مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 982|ئىنكاس: 0

( دولان ) ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 10:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى

ۋاڭ داخاۋ

دولان تەرجىمىسى


  1-كۆرېنىش: ئۇرىمچى دۆڭكۆۋرىك

  نەچچى يىل بۇرۇن،ئۇرىمچىدىكى غەربىي چوڭ كۆۋرىكتە شاڭخەيلىك بىر ساياھەتچى مەدىن « نەدە مەسچىت بار؟ » دەپ سورىدى. يىراق يولنى بېسىپ كەلگەن شاڭخەيلىك ئۇرمچىدىكى ئىگېز بىنالارغا قىززىقماي، تەرەپ-تەرەپتىن مەسجىت ئىزدىشى ھەرگىزمۇ ناماز ئۇقۇش ئۇچىن ئەمەس بەلكى شىنجاڭنىڭ « مىللىي ئالاھىيدىلىك » كە ئىگە جايلىرىنى كۆرىش ئۇچۇندۇر، ئۇ كىشى يولنى بىلمىگچكە مەسچىت بار يەرنى تاپالمىغان، ئەگەر ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن دۆڭكۆۋرىككەبارغان بولسا بىر كىلومىتىر دائىرىدە 14 مەسچىت بار ئىدى.

  مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغىنى شۇكى، مەسچىت شىنجاڭدىكى « مىللىي ئالاھىيدىلىك » نىڭ ئەڭ رۇشەن بەلگىسى بولۇپ قالغان.

  ھازىر شىنجاڭ « مىللىي ئالاھىيدىلىك » كەبارغانسىرى كۆڭىل بۇلۇۋاتىدۇ، يېڭى سەلىنغان نۇرغۇن ئىمارەتلەر مىللىي نۇسخىدازىننەتلىنىپلا قالماي بەلكى ئاز بولمىغان كونا ئىمارەتلەرنىمۇ مىللىي نۇسخىدازىننەتلەۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ، سىرىتتىن كەلگەنلەر ئاتايىن بېرىپ كۆرىدىغان بىرخىل ئادەتكە ئايلاندى. مانىبۇ شىنجاڭنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىگى ۋە دىنىي مەدىنىيەتنىڭ بىناكارلىق قورلىشىدىكى ئىپادىسى.

  شىنجاڭنىڭ نۇپۇسى 21 مىليۇن 586 مىڭ 300 نەپەربولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئون نەچچە ئازسانلىق مىللەت  نۇپۇسى 11 مىليۇن 300 مىڭدىن ئارتۇق. شىنجاڭداھازىر 24300 مەسچىت بولۇپ، ھەر 400 نەپەر مۇسۇلمان ئاممىسىغا بىردىن مەسچىت توغراكىلىدۇ، ئوتتۇرا شەرىقتە 1000 ئادەمگە بىر مەسچىت، ئىراندا 11000 ئادەمگە بىرمەسچىت، مىسىردا 2500 ئادەمگە بىر مەسچىت توغرا كىلىدۇ؛ شىنجاڭدىكى ئالى، ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ سانى 1400 دانە بولۇپ، مەسچىت سانى مەكتەپتىن 5.8 ھەسسە كۆپ،شىنجاڭدىكى 2371 مەمۇرىي كەنىتكە ئوتتۇرىچە 4 دىن توغرا كىلىدۇ.

  مەن جەنۇپتىكى كۆپلىگەن ئىماملاردىن « ئۆزجايىڭلاردىكى مەسچىت يىتىشەمدۇ؟ » دەپ سورىسام، ئۇلار « يىتىشىدۇ » دەپ جاۋاپبەردى. بىراق بىر ئىمام « نۇرغۇن كىشى بىنالارغا كۆچىپ كەتتى، مۇمكىن بولسا يېڭىم ئولتۇراق رايۇنغا مەسچىت سېلىپ بەرسە » دىگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇئىنكاسنى شۇ ناھىيەدىكى تەشۋىقات بۇلىمنىڭ ئۇيغۇر باشلىقىغا ئىنكاس قىلسام، ئۇكىشى كۇلپكېتىپ « ھەي ھازىرقى كىشىلەر يول مېڭىشتىن ئېرىنىدۇ، ھەممە كىشى ئۆيىنىڭ ئالدىدا مەسچىت بولىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن » دىدى. مە نئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇستەلدىكى « قۇرئان » نى كۆردىم، ئۇ ماڭا ” بالىلىق ۋاختىدا نەچچى يىل « قۇرئان » ساۋادى ئالغانلىقېنى،نۇرغۇن ئايەتنى يادقا ئالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى “ دىدى.

شىنجاڭدىكى دىنىي مەدىنىيەت ئاساسلىقى ئىسلام مەدىنىيىتى، مىللىي ئالاھېيدىلىك ئاساسلىق ئىسلام مەدىنىيەت ئالاھېيدىلىكى. ئىسلام دىنى شىنجاڭغاكىرگەندىن كىيىن، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقادىغا چوڭقۇر ئورناپكەتكەن بولۇپ، بۇگۇنكى كۇندىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئىسلام دىنى مەدىنىيەت ئامىلىنى رۇشەن كۆرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭ مىللىي مەدىنىيەتنى قوغداشقا بارغانسىرى كۆڭىل بولىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەقايسى جايلىرى ئۆز « مىللىي ئالاھېيدىلىك » نى گەۋدىلەندۇرىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىۋاتىدۇ. جوڭگونىڭ بازار ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئىسلام مەدىنىيىتى تەرەققىياتىنى زور ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ بىلەن تەمىنلەپ، تەخىمۇ گۇللىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى.

  2-كۆرىنىش: قارىمايدىكى ئاشخانا

  2011-يىلى 8-ئايدا مەن قارىماي شەھرىگە بېرىپ، يول بويىدىكى ئاشخانىداغىزالىنىپ قالدىم، بۇ ئاشخانىنىڭ ئىچىگە، ئىككى قىزنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان رەسىمى ئىسىلغان بولۇپ، رەسىمدە مەككە ئارقا كۆرىنىش قىلىنغان ئىدى. جىڭ ناھىيەسىگەبارغاندا، بىر مۇسۇلمان ئاشخانىسىغىمۇ دىنىي تۇستىكى رەسىملەر ئېسىلغانلىقىنى كۆردىم. ئاشخانىغا دىنىي مەدىنىيەتكە ئائىت رەڭلىك رەسىملەرنى ئېسىش ئىلگىرى يوق ئىدى، بىراق ھازىر يېڭىبىر ئادەتكە ئايلىنىپتۇ.مەن شىنجاڭنىڭ ئۇرىمچى ۋە باشقا ۋىلايەت، ئوبلاس، ناھىيەلىرىدە ھىجاپلانغان، چۇمبەل تارىتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرئاياللىرىنى ئۇچراتتىم، بۇ خىل دىنىي مەدىنىيەت تۇسىنى ئالغان كىيىم-كىچەكلەر،نۆۋەتتە شىنجاڭ « مىللىي ئالاھېيدىلىك » نىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپتۇ.

  بىركۇنى مەن ئۇرۇمچىدىكى بىر پولوخانىغا تاماق يىگىلى بارسام تاقاقلىق ئىكەن، بۇئەسلىدە سودىسى ناھىيىتى ئاۋات ئاشخانا ئىدى، نىمىشقا تاقالغاندۇ؟ بىركۇن سوداقىلمىسا نۇرغۇن پۇل زىيان تارتىدىغۇ؟ دەپ ئۇزىمگە سۇئال قويدىم. كىيىن بىلسەم بۇمۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى بولۇپ، بىر ئاي ئاشخانا ئاچمايدىكەن، ئوقۇشسام شىنجاڭدا نۇرغۇن ئاشخانا رامىزاندا بىر ئاي تىجارەت قىلمايدىكەن، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانالار ئىتىقادنى پۇلدىنمۇ مۇھىم بىلىدىكەن.

  3-كۆرىنىش: رامىزانداتاقالغان ئاشخانا

  ئۇرىمچى كۇچىسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھارۋىدا مىۋە-چىۋە سەتىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىسىز، گاھىدايول بويىغا توختىتىپ قويغان ئىگىسى يوق مىۋە-چىۋە ھارۋىسىنى كۆرىسىز، بۇ ۋاقىتتامال ئىگىسى يېقىن ئەتراپتا ناماز ئوقۇۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز مىۋە-چىۋەسەتىۋەلىش ئۇچۇن

-بۇ تاۋۇز نەچچە پۇل؟-دەپ سورىسىڭىز.

يېقىن ئەتراپتا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى گىپىڭىزنى ئاڭلىمىغاندەك جاۋاپ بەرمەيدۇ، پەقەت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ سىز ئۇچۇن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنى ئەۋارە قىلمىغىنىڭىز ياخشى.

شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئىتىقادچى ئاممىسى ناماز ئوقۇۋاتقاندا باشقىلار دەخلى قىلمايدۇ، دەخلى قىلىش ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىنىدۇ.

ئۇرىمچىدىكى 1-ماي كەچلىك بازىرى داڭلىق بولۇپ، ئىيۇل ۋەقەسەددىن كىيىن تاقىۋىتىپ، نەچچە ئايدىن كىيىن يەنە ئېچىلدى، مەن بىر قېتىم بارسام ئون نەچچەئۇيغۇر ئايال ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، گەرچە بۇ يەردە ئادەم شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىراق ئۇلار ھىچكىشى يوقتەك پۇتىن ئىخلاسى بىلەن ناماز ئوقىۋەتىپتۇ، يېقىنلا يەردەبازارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان بىرنەچچە قوراللىق قىسىم ساقچىسى بولۇپ، ئۇلارناماز ئوقۇۋاتقانلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۇچىن جايىدا جىم تۇرىشقان ئىدى. مەن بىرقېتىم ئۇرىمچىدە سەرىق ئاش يەپقالدىم، بۇ تىپىك بولغان توڭگان ئەر-خۇتۇننىڭ يايمىسى بولۇپ، ئايال خۇجايىن « ناماز ۋاختى بولدى » دەپ ئېرىنى ئەسكەرىتتى، ئېرى دەرھال نامازغا ماڭدى، سودىنى ئايال خۇجايىن قېلىۋەردى، ئايال خۇجايىن بەشىغا توڭگانلارنىڭ ياغلىقېنى ئارىتقان بولۇپ، شىنجاڭچە توڭگان تىلىدا خەرىدارچاقىراتتى، بىر دەمدىن كىيىن 10 نەچچە ياشلىق ئىككى قىزىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە نازارەتقېلىپ، دىگەن گۇاڭدوڭ شىۋىسى دىققىتىمنى تارىتتى، مەن ھەيران بولۇپ

-      سىز گۇادوڭ شىۋىسىنى قانداق بىلىسىز-سورىدىم مەن.  

-گۇاڭدوڭلىق تۇرسام- جاۋاپبەردى ئۇ. مەن تەخىمۇ ھەيران بولۇپ

  -ئېرىڭىز توڭگان ئەمەسمۇ؟

  -ئەلۋەتتە توگان

  - سىزخەنزۇما؟

  -شۇنداق

  -توڭگانغا تېگىپسىزدە؟

  -شۇنداق

ئارىمىزنى بردەم جىمجىتلىق باستى، قارىغاندا بۇ ئايال ياش جەھەتتە مەدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتى.

  -مەن ئېرىم بىلەن گۇاڭجۇدا تۇنىشقان، ئۇ گۇاڭجۇدا كاۋاپچىلىق قىلاتتى، كىيىن شىنجاڭغاكىلىپ توي قىلدۇق-دىدى ئۇ.

  - ئۇئىسلام دىنىغا ئىشىنەمدۇ؟-سورىدىم مەن.

  -ئىشىنىدۇ

  - سىزنىمە ئۇچىن دىنغا ئىشىنىسىز؟

  ئۇنىڭ چوڭ قېزى گەپنى تارتىۋەلىپ

-      ئاللاغا ئىشەنسە جەننەتكە كېرىدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى.

گۇاڭجۇلىق بىر بۇددا مۇخلىسى بولغان خەنزۇ قىز مۇھەببەت ئۇچىن، جەنۇپتىكى گۇاڭجۇدەك چوڭ شەھەردىن شىنجاڭغا كەلگەن ۋە ئىتىقادىنى ئۆزگەرتىپ مۇسۇلمان بولغان.نۇرغۇن شىنجاڭلىق گۇاڭجۇدا تىجارەت قىلىدۇ شۇنداقلا نۇرغۇن گۇاڭجۇلىق شىنجاڭداتىجارەت قىلىدۇ، مەن ئىچكىردىكى شىنجاڭلىقنىڭ ئىتىقادىنى ئۆزگەرىتكىننى كۆرمىدىم،لىكىن شىنجاڭغا كەلگەن بىرقىسىم كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغانلىقى ھەقىقەت. قانداقلا بولمىسۇن دىنغا ئىشىنىش ھەركىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىگى.

  مەن تۇرغان جايدىن يىراق بولمىغان يەردە بىر مەسچىت بولۇپ، ھەر سەھەر تاتلىق ئۇيقۇدائۇخلاۋاتقاندا ئەزان ئەۋازى ئاڭلىناتتى، بۇ ئىتىقادچىلارنى بامداتقا چاقىرغانلىق ئىكەن، مەن شىنجاڭدىكى ۋاختىمدا ھەر كۇنى ئەزان ئەۋازى ھەمرا بولدى، ئەشۇ مۇڭلىق ئەزان ئەۋازى، دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىگىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر.




مەنبە:

http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e3jf.html


ئەسكەرتىش: ئىنكاس يېزىش چەكلىندۇ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-22 10:41 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش