|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
3- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن يەكەن ناھىيىلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپتە «مەرىپەت بېغىدا نورۇز» ناملىق سەنئەت پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ھەر قايسى سىنىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاندى. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە تاۋاباتلار سەنئەت نومۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىش ياڭراتتى. پائالىيەت كۆرگەندىن كېيىن قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىش ياڭراتتى. پائالىيەت داۋامىدا مەكتەپ تەرىپىدىن تەييارلىغان نورۇز ئېشىدىن پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئېغىز تەگدى. يەنە ئوغۇل - قىز ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلىگەن پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى تۈرلۈك شەكىلدىكى مودىل ۋە گۈل - كەشتىلەردىن كۆرگەزمىگە قويۇلدى. بۇ پائالىيەت بەكمۇ خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
تۆۋەندە نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرەتلەردىن بىر قىسمىنى يوللاپ قويدۇم. سىن كۆرۈنۈشىنى ئىككى كۈندىن كېيىن يوللايمەن. ھوزۇرلانغايسىلەر!
«بىزنىڭ مەكتەپتە نورۇز بەك قىززىدى»
نورۇز خۇشاللىقى
كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتىۋالدۇق!
يازلىق دوپپىمىز يارىشىپتىمۇ؟
بىزمۇ نورۇزغا قاتنىشايلى!
نورۇز خۇشاللىقى
دولان ياشلىرى
نورۇز كەلدى
مەرىپەت بېغىدا نورۇز
پىشقەدەملەر
دولان قىزلىرى
نەۋرۇزغامەدھىيە
ساما
نورۇز كەلدى
نورۇزنى تەبرىكلەيمىز
نورۇز بايرىمى
بوۋام ئېيتقان ھېكايە
تەنتەنە
بىزمۇ نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋالدۇق
كېلىڭلار، نورۇز ئېشى يەيلى!
نورۇز ئېشىدىن ماڭا يەنە بىر چىنە بېرىڭە!
نورۇز ئېشى نېمىدىگەن تەملىك!
نورۇزغا مەدھىيە
نورۇزغا مەدھىيە
نورۇز خۇشاللىقى
باھار مۇزىكىسى
نەۋرۇز شادلىقى
تەنتەنە
بۇ يىلقى نورۇز ئەجەبمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلدى
بىزمۇ نورۇزنى كۈتىۋالدۇق
مەنبەسى: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-22 07:14 PM
|
|
|
|
|
|