مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5897|ئىنكاس: 77

نورۇز بايرىمىمىزنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37378
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1420 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 07:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                      نورۇز بايرىمىمىزنى  قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى

                                                  تاھىر خالىق

نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدىكى سەردار مىللەت _ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى . مەن بۇ يەردە بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنىڭ خاسىيىتىنى ئەزۋەيلەپ ئولتۇرمىساممۇ ، ئەقىللىك تورداشلار  بۇ بايرام ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ۋە ساۋاتقا ئىگە ، دەپ قارايمەن . نەق گەپكە كەلسەك ، بىز بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىۋاتقىلى ئەجداتلىرىمىزدىن باشلاپ ھېسابلىساقمۇ  4-5 مىڭ يىللار بولدى( تارىخىي كىتابلىرمىز بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ ) . ھەر يىلقى نورۇز بايرىمى دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىل ۋە مەزمۇنلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتىدۇ . ئەمما مەن ،  مىللىتىمىز تارىختىن بېرى قەدىرلەپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ بايرامنىڭ تا ھازىرغىچە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن   قانۇنلاشتۇرۇلمىغىنىغا  بەك ئەپسۇسلىنىمەن . ئېلىمىزدىكى كۆپ سانلىق ھېسابلانغان خەنزۇلارنىڭ نۇرغۇن مىللىي بايراملىرى قانۇنلاشتۇرۇلدى . دېمەك ئۇلار بۇ بايراملىرىدا ( مەيلى شەنبە ، يەكشەنبىلەرگە توغرا كەلسۇن ، كەلمىسۇن )   مۇۋاپىق دەم ئالىدۇ .
بىز ئۇيغۇرلارمۇ  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئەڭ مۇنەۋۋەر مىللەتلەرنىڭ بىرى . قۇربان ھېيت  ۋە روزى ھېيت بىزنىڭ دىننىي بايرىمىمىز . ئەمما  نورۇز بولسا  بىزنىڭ تىپىك مىللىي بايرىمىمىز. مېنڭچە بولسا ، بۇ بايرامنى قانۇنلاشتۇرۇش ، بۇ بايرامدا ئاز بولغاندىمۇ بىر كۈن دەم ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە دەپ قارايمەن . ئىككى يىغىنمۇ ئاياقلاشتى . بىزنىڭ شىنجاڭدىن بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىنغا قاتناشقان  ۋەكىللەر ۋە ئەزالار  بۇ قېتىمىقى تەكلىپ سۇنۇشتا  مۇشۇ توغرىلىق بىرەر تەكلىپ سۇندىمۇ - سۇنمىدىمۇ بۇنىسى نامەلۇم . مېنىڭچە بولسا شۇنداق تەكلىپتىن بىرنى سۇنۇش ھازىرقى ۋەزىيەتتە بەك مۇھىم ، دەپ قارايمەن.
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي بايرىمىنى ياخشى خاتىرلەش ، داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بار .
بۇ بايرامدا شىنجاڭدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر كۈن دەم ئېلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ دەپ قارايمەن . قېنى تورداشلار ، سىلەرمۇ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىلەر ؟ ئىنكاسىڭلارنى ئاڭلاپ باقساق .

ئىسمىم مەھمۇد ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8821
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 08:56:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنلاشتۇرامدۇق؟

تۇغۇلغانتى مىڭ يىل بۇرۇن كاشىغەردە مەھمۇت ئاتلىق،
ياشاپ ئۆتتى بۇ دىياردا يېزىپ ئىسىل گۆھەرلەرنى.
پەخىرلىنىپ ئەسلەپ كەلدۇق، ئۇلۇغلىدۇق ئەزىز نامىنى،
ئاڭلا جاھان ئىسمى ئۇيغۇر، جىسمى ئۇيغۇر، تىلى ئۇيغۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2478
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9343
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورزۇ بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك!
نورزۇ بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ سىز دىگەندەك ئەھمىيىتى بار.

پاك يۈرەك ئۇ قۇلۇپقا ئوخشار،
  يۈرەك تىۋىش،  ئۇ  تىڭشالايدۇ.
خاتا ئاچقۇچ ئاچالماس ھەرگىز،
  يۈرەك  بەرگەن  ئۇ   ئاچالايدۇ.

تىرىشقىن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4304
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6214 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنى يول ئارقىلىق قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتنى قوغداش كېرەك.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88732
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:27:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!
بۇنىڭ ھەمىىسى ئۆزۈمنىڭ شەخسىي قارىشى، كۈزۈتۈش يەكۈنۈم
نورۇز بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇش بۇ مەركىزىي كومۇتىتنىڭ، خەن تارىخچىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟
گەپنى ئالدى بىلەن بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن باشلايلى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەش مىڭ يىللىق شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە قالتىس مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى بىز ئەقلىمىزدىن تاپقاندىن بۇيان ئاڭلاپ، كۆرۈپ كەلدۇق. نورۇز بايرىمى بولسا مېنىڭ بىلىشىمچە تارىختىكى ساكلارغا، ساكلاردىن كېيىن ھونلارغا قەدەر سوزۇلىدۇ. ساكلارنى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى، غەرىب ئالىم، تارىخچى، تەتقىقاتچى، تۈركشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارايدۇ. ئەمما ئېلىمىزدە ساك، ھونلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش سۈپەتتە ئالمايدۇ. ئەمما تۇران سەلتەنەتىنىڭ پادىشاھى تۇمارسنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قانداشلىقىنى ئىلىم ساھەسى ئېتراپ قىلىدۇ. زىدىيەتلىك نۇقتا شۇكى، تۇمارىس دەل ساكلارنىڭ پادىشاھى. بۇ بۈگۈنكى زامان تارىخ ئىلىمىدىكى زىدىيەتلىك نۇقتا. ئەمدى يېڭى تاڭنامىدىن مىسال ئالساق، مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى قىسمىنىڭ بىرىنچى قۇرىدا ‹‹ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىدۇر›› دەپ ئوچۇق ھۆكۈم قىلىنىدۇ. جۇڭگۇ قەدەمقى تارىخىي مەنبەلەر بىلەن جۇڭگۇ ھازىرقى تارىخى تەتقىقات ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىككىنچى زىدىيەتلىك نۇقتا.
ئەمدى بۇ ھالقىلاردىن ئۆتۈپ نورۇز بايرىمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، نورۇز بايرىمى ساكلار دەۋرىدىن باشلاپ قۇتلۇقلىنىپ كېلىۋاتقان بايرام. ساكلار دەۋرى بويىچە يىلغا سۇندۇرغاندا نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا تەخمىنەن 3500 يىلدىن ئارتقان بولىدۇ. ئەگەر نورۇز بايرىمىنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش، كۆلەملىشىش باسقۇچلىرىنى يىل ھالقىسىغا سۇندۇرۇپ ھېساپلىغاندا يىل ھېسابىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ كېتىشى ناھايىتى ئېنىق. مەسىلە شۇ يەردىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بەش مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەتنىڭ يېنىدا يەنە بىر بەش مىڭ يىللىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق يەنە بىر خىل مەدەنىيەت شەكلى پەيدا بولسا بۇنى شانلىق بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا بەش مىڭ يىللىق شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سۆلكىتى سۇنۇپ كېتىشى مۈمكىن. مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە تارىخىي، مەدەنىيەت سەۋەپلىرى پۇت تىرەپ تۇرغاچقا نوۋرۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارا قانۇنلۇق بايرام سۈپىتىدە ھۆججەتلەشتۈرۈلىشى ئېھتىمالدىن بەكمۇ يىراقتا. بۇنى بىز ئۆزىمىز قەدىرلەپ، ئۆزىمىز داغدۇغا قىلىپ ئۆتكۈزسەك چەكلەنمەسلىكى مۈمكىن. چۈنكى ئۇ ھالدا بۇ بايرام بىر خىل تەسىر بايراملىرىدەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ-دە، بۇ بايرام 8-مارت بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، ئەمگەچكىلەر بايرىمى دېگەندەك بايراملارغا ئوخشاش بىر قەۋمنىڭ ئەمەس كۆپ قەۋمنىڭ نامىدىلىق ئورۇندىلا تۇرىدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bzkm + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
wolf007 + 100 جانلىق ئىنكاس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 139   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5984
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورزۇ بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13265
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8584
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:37:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرۇز بايرىمىنى  قازاقىستان ،ئۇزبەكىستان قىرغىزىستان،تاجىكىستان دىكى لەرمۇ ئۇتكىزەمدۇ  ئۇ دۇلەتلەردە قانۇنلۇق بايراممۇ ، ئۇ دۇلەتلەردە قانۇنلۇق بايرام بۇلسا  بىزنىڭ دۇلىتىمىزدىكى  قازاق ،ئۇزبەك،قىرغىز،تاجىكلارنىڭمۇ قانۇنلۇق بايرىمىمۇ

كېچىدە ئاي بولمىسا تەنھا يولمۇ يۈرەلمەيمەن!!!!

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6181
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:49:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە قانۇنلااشتۇرۇش كىرەك.چەت ئەلدە قانۇنلۇق بايرام بىزنىڭ يۇرتتىمۇ شۇنداق بولۇشى كىرەك .ئۇنداق بولمايدۇ دىييىشكە سەۋەبلەر چىقمايدۇ.
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز.ھەم بۇ مۇتلەق شۇنداقتۇر.
ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

تىرىشقىن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4304
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6214 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dinar يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 09:37 PM
نۇرۇز بايرىمىنى  قازاقىستان ،ئۇزبەكىستان قىرغىزىستان ...

ئەلۋەتتە ئۆتكۈزىدۇ،ئۇلارنىڭ ئۈزىنىڭ ماكانى بولغاندىكىن قانداق قىلاي دىسە ئۈزىنىڭ ئەركىنلىكىدىكى ئىش.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورزۇ بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك.چۈنكى قانۇننىڭ مەدەنىيەتنى قوغۇداش مەجبۇرىيتى بار.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش