مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2437|ئىنكاس: 8

شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92581
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-3-3
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 06:02:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنىڭ تەپسىلاتى :
                  فىلىم ئىسمى : شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش
دۆلەت / رايون : ئامېرىكا
فىلىم تۈرى : ۋەقەلىك
فىلىم ئۇزۇنلىقى : 142min
دىئالوگ تىلى : ئىنگىلىزچە / ئىتالىيە تىلى
فىلىم ئىشلىگەن شىركەت : PolyGram Film
رىژىسسور : Frank Darabont
سېنارىيىلەشتۈرگۈچى : Randall Wallace
باش روللاردا :
Tim Robbins ,Morgan Freeman , Bob Gunton
كىنو ئىشلەشكە كەتكەن مەبلەغ :
تەخمىنەن 25,000,000 دوللار
فىلىم سىنغا ئېلىنغان ۋاقىت : 1993 - يىلى - 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ - 1993 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە

فىلىمنىڭ خەنزۇچە ئىسىملىرى :
肖申克的救赎
刺激1995
月黑高飞
地狱诺言
消香克的救赎

بانكا خادىمى ئەندى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئاشنىسى بىلەن قۇشۇپ بىللە ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ، تۈرمىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ، شۇ سەۋەبلىك ئۇ تۈرمە ھاياتىنى باشلايدۇ ، تۈرمىدىن قېچىش فىلىمى مودا بۇلىۋاتقان بۈگۈنكە كۈندە 10 يىل ئالدىدا ئامېرىكادا قۇيۇلغان بۇ تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنىڭ نەقەدەر چىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز ، چۈنكى تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنڭ ئەسلى نۇسخىسى مۇشۇ فىلىم بولالايدۇ دەپ قارايمەن ، بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم خالاس .

سىز بەلكىم ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تۈرمىدىن قېچىش»نى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىنىشتىن ئون يىل بۇرۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر نادىر ئىشلەنگەن بىر فىلىمنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەھىپىدە تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرماقچى بولغان نادىر فىلىم «شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش». بۇ فىلىم 1994-يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۇدا ئون نەچچە يىل فىلىملەرنىڭ ئەڭ ئالدى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ فىلىم 67-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنىدا يەتتە تۈردە مۇكاپاتلانغان. ئامېرىكىدىكى بىر تور بەتنىڭ ئىسىتاتىستىكا ئېلىپ بېرىلىشىچە، پۈتكۈل دۇنيا كىنو تارىخىدىكى 250 نادىر فىلىمغا بېلەت تاشلاشتا، «ئاتامان» كىنوسى بىرىنچى، «شاۋشانك تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش» ئىككىنچى بولغان.


فىلىمنىڭ مەزمۇنى:


فىلىم باش پېرسوناژى ئەندىي (Andy Dufresne ) بىر چوڭ بانكىدا خىزمەت قىلىدىغان ياش مۇئاۋىن بانكا لېدىرى ئىدى. 1947-يىلى ئايالىنىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئازابلىنىپ، مەست ھالدا ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، شاۋشانك تۈرمىسىگە كىرىپ قالىدۇ. ئەندىي ئۆزىنى باشتىن ئاخىر گۇناھسىز ھېسابلايدۇ. ئۇ 19 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا بىر تەرەپتىن، تۈرمىدىكى رەزىل كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرمىنى ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ تۈرمە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىدۇ: كۇتۇپخانا قۇرىدۇ، كامېرداشلىرىغا خۇشاللىق، ئۈمىد تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ، قىسقا مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ دىپلوم ئېلىشىغا ياردەم قىلىپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئەندىي تۈرمىدە بىر ياش يىگىتنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئېغىر ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىدۇ ۋە 1966-يىلى يىگىرمە يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا شاۋشانك تۈرمىسىدىن قېچىپ، يېڭىچە خاتىرجەم ھاياتىنى باشلايدۇ. تۈرمە باشلىقى ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. بۇ فىلىمدە، بروكىس بىلەن رۈەد ئىسىملىك نېگىر روشەن سېلىشتۇرۇلما قىلىنغان. بروكىس تۈرمە مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالماي، ئۆلۈۋالىدۇ؛ رۈەد بولسا ئەندىينىڭ ئۈمىد بېغىشلىشى ۋە ياردىمى بىلەن گۈزەل ھاياتقا قەدەم ئالىدۇ.
بۇ كىنو مۇنداق ئۈچ لىنىيە بويىچە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:

بىرىنچىسى، ئەركىنلىك.
فىلىم باش پېرسوناژى ئەندىي سىرتقى ئەركىن دۇنيادىن كىرگەن ئەركىن كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى، روھىيىتى ئەركىن ھالەتتە ئىدى. ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئىنسان قاچانكى ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى يوقىتىدىكەن، ئۇ چاغدا ئۆلگەن ئۆلۈك بىلەن پەرقى بولماي قالىدۇ. بىراق، شاۋشانك تۈرمىسىدىكىلەر تۈرمىنىڭ قاتتىق، ناتوغرا تۈزۈملىرى بىلەن ئەركىنلىكى بوغۇلغان، جىسمانىيىتىلا ئەمەس، مۇھىمى، روھىي جەھەتتىن تۈرمە قېلىپىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان كىشىلەر ئىدى. ئەندىي مۇنداق ئۈچ ئىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشنى قېزىپ چىقىدۇ:
بىرىنچىسى، ساقچى باشلىقىنىڭ بانكا توغرۇلۇق ئىشىنى ھەل قىلىپ، شۇنىڭ بەدىلىگە كامېرداشلىرىغا مۇزدەك پىۋا ئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئەندىي ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇپ، كامېرداشلىرىغا ھاياتنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ ھوزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىكى روھىي ھالەتلىرىنى، ھاياجانلىرىنى كامېرداشلىرى كېيىنگىچە ئەسلەپ، تىلغا ئېلىشىپ تۇرۇشىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەندىي كامېرداشلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ چىقىدۇ.
ئىككىنچىسى، رادىيو ئۇزېلىغا كىرىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ توسۇشىغا پىسەنت قىلماي، موزارتنىڭ داڭلىق مۇزىكىسىنى قويۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا تۈرمىدىكى ھەممەيلەن تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا تولىدۇ. ئۇلار گەرچە نېمە ناخشا ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، تىلىنى چۈشەنمىسىمۇ كۆكتە ياڭراۋاتقان لىرىك ناخشا سېھىرلىك ئۇدارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھاياتقا بولغان ئۈمىدنى، ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ناخشىدىن ھوزۇرلىنىشى ئارقىلىق قەلبىدە كىچىككىنە بولسىمۇ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇ-ئىستەكنىڭ چىرىغىنى ياندۇرىدۇ. ئەندىي بولسا مۇشۇ قاپيۈرەكلىك بىلەن قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئىككى ھەپتە قاراڭغۇ ھەپسىگە سولىنىدۇ. لېكىن، ئۇ قايتىپ چىققاندا، تۈرمىدىكىلەرگە: «گەرچە يېنىمدا ھېچكىم بولمىسىمۇ، موزارت ماڭا ھەمراھ بولدى، موزارتنىڭ مۇزىكىسى ھەمراھ بولدى». دەيدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئەندىي تۈرمە كۇتۇپخانىسىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرمىدىكىلەرنىڭ روھىيىتى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا شىتات بويىچە ئەڭ نوچى تۈرمە كۇتۇپخانىسى بولۇپ باھالىنىدۇ، ئەندىي باشقىلارنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تېزراق جەمئىيەتكە ماسلىشىشى ئۈچۈن، مەدەنىيەت سەۋىيەسى دىپلومى ئېلىشىغا ياردەملىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئۇلاردا ئەركىنلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ گەۋدىلىكى، رۈەدنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، يېڭىدىن چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەندىي يامغۇرلۇق تۈندە تۈرمىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ چىققاندىن كېيىن، دەريادا تۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ قوللىرىنى يېيپ تۇرىدىغان ئېسىل بىر كۆرۈنۈش بار، بۇ كۆرۈنۈش مۇشۇ كىنونىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرى ئىدى، كۆرۈنۈشتىكى رەسىم مۇشۇ كىنونىڭ ئېلانىغا ئىشلىتىلگەن. بۇ چاغدا ئەندىي قاتتىق تۈزۈملەشكەن ۋەھشىي تۈرمىدىن قۇتۇلغان، يىگىرمە يىللىق ئۈمىدى رېئاللىققا ئايلانغان، جىسمانىي ئەركىنلىككە چىققان ھالىتى ئىدى. ئەندىينىڭ ماشىنا ھەيدەپ تىنچ ئوكيان بويىدا كېتىپ بارغان كۆرۈنۈشى مۇشۇ كىنودىكى رەڭدار كۆرسىتىلگەن ئىككى كۆرۈنۈشنىڭ بىرى. يەنە بىرى بولسا، رۈەدنىڭ بوكستوندا ئەندىي قالدۇرغان خەتنى ئوقۇپ، ئۈمىدكە تولۇپ، ئەندىينى ئىزدەپ ماڭغاندىكى تەبىئىي مۇھىت. دىققەت قىلىدىغان بولساق مۇشۇ كىنو باشتىن ئاخىر قارا، ئاق، كۈلرەڭدىن ئىبارەت بىر نەچچە تۇتۇق رەڭلا ئىشلىتىلگەن. تۈرمە رەزىللىكىگە ۋەكىللىك قىلغان قارا رەڭ، ئەركىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاق رەڭ ھەمدە ئۈمىدكە ۋەكىللىك قلىدىغان كۈلرەڭ … مانا بۇلار فىلىمنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئۈمىد.
فىلىمنىڭ باش پېرسوناژى ئەندىي مەست ھالەتتە ئايالىم ۋە يەنە بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغۇچى مەن ئوخشايمەن، دەپ ئويلايدۇ ۋە ئۆزىمۇ گاڭگىراپ ياشايدۇ. لېكىن، ئۇ تۈرمىگە كىرگەندىن تارتىپلا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن ياشايدۇ. ئۇ تۈرمىگە كىرىپ نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەي، ئۈچ «ئاچا-سىڭىللار» دەپ ئاتالغان بەچچىۋازلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىغا ئۇچرايدۇ. بىراق، ئەندىينىڭ بوي ئەگمەسلىكى ۋە تۈرمە ساقچىسىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشى ئارقىسىدا ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپمۇ ئۈمىدۋارلىقىنى قىلچە بوشاشتۇرمايدۇ.
ئۇ بىر تەرەپتىن، ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلىسىمۇ، ھامان ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانلاپ چىقىدۇ: تۈرمە باشلىقىنىڭ پارىخورلۇق قىلىشى ۋە ھارام پۇل جۇغلىشىغا زور ياردەم قىلىدۇ. تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغىمۇ پۇل جۇغلاپ بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بارلىق تۈرمە ئەمەلدارلىرىنى قولغا كەلتۈرۈۋالىدۇ. تۈرمە كۇتۇپخانىسىنى قايتا قۇرۇپ، كامىرداشلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، بۇ كۇتۇپخانىنى شىتات بويىچە ئەڭ نوچى تۈرمە كىتابخانىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك كېسىلگەنلەرنىڭ دىپلوم ئېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق تۈرمىدە جۇغلىغان پۇلىنى بىر كونۋېرتقا سېلىپ، ئۆز نامىغا يوللايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىغا ئىشىنىپ، دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا رۈەد ئارقىلىق تام تېشىدىغان بىر بولقىنى ئەكەلدۈرىدۇ ھەم چانماسلىق ئۈچۈن تۆشۈك ئاچىدىغان جاينى چولپانلار رەسىمى بىلەن توسۇپ قويىدۇ. شۇ چاغدا رۈەد ئەندىينى مازاق قىلىپ: «مۇشۇ بولقا بىلەن بۇ تامنى تېشىشىڭگە 600 يىل ۋاقىت كېتىدۇ» دېگەنىدى. لېكىن، ئەندىي بۇ تامنى ھەركۈنى كېچىسى ئاز-ئازدىن تىلغاپ چىقىدۇ، شۇنداق قىلىپ يىگىرمە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ چوڭ بىر كامار ئېچىۋالىدۇ. ئەندىي يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا ياردەم قىلغان كامېردىشى ئەندىيگە بىر قاتىل بىر بانكىرنىڭ ئايالىنى ۋە ئايالىنىڭ ئاشنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، سوتنىڭ گۇناھنى بانكىرغا ئارتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەندىي شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە تۈرمە باشلىقىغا قايتا ئەرز قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئەمما، نەپسانىيىتىگە دۈم چۈشكەن تۈرمە باشلىقى ئۆزىگە پۇل جۇغلاپ بېرىۋاتقان ئەندىينى مۇنداقلا قولدىن چىقىرىۋەتكۈسى كەلمەي، ئۇنىڭغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ، بىر دىنبىر گۇۋاھچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئەندىينى بولسا قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ. ئەندىي سولاقتىن چىققاندىن كېيىن، رۈەدنىڭ ئۈمىد بىلەن ياشىشىنى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى ئىزدىشىنى ئېيتىدۇ. ئەندىي تۈرمىدىن قېچىپ چىقىدۇ ۋە دېڭىز ساھىلىدا راھەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ.
ئەندىي قاچقان چېغىدا، قەلبىدە پۈتمەس-تۈگىمەس ئۈمىد بالقىپ تۇرغانلىقىدىن، زور تەۋەككۈلچىلىك ئالدىدا قىلچىمۇ تەمتىرەپ قالمايدۇ. سېسىق يۇندا تۇرۇبىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ. قەلبىدىكى كۈچلۈك ئۈمىد ئاخىرى ئۇنى ئەركىنلىككە ئېلىپ چىقىدۇ.

بروكىس بىلىنەر-بىلىنمەس يەرلەردە كۆرۈنگەن بىلەن بۇ كىنونىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى ئېچىپ بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان پېرسوناژ.
ئەندىي 1947-يىلى تۈرمىگە كىرگەن چاغدا، بروكىسنىڭ تۈرمىدە تۇرغان ۋاقتى 50 يىل بولاي دەپ قالغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆمۈر بويى تۈرمىدىلا ياشىغانىدى. ئۇ تۈرمىدە كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچىسى ئىدى. باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، غورۇرىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. تۈرمە مۇددىتى توشۇپ، يېڭىدىن ئەركىنلىككە چىققاندا بولسا، جەمئىيەتكە سىڭىپ كېتەلمەي، ئاخىرى چەكسىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈۋېلىشنى تاللىۋالىدۇ.
ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتكە سىڭەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ؟
تۈرمە ئادەمنىڭ نورمال ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان يەر. لېكىن، كىنودا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شاۋشانك تۈرمىسى مەھبۇسلارنىڭ خالىغانچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغان يەرلا بولۇپ قالماستىن، قاتتىق تۈزۈملىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىيىتىنىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، مەھبۇسلارنى ئۆزگەرتىدىغان ئەمەس، بەلكى، جەمئىيەتكە روھى ئۆلگەن كېرەكسىز داشقاللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شاۋشانك تۈرمىسى ئازراقلا خاتالىشىپ، ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان بىر تۈركۈم ئىنسانلارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەش ئورنىغا، روھى پۈتۈنلەي بەربات بولغان، ئەركىنلىك ئۇقۇمىنى ئاڭقىرالمايدىغان، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان، جەمئىيەتكە قىلچە پايدىسى بولمايدىغان، كېرەكسىز كىشىلەر توپىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بىر ئورگان ئىدى. مانا بۇ ھالەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنى دەل تۈرمىدىكى قاتتىق تۈزۈملەشكەن تۇرمۇش ئادىتى ئىدى. بۇ يەرگە كىرگەن ھەربىر ئادەم شەكسىز مۇشۇ ۋەھشىي قاتتىق تۈزۈملەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتەتتى-دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، روھىي جەھەتتىنمۇ قوش مەجرۇھلۇقنى قوبۇل قىلماي ئامالى يوق ئىدى. قىسقىسى، مۇشۇنداق تۈرمە تۈزۈملىرى ئىنسان بەھرلىنىشكە تېگىشلىك روھىي ئەركىنلىكنىمۇ بوغاتتى، شۇ ئارقىلىق ھاياتقا بولغان ئۈمىدنى يوققا چىقىرىۋېتەتتى.
ئەمدى بىروكىسقا كەلسەك، تۈرمە كۇتۇپخانىسىدا بىر كىشىلىك ھۆرمەت-غورۇرى بىلەن ياشىغان بولسىمۇ، 50 يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشچان كىلىماتىدىن ئايرىپ قويغانىدى. جەمئىيەت ئۆزىدىن ئازراقلا ئايرىلغان كىشىنى بەكمۇ تەستە قوينىغا سىغدۇرىدۇ. بروكىس تۈرمىدە كۇتۇپخانىنى باشقۇرۇپ، ئۆزىنى ئەركىن بولدۇم، دەپ بەزلەپ يۈرگەن بولسىمۇ، قاماق مۇددىتى توشۇپ قايتۇرۇلماقچى بولغاندا، تۈرمىدە داۋاملىق قېلىشنى ئويلاپ، كامىردىشىغا پىچاقنى تەڭلەپ، جىنايەت سادىر قىلماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە، جەمئىيەت بەكمۇ قورقۇنچلۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان، ھەقىقىي ئەركىن كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى، ئىشەنچىسى، ئۈمىد-ئارزۇلىرى تۈرمىنىڭ مۇستەھكەم تاملىرى ئىچىدە پايخان بولغان. شاۋشانك تۈرمىسىدىن چىققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئەركىنلىكىنى يوقاتقان، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى يوقىغان لوقما گۆش ۋە ئۇستىخان دۆۋىسىلا خالاس! بروكىس بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەيدۇ. لېكىن، ئۆمرى تۈرمىدىلا نابۇت بولغان بۇ قېرى كىشى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېڭى تۇرمۇش رېتىمىغا كۆنەلمەيدۇ. ئۆزىنى غېرىپ ھېس قىلىدۇ. ھەتتا كېچىلىرى قارا بېسىپ، ئويغانغاندا ئۆزىنى يەنىلا تۈرمىدىن چىقمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. نېمىلا ئىش قىلسۇن، تۈرمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاخىرى، ئۆزىنى بۇ خىل قورقۇنچلۇق ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىردىنبىر خاتىرجەملىك دەپ قارىۋالغان يول ـــ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالىدۇ. مانا بروكىسنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىدۇر.
رۈەد بولسا، 40 يىل تۈرمىدە ياتقان كىشى. تۈرمىدىكى ئالدىنقى 30 يىللىق ھاياتىدا ئۇ ھەر قېتىم ئۆزگەرگەنلىكىنى، جەمئىيەتكە قايتا زىيان سالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىلتىماس سۇنغاندا، REJECT تىن ئىبارەت تامغا بېسىلىپ رەت قىلىنىدۇ. يىللار قاۋۇل نېگىرنىڭ قەددىنى ئېگىپ، ئاپئاق چاچلارنى ئاتا قىلغاندا، رۈەد تۈرمىدىن چىقىشنى ئۈمىدمۇ قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، بروكىسنىڭ پاجىئەسى ئۇنىڭ قېلىن تاملار سىرتىدىكى «ئەركىن دۇنيا»غا بولغان تەلپۈنۈشىنى پىتچىت قىلىۋېتىدۇ. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، ئۇ ئەندىيگە: «ئۈمىد دېگەن نەرسە بەك خەتەرلىك»، دەيدۇ. ھەتتا ئۈمىدسىزلىكتە شۇ ھالەتكە يەتكەنكى، ئەندىي ئۇنىڭ بىلەن تىنچ ئوكياننى تەسەۋۋۇر قىلىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئۇ: «تىنچ ئوكيان؟ ئۇنچىلىك بىپايان زېمىندىن قورقىمەن.» دەيدۇ. 40 يىل بولغاندا بىر قېتىملىق قويۇپ بېرىش پۇرسىتى كەلگەندە، ئۇ چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىككە تويۇنغان گەپلىرى بىلەن ئىجراچىلارنى قايىل قىلىۋېتىپ، قويۇپ بېرىلىدۇ.
رۈەد تۈرمىدىن چىقىدۇ، بىراق، تۈرمىنىڭ قاتتىق تۈزۈمدىكى ياشام شەكلى ئۇنىمۇ ئاللىقاچان كاردىن چىقىرىشقا ئۈلگۈرگەنىدى. بروكىسنىڭ كەچۈرمىشى ئۆزىنىڭ بۈگۈنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇمۇ ئوخشاشلا تاللا بازىرىدا ئىشلەيدۇ، ھەم ھەربىر قەدەمدە تۈرمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇمۇ ئوخشاشلا بروكىس قونغان ياتاققا كىرىدۇ. تورۇسقا يېزىلغان «بروكىس بۇ يەرگە كەلگەن» دېگەن خەتنى كۆرىدۇ. ئۇ سىرتقى دۇنياغا كۆنەلمەي، قايتا جىنايەت بىلەن تۈرمىگە قايتىشنى ئېڭىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، كۆز ئالدىدا تۇرغان قورالنىڭ يېنىدىكى كومپاسنى كۆرىدۇ ۋە ئەندىينى ئىزدەش ۋەدىسى ئېسىگە كېلىپ، كومپاسنى سېتىۋالىدۇ. ئۇ بوكستوندىكى بىر چەت جايدا ئەندىي كۆمۈپ قويغان ئامانەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەندىينىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن قايتىدىن ئۈمىدكە تولىدۇ.
بۇ يەردە ئىككى ئوخشاش مۇھىتتىكى بروكىس ۋە رۈەدتىن ئىبارەت ئىككى پېرسوناژنىڭ ئاقىۋىتى ئوخشىمايدىغانلىقىدىكى بىردىنبىر سەۋەب شۇكى، رۈەد بولسا ئەندىي ئارقىلىق قايتىدىن ئۈمىدكە ئېرىشكەن، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشقان. ئۇ ئەندىينىڭ: «ئېسىڭدە بولسۇن، ئۈمىدۋارلىق ياخشى نەرسە، بەلكىم، ئەڭ ياخشى نەرسە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەڭ ياخشى نەرسىلەر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.» دەپ يازغانلىرىنى كۆرىدۇ ۋە چەكسىز ھاياجانغا تولىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتىن كېينلا ئۇنىڭ ھاياتىدا، ئىدىيىسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇ ئەندىينى ئىزدەپ ماڭغاندا، ئەتراپتىكى گۈل-چېچەكلەر كۈن نۇرىدا تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. مامكاپلار ئەركىن ئۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئابتۇبۇسقا چىقىپ سىرتقى دۇنيادىن ھوزۇر ئالغاچ، ھەقىقىي ئەركىنلىكنى ھېس قىلىدۇ.
فىلىم ئاخىرىدا ئۇ ئەندىي بىلەن دېڭىز بويىدا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. ئۇلار ئارزۇ قىلىشقىنىدەك، ھېچقانداق ئەستىلىكلەر بولمىغان، يەنى ھېچقانداق ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگىسى بولمىغان ئەڭ ھوزۇرلۇق جايدا ياشاشقا باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈش ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان، چەكسىز كۈچكە ئىگە، ئەڭ ھوزۇرلىنارلىق نەرسە بولغان ئۈمىد ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان چەكسىز ئوكيان قىرغىقىدا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەۋاتقان ئەندىي بىلەن رۈەدنىڭ سىماسى بىرىكىپ كىنو ئاخىرلىشىدۇ.

ئۈچىنچىسى، قابىلىيەت.
ئۈمىد ئەڭ گۈزەل نەرسە. ئەگەر ئۈمىدلا بولۇپ، رېئاللىققا ئايلىنىش بولمىسا، ئىنساننى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ. خۇددى رۈەد ئەندىيگە: «ئۈمىد بەك خەتەرلىك نەرسە، ئۇ كىشىنى ساراڭ قىلىپ قويىدۇ،» دېگىنىگە ئوخشاش. لېكىن، باشتىن ئاخىر ئۈمىدۋار ياشىغان ئەندىي نېمىشقا ساراڭ بولۇپ قالمايدۇ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە دەل ئەندىينىڭ تولۇق مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىلىملىك كىشى بولغانلىقىدا. توغرىراقى ئەندىينىڭ ئاشۇ بىلىملىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان قابىلىيىتى بار بولغانلىقىدا.
ئەندىي ساقچى باشلىقىنىڭ بانكا توغرىسىدىكى باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، كامېرداشلىرىنى مۇزدەك پىۋا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشىدۇ. تۈرمە باشلىقى ۋە تۈرمە ئەمەلدارلىرىغا قابىلىيىتىگە تايىنىپ پۇل جۇغلاپ بېرىپ، تۈرمە كۇتۇپخانىسىنى كېڭەيتىدۇ. كامېرداشلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دىپلومىنى ئېلىشىغا ياردەملىشىدۇ. ئۇ قىلالايدىغانلىكى ئىشلارنى قىلىپ، زېرىكىشلىك تۈرمە ھاياتىنى مەنىلەرگە توشقۇزىدۇ. ئۇ گىئولوگىيەگە قىزىقىدىغانلىقى سەۋەبلىك، قېلىن، مۇستەھكەم تۈرمە تاملىرىنى بويسۇندۇرالىدى. ئەندىي بىلىمىگە، قابىلىيىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنى ھېچبىر گۇناھى بولمىغان يېپيېڭى كىشىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
ئەندىي ئۆز خىزمىتى بولغان بانكىغا ئائىت بىلىملەرگە پىششىق بولغاچقا، تۈرمە باشلىقىغا بېجانىدىل ئىشلەپ، ئاخىرى ئادەتلەندۈرۈش كۈچى بىلەن قاچقان چېغىدا دەككىسىنى بېرىدۇ. تۈرمىدىن چىقىپلا ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن بانكىدىكى ھېساباتىنى يۆتكەۋالىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەندىينىڭ قابىلىيىتىنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. مۇشۇ قابىلىيىتى ئارقىلىق ئەركىن، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ.

بۇ كىنودا ئەندىينىڭ شاۋشانكتىن قۇتۇلۇشىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ قۇتۇلۇشقا ئۈندىگەنلىكى كىنونىڭ كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئىدىيىسىدۇر.
ئەندىي باشتىن ئاخىر ئۈمىد بىلەن ياشىغۇچى، بىروكىس بولسا ئۈمىد چىرىغى ئۆچكەن كىشى. رۈەد بولسا، باشتا ئۈمىدى ئۆلگەن، ئەندىينىڭ رىغبىتى بىلەن قايتىدىن ئۈمىدنى تېپىۋالغان كىشى. كىنودا مانا مۇشۇ ئۈچ كىشىنى تىپىكلىككە كۆتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەندىي ئۆزىدىكى تولۇپ-تاشقان يوشۇرۇن كۈچ بولغان ئۈمىدنى دەستەك قىلىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىلا ئەمەس، كامېرداشلىرىنىڭ روھىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. رۈەدنى قۇتۇلدۇردى. ئۇ غەلىبە قىلالىدى. كىنودا يەنە شۇنداق كۆرۈنۈش بار: تۈرمە باشلىقى ئەندىينىڭ قولىدىكى ئىنجىلنى ئېلىپ، قۇتۇلۇش يولى ماۋۇ يەردە، دەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى، دىننى بۇرمىلاپ، مەھبۇسلارنى روھىي جەھەتتىن ئۈمىدسىزلىككە مەھكۇم قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئاخىرىدا، ئەندىي تۈرمە باشلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۈن-تىنسىز ئىشلىشىگە ئادەتلەندۈرىۋېلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك ئىشكاپىدىكى مۇھىم ھۆججەت ۋە پۇللارنى ئېلىۋېلىپ، ئورنىغا ئىنجىلنى قويۇپ قويىدۇ. باش بېتىگە: «راست دەيسىز، قۇتۇلۇش يولى مانا ماۋۇ يەردە!» دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئەسلىدە ئىنجىلنىڭ ئىچىدە بولقىنى ساقلىغانىدى. ئۇ بولقىنىڭ ئىزى ئارقىلىق، تۈرمە باشلىقىغا قارشى تۇرالىدى، ئەڭ مۇھىمى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرمىنىڭ چىرىك تۈزۈمىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ غەلىبىسى تۈرمە باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەتتى.
بۇ كىنو مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە تولغان كىشىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلىپ، ئىشەنچىمىزنى ساقلاپ،ئىززەت-ھۆرمىتىمىز بىلەن ياشاشنى، بۇرۇقتۇرمىلىقلاردىن ئۆزىمىزنى قانداق قۇتۇلۇشىمىز كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ.
بۇ كىنو ھەقىقەتەن سىزنىڭ بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان كىنو.
مانا بۇلار مەن ھېس قىلغان نۇقتىلار. قېنى سىزنىڭ تەسىراتىڭىزنى ياكى قوشۇپ قويىدىغان نۇقتىلار بولسا ئورتاقلىشايلى!

بۇ كىنودا ئەڭ تەشەببۇس قىلغىنى ئۆزى قۇتۇلۇشلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىمۇ قۇتۇلدۇرۇش بولغانلىقتىن، كىنونىڭ ئىسمىنى مۇشۇنداق قويسام ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.

ئىزدىنىش شاھ - سەنەم تەقرىزى




مەنبە :
http://www.ayxam.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=11&id=19




بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 10:06:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىشلەنگەن كىنۇ بۇ  كۆرىشكە ئەرزىيدۇ..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1001
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 10:10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمسە بىر كۇرۇپ باقاي

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 870
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4833
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6503 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 10:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىشلەنگەن كىنو،ئوسكار مۇكاپاتىنى ھەق ئالغان كىنو.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 11:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى بەلەن كىنو بۇ ... ئادەمدە ئۈمۈد بولسا ، ئاندىن ئەقىل-پاراسەت بىلەن بىلىم بولسا ، يەنە تىرىشچانلىق بىلەن سەبىرچانلىق بولسا ... ئاخىردا ئۇتۇق قازانماي قالمايدىكەن ...

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 11:34:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە توردىن كۆرۈش ئادېرسى يوقما ؟

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

تۇپراقتەك كەمتەر بول ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43449
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4384
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 03:05:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل  ئىشلەنگەن  كېنو  ،  ئاخىردا تۈرمە  باشلىقىنى  سەت   سوقاپ  كېتىدۇ  بۇ  .

ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7868
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 02:36:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى   قرىنداشلار ئالامەت ماختاپ كىتىپسىلەغۇ بۇ كىنونى .
مايكول سكوفىيوت باش رول ئالغان تۈرمىدىن قېچىش   فىلىمىدىنمۇ بەك ياخشىما.

ئۆزەڭنى خان بىلسەڭ ، باشقىلارنى تاج بىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 05:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ   بىكا   تۇرماي    كۆرۇپ   باقاي  ...

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش