|
|
|
|
قارلىغاچلار، گۈل بارھارغا مەدھىيە ئوقۇپ كۆكلەم ھوزورىدا زوق-شوق بىلەن ۋېچىرلاۋاتىدۇ…بۇلبۇللار باھار ئىشقىدا خەندان ئۇرىۋاتىدۇ … بارلىق تەبىئەت كۆكلەم جىلىۋىسدە گۈزەللىككە تولۇپ، شادىمان كۈلىۋاتىدۇ… كۈلىۋاتىدۇ. دىيارىمدىكى سۇلغۇن چىرايلار باھارئاپتىپى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ گويا گۈل – گىياھ نوتىلىرىدەك بېخلىنۋاتىدۇ،چېھرىيىدەكۈلكە جىلۋە قىلىۋاتىدۇ…
ناغرا-سۇنايلارنىڭ ياڭراق ساداسى، دۇمباقلارنىڭ گۆلدۈرلەشلىرى، ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان تەبىئەت ئانا قەلبىنى ھاياجاندىن لەرزىگە سېلىۋاتىدۇ … ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىز نورۇز شەنىگە، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت ئانىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك نەزمىلىرنى ئوقۇپ، نورۇز ئەھلى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۈپ ،ئۇلۇق تىلەكلەرنى تىلەۋاتىدۇ…باھادىر چەۋاندازلار ئات بەيگىسىگە چۈشۈپ،نۇرۇز مەشرىپىى ئۈچۈن ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلاق تارتىشش،توخۇ،ئىت،قوشقار سوقۇشتۇرغۇچىلار سۈرەن – چوقانلار سېلىۋاتىدۇ،بەيگىدە يەڭگەنلەر بولسا غەلبە مارشىنى ياڭرىتىپ، زېمىننى لەرزىگە سېلىۋاتىدۇ…باتۇر ئەزىمەتلەر بەل تۇتۇشۇپ، ئۆزىدە كۈچ قۇۋۋەتنىڭ تېخى كەتمىگەنلىكىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ…
3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى سەنشىخاڭزا باۋخىڭ سودا سارىيى يېنىغا جايلاشقان تۈگمەن ساماۋەر شورپىخانىسىمۇ نورۇزلۇق داستىخنىنى كەڭ ئاچتى ،پائالىيەتكە مىجىت ناسىر ، مۇختار بۇغرا، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ،شۇنڭدەك ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئۆمەرجان ئالىم ،ئەيسابەگ ، ئابدۇقادىر يارئېلى قاتارلىقلار بىرقانچە نۇمۇر ئورۇندىدى .
پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تۆۋەندىكىچە:
|
|
|
|
|
|