ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىزلەر،نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.... ھەممىمىزگە مەلۇمكى نورۇز بايرىمى- تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىشى بىلەن باش باھاردا تەنتەنىلىك ۋە كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزىلىدىغان مىللىي بايرىمىمىز،ئۇ ھەر يىلى شەمسىيە يىلى (قۇياش يىلى)نىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى مىلادىيە ھېسابىدا 3- ئاينىڭ 21-كۈنى كۈن –تۈن تەڭلەشكەن كۈندە ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز دېگەن بۇ ئاتالغۇ ‹‹يېڭى كۈن››،‹‹تۇنجى كۈن››‹‹قۇياش ياشارغان كۈن››دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرى يىراق قەدىمدە ،نورۇز بايرىمىنى ‹‹يىل بېشى››ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان. بۈگۈنكىدەك بۇ قۇتلۇق بايرامدا مەكتىبىمىزدە بەك كاتتا بولمىسىمۇ ئاقسۇ شەھەرلىك ‹‹دىلكەش مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكى››دىكىلەر بىرلىكتە ئاددىي قىلىپ ،نورۇز بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق،تۆۋەندە بۇ پائالىيەتتىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن.
مەكتىبىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نورۇزنامە ئوقۇماقتا
سەنئەت كۇرژىىكدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدا كوللىكتىپ ئۇسۇل
سەنئەت كۇرژىىكدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدا كوللىكتىپ ئۇسۇل
قىزلار كوللىكتىبىنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇسۇل
ئوغۇللار كوللىكتىبىنىڭ ئورۇنلىشىدا <<ئۈچ پەدە>>
ئاقسۇ << مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكى>> دىن نۇرگۈلنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا <<ئۇستاز مېھرى>>
مەكتىبىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئورۇنلىشىدا يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل<<دىلخاراج>>
نۇرگۈلنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا << ئىللىق دۇنيا>>
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدا <<ساما ئۇسۇلى>>
پائالىيەت كۆرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار
كوللىكتىپ مەشرەپ
مەكتىبىمىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇسۇل
مەنبە : مەكتىبىمىزدىكى پائالىيەتلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-21 10:55 PM
|