ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بىر نەرسە يېزىپ باققان، زانىرى نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلەلمىدىم، بەلكىم ئەخلەت ئەسەر بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. باشقۇرغۇچىلار ماقۇل كۆرسەڭلەرلار تەستىقلاپ قويۇڭلار، ماقۇل كۆرمىسەڭلار ئۆچۈرۋەتسەڭلارمۇ مەيلى.
سەن ئاللىبۇرۇن ئاساسى تىكلىنىپ بولغان قىيپاش تاغنى ئۆرىۋېتەلىشىڭ مۇمكىنمۇ؟ ، دېگەن مەنىلىك سۇئالدىن تېنىم شۇركىنىپ كەتتى،نەپسىم يېتىشمەي،تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ......ئاللىبۇرۇن ئاساسى تىكلىنىپ بولغان، يەنە كېلىپ قىيپاش تاغلارنى ئويلاۋېتىپ،يۈرىكىم جىغ-جىغ تىترەيتتى.ئۇنىڭغا نەشتەردەك تىكىلدىم-دە، ھەي! ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىنى يوق قىسماق كۆز، نېمە دەۋاتىسەن، سەن بىلەن بىز ئەزەلدىن چىقىشالمىغان، يوقال دۋەتتىم،لېكىن ئۆزۈم ئويلىنىپ قالدىم.
قانلىق ئىدىر ئىچرە ئىزلەپ ئۆزۈم ئەزەل،
كۆڭۈل ئېكرانىمدىن ئۆتتى سوغ بىر ھەزىل.
تارىخ دېدى ماڭا، سەن تېخى يەنە ئاسۇدە،
نۇمۇس تۈۋرىكىگە باغلاندى ئاسىي دىل.
ھەجەپ ئاچچىققۇ-ھە! ئەجەل...
ئۇيۇشقان ئىدۇق بىر تۇغ،بىر ئۇران ئاستىدا،
ئانا بىر بەندە ئىدۇققۇ،كۆك نۇر ئاستىدا،
تىترەتكەن ئىدىققۇ دۇنيانى جاسارەت ئاستىدا،
تىترەيدۇ يۈرەك <<ئېتىقاد >> دەپ نۇمۇس ئالدىدا،
لېكىن ئاسىي قەلب يەنە ئاسۇدە
مۇزلاش ئىچىدە
ئۇنتۇش ئىچىدە
ھەتتاكى بىلىش ئىچىدە، سۈكۈت ئىچىدە
توغانسىز چاناقلاردىن سىرغىپ چىققان <<غەزەپ>>
كەكتۈردى ئېسىمگە <<پاقا ئېففىكتى>>
تولغاندىم تالاي رەت،ۋە لېكىن <<ئەسلى ئېكران>> قاراڭغۇ،
بىلدۈرمەك بولدۇم ساڭا
مەيلىم ئەمەس سەزدىم قايتا
قەلبىم ئۆرتەندى،يۈرىكىممۇ ھەم لەختە
نېچۈن بۇنداق بولغاي،ئەركە تىلىم تۇتۇلدى
شۇ پاقا <<ئىففىكتى>> قەلبىڭگە سىڭدى،
ئاستا-ئاستا ئۇنۇتتۇڭ،روھىڭنى قۇرۇتتۇڭ
قەلبىڭ كىشەنلەندى، روھىڭ ھەم قۇل
كىملىكىڭ مۇجمەل،ئۆزۈڭمۇ ھەم زىددىيەتلىك
ئۆزباش ئاكام <<بولالماس قوش كىملىك>>
لېكىن سەن يەنە ئاسۇدە
نۇمۇس قىلماي قىسماق كۆزلەرگە سىر ئېيىتتىڭ،
غۇرۇر دېگەن ۋەتەن يىلتىزى، قۇرۇتۇشقىمۇ ئۈلگۈردۈڭ.
غادايما ، كۇپرى تېنىڭنىڭ كۆپ ئۆتمەي نۆۋىتى كېلەر،
زاماندىن ئېھسان كۈتمە، ھەممە ئاخىرلىشار بەرىبىر.
سەن تېخى يەنە ئاسۇدە، ئاسۇدە، ئاسۇدە!!!
كۆرەش ئېيتىدۇ:بىكارغا ئۆتىدۇ كۈنلەر دېمەڭلەر،ھاياتنىڭ مەنىسى ھەربىر قەدەمد!
چاشقان، كۆرەش روھى بولسۇن ساڭا ھەمدەم،
چاشقان، ئۆتكۈر روھى بولسۇن ساڭا قەلەم.
چاشقان،لۇتۇن جاسارىتى بولسۇن ساڭا تۇغ،
چاشقان، يولۇڭنى داۋاملاشتۇر قانچە ئاچچىق بولسىمۇ ئەلەم!!!
ئىزاھ:
چاشقان بولسا مېنىڭ توردىكى نامىم، تورداشلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئارتۇق مۇنازىرە قىلماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن.
ئاسۇدە بولسا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا خاتىرجەم دېگەن مەنىدە.
پاقا ئېففىكتى: بۇ چەتئەللىك ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك داڭلىق تەجرىبىسى بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق:
بىر پاقا بىر ئىستاكان ئىچىگە سېلىنىدۇ.پاقا باشتا قىززىق سۇ ئېلىنغان ئىستاكانغا سېلىنىدۇ، پاقا بولسا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، سەكرەپ چىقىپ كېتىدۇ؛ ئىككىنجى قېتىم بولسا پاقا سوغۇق سۇغا سېلىنىدۇ، بۇ قىتىم ئىستاكان ئاستى ئاستا-ئاستا قىزىتىلىدۇ، لېكىن بۇ ئاستا-ئاستا جەرياننى پاقا سېزەلمەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇ قىززىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا پاقا ئۆلۈپ قالىدۇ.