مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 911|ئىنكاس: 4

ئوغلۇم (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 700 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 02:29:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                    ئوغلۇم
                                                     ھېكايە
                                          ئاپتۇرى: ئارىش ئەپەندى

خانقىز ئۆيىنىڭ تۈكلىكىدىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ كۆز ياشلىرى بىلەن قولنىڭ ئالقىنىنى، مەڭزىنى نەملىمەكتە ئېدى. يېنىدا ياتقان ئوغلى پالۋان بەگ ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ئىرى مۇھەممەد بولسا تېخىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. خانقىز بولسا، ئۇيقىچان، نەملەنگەن كۆزلىرى بىلەن مۇھەممەدنى كۈتمەكتە ئىدى.

ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئۆكىنىدۇ. ئۇ مۇھەممەدنى ياخشى كۆرگەن، مۇھەممەدكە ئىشەنگەن، مۇھەممەدكە ئۆزىنى تاپشۇرغان ئىدى. ئىككىسى توي قىلغاندىن كېيىن ئۇلار ناھايىتى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردى، ياق بۇ بەختلىك تۇرمۇشى مۇشۇ پالۋان بەگ تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاخىرلاشتى. ھەممىگە خانقىزنىڭ تۇغىتىدىن كېيىنلا يۈزىگە چۈشكەن داغ بىلەن تەڭلا ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولىشى ئىدى. بۇ ئاق كىسەلدىن كىشىلەر يىرگەندى. مۇھەممەدنى كىشلەر كۆزگە ئىلماس بولدى. بۇرۇن ئۆز ئايالىدىن ۋە ئائىلىسىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىيدىغان مۇھەممەد ئەمدىلىكتە ئىچىدىكى بارلىق دەرتلىرىنى خانقىزدىن ئالاتتى. خالىسا ئۇنى ئۇراتتى، تىللايتى. ئوغلى پالۋان بەگكە بولسا ئانچە قاراپمۇ كەتمەيتتى. ئوغلى ئۇنىڭ نەزىرىدە يوقنىڭ ھېسابىدا ئىدى. مۇھەممەد بىر قانچە قىتىم خانقىزغا نىكاھنى بۇزۇشنى ئوتتۇرغا قويغاندا خانقىز قەتئىي رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خانقىز داۋاملىق تىللايتى. ئاخشاملىرى ئۆيگە شاراپ ئىچىپ مەس كېرەتتى. بۇنداق ياشىغانغا ناھايتى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ ئىرىنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇشى، تىللاشلىرىغا خانقىز كۆنۈپ كەتكەن. خانقىز ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. پەقەت بۇ خورلۇقلارغا ئوغلى پالۋان بەگ ئۈچۈن چىدايتى. پالۋان بەگ ئانىسىغا بەكمۇ ئامراق بولۇپ، ئانىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايتتى. ئوغلى ئۇنىڭ بىردىنبىر ھەمراھى ۋە پاراڭلىشىدىغان ئادىمى ئىدى.

خانقىز كۆزلىرىنى تۈڭلۈكتىن سىرىتقى دۇنياغا، ئۆزى ئۈچۈن بۇرۇن گۈزەل ۋە سۆيۈملۈك بولغان دۇنياغا تېكمەكتە. ئۇ بۇرۇن بۇ دۇنيادا ئەركىلىگەن، ئوينىغان ۋە كۈلگەن. مۇھەممەد بىلەن بەختتىن تېلىققىنىچە كۈلەلىگەن ئىدى.

بۇ كېچىككىنە بازارنى ئاۋات قىلغىنى يەنىلا ھۈسيەيىن باي رەستىسى بولۇپ، رەستىنىڭ ئىككى تەرىپىگە لاي تاملاردىن، بورىلاردىن تېكلەنگەن دۇكانلارنىڭ ئالدىدا ناۋايلار ئۆزلىرىنىڭ نانلىرىنى، تاماقلىرىنى، گەزمال ساتقۇچىلار ئۆزىنىڭ يېڭى رەختلىرىنى ماختاپ سىتىشسا، ياڭاق، بادام، جىگدىلىرىنى ئىشەكلىرىگە ئىسىشىپ، غالتەكلىرىگە ئۈزۈم، كىشمىس، مۆرىلىرىگە ئىسىۋالغان خالىتىرىنى كۆتۈرۈپ، بۇ كوچىدىن ئورۇن ئىزدىشىپ ئوغرى مۈشۈكتەك تۆت تەرەپكە قاراپ تەڭ قارىشىپ كېتىشۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايغى ئۈزۈلمىسە، يانجۇقىدىكى بىر قانچە تەڭگىسىنى خەجلىۋىلىش ئۈچۈن توختىماي ئۆتۈپ كىتىشۋاتقان كىشىلەر بىلەن بۇ رەستە تولىمۇ ئاۋات كۆرىنەتتى. يانجۇقىدىكى تەڭگىسىگە نېمە سىتىۋىلىشىنى بىلمەي، ھەربىر دۇكاننىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بىردە يانجۇقىدىكى تەڭگىسىنى سىلاپ قويسا، بىردە ئاشخانىدىكى مىزلىك مانتا، پولونىڭ تەمى، پۇرىقىنى پۇراپ، ئاشخانىدىن كېتەلمىگەن كىشىلەرنى نەلەردىندۇر كېلىۋاتقان پاشاپ-بەگلەر تېللىشۋاتقان پىتى ئاستا-ئاستا كۆزدىن غايىپ بولاتتى.

پەرەنجىسى بىلەن يۈزىنى ئورىۋالغان، ھوشۇقىغا چۈشكەن ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچلىرىنى رومىلى ئارىسىدىن چىقىرىپ، قوللىرىدا قېتىق كۆتۈرىۋىلىشقان قىز-ئاياللار يىراقتىن توپا توزىتىپ كېلىۋاتقان ئاتلىقلارنى كۆرۈپلا ئۆزىنى چەتكە ئىلىشتى. ئاتلىقلار كەتكەندىن كېيىن داۋاملىق قىزىيدىغان تاقا دۇكىنىنىڭ يىنىدىكى قىتىق بازىرىغا كىتىشتى.

ئەتلەس كۆينەپ كېيىۋالغان، چاچلىرىنى تال-تال ئۆرەپ، بىشىغا يېپەك دوپپىسىنى كېيىۋالغان، قولىدا بىر دانە تۆشۈك تەڭلىنى كۆتۈرۋالغان قىز ئەتراپتىن تەڭلىنى تۈيلىتىش ئۈچۈن دۇكان ئىزدەپ ئەتراپقا قاراپ كېتىۋاتاتتى.

− ھەي قىز.

قىزنى تۇيۇقسىز بىرسى چاقىردى. قىز ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراپ، ئۆزىنى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر يىگىتنىڭ چاقىرغانلىقىنى بىلىپ، يىگىت تەرەپكە بۇرۇلدى.

يىگىت جاۋۇر، ئېۋرىق، چۆگۈن دۇكىنىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قولىنى پۇلاڭلىشتىپ قىزنى چاقىرۋاتاتتى. بىشىغا مايلىشىپ كەتكەن بادام دوپپىنى كېيۋالغان، ئۇچىسىغا ئاق رەختتىن كانۋاي كۆينەك كېيىپ بىلىدىن پوتا باغلىۋالغان بۇ يىگىت قارىماققا تولىمۇ بەستلىك ۋە كۈچتۈڭگۈر كۆرىنەتتى.

− قارىسام قولىڭىزدىكى تەڭنە تۆشۈك ئېكەن شۇڭا مەن تۈيلەپ بېرەي دېگەن.

− قىز ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن بىشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ، مەنمۇ تەڭنە تۈيلەيدىغان دۇكان ئىزدەۋاتقان ئېدىم.

− ئەمسە سىزنى چاقىرغىنىم توغرا بوپتۇدە؟

− قانچە پۇل كېتەر؟

− پۇلۇم يەتمەي قالارمۇ دەپ ئەنسىرۋاتامسىز؟

قىز جاۋاپ بەرمىدى.

−10 تېيىن بولسا يېتىدۇ؟

− ھە، ئەمسە تۈيلە ۋېرىڭ.

− سىزكىمنىڭ قىزى بولىسىز؟

− ھاۋاننىڭ.

− ھە، مۇشۇ رەستىنىڭ ئايىغىدىكى چاڭزىدا ئولتۇرىدىغان ھاۋاخان ئاچامنىڭما؟

− بىلىدىكەنسىزغۇ؟

− مىنىڭ ئۆيۈممۇ شۇ تەرەپكە، لىكىن سىزنى پەقەتلا كۆرمەپتىكەنمەن.

− شۇنداقمۇ؟

−بۇ يەردە سەل ساقلاپ قالىسىز، شۇڭا مەن تەڭنىنى كەچتە ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈپ بېرەيمۇ؟

− ھە بولىدۇ.

قىز كەتتى، ئەمما يىگىت قىزنىڭ ئارقىسىدىن بوينىنى سوزۇپ تۇرۇپ قالدى. قىزنىڭ ھېلال ئايدەك كۆزلىرى، تۆكۈلۈپ تۇرغان كىرپىكلىرى، ئىغىز ئاچسىلا گۆھەر تۆكۈلگۈدەك ئىغىزى، ئەمدىلا ئېچىلۋاتقان قىزىل گۈلدەك قىپقىزىل مەڭزى بۇ بىر ھۆر پەرىدى ئىدى. قىزنىڭ ئاشۇ نۇرلۇق سىماسى يىگتنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىدە نامايەن بولماقتا ئىدى.

ھەرنىمە بولسىمۇ، قىزنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلۋاپتىمەن دەپ ئاستا پىچرلاپ قويدى يىگىت.

قىز سەھەردىلا چاڭزىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كۆلگە سۇ ئالغىلى كىلىپ چىلىكىنى كۆلگە چۈشۈرۈپ قويدى. قىز تېت-تېت بولماقتا ئىدى. ئەگەر ئۇ كۆلدىن چېلىكىنى ئىلىۋالمىسا، چوقۇم ئانىسىدىن تىل-دەشنەم ئاڭلىشى ئىنىق ئىدى. كىشىلەرنىڭ كىر-قات، ياماق ئىشلىرىنى قىلىپ، ئاران جان بىقىۋاتقان بۇ ئائىلىگە بۇ بىر چىلەك خىلى قىممەت باھالىق مال-مۈلۈك ئىدى.

قىز چېلەكنى قانداق ئىلىشنى بىلمەي كۆل بويىنى ئايلىنىپ تۇرۋاتقاندا ھېلىقى يىگىت پەيدا بولدى.

− نېمە بولدى ئەتىگەندىلا كۆل بويىدا تۇرۇپ قاپسىزغۇ؟

−چىلىكىم كۆلگە چۈشۈپ كەتتى.

− ئەنسىرمەڭ مەن ئەپ بىرەي.

يىگىت بىر تال ئۇزۇن بادىرە بىلەن چىلەكنى ئاران تاستە كۆلدىن ئېلىۋالدى. قىز بىشىنى ئۈستۈن كۆتۈرمەي، قىزلارغا خاس نازۇكلۇك بىلەن يىگىتكە رەھمەت ئېيتىپ قويدى. يىگىت قىزغا تىكىلىپ تۇرۇپ:

− تەڭلىنى ياخشى تۈيلەپتىمۇ؟

− ھە ئە، بەك ياخشى تۈيلەپسىز، ئانام بەك خوش بوپ كەتتى.

− سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە بولىدۇ؟

− خانقىز.

قىز پەس ئاۋاز بىلەن جاۋاپ بەردى.

− بەك چىرايلىق ئىسىم ئېكەن.

− مىنىڭ مۇھەممەد.

− سىزنىڭ ئىسمىڭىز، بەك ئۇلۇغ ئىسىم ئېكەن.

− ئەتە چاڭزىدا مەشرەپ بار ئېكەن. ھىلىم باينىڭ ھويلىسىدا بارامسىز؟

− ياق.

− نېمىشقا؟

− ئانام قويمايدۇ.

− بارغىڭىز بارمۇ؟

− ھە ئە،

− ئەمسە مەن ئەتە سىڭلىمنى ئۆيىڭىزگە كىرگۈزەي، سىڭلىم بىلەن بىللە بىرىڭ.

− راسما؟

− شۇنداق؟

− ئەمسە ئەتە كۆرىشەيلى.

ھىلىم باينىڭ ھويلىسى ئالدىدىكى دەڭگە باغلانغان ئات-ئىشەكلەرنىڭ كىشنەشلىرى، ھاڭراشلىرى مەشرەپتىكى ناغرا ئاۋازىنىمۇ بسىىپ چۈشەيلا دەپ قالغان ئىدى. ھويلا ئالدىدا گازىر ساتقۇچىلار بىر توپ ئادەملەرنى ئالدىغا يىغىۋىلىپ گازىر سىتۋاتاتتى.

مەشرەپتە بولسا جاي-جايلاردىن كەلگەن مۇقامچىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆز يۇرتىغا خاس مۇقاملارنى ئېيتىشىپ، ھەرخىل قىزىقچىلىق قىلىشىپ، ھۆنىرىنى بىر-بىرىگە كۆز- قىلىشاتتى.

يىگىتلەر بىر تەرەپتە، قىزلار بىر تەرەپتە ئولتۇرۇشۇپ، سورۇنغا زوق بىلەن قاراششا، قىز يىگىتلەر ئارىسىدىن شوخراقلىرى بەس بىلەن ھەرخىل سەنەملەرگە ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى چىقرىىپ ئويناۋاتتى.

يىگىت قىزلار ئارىسىدىكى خانقىزغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. خانقىز قىزلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى بولۇپ، ئۇ قىزلار ئارىسىدىكى بىر تولۇنئاي ئىدى. خانقىزمۇ ئۆزىگە قارىغان مۇھەممەدنى كۆرۈپ قالدى. ئىككى كۆز ئۆز ئارا ئۇچراشتى. ئۇچراشقان ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ لىكىن بۇ كۆزلەر بىرى-بىرىگە ئېيتىدىغان بارلىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىشىپ بولۇشقان ئىدى. قىزنىڭ بىر پەس تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرى كىېيىن قىزارغان يۈزلىرى بىلەن تەڭ باشقا تەرەپكە تىكىلدى دە بىر پەستىن كېيىن بۇ يەردىن كېتىپ قالدى.

خانقىزنىڭ خىيالىنى ئوغلى بۆلدى.

− ئانا، دادام تېخى قايتىپ كەلمىدىما؟

− ياق تېخى ئوغلۇم قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى.

ئىشىك قىقىلدى. ئىشىكتىن مۇھەممەدنىڭ ناھايىتى قوپال ئاۋازى ئاڭلاندى.

− ھەي ئاچە ھوي، نىمانداق ئاچمەيسەن، بىرەرسىنى ساقلاۋاتامتىڭ يا؟ مەن ئەپسىز ۋاقىتتا كەلمىگەندىمەن ھە؟

− خانقىز پەرەنجىسى بىلەن يۈزىنى ئوراپ، يالاڭئاياغ پىتى ئىشىكنى ئاچتى.

− ھۇ بۇزۇن، بۇ ۋاقىتقىچە ئۇخلىماي كىمىنىڭنى ساقلاۋاتقان. سەندەك بىر پىسىنىڭ قىشىغا كىممۇ كېلەتتى مەندەك بىر ئەخمەقتىن باشقا.

− بۈگۈن قار قاتتىق يىغىپتۇ، توڭلىغانسىز بولدى قالغان گەپنى ئۆيگە كىرىپ دېيىشەيلى.

− سۇپىدا ئولتۇرۇڭ ئايىغىڭىز ھۆل بوپ كېتىپتۇ مەن سالدۇرۋېتەي ئاندىن ئوچاقتا ئوت ئۆچمىگەن. پۇتىڭىزنى ئىستۋىلىڭ.

− ۋاي يوقىلە. مەن قاچقانسىرى ئەجەپمۇ چاپلاشتا ماۋۇ جالاپ.

− ئۇنداق دېمەڭ مەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز.

− ۋاي يوقىلا، نىكاھنى بۇزايلى دېسەم يا ئۇنمايسەن. پىتتەك چاپلىشىپ.

شۇنداق دەپلا مۇھەممەد پۇتى ئاستىدا ئايىغىنى سالدۇرۋاتقان خانقىزنى مەيدىسىگە بىرنى تىپىپ كەينىگە ئۇچۇرۋەتتى ۋە يەنە ئۇرماقچى بولغان ئىدى ئۇنىڭغىچە دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ھەركىتىگە قاراپ تۇرغان 5 ياشلىق پالۋان بەگ دادىسىنىڭ پۇتىغا ئىسىلۋالدى. مۇھەممەد ئوغلى پالۋان بەگنىڭ دادا ئانامنى ئۇرما، ئانامدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ سەندە، سەن بۈگۈن يەنە مەس ئىكەنسەن دەپ ئىسەدەپ يىغلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئوغلىنى كۆتۈرۈپلا سۇپىغا ئاتتى. خانقىز ئورنىدىن تۇرۇپ سۇپىدا جىممىدە ياتقان ئوغلىنى قولىغا ئالدى، خانقىز مۇھەممەد ساقلاپ ئۇيقۇ كەلمەس، قورقىنىچتىن تەككىر ئۈستىگە ئىلىپ قويۇپ قويغان چادونىڭ دەستىسى ئۈستىگە مۇھەممەدنىڭ بىشى تەككەن بولۇپ بىشىدىن قان چىقىۋاتاتتى. جانقىز پەرەنجىسىنىڭ بۇرجىكى بىلەن پالۋانبەگنىڭ بىشىدىكى قاننى سۈرەتكەچ پالۋانبەگكە توختىماي سۆزلەيتتى. بىراق پالۋان بەگدىن ھېچبىر سادا كەلمەيتتى.

خانقىز چۈچىدى، خانقىزنى تېترەك باستى. مىنى ئۇرساڭغۇ مەيلى نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ پۇشتىڭدىن تۆرەلگەن ئوغلۇڭغا قول تەككۈزىسەن، ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ دېگىنىچە ئوغلىنى بىر كۆرپىگە ئوراپ كەشىنىمۇ چالا-پۇلا كېيىپ سىرىتقا ماڭدى.

− نەگە ماڭدىڭ؟

− ئەخمەت تېپىنىڭ قىشىغا؟

−مەنمۇ بىللە باراي؟ ئەكەل بالىنى مەن كۆتۈرۋالاي؟

− بالىنىڭ بىشى يېرىلىپتۇ. لىكىن بۇنىڭدا چوڭ چاتاق، ئەڭ يامىنى بالىنىڭ قولى سۇنۇپتۇ؟ ھازىرقى ئەھۋالدا بالىنىڭ سۇنقىنى جايىغا چۈشۈرۈپ تېڭۋەتسەك ياخشى بولاتتى، لېكىن بالىنىڭ بىشى يېرىق ۋە ئىششىپ كېتىپتۇ؟ بۇ ئەھۋالدا بالا بەك قىينىلىپ كىتىدۇ. بىر نەچچە كۈن سەۋر قىلايلى دېسەك سۇنۇقنى كېيىن جايىغا چۈشۈرگەندە بالىغا تېخىمۇ ئەلەم بولىدۇ.

قىرى ياچى شۇنداق دېگىنىچە ئاپئاق ساقىلىنى سىلاپ قويدى.

بايام ئەخمەت تېپىنىڭ بالىنىڭ يارىسى بەك ئىغىر ئىكەن، مەن ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەكمەن، ئەڭ ياخشىسى سايىم ياچىنىڭ قىشىغا ئاپىرىڭلار دېگەن سۆزىدىن ئىسىنى يوقاتقان خانقىز بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئىسىنى يوقاتقىلى تاسلا قالدى.

− سايىمكا ئەمسە قانداق قىلىمىز؟

− مىنىڭمۇ بىشىم قېتىۋاتىدۇ؟

دەپ مۇھەممەدكە قاراپ قويدى. ئاللاھ ئۇرسۇن، مۇشۇ بوي بەستىڭ، مۇشۇ ئاللاھ بەرگەن ئاشۇ چىرايىڭغا شاراپ ئىچىپ يۈرسەڭ يارىشامدۇ ئوغلۇم، قارا مەسلىك دەپ پەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپسەن مانا؟ توۋا. ھەممە ئۆز جانلىرىغا ئىگە بولالماي يۈرگەن مۇشۇنداق كۈنلەردىمۇ شاراپ ئىچىپ يۈرگەن بارمۇ كىشى.

− دادا يىنىمغا كېلە؟

پالۋان بەگنىڭ يۇمران ھەم تېترەك ئارلاشقان ئاۋازى ھەممىنىڭ دېققىتىنى بۆلدى.

− ئەگەر سەن ئانامنى ئۇرمايمەن، ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن دەپ قەسەم بەرسەڭ مەن چوقۇم ئاغرىققا چىدايمەن دادا.

− بولىدۇ ئوغلۇم مەن ۋەدە بىرەي؟

− ئەمسە مىنى سۆيۈپ قوي.

پالۋان بەگ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

ياچى پالۋان بەگنىڭ قولىنى تېڭۋاتقاندا پالۋان بەگ ھەر تەرەپكە سىلكىنەتتى. ئۇ ئاغرىقتىن لېۋىنى چىشلەپ لېۋىنى قان قىلىۋەتكەن ئىدى. مۇھەممەد بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئوغلىنىڭ بۇ باتۇرلىقىدىن ھەيران قالماقتا ئىدى. پالۋان بەگنىڭ گاھىدا كۆزنى چىڭ يۇمۇپ ھەر تەرەپكە سىلكىنسە، گاھىدا كۆزلىرىدىن ياش لىغىرلاپ تۇرسىمۇ ۋايجان دېگەن ئاۋازنى چىقارمىغان ئوغلىغا قاراشتىن خىجىللىق ھېس قىلاتىيۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ نېمىشقا خىجىل بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

ئارىدىن بىر قانچە ئايلار ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن مۇھەممەد ئوغلى بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنۇتتى. ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك قىلغىنى قىلدى. مۇھەممەد بەزىدە مەس بولۋىلىپ پالۋان بەگنى تاڭدۇرۇشقا ئىشلەتكەن بىر پاقلاننىڭ گېپىنى قىلىپ خانقىزنى تىللايتىيۇ ئۆزىدىن ھېچ قانداق گۇناھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى ئەڭ پاك ئادەم قاتارىدا كۆرەتتى، ئۆزىنى ئۇۋال بولغان، ئۆز ئايالىنىڭ گۈزەللىكىدىن مەھرۇم بولغان دەپ ئۆچىنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئىلىشقا ھوقوقلۇق دەپ قارايتتى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خانقىزغا يەنە ئەلەم بولدى. بۇ قىتىم پالۋان بەگ قاتتىق ئاغرىپ قالدى. تېپ پالۋان بەگنى يەلدىن بولغان كىزىك دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ كىزىككە قارىتا دورا ئىشلەتكەن بولسىمۇ لېكىن پالۋان بەگنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار پالۋان بەگنى دۇئاخانغا ئوقۇتۇپ باققان بولسىمۇ لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى.

بىر كۈنى پالۋان بەگ دادىسىنى يىنىغا چاقىردى.

− دادا كۆزۈمنى يۇمساملا يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك، كۆزۈمنى قايتا ئاچالمايدىغاندەك، بىرسى كىلىپ مىنى سىلەردىن ئىلىپ كېتىدىغاندەك. كۆزۈمنى يۇمۇشتىن قورقىۋاتىمەن. مىنى چىڭ تۇتىۋال دادا.

− مۇھەممەد تۇنجى قېتىم ئوغلىنى ئۆز مېھرى بىلەن باغرىغا باستى.

پالۋان بەگ دادىسىنى جانسىز قوللىرى بىلەن چىڭ قۇچاقلىغاندىن كېيىن.

− دادا باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە «ئەركەكنىڭ ئىلىۋەتكەن تىرنىقىمۇ ئەركەككە تەۋەمىش» سەن گېپىڭدە تۇر ئانامغا ياخشى قارا، ئانام ئەمدى كۆز يىشى قىلمىسۇن، ئانام يالغۇز قالمىسۇن. ماڭا ۋەدە بەر دادا؟

مۇھەممەد كۆزلىرىنى چىقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتكەچ ئوغلىغا ئانىسىغا ياخشى قارايدىغانلىق توغرىسدا ۋەدە بەردى.

پالۋان بەگ ئانىسىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ئانىسىنىڭ كۆزىگە قارىغىنىچە بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.


مەنبە: ئۆز قەلىمىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARIX تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-23 02:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 08:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچارە بالا ئانا ئۈچۈن......يۇركۈم يىغلاپ كەتتغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى ئۇ ئوغول بالا دە ئوغول بالا.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنى ئەرلەر نىمىشقا ئۇرىدىغاندۇ ؟ ئۆزىنىڭ ھالال نىكاھىغا ئۆتكەن ئايالىنى ئۇرۇشقا قانداقمۇ يۈرىكى چىدايدىغاندۇ ؟ تېمىدىكى  ئايالنىڭ يىگەن تاياقلىرى ماڭا تىگىپ كەتكەندەك ئازاپلىنىپ كەتتىم .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش