر ئۇيغۇردىن شۇنى ئۈمىد قىلىمەن: ھەربىر ئىشنى تەلتۈكۈس ئويلاپ توغرا يولدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەرقانداق مىللەت ياكى دۆلەت ئىستىراتىگىيىنى ئويلىماي تۇرۇپ بىزگە ياردەم قىلمايدۇ . ئۇزۇمىزنى پەقەت ۋە پەقەت ئۈزىمىزلا قۇتقۇزالايمىز ۋە تەرەققى قىلدۇرالايمىز. <<گۈلدىرى بار يامغۇرى يوق ، ھەيۋىسى بار ماغدۇرى يوق>>لۇق قىلماي مىللەتپەرۋەر قېرىنداشلار جەم بۇلۇپ ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ ، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئەمىلى تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى .
    ئۇيغۇر تىل- يېزىقىمىز بىزنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقىمىز ۋە مىللەت بۇلۇپ تۇرىشىمىزنىڭ ئاساسى . ئۇ بىزنىڭ تۈپكى ھۇقۇقىمىز . بۇ ھۇقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە تەرەققى قىلدۇرىشىمىز كىرەك .
      سۈزۈمنى سۈيۈملۈك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ مۇنۇ شېئىرى بىلەن ئاخرلاشتۇراي :
                       مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
                       مىللەتنىڭ تىلىنى  ئىلىدىن بىلدىم .
                       ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت ،
                       ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم .
    بىز ئەمدى ئۆتكەن پاجىئەلەرنى تەكرارلىمايلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-23 05:26 PM  


sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23093
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4660 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 06:01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئۆزىمىز  ئاۋال قەدرىنى قىلىشىمىز  كېرەك !!!ھېلىقى ئۇيغۇر  تىلى ئەلۋېدا دىگەن شېېئر  بەك ياخشى يېزىلىپتىكەن !!

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13265
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8717
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 06:06:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەرۋەقە بىز يېزىق ئۇزگەرتىمىز دەپ  ساۋادى بارلارنى ساۋاتسىز قىلدۇق ، يەنە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يەنە يېزىق ئۇزگەرتىپ ئۇزگەرگەن يېزىقنى  ئۇگەنگەنلەرنى ساۋاتسىز قىلدۇق مەنمۇ  بۇرۇن  ھازىرقى يېزىقنى بىلمەيتىم  ھازىرقى يېزىقنى  كېيىن ئۇزلىگىمدىن ئۇگىنىۋالغان ،مەكتەپتە ئۇگەنگەن  يېزىقلىرىم ھازىر ئىشلىمەيدۇ

كېچىدە ئاي بولمىسا تەنھا يولمۇ يۈرەلمەيمەن!!!!

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 06:15:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتنىڭ كەلگۈسى مائارىپتا!

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

باغراش كاككۇكى!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 3200
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15412
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 989 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 06:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى...

ئانا تىلنى ئىشلىتىش پەقەت مۇنبەر يۈزىدىلا قېلىق قالمىسا بولاتتى...

سۆيۇشلەرنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم. .باغراش كاككۇكى

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 08:19:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر كىتاپ بىر دۇنيا پىروگىراممىسىنىڭ يېڭى تۈزۈلگەن '' ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لوغىتى '' نى تونۇشتۇرغان قىسىمىدا شىجاڭ ئونىۋېرىستىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ) مۇنداق بىر گەپ قىلغان : بىز ئۇيغۇرلار ئىككى نەرسىدە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىمىز ، بىرسى يېزىق ئۆزگەرتىشتە ، يەنە بىرسى ئىملا ئۆزگەرتىشتە . بۇ سۆز بىزنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8783
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 08:21:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-23 08:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 08:24:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئوبدان يىزىپسىز . ئاناتىل دىگەن بىز ئۆزىمىز شۇ ، ئاناتىل يوقالسا بىز يوقالغان بىلەن ئوخشاش ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8783
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 08:27:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5855
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 08:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ستالىن دېگەن ئۆلگۈر!!! يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بۇزغۇنچى!!!
ئەمدى بىز ئۇيغۇر تىلىمىزنى قوغدىمىساق، تىلىمىز تۈگىشىپ كېتىدۇ! ھېلىمۇ قوش تىللىق سىياسەت خۇددى ئەتكەن چايغا سېلىنغان تۇزدەك، بىزگە سىڭىپ بولدى. ئۇ ئاز كەلگەندەك، خەنزۇ تىلى دەرىجە ئىمتىھانىلىرىنىڭمۇ دەرىجىسى ئۆسۈپ، بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار :«قاچان ئالارمىز؟» دەپ كۆزى تۆت بولىدىغان HSK  水平考试نىڭ 6-دەرىجىسى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان، 8- دەرىجىمۇ بىر يەردە قېلىپ، MHK 数民族汉语考试 ئېلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ئالىي مەكتەپلەردە ئىنگلىز تىلى دەرىجە كېنىشكىسى ئېلىشمۇ قوشۇلۇپ، ئڭقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتتى.
ئەك ئېچىنارلىقى شۇكى، ھازىر ياشلار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان كيۇكيۇ، ئۈندىدارلاردا ئۇيغۇرچە خەت ئىنگلىزچە يېزىقتا يېزىلغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشمۇ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە تىلىمىز، يېزىقىمىز كېيىن نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟؟؟
شۇڭا كەڭ تورداشلارغا مۇراجىئەت قىلىمەنكى: تىلىمىزنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.

دەردىم ئىچىمگە لىق تولۇق...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش