قان تەقدىم قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق ئەلناز
1.ئېسىق قېنىڭىز تەشنا يۈرەككە كىرگەندە ھاياتلىق مەنىسىگەچۇمۈلىسىز ،شۇندىن باشلاپ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى–مۇھەببەت تېخىمۇچوڭقۇر بولىدۇ.
2.ئادەملەر ئارىسىدا ھەققى مۇھەببەت بولسىلا قان تەقدىم قىلىش ئارقىلىق مېھرىبانلىقنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ .
3.قان تەقدىم قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق ،ئادەم قۇتقۇزۇشنىڭ تۆھپىسى تەڭداشسىز .
4.تەقدىم قىلىنغان قان چەكلىك بولىدۇ ،تەقدىم قىلىنغان مېھرى –مۇھەببەت چەكسىز بولىدۇ .
5قولمۇ –قول تۇتىشايلى ،قەلىبداش بولايلى ،قان تەقدىم قىلىشتا سەن ،مەن ،ئۇ دەپ ئايرىلمايلى .
6،ئىسىق قان –ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى ،ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش مەدەنىيەتلىك ،ئىلغارلىقنىڭ بەلگىسى .
7بىر ئۈلۈش قان-ئونمىڭ ئۈلۈش مۈھەببەت،ئۈلۈم گىردابىغا بىرىپ قالغان جاننى قۈتقۈزىدۈ .
8.ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ھازىر باشقىلار ئۈچۇن بولسا كەلگۈسىدە ئۆزى ئۈچۇن بولىدۇ .بۈگۇن سىز قان تەقدىم قىلسىڭىز ،ئەتە باشقىلار سىزنىڭ جېنىڭىزنى قۇتقۇزىدۇ .شەرەپ قان تەقدىم قىلغانلارغا مەنسۇپ باتۇرانە قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى.
9.تامچە –تامچە ئىسسىق قان ئادەمگەرچىلىكتە چوڭقۇر مۇھەببەت بېغىشلايدۇ
10قان تەقدىم قىلسا يۈرەك قان تومۇرلىرى سىستېما كېسىلىنىڭ يۈزبېرىشى نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.بۈ تومۇر مىقدارنىڭ ئازىيىپ تۈمۇر ئىلمىنتى ئادەم بەدىنىدەئوكسىگىن پىرمىنتى بىلەن بىرىكىش جەريانىدابىرىكتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .شۇڭابىرىككەن پېرمىتىمۇمۇناسىپ ھالدا ئازلايدۇ،شۇنداق قىلىپ ماي ماددىسى ئوكسىدلا شقان سانىدىن كەم بۆ لوپ قان تومۇردىۋارىد ا كۆرىلىدىغان چۆكمە ماددىلارنى ئازايتىپ ،قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈزبېرىشى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
11.قان تەقدىم قىلغاندا راك كېسىلىنىڭ يۇز بېرىش نىسپىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
12.دائىم قان تەقدىم قىلسا قاندىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىلىشى ئادەملەردىكى قاندىكى ماي مادىسى ئۇزاققىچە يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرىدۇ بۇ (قان قۇيۇلۇش )قان قۇيۇلۇشنىڭ نەتىجىسى ماي مادىسى قەۋەت-قەۋەت بولۇپ قان دىۋارىدايېپىشىپ تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرى قان تومۇر قېتىش ،قان تۇمۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەش كىلىپ چىقىپ يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قان تەقدىم قىلىپ تۇرسا بەدەندىكى بىرئۈلۈش يېپىشىپ قالغان قانلار ئازىيىپ كېتىدۇ .يەنە نورمال سۈئىستىمال قىلىش قاننىڭ مىقدارىنى تولۇقلاپ قاننى تەبىئى ھالدا سۇيۇلدۇرۇپ تۇرىدۇ قاندىكى ماي تۆۋەنلەيدۇ
13.قان تەقدىم قىلىش ئادەمنىڭ قەلبىنى ساپلاشتۇرغىلى بولىدۇ.ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنىڭ تۆھپىسى چەكسىز ساخاۋەتلىك ئىش روشەنكى باشقىلارغا ياردەم بىرىش جەريانىدا كىشىنى بىر خىل خۇشاللىق ،ئۇ ئادەم بەدىنىڭ ئىمۇنتىت سېتىمىسىنىڭ ئىقىدارىنى شۇنداقلا تۇرلۇك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ياخشىلىق مىننەتسىز بولسۇن
،بايلىق ،نام –شەرەپ ھەرگىز ئۆزلۈكىدىن كەلمەيدۇ.ئادەم قانچە ئىلگىرىلىگەنسېرى ،بېيىغانسېرى شۇنچە جاپا-رىيازەت چېكىدۇ. كۆپىنچە،كۆپىيىۋاتقان بايلىقى ئۇنىڭ ئەقىل -پاراسىتىىنىڭ سالمىقىغا ئوڭ تاناسىپ كېلىدۇ . تاپقان بايلىق ،پۇلىنى قايسى مەقسەتتە ،نىمىگەئىشلىتىش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . گۈزەل قىياپەتكە گۈزەل قەلب يار بولسا، ئۇ قوش گۈزەللىك مەبۇدىسى بولغىنىدەك ، تۆغرا يول بېلەن پۇل تاپقانلار خەيرلىك كوچىسىغىمۇ كىرەلىسە ،ئۇ ھامان قوش مەرتىۋە ،شەرەپكە نائىل بۇلالايدۇ .گۈزەل قەلب ئىگىلىرى ھامان قۇدىرەتلىك كۈچ،ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردۇر ،ھاجاتمەنلەرگەئۆز جايىدا بېرىلگەن ،يۈرەك –قېتىدىن چىققان مەنىۋىي ،ماددىي ياردەم ئۆز نۆۋىتىدە زېمىنغا چېچىلغان ،قايتا كۆكلەيدىغان خاسىيەتلىك مېھر –شەپقەت ئۇرۇقى بولۇپ قالىدۇ. خەيرلىك ئىشلارنىڭ جاۋابى شەپقەتچىلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا ئىپادىلىنىشى مۇمكىن .جەمئىيەتتە قىيىنچىلىقتىن ئوقۇيالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، ساقايماس كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ۋە ھايات-مامات گىردابىدا ئېڭراۋاتقان ،جان تالىشىۋاتقان تىرىك جانلارنىڭ .سەبىيلەرنىڭ ئاھۇ-زارلىرىنى كۆرسەك كۆزىمىز ياشقا ،قەلبىمىز دەرتكە ،يۈرىكىمىز قان –زەردابقا تولىدۇ .خەتەر –ئەجەل ئالدىدا ھاياتقا تەلمۈرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز،كىشىلىرىمىزنى ئورتاق قۇتقۇزۇپ قېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . بىر ئادەمنى قۇتقۇزغانلىق ماھىيەتتە ئۆزىمىزنى قۇتقۇزغانلىق بولىدۇ .ھاجەتمەنلەرگە ئۆز ۋاقتىدا مېننەتسىز يەتكۈزۈلگەن زەرىچە مېھر-شەپقەتنىڭ خاسىيىتى.قىممىتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ.خۇشاللىق، ئەجرىڭگە ئۆزگىلەرنىڭ بىۋاسىتە رازىمەنلىكى قوشۇلسا بۇ بەكمۇ مەنىلىك، ئەڭ زور خۇشاللىقتۇر، كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتى،خەلقىگە ياردەمدە بولۇپ مېھر –شەپقەت،ياخشىلىق يەتكۈزۈشى ،يۈكسەك خەلقپەرۋەرلىك .ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنىڭ ئىپادىسى ،ئىنسانىي مۇھەببەت .مەنىۋىي ھايات ،ئىناق جەمىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمى. قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مېھىر –مۇھەببەتنى مۇقەدەس ئىشلارغا بېغىشلىغان مېھرى –مۇھەببەتلىك كىشىلىرىمىزمۇ بار. ياخشىلىقنى مېننەتسىز قىلىش ساۋاب. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ بوينىغا تىلتۇمار ئاسقۇم كېلىدۇ.ياخشىلىق قىلايلى، دىللار سويۇنسۇن ،قەلىبلەر يايرىسۇن !–
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AL~NAZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-22 08:47 PM