|
|
|
|
.....باققۇم بار
بولۇپ گوياكى ئاق دىلفىن،كۆك كىت،
دىل دېڭىزىڭغا شۇڭغۇپ باققۇم بار.
ئۇستا غەۋۋاستەك سەدەپلەر يىغىپ،
ئۈنچە-مەرۋايىت سۈزۈپ باققۇم بار.
شۇ سوغۇق دىلخانەڭگە ئوت يېقىپ،
گۈلخان ئىچىرە كۆيۈپ باققۇم بار.
دىل دېرىزەڭنى يۈرەكتە چېقىپ،
ئىشق ئوتىڭدا ئۆلۈپ باققۇم بار.
قېقىپ مۇھەببەت دەرۋازەڭنى مەن،
سۆيگۈ شەربىتى تېتىپ باققۇم بار.
ھەر كېچىدە چۈشۈمدە جەۋلان سەن،
سەن بىلەن سەيلە قىلىپ باققۇم بار.
كۆكتە پارلىغان نۇرلۇق ئاي ئۆزۈڭ،
تىكىلىپ ساڭا قاراپ باققۇم بار.
سوغۇق نۇر چاچار شەھلا كۆزلۈرۈڭ،
شام يېقىپ ئۇنى ئىللىتىپ باققۇم بار.
ئىشەنسەڭ ھاياتلىق ئۇزۇن بىر سەپەر،
سەن بىلەن بىللە مېڭىپ باققۇم بار.
سۆيگۈ گوياكى خۇشپۇراق ئەنبەر،
سەن بىلەن بىللە پۇراپ باققۇم بار.
مەنبە:خىيالىم 2012-يىل 17-مارت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئەزىز مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئاكا-ھەدىلەر،مېنىڭ بۇ تېمام بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەستىقلانغانىدى.لېكىن كەچتە چىققان ۋاقتىمدا مەنبە:خىيالىم دىگەننى خاتىرەم دەپ يېزىپ قويغىنىمنى كۆرۈپ قايتا تەھرىرلەپ قويغانىدىم.ئويلىمىغان يەردىن تېمام ئۆچۈرۈلۈپتۇ،مەن يېڭى ئەزا بولغاچقا كىمدىن نىمە ئۈچۈن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى سوراشنى بىلمىگەچ ئامالسىز ئوخشاش تېمىنى قايتا يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم.تەستىقلىمىساڭلارمۇ،نىمە ئۈچۈنلىكىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ بولسىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار بولامدۇ؟ ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت سىلەرگە. ^_^
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فائزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-21 09:28 PM
|
|
|
|
|
|