مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1158|ئىنكاس: 11

ئاھ،رەھىمسىز يىللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1191 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 09:45:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                            ئاھ،رەھىمسىز يىللار
                                                     پوۋېست
                                        ئاپتورى-ياسىنجان ئابدۇجلېىل (ھايات )

                                                              1
  مېنىڭ ياشاۋاتقان يېزام - ئەنە شۇنداق قازسا –قازسا تۇگىمەيدىغان ، ئېيتىپمۇ تۈگىتەلمەيدىغان مېڭبىر كىچە رىۋايەتلىرىدەك ئاجايىپ ئىشلارغا گۇۋاھ بولغان ،تارىخى ئۇزۇن يېزىلارنىڭ بىرى.مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئايۇپ خېمىر ، ئابلا يەكپايلارنىڭ دۇكانلىرىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ھېلىقى سىلەرگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن مايسىگۈل قىز شۇ قىتىملىق شەھەرگەبىر كىرىپ چىققان باھانە بىلەن ئۆزگىرىپ شەھەرلىك قىزلارغىلا ئوخشاپ قالغىلى تۇردى.
توۋۋا، مۇشۇ ئايال كىشى دېگەنگىغۇ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن؟ ۋاقتى كەلگەندە ئېرىنىڭ تايىقىمۇ كارقىلمەيدىكەن؟ مەھەللىمىزدىكى تونساگۈل ھەدىمىزمۇ شۇ ئېرىدىن تاياق يەپ ئۈچ تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۋالغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاخىرى غەلبە قىلدى. ھازىرھەتتا تونۇردا نان ياقسىمۇ چىرايلىق ياسىنىپ چىقىپ ياقىدۇ. ئاڭلىسام ئۆتكەندە يولدىشى بىلەن شەھەرگە كىرىپ ، خەلق مەيدانىدا كىچىك بالىلار ئوينايدىغان ھېلىقى ئويۇنچۇق ماشىنىغا بالىسىنى چىقىرىپ قويۇپ ،كەينىدىن ئۆزى يەنە بىرىنى ھەيدەپتۇ. ئۇنىڭغىچە ئۇنىڭ ئىگىسى بىلەن يولدىشى ئۇنى مەيدان ئىچىدە بىر ھازا قوغلاپتۇ. بىچارە يېزىدا تۇرۇپ تازا زىرىكىپ كەتتىمىكىن ،يولدىشىنىڭ مىجەزىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ خوشاللىقىدا «ھاي »دېگەنگە ئۇنىماي «توختا »دېگەنگە توختىماي مەيداننى نەچچە ئايلىنىپتۇ. خەلق مەيدانىدا ساياھەتتە بولىۋاتقان بىر قانچە چەتئەللىك بار ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ دەسلەپ ھەيران قاپتۇ. كىيىن ئۇلار بۇنى ئىنسان روھىدىكى بالىلىق ئەسلىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىنى ئاشكارلىشى دەمدۇ ئېشقىلىپ  
بۇ ئىشقا يوقىرى دېئاگنۇر قويۇپ تۇنساگۈل ھەدىمىزنى زىيارەت قىلىپتىدەك .بۇنىغۇ بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىدۇق. لىكىن شۇ ئىشتىن كىيىن تۇنساگۈل ھەدىمىزنىڭ قىلىقلىرى تېخىمۇ غەلىتىلەشكىلى تۇردى. ھازىر يولدىشىمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلالماسمىش .چۈنكى تىللاپ قويسا شۇ چەتئەللىكلەرگە تېلىفۇن قىلىپ قىچىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
ھېزىمكام ئايالىنىڭ روباشكىسىنى كىيىپ مەھەللىدە «ھېزىم روباشكا»نامىدا داڭ چىقارغاندىن بۇيان ، بۇنداق ئىشلار توختىماقتا يوق يەنە چىققىلى توردى. توۋەنكى مەھەللىدىكى تۇرسۇنكامنىڭ ئايالى بىر كۈنى ئۆي تازىلاش باھانىسى بىلەن ئىش قىلىشقا ئەپلىك بولۇشى ئۈچۈن تۇرسۇنكامنىڭ بىرقۇر كىيىمىنى كىيىپتۇ. تۇرسۇنكام چۈشتىن كىيىن ئۆيىگە قايتىپ كەلسە ھويلىدا بىر ئەركىشى تۇرغان. بازاردا ئازراق ئويناپ قىزىپ قالغان تۇرسۇنكام بۇ ناتۇنۇش «3-شەخس»نى كۆرۈپلا دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان يوغان ياغاچنى ئېلىپلا كەينىدىن بىرىپ ھېلىقى «ئەرنى»كېلىشتۇرۇپ بىرنى قويۇپتۇ. مانا شۇنىڭدىن كىيىن بىچارە ئايالى دوختۇرخانىدا ياتىدۇ. ئېرىنىڭ كىيىمنى كىيگەنگىمۇ مېڭبىر پۇشايمان.
تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا «ئۇنى قىلساڭ يامان بولىدۇ، بۇنى قىلساڭ كاپىر بولۇپ كېتىسەن »دەپ مەسچىتتىن چىقماي، قىچىپ توي قىلغانلارنىڭ تويىغا بارماي يۈرگەن زۇنۇن قارىممۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىدىن قۇرۇق قالماي دېدىمۇ ھازىر تۇپتىن ئۆزگەردى. نېمە تەسىر قىلدى بىلمىدۇق، بىركۈنى شۇنچە جاھىللىق بىلەن ئۆستۈرگەن ئۇزۇن ساقىلىنى بىر كۈندىلا قىرىپ چۈشۈردى. كۆمۈرچىلىك قىلىپ ئازىراق پىتلىنىپ قىلىۋىدى قىلىدىغان قىلىق تاپالماي يۈرىدۇ. ئۈچ بالىسى بىلەن ئايالىنى «ئوقۇشقا »يولغا سېلىپ قويۇپ ، ئۆزى شەھەرلىك بىر تىجارەتچى ئايالنىڭ «ئۇيۇنچۇق ماشىنىسى»نى سېتىش بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
كىچىك چاغلىرىمىزدا مەھەللىمىز شۇنچە ئاۋات ئىدى. شۇ چاغلارنى ئويلىساملا كۆڭلۈم شۇنداق ئېللىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەھەللىدىلا ئۇزۇن ساقال قويغان بۇۋايلاردىن بىرنەچچىسى بارئىدى. «بىز شۇ چاغلاردا سىلەردەك كىچىك ئىدۇق...»دەپ گەپنى بىر باشلىسا گېپىنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ ھەتتا قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتۇق. توۋۋا، ھازىرقى ئادەملەر قىرىمامدىكىن ياكى بىز يەۋاتقان ،ئېچىۋاتقان ،كىيىۋاتقان مۇشۇنەرسىلەردە بىرخاسىيەت بارمۇ قانداق بىلمەيمەن. ھازىر ئۇنداق ئۇزۇق ساقال قويغان ئادەملەرنى تاپماق تەس. ئۆتكەندە كوچا ئابتۇبۇسىدا شۇنداق چىرايلىق ساقال قويغان بىر كىشىنى كۆرۈپ ،شۇنداق مەستلىكىم كەلدى. ساقال دېگەننىمۇ ياشتا چوڭلار قويسا يارىشىغان نەرسە .چوڭ دادامنىڭ ئەمدىلا 30لارنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىسى ئوتتۇرىسى يوق ساقال قويۋالغىنىدىن بۇيان ئۇنىڭدىن قىچىپ يۈرىمەن. يېشىغا ماس كەلمىگەن قىلىقلىرى ئېغى كەڭ ئېشتىنى ، تاققا –تۇققا گەپلىرىنى ئاڭلىساملا قۇيقا چېچىم تىك تۇرىدۇ. يەنىلا مۇشۇ ساقال بۇرۇنقى كىشىلەرگە يارىشىدىكەنتۇق. ئەنە شۇ چاغلاردا مەھەللىمىزدە «مەمتىمىن غىرىپ »دەپ بىر بۇۋاي بولىدىغان. بىچارە بۇۋاينىڭ قارىغۇچىسى يوقمۇ ياكى باشقا بىر ئىشلارسەۋەبىدىنمۇ ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ئىدى. ياز كۈنلىرى مەھەللىدىكىلەرنىڭ پادىسىنى باقاتتى. بىزمۇ دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇۋايغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىللە جاڭگالغا مال باققىلى باراتتۇق. بۇنداق كۈنلىرى بۇۋاي بەكمۇ خوشال بولۇپ كىتەتتى. بالىلار ئىچىدە بولۇپمۇ ماڭا بەكرەك ئامراق ئىدى. بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ئۆز –ئۆزىگە نېمىلەرنىدۇر پېچىرلايتتى. يىراقلارغا ئۈنسىز كۆز تىكەتتى. مەن پەقەت ئۇنىڭ :« مەريەم ،قارا بۇ بالا بىزنىڭ ئەركىنجانغا ئوخشامدىكەن »دېگەن سۆزىنى دائىم ئاڭلايتتىم.
كىيىن مەنمۇ چوڭ بولدۇم .مۇشۇ يېزىدىن تۇنجى بولۇپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭغان «نوچى»بولۇپ قالدىم. ئەلۋەتتە بۇنداق تەلەيگە نائىل بولغان ئائىلىنىڭ مەھەللىدە يۈز ئابرۇيى كۆتۈرلىشى تەبىئىي. مېڭىشتىن بۇرۇن مەھەللىدىكىلەر ئۆي بېسىپ تۇرۇپ مېنى چاقىرىشتى. بىركۈن ئاۋۋال ئۆيىمىزدە مېنى ئۈزۈتۈش چېيى بىرىلدى. بۇنىڭغا مەھەللىدىكى مەمتىمىن بۇۋايدىن  باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. نېمىشقىدۇر شۇ كۈنى كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى. ئۇنى ئىزدەپ ئۆيىگە بېرىشنى ئويلىماپتىمەن. مەن شۇ كەتكەنچە بىر يىلدا قايتىپ كەلدىم. كېلىپلا ئۆيدىكىلەردىن مەمتىمىن بۇۋاينى  
سورىدىم. دادام ماڭا بۇۋاينىڭ ھازىر ئاغرىقچان بولۇپ قالغانلىقىنى ، ھازىر ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ،قولۇم –قوشنىلارنىڭ بۇۋايغا قاراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئيېتىپ بەردى.
مەن ئاتا –ئانامنىڭ« ئەتە كىرسەڭمۇ مەمتىمىنكام بىر يەرگە قىچىپ كەتمەيدۇ»دېگىنىگە قۇلاق سالماي ئۇنىڭ ئۆيىگە قەدەم ئالدىم.
بۇۋاينىڭ ئۆيىگە كىرىپ كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى. ئىلگىرىكى ۋەيرانە ئۆي ھازىر تېخىمۇ ۋەيرانىلىشىپ كىتىپتۇ. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان تازلانمىغاچقىمۇ ياكى بىچارە بۇۋاينىڭ كىيىم –كىچەك ،يوتقان –كۆرپىسىنى ۋاقتى –ۋاقتىدا يۇيۇپ بىرىدىغان ئادىمى بولمىغاچقىمۇ ئۆيدىن بىر خىل سىېسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. مەمتىمىن بۇۋام  
مېنى كۆرۈپ خوشال بولدى. مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭڭىدە سىقىپ كۆرۈشتۇم. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ قولىنى تۇتقاندا خۇددىي بىر پارچە ياغاچ پارچىسىنى تۇتقاندەك بولۇپ قالدىم. بۇۋاينىڭ قۇرۇلۇپ كەتكەن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئولتۇرۇپ كەتكەن كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىرنەرسىىسىنى تىپىۋالغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدە نامايەن بولىدىغان خوشاللىق ئەكس ئەتتى.
-بالام ئەلقەم،-دېدى بۇۋاي مەن يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندىن كىيىن ،- ئاڭلىسام سېنى ئۈرۈمچىگە كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. مانا چوپچۇڭلا بالا بولۇپ كىتىپسەن . بۇۋاي تۇيۇقسىز يۆتىلىپ كەتتى.
بۇۋاينىڭ تۇرقىغا قاراپ بۇغۇزۇمغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك گېپىمنىمۇ ئېغىزىمدىن چىقىرالماي قىلىۋاتاتتىم.
- بۇۋا، بەكمۇ يالغۇزلۇق تارتىپ قاپسىز ،سىزگە قارايدىغان ئادىمىڭىز يوقمۇ ؟ بولمىسا بىزنىڭ ئۆيگە چىقىپ كىتىڭ.
-ياق بالام ، ھېلىمۇ مەھەللدىكىلەرنى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تولىمۇ ئاۋارە قىلىۋاتىمەن .بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ خېجىل ، - بۇۋاي بىر ھازا يۆتەلگەندىن كىيىن سۆزىنى داۋام ئەتتى، - ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆيدىن ئايرىلغىم يوق. ئۆلسەممۇ مۇشۇ ئۆيدە قەدىناسىم ياتقان ،ئاخىرقى تېنىقلىرىنى قالدۇرغان مۇشۇ ئۆيدە كۆز يۇماي.
- بۇۋا ،مېنىڭمۇ سىزدىن شۇئىشلارنى سورىغىملا كېلىدۇ. سىزنىڭ دائىملا دەيدىغان ھېلىقى سۆزىڭىز قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. سىزنىڭ بالىڭىز ئۆلۈپ كەتكەنما؟
بۇۋاينىڭ ئېسىگە قانداقتۇر بىر ئۆتمۇش ئەسلىمىلىرى كەلگەندەك خېلىغىچە بىر نوقتىغا قادالغىنىچە تۇرۇپ كەتتى. ئارقىدىن چوڭقۇر ئۇھ تارتتى. مەن بۇۋاينىڭ كونا يۈرەك جارائەتلىرىنى قوزغاپ قويدۇممۇ قانداق دېگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزەمنىڭ تولىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغىنىمدىن خېجىل بولدۇم.
- بۇلدى بۇۋا، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ . مەن مۇنداقلا سوراپ قويغان ئىدىم.
-ياق بالام ، سېنىڭ شۇ سۇئالىڭ ماڭا مېنىڭ ھازىرغىچە ئۇنتۇلماي كېلىۋاتقان ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىتىپ قويدى. مەن نېمىشقا بۇ ئۆيدىن ئايرىلمايمەن .بىلەمسەن ؟
-نېمە ئۈچۈن ؟
-مۇھاببەت ئۈچۈن. يۈرىكىمدىن كۆيگەن ،ماڭا ھاياتىنى تاپشۇرغان ئايالىم مەريەمنىڭ ياتقان يىرىنى تاشلاپ كىتىشنى راۋا كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن. بولمىسا قەشقەردىكى ئۇرۇق –تۇققانلار نەچچە قىتىم ئىلىپ كېتىشنى ئېيتىشتى. بىراق مەن ئۇنىمىدىم. ئاخىرى ئۇلارمۇ زېرىكتى .ھازىر ئىزدىمەسلا بولدى. ھېلىمۇ مەھەللە ،يۇرت خەلقى بولۇپ قاپتىكەن،يالغۇزلۇق تارتمىدىم.
بۇۋاي بۇ قىتىم سەل ئۇزۇن سۆزلەپ قالدىمۇ نەپسى تىزلىشىپ كەتتى. لىكىن نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاجايىپ بىر نور چاقنايتتى. بەلكىم بۇ نۇرئاشۇ ئۆلمەس مۇھاببەتنىڭ كۈچىدىن بولسا كىرەك.
-بالام ، -دېدى بۇۋاي، - ئەگەر بۇئىشلارنى بىلگۈڭ بولسا ئايرىم بىرچاغدا كىرگىن مەن ساڭا سۆزلەپ بىرەي. بۇ دۇنيادىن بۇ ئىچ-دەرتلىرىمنى ئۆزەم بىلىپلا ئېلىپ كىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق قادىر ئاللا ،بۇنىڭغا يول قويمىدى. چۈنكى بۇنى ساڭا سۆزلىگۈملا كېلىپ تۇرىدۇ. نېمىشقىدۇر سېنى كۆرسەملا ئۆلۈپ كەتكەن شۇ ئوغلۇم ئېسىمگە كىلىپ قالىدۇ.
- بولدى بۇۋا،كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ.بۈگۈن مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا قالىمەن. كىچىچە سىز بىلەن مۇڭدىشىمەن.
-ياق بالام ،ئۇنداق قىلساڭ داداڭ ،ئاپاڭ خاپا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن تېخى بۈگۈنلا كەپسەن . ھاردۇقىڭنى ياخشى ئېلىپ ، ئايرىم بىر چاغدا كىرگىن .
مەن قانچە قىلساممۇ بۇۋاي پەقەتلا ئۇنىمىدى. ئامالسىز ئۆيگە يېنىپ چىقتىم. كەچتە بۇۋايغا تاماق ئەكىرىش باھانىسى بىلەن يەنەبىر قىتىم كىردىم. بۇۋاينىڭ ئەھۋالى ئەتىگەن مەن كىرگەن چاغدىكىدىن ئوبدانلا ياخشى بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئەتىسى كەچتە مەن ئۆيدىكىلەرگە دەپ قويۇپ مەمتىمىن بۇۋاينىڭ ئۆيىگە قاراپ قايتا قەدەم ئالدىم.
مېنىڭ ئۆيگە كىرگەنلىكىمنى كۆرگەن مەمتىمىن بۇۋاي ئورنىدىن قوزغالماق بولدى. مەن دەرھال بىرىپ ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدۇم.
- بۇۋا ،تاماق يەۋېلىڭ.- مەن ئېلىپ كىرگەن تاماقنى ئۇنىڭغا يېگۈزمەك بولدۇم.
- رەھمەت بالام، تېخى بايىلا شەمشىدىن ئاكاڭ بالىسىدىن تاماق سۇنۇپتىكەن.شۇنى يەۋالدىم.
بىز بىر ئاز ئۇياق –بۇياقتىن پاراڭلاشتۇق. مەن ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشۇم ئۈ
رۈمچى توغۇرسىدا سۆزلەپ بەردىم. سۆزۈمنى ئاڭلاپ بۇۋاي تولىمۇ سۆيۈندى.
- مانا ،مانا  
، ئوقۇغان ئادەم باشقىچە بولىدۇ-دە، بۇرۇنقىغا قارىغاندا گەپ –سۆزلىرىڭمۇ شۇنچە ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ. چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ كەلمىكى ئاسان ئەمەس ،بۇنى چوقۇم ياخشى قەدىرلە...
بۇۋاي يەنە بىر ھازا يۆتىلىۋالدى. مەن قازان بېشىغا قويۇپ قويۇلغان چايداندىن پىيالىگە بىر پىيالە چاي قۇيدۇم ،ئاندىن ئۇنى سوۋۇتۇپ بۇۋايغا ئازراق ئىچۈردۈم.
-رەھمەت بالام، - بۇۋاينىڭ ئاۋازى نېمىشقىدۇر تىترەپ چىقتى. بەلكىم ئوغلى يادىغا كېلىپ قالغان بولۇشى مومكىن دەپ ئويلىدىم.
-سەن مېنىڭ ساڭا ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان ھېكايەمگە قىزىقىۋاتىسەن شۇنداقمۇ؟ ئالدىرىما ،بۈگۈن ئاخشام ساڭا ھەممىنى ئېيتىپ بىرىمەن

2



بىركۈنلۈك ئىشتىن ھېرىپ كەلگەن تۇرداخۇن ئۆيگە كىرىپلا ئۆزىنى پەگاغا تاشلىدى. ئۇنىڭغىچە ئايالى بۇۋىسارەم دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
-دادىسى ،سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ - بۇۋىسارەم ئەنسىرىگەندەك ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇتتى. ھارارەتلىك بىر قولنىڭ بەدىنىگە تېگىشى بىلەن تۇرداخۇننىڭ كۆزى لەپپىدە ئېچىلدى. ئۇ يېنىدا ئۆزىگە ئەنسىرلىك بىلەن قاراپ تۇرغان ئايالىغا ئۇزاق قارىدى. بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەندىشىگە چۈشكەن بۇۋىسارەم قولىنىڭ دۇمبىسىنى
  ئۇنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزدى.
- قورقما خوتۇن ،مەن ھېچنىمە بولمىدىم.شۇ سەل ھېرىپ قالدىم. بىراق سېنى كۆرۈپلا ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى.
تۇرداخۇن قولىنى ئايالىنىڭ سەل تومپىيىشقا باشلىغان قورسىقىغا ئاپىرىپ سىيلاپ قويدى. ئۇ ئورنىدىن سەل قوزغىلىپ بېشىنى شۇ تەرەپكە سىلجىتتى. ئۇ قولىقى بىلەن دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ سۆيۈملۈك جاننىڭ ئەنسىز تىپىرلاشلىرىنى ئاڭلىماق بولدى. ئۇنىڭغىچە بۇۋىسارەم «قىلىن »دېدى- دە، ئۇنى يېنىككىنە ئىتتىرىپ ئورنىدىن تۇردى.
بۇۋىسارەم دەرھال چۆگۈنگە ئىسسىق سۇ تەييارلىدى. تۇرداخۇن ئايالى تەييارلىغان سۇدا پۇت –قوللىرىنى يۇيۇپ بىردىنلا يېنىكلىشىپ قالغاندەك بولدى.
-بۇگۈن ئىش قانداقراق ؟ -سورىدى بۇۋىسارەم.
- يامان ئەمەس خوتۇن ،مۇشۇ كۈنلەردە شۇ ئوماق بالامنىڭ كەلگۈسى ئايىقى يارىشىۋاتامدۇ بىلمەيمەن. ھەرخىل ھاجەتمەنلەر نىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. بۈگۈنمۇ ئىككى يەردە بولدۇم.
-ئۇنداق ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ، -بۇۋىسارەم يولدىشىغا مېھىرلىك باقتى.ئارقىدىن قوشۇپ قويدى. – ھېلىمۇ كۈنىمىز يامان ئەمەس.
-ياق ئانىسى ، مۇشۇنداق جاپا تارتمىسام ئەتە –ئۆگۈن بالا تۇغۇلسا قىينىلىپ قالىمىز .مەنمۇ بۇرۇنراق بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ مۇستەقىل ئىش قىلاي دەيمەن. شۇ يەنە ئازىراق غەيرەت قىلىپ ئازراق ئىقدىساد توپلىۋالساملا بولاتتى.  

-شۇنىڭدىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسرىمىسڭىز بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىمىزغىمۇ دادا كىرەكتە! – بۇۋىسارەم نېمىشقىدۇر قىزىرىپ كەتتى. بۇۋىسارەمنىڭ يۈزى تولىمۇ تۆۋەن ، توي قىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاتا –ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقماي تۇرۇپ تالالىق بولغان، توي قىلىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرداخۇننىڭ ئېغىزىغا قاراپ كەلدى. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ھېچقاچان ھازىرقى تۇرمۇشىدىن زارلانغانلىق توغۇرسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. ھەممىلا ئىشقا قانەئەتلىك.
تۇرداخۇنمۇ ئۇنى باشتىن –ئاخىر ھۆرمەتلەپ كەلدى.نېمىلا قىلغان بىلەن
  ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ئالغان ئايالى -دە.
ئەتىسى ئەتىگەندە تۇرداخۇن كۈندىكىدىن ئەتىگەن تۇرۇپ ،يەنە بازارغا ماڭدى. غۇلجىنىڭ خەنزۇ بازىرىدا بىر مەدىكارلار بازىرى بار. بۇ يەردە يىراق –يېقىندىن ئىش ئىزدەپ كىرگەن ،قولىدا ھۆنىرى بارلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرىشىدۇ. ئائىلىسىدە ئىشى بارلار بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلاربىلەن قىلدۇرماقچى بولغان ئىشى توغۇرسىدا سۆزلىشىدۇ. بەزىدە كۆپرەك ئادەم كېرەك بولغانلار نەچچە ئون ئادەمنى بىراقلا ئېلىپ ماڭىدۇ. بەزىلەر تېخى ئۆزىنىڭ قىلالايدىغان ئىشلىرىنى كونا يەشىكلەرنىڭ ياكى بىرەر پارچە چوڭراق ئاق قەغەزنىڭ ئۈستىگە يازدۇرۇپ تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. تۇرداخۇننىڭ بۇ بازارغا قېتىلغىلىمۇ مانا ھەش –پەش دېگۈچە بىريىلدەك بولۇپ قالدى. ئايالى بىلەن توي قىلىپ بىر ئائىلىنى بېقىش بېشىغا كەلگەندىن كىيىن  
تىرىكچىلىك غېمى ئۇنى مۇشۇ يەرگە سۆرەپ ئېلىپ كىردى. دەسلەپكى چاغلاردا ئۇ پەقەتلا ئىش تاپالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە يەنىلا كونىلار «زور »ئېدى. كىيىن ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن سىېلىم بۇۋاي بىلەن يېقىنلىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرىمۇ ئاستا –ئاستا ئىزىغا چۈشتى. مانا ھازىر كۈندە كەم دېگەندە ئىككى –ئۈچ يەرنىڭ ئېشىنى قىلىدۇ. ئېشى كۆپرەكلىرى بولسا بىرىنىڭ ئېشىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ھالال مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى قولىغا ئېلىپ ھارغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆيىگە –سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ يېنىغا قاراپ چاپىدۇ.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، -بازارغا يېتىپ كەلگەن تۇرداخۇن ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەنلەرگە سالام قىلدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، - ئولتۇرغانلارمۇ جاۋابەن سالام قايتۇردى.
-كەل بالام ، -سېلىم بۇۋاي ئۇنىڭغا يېنىنى كۆرسەتتى. تۇرداخۇن ئاستا بىرىپ ئونىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
-قانداق كىلىن قىزىم ياخشى تۇرغاندۇ؟
-يامان ئەمەس ئاتا.شۇ ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغاندىن بۇيان سەل قىينىلىپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇندىن كىيىن ئىشتىن سەل بۇرۇن يانمىسام بولمىدى.
-بولسا شۇنداق قىل بالام –دېدى سىلىم بۇۋاي ، - ئايال كىشى ئەمەسمۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى تۇغۇتى.شۇڭا ئۆيگە يالغۇز تاشلىما .بولۇپمۇ كېچىلىلىرى ھەرگىز يېنىدىن ئايرىلما.
ئۇلار ئەنە شۇنداق پاراڭلار بىلەن تۇرغاندا يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋاراڭ –چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. بىر توپ ئادەم توپلىشىپ كىملەرنىدۇر ئارىغا ئېلىۋالغان ئىدى. تۇرداخۇن ئورنىدىن قوزغالماق بولىۋىدى ، سېلىم بۇۋاي ئۇنى توسىدى.
-قارىغاندا بۇ بەچچىغەرلەر ،يەنە خىرىدار تالىشپ ئۇرۇشقان ئوخشايدۇ. بولدى بالام ،ئۇلارغا ئارلاشما.«پوققا چالما ئاتساڭ ،كېلىپ يۈزۈڭگە چاچرايدۇ»دېگەن گەپ بار.
ئۇنىڭغىچە ھېلىقى كىشىلەر توپى ئېچىدىن بىرى قىچىپ دېگۈدەك چىقىپ كەلدى. قىچىپ چىققۇچى مۇشۇ بازارغا تېخى يېقىندىلا قىتىلغانلاردىن بىرى ئىدى. ئىش ئايدىڭلاشتى. مەدىكار ئىزدەپ كەلگەن بىرەيلەن دەسلەپ بۇ يەردىكى كونىلاردىن بىرى بىلەن سۆزلەشكەن.كىيىن ئىش ھەققىنى قىممەت كۆرۈپ بۇ يېڭى كەلداخۇن بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇ :«بەرگىنىڭىزنى ئالاي »دېگەن.بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقىنىڭ قويغا چېچى تىك تۇرۇپ ئۇنى ئۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. مەدىكار ئىزدەپ كەلگەن كىشىمۇ قورققىنىدىن بۇ يەردىن ئاستىلا كىتىپ قالدى. «توۋۋا، -دەپ ئويلىدى تۇرداخۇن ،ئۇ بۇبىر يىل جەريانىدا بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىتىم كۆرگەن ئۆزىمۇ شۇنداق ئىشقا يولۇققاندا سېلىم بۇۋاي قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى.- بۇ ئادەملەردە ئىنساپ دېگەن بارمۇزادى؟ ھەركىم ئۆزرىسقىنى يەيدىغۇ ئاخىر. ئەتىگەندىلا بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ دېلىنى رەنجىتتى. بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولمىسا كىرەك . ئەي ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللا، بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن».
ئۇنىڭغىچە ئۇنىڭ يېنىغا بىر خىرىدار كېلىپ ئائىلىسىدە قىلدۇردىغان ئىش بارلىقىنى ئېيتتى. كىرەكلىك ئادەم ئىككى بولغانلىقى ئۈچۈن تۇرداخۇن يەنە بىرىگە سېلىم بۇۋاينى كۆرسەتتى. خىرىدار سەل تارتىشقان بولسىمۇ بىراق تۇرداخۇننىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن خەنزۇبازىرىنىڭ ئەگرى –بۇگرى كوچىلىرىنى بويلاپ شەرق تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى

3



تۇرداخۇن ئەسلى شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىدىن بولۇپ ، ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كىتىپ ئۇنى تاغىسى بېقىۋالغان ئىدى. تاغىسىنىڭمۇ ئارقا –ئارقىدىن چوڭ بولىۋاتقان تۆت ئوغۇل ،ئىككى قىزى بولۇپ، تۇرداخۇن بۇئائىلىگە قىتىلغاندىن بۇيان ئائىلىنىڭ ئىلگىرىكى ئاران كىتىۋاتقان تۇرمۇشى تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ ماڭدى. بىراق تاغىسى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. لىكىن ھاممىسى ئۇنىڭغا ئانچىلا قىلمايتتى. بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ كۈندىن –كۈنگە يامانلىشىۋاتقان تۇرمۇشىنى ئۇنىڭدىن كۆرەتتى .  
تۇرداخۇننىڭ قالغان ئالتە قىرىندىشىمۇ ئاتىسىنىڭ  دەۋىتى ئاستىدا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى.لىكىن دادىسى يوق چاغلاردا ئۇنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ ناچار بولاتتى. بالىلار كەينى –كەينىدىن چوڭ بولۇپ ئىشقا ياراپ قالدى. بىراق «يېتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا تەگسە ،بۇرنى قاناپتۇ»دېگەندەك بۇ خوشاللىق كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. تاغىسى بىر قىتىملىق قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كىتىپ ھاممىسى يەتتە بالا بىلەن ئائىلىدە تۇل قالدى.
تۇرداخۇن بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچقىمۇ يازدا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلسا ،قىشتا باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرۈپ ئائىلە تۇرمۇشىنى قامدىدى. بۇ جەرياندا ھاممىسىنىڭمۇ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسى ئاز-تولا ئۆزگەرگەن بولدى. چۈنكى بۇ ئائىلىدىن تۇرداخۇن كەتسە ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىغىنى ئېنىق ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ بالىلارنىڭ چوڭىمۇ بويىغا يىتىپ قالدى. نۆۋەت بويىچە تۇرداخۇن ئۆيلىنشى كىرەك ئىدى. لىكىن ھاممىسى ئۇنىڭ توي ئىشىنى كەينىگە قالدۇرۇپ ئىككى ئوغلىنى ئۆيلىدى. قىزلىرىنى تالالىق قىلدى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا تۇرداخۇننىڭ تاپقىنى بويىچە قىلدى. يەتمىگەن يىرىگە يەنە ئۇنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز ئالدى. بىچارە تۇرداخۇن بىر نەچچە يىل قەرز ھېساۋىغا باشقىلارغا ئىشلىدى. ئىنىلىرى توي قىلغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا بۇ ئۆي تېخىمۇ سوغۇق كۆرۈنىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئىنىلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسى تولىمۇ قوپال بولۇپ ، ئۇنى بۇ ئۆينىڭ مالىيى قاتارىدا كۆرەتتى. بۇ ئىشلارغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن تۇرداخۇن ئاخىر بىر كۈنى بېشىنى ئېلىپلا شەھەرگە كىرىپ كەتتى.
دەسلەپ ئۇ خەنزۇ بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا يۈگۈر –يېتىم ئىشلارنى قىلىپ جان باقتى. بىراق پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەركىشى تۇرۇپ بۇنداق ئىش قىلىشتىن نومۇس قىلىپ قورۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتتى.
بىر يازلىقى ئۇ ئىشلەپ ھېرىپ بالىلار بىلەن ئىجارە ئالغان ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . ئۇلار ئاۋات بازارنى ئايلىنىپ ئازراق ئۇسسۇزلۇق ئىچىشمەكچى بولۇشتى. بازارنىڭ شەرىقى تەرىپىدە قايناق بىر ئۇرۇن بار .بۇ يەر ئادەتتە سىرتتىن كىرگەن ياكى شەھەر ئىچىدە جايلىشىپ ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغانلاربىلەن ھەرۋاقىت ئاۋات. قايناق بازارغا كىرسىڭىز نېمە دېسىڭىز تېپىلىدۇ. ئادەتتە تىجارەتچىلەر كىچىك ھارۋىلىرىغا  
ھەرخىل يەيدىغان ،ئىچىدىغان، كىيىدىغانلارنى سېلىشىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ بەزىدە مۇقىم بىر ئۇرۇندا تۇرۇپ سودا قىلىشىدۇ. بولۇپمۇ بۇ بازار روزا مەزگىللىرىدە ئاجايىپ قايناپ كىتىدۇ. ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئىپتار مەزگىلى بىلەن ئۆزلىرى ئەجىر قىلىپ ئەتكەن ھەرخىل تاماقلىرىنى –پولۇ، مانتا ،سامسا ، گوشنان ..ئىشقىلىپ قارىغان ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سىرىق سۇ كەلتۈردىغان تاماملىرىنى ھارۋىسىغا يىيىپ قويۇپ خىرىدار كۈتۈپ ئولتۇرسا، يازنىڭ مەئىشىتىنى نامايەن قىلىپ قوغۇن –تاۋۇز ، ساتقۇچىلار تىل يارار قوغۇنلىرىنى تىلىپ قويۇپ ھەدەپ ۋارقىراپ يېنىغا خىرىدار چاقىرىدۇ.
بالىلار كەچكى بازارنى بىر قۇرئايلاندى. ئۇلار بىر پىيالىدىن دوغاپ ئېچىشمەكچى بولۇشتى. ئۇلار قاتار دۇغاپچىلارنىڭ ئىچىدىن ئۇرۇن تاپالماي چەتتىكىرەك بىرىنىڭ ئالدىغا بىرىپ قىلىشتى.
-كەلسىلە مېھمانلار، ئولتۇرۇشسىلا،- گەپ قىلىۋاتقىنى 20ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان تولىمۇ چىرايلىق بىر قىزچاق ئىدى. قىزچاق ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. يېگىتلەر ئۇ كۆرسەتكەن ئۇرۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. قىز ئەپچىللىك بىلەن دوغاپ ئەتتى. قىز ئوخشىتىپ ياسالغان دوغاپنى ھەربىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپ ، بىر قاچا شىكەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى.
- ئۆزەڭلار خالىغانچە سېلىپ ئارلاشتۇرۋالارسىلەر ،- قىزنىڭ ئاۋازى شۇنداق مۇلايىم ئىدى.
تۇرداخۇن قىزغا قاراپلا قالدى. قالغان يېگىتلەر بىر –بىرىنى تۇرتۈپ قويۇشتى. ئاخىرى پاراققىدە كۈلگە كۆتۈرۈلدى. كۈلكىدىن چۆچۈپ كەتكەن تۇرداخۇننىڭ قولىدىكى چىنە چايقىلىپ، دوغاپنىڭ بىر قىسمى ئىشتانغىلا تۆكۈلدى. ئۇنىڭغىچە قىز لۆڭگە ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى. تۇرداخۇننىڭ شۇنىڭغىچە كاللىسى جايىدا ئەمەس ئىدى.
شۇ كۈندىن كىيىن تورداخۇن بۇيەرگە دائىم كىلىدىغان بولدى. قىزنىڭ ئىسمى بۇۋىسارەم  بولۇپ ، يالغۇز ئانىنىڭ ئارزۇلۇق بىرتاللا قىزى ئىدى. دادىسى كىچىك ۋاقتىدا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، بۇجەھەتتە تۇرداخۇن بىلەن تەغدىرداش چىقىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشلىرى كۆپەيگەنسىرى بىر –بىرىنى ياقتۇرۇپ قىلىشتى. بۇنى قىزنىڭ ئانىسى بىلىپ باشقىچە قاراشتا بولمىدى. بەلكى يېتىم بالىكەن قىزىمغا ياخشى قارار دېگەننى ئويلاپ ئۇلارنىڭ تويىنى ئاددىلا قىلىپ تۇرداخۇننى ئۆيىگە ئەكىرىۋالدى. ئۇلار توي قىلىپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن قىزىدىن خاتىرجەم بولغان ئانا يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتتى. ئەمدى بۇ ئائىلىدە تۇرداخۇن بىلەن بۇۋىسارەملا قالدى.

4


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
piku + 300
alga~nap + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kay~nam + 155 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 755   باھا خاتىرىسى

ھايات

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 12:26:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتقان ئىدىم تۈگەپ قالدى دېسە....

داۋامىغا تەشنامەن.......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 12:31:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى باردۇر........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92734
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 01:35:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ يېڭى ئەسىرىنى ئوقۇغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن. ئاخىرىغا تولىمۇ تەشنامەن. ھەقىقىي ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ. داۋامىنى بالدۇرراق بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۇرگەن بولسىىز.

ھايات مەن ئۈچۈن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6091
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31055
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 4370 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 01:38:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ غەمسىز چاغلارنى قايتا كۆرگەندەك بولدۇم. بالىلىقتىكى شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر ئادەمنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدىكەن. تەشنامەن داۋامىغا تەشنامەن.
ئاۋۇ بازار بەكمۇ جانلىق تەسۋىرلىنىپتۇ. ئۆزەمنى خۇددىي شۇ يەردە تۇرغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

دۇنياداچېكىلىۋەرسە ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق.گەپ  ئىشىك چەككۈچىنىڭ سەۋىرچانلىقىدا!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 04:56:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قۇتيول

ھايات مەن ئۈچۈن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6091
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31055
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 4370 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 03:13:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى تېخى چىقمىدىما؟ بىز ساقلاپ قالدۇق. بولسا تىزراق يوللىغان بولسىڭىز.

دۇنياداچېكىلىۋەرسە ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق.گەپ  ئىشىك چەككۈچىنىڭ سەۋىرچانلىقىدا!

ئوقۇتقۇچى بولغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5643
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14817
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 1378 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 03:18:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرلىرىڭىزدىكى كىشى لەقەملىرىنى ئوقۇساملا كۈلگۈم كېلىدۇ. ئايۇپ خىمىر، تۇراپ غىت غىت، ئابلا يەكپاي، ھىزىم روباشكا

ئاددىي ئەمما تولىمۇ شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92734
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 11:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى چىقماپتىغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92734
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 11:11:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمىتىڭىز بەك ئالدىراش ئوخشىمامدۇ مۇئەللىم... بولسا ئاخىرىنى تىزراق يېزىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن بولسىڭىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش