|
|
|
|
خېجىڭ ناھىيىلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپتە نەۋرۇز شاتلىقى
بۈگۈن نۇرۇز ،پۈتۈن زىمىن شادلىققا تولغان،قېشىچە ئۈچەكتە ياتقان جانلىقلار ئويغانغان ،دېھقان ئاتام كەتمىنى كۆتۈرۈپ ئېتىز بېشىغا ئاتلانغان ،ھەر بىرگىياھ ،بىخلىنىپ ئۈنۈشكە باشلىغان ، باغدىكى خىلمۇ-خىل مىۋىلەر ئاق چىچەككە پۈرگەنگەن،تۈن بىلەن كۈن تەڭلەشكەن خاسىيەتلىك نۇرۇز كۈن.قېشىچە ئېغىر سۈكۈناتتا ياتقان يەر زىمىن ئويغىنىپ،ئوتقاشتەك قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىللىپ دىللارغا ئالەمچە خۇشاللىق بەرگەن كۈن.بۈگۈن نۇرۇز كېچە بىلەن كۈن تەڭلىشىپ،كېچە ئاسمىنى شۇنچىلىك سېھرىلىك تۈسكە كىرىپ، ئاي نۇرى باھارنىڭ شادلىقىغا جۆر بۇلۇپ،گۇيا باھارنىڭ تىنىمسىز شوخ شامىلدەك باغلار ئارا تاغلار ئارا يۈرۈپ كەتتى....مۇشۇ دەقىقىدە ھەممەيلەن قىزغىن كەيپىياتتا باھار شادلىقىغا تولۇپ، باھارنىڭ ئەلچىسى نۇرۇزنى قىزغىن كۈتۋالدۇق.ئەنە قاراڭ باھار بىزگە قاراپ كۈلۋاتىدۇ.قۇياش نۇر-زىيا چېچىپ نۇرۇزنى پۈتۈن تەپتى بىلەن تەبرىكلەۋاتىدۇ.
مانا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خېجىڭ ناھىيىلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان نۇمۇرلىرىنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ،نورۇزنىڭ خاسىيىتىنى يۇقۇرى ئەۋىچكە كۆتۈردى.چۈشتە 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىغا نورۇز ئېشى ئىتىپ بىرىپ،ئۇلارغا ئەمگەكنى،ئەمگەكچىلەرنى ۋە ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەشنى،جاپاغا چىداپ،ئەمگەك قىلىپ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىقنى ئۈگىتىش بىلەن بىرگە ئەمگەك بىلەن ھەم ئەرنىڭ ھەم يەرنىڭ كۆكىردىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىلدۈردى .
مەنبە:ئۈزەم
|
|
|
|
|
|